دۇنياغا بېرىلىش

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: دۇنياغا بېرىلىش

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

دۇنياغا بېرىلىشمۇ ئىسلام دىنى ھارام قىلغان، ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىشتىن ۋە ئۇنىڭغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «دۇنيا»دىن بىزگە مەلۇم زامان ياشىشىمىز تەقدىر قىلىنغان دىيار ياكى باسقۇچ، يەنى بۇ ھاياتىي دۇنيا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ قارىمۇقارشىسى بولسا ئاخىرەت ياكى ئاخىرەت دىيارىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن – كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات ئىدى﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 64). يەنى ئىنسان بىلسە ۋە ھەقىقەتلەرنى تونۇسا، ئاخىرەت ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي ھاياتلىق ئىدى. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنىدىكەن ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلىدىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 185)، ﴿بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل – مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 20).

«قۇرئان» بىز ياشاۋاتقان بۇ باسقۇچ ياكى ھاياتنى «دۇنيا ھاياتى» دەپ ئاتىدى. ئەرەب تىلىدا «دۇنيا» دېگەن بۇ كەلىمە «ئەدنا» دېگەن كەلىمىنىڭ ئاياللىق جىنس شەكلى بولۇپ، بۇ سۆزدىن بەزىدە «ئەڭ ئاز» دېگەن مەنە ئىرادە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىمۇقارشىسى «ئەڭ كۆپ»دۇر. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 7) دېگەن سۆزى شۇنداق مەنىدە كەلگەن. بۇ ئايەتتىكى «ئاز» دېگەن سۆز «ئەدنا» كەلىمىسى بىلەن ئېلىنغان. يەنە بەزىدە «ئەدنا» دېگەن بۇ كەلىمىدىن «ئەڭ ناچار» دېگەن مەنە ئىرادە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىمۇقارشىسى «ئەڭ ئۈستۈن» دېگەن سۆزدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟﴾(2/«بەقەرە»: 61) دېگەن سۆزى شۇنداق مەنىدە كەلگەن.

دېمەك، «دۇنيا» دېيىشتىن مەقسەت، ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۈستۈن دىيار بولغان ئاخىرەتكە نىسبەتەن، ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ تۆۋەن بولغان دىياردۇر . دۇنيا ھاياتىنىڭ قارىمۇقارشى مەنىسىدىكى كەلىمەنى «ئۈستۈن ھايات» ۋە «ئۈستۈن دىيار» دېگىلىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ. ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر﴾(30/«رۇم»: 6، 7).

ئىنسانلار بۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىشتە پەرقلىق بولىدۇ. بىرقىسىم ئىنسانلار دۇنياغا تويۇنۇپ، باي – باياشاتلىقتا ئۆتسە، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر ئوتتۇراھال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. يەنە بىرقىسمى دۇنيادىن نېسىۋىسى ئاز بولۇپ، جېنىنى ساقلىغۇدەك يېمەك – ئىچمەك، پاناھلانغۇدەك ئۆي ۋە ئۇچىسىنى ياپقۇدەك كىيىممۇ تاپالماي دېگۈدەك، بەك تەستە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

بەزى ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى بۇ نېئمەتلەرگە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار، سىناقلار ۋە سۇيىقەستلەر ھەر دائىم ئالدىنى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ سىناقلار كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دېمەك، بۇ نېئمەتلەر بالايىئاپەتلەر ۋە ۋاپاسىزلىقلار بىلەن ئورالغان بولىدۇ. ھەم ھەرقاچان بۇ نېئمەتلەرنىڭ قولۇڭدىن كېتىش خەۋپى بار. سەن ئۇنى تاشلايسەن ياكى ئۇ سېنى تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 57).

دېمەك، ئۆلۈم بۇ ھاياتىي دۇنيادىكى ھەربىر جانلىقنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر. ھەربىر ئىنسان تاسادىپىيلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. قانچىلىغان بايلار كەمبەغەل، قانچىلىغان ئەزىز كىشىلەر خار – زەبۇن، قانچىلىغان ساغلام كىشىلەر كېسەل بولۇپ كەتتى، قانچىلىغان ياشلار قېرىدى ۋە قانچىلىغان نەۋقىران كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى.

 

ئىنسانلارنى دۇنياغا ئامراق قىلىدىغان نەرسىلەر

دۇنيادا ئىنسانلارغا ياخشى كۆرسىتىلگەن، ئىنسانلار قاتتىق ئېسىلىدىغان ۋە ئۇنى قوغداش يولىدا جانلىرىنىمۇ پىدا قىلىدىغان بىرقاتار نەرسىلەر بار بولۇپ، ئاللاھ بۇنى «قۇرئان»دا زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن – كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (بەقاسىز) شەيئىلەردۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 14). بۇ ئايەت ئىنسانلار ئارقىسىدىن يۈگۈرىدىغان ۋە چۈمۈلە تاتلىق نەرسىگە ئولاشقاندەك ئولىشىدىغان، ئىنسان نەپسى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيا نېئمەتلىرىنى جەملەپ بەردى. بۇ نەرسىلەر ئىنسانلار تەبىئىتىدىلا ياخشى كۆرىدىغان، كۆڭۈللىرى تارتىدىغان، قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدىغان نەرسىلەردۇر.

كۆڭۈللەر تارتىدىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ تۇنجىسى ئاياللار بولۇپ، ئەر كىشى ئايال كىشىگە مەپتۇن بولىدۇ ۋە كۆيۈپ قالىدۇ. ئايال كىشىمۇ ئەر كىشىگە جىلۋە قىلىدۇ، چىرايلىق ياسىنىپ نازۇكەرەشمە قىلىدۇ. ئاياللار سەۋەبلىك ئەرلەر بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ ۋە بەزىسى بەزىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق بىر پىتنە قالدۇرمىدىم»(1).

يەنە پەرزەنتلەر بولۇپمۇ ئوغۇللار، دۇنيانىڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان نەرسىلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىناقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار﴾(64/«تەغابۇن»: 15). لېكىن، ئوغۇللارنىڭ پىتنىسى چوڭراقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ماللار ۋە ئوغۇل پەرزەنتلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقىي قالىدىغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزەرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر﴾(18/«كەھف»: 46).

ئالتۇن – كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ مالمۇ دۇنيانىڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان نەرسىلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەر دەۋردە مال – دۇنيالار ئەقىللەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ، قەلبلەرنى سېھىرلەيدۇ ۋە كىشىلەرنى بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشقا سېلىپ قويىدۇ. ئىنسانلار پۇل تېپىش ۋە پۇللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇلار ئاز پۇلغا قانائەت قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىككى ساي توشقۇدەك ئالتۇنى بولسا، «بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە بىر ساي توشقۇدەك ئالتۇنۇم بولسىكەن» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنسان ئەگەر بۇ ئالتۇنلارغا ئىگە بولۇپ قالسا، ئۇنى ساقلايدۇ ۋە بېخىللىق قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن! ئۇ كۈندە ئۇ ئالتۇن – كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن – كۈمۈشۈڭلار. يىغقان ئالتۇن – كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 34 – 35).

ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغۇدەك ۋە مۇھىم نەرسىلىرىنى سېتىۋالالىغۇدەك نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، بەلكى يەنە مىليونلاپ مال – دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ.

ئارغىماق ئاتلارمۇ نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قارىشىدا ناھايىتى قىممەتلىك دۇنيا نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: ﴿ئاللاھ ئاتنى، قېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى﴾(16/«نەھل»: 8) دېگەن. لېكىن، قېچىر ۋە ئېشەكلەردە يوق بولغان ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيەت ئاتتا بار. ئارغىماققا مىنگەن ئادەم باشقا ھايۋانغا مىنگەندىن بەكرەك ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ.

چارۋىلارمۇ كۆپىنچە ئىنسانلار قىزىقىدىغان، مەنپەئەتلىنىدىغان ۋە ھۇزۇرلىنىدىغان دۇنيا نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. بەزى ئىنسانلار ئەتراپىدىكى قوش ۋە تاق لوككىلىق تۆگىلەر، كالا – قوتازلار ۋە قوي – ئۆچكىلەرگە قاراش بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ئۇلاردىكى ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىدۇ.

ئىنسانلار ئۇلارنىڭ سۈت، يۇڭ ۋە گۆشىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، يەنە بىرقىسمىنى مىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن چارۋىلارنى قولىمىز بىلەن ياراتتۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارغا ئىگە بولغۇچىلاردۇر. ئۇ چارۋىلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟﴾(36/«ياسىن»: 71 – 73)

ئېكىنزارلىقلارمۇ دۇنيا نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. بەزى ئىنسانلارنىڭ كۆپ پۇلى ۋە مال – چارۋىلىرى بولىدۇ، لېكىن دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئېتىزلىرى بولمايدۇ. يەنە بىرقىسىم ئادەملەرنىڭ دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئېتىزلىرى بولىدۇ. بۇ ئېتىزلار ئۇ كىشىگە ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى، كۆركەم مېۋىلىك دەرەخلەرنى، دانلىق زىرائەتلەرنى ۋە غۇژمەك – غۇژمەك خورمىلارنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ مېۋىلىرىنى يېسە، بەزىلىرىنىڭ سايىسىدىن ۋە سالقىن ھاۋاسىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يېشىللىقى ۋە كۆركەملىكىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

مانا بۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بولۇشىغا چاپىدۇ. ئۇلارغا ئاۋۋال ئېرىشىش ئۈچۈن بەيگىگە چۈشىدۇ ۋە بىر – بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ. ھەتتاكى ئوغۇل ئاتىسى بىلەن، قېرىنداش قېرىندىشى بىلەن ۋە تۇغقان تۇغقىنى بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ، بەلكى بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا كۆڭۈللەر تارتىدىغان پاك نېئمەتلەرنى زىكىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن: ﴿ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (بەقاسىز) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 14) دېگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېئمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن!» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل – ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 15 – 17).

 

دۇنياغا بېرىلىشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

«دۇنياغا بېرىلىش»نى ئەيىبلەش «دۇنيانى پۈتۈنلەي تەرك ئېتەيلى ياكى دۇنيانى كافىرلارغا، پاسىقلارغا تاشلاپ قويايلى، ئۇلار ئۇنى گۈللەندۈرۈپ ھۇزۇر ئالسۇن، ئاندىن بىز ﴿بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!﴾(3/«ئال ئىمران»: 197) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ ئۇلارغا قاراپ ئولتۇرايلى» دېگەنلىك ئەمەس. ئەسلىدە، دۇنيا ئۇلارغا مەنسۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى بىزگە مەنسۇپ بولۇشى، دۇنيانىڭ پاك نېئمەتلىرىدىن بىز يېيىشىمىز، ئۇنى ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق بىلەن بىز گۈللەندۈرۈشىمىز ۋە گۈزەللىك بىلەن بىز زىننەتلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەرقېتىم ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا زىننەتلىنىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار! ئاللاھ ئىسراپخورلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 31)؛ ﴿ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ، ئاللاھنىڭ رىزقىدىن يەڭلار! سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(67/«مۇلك»: 15)؛ ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 172) ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالماڭلار! چەكتىن ئاشماڭلار! ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 87)؛ ﴿ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەڭلار! مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار!﴾(62/«جۇمۇئە»: 10)

مۇسۇلمانلار دەسلەپكى دەۋرلەردە دۇنيانىڭ خوجىلىرى بولغان، ئادالەت ۋە ئېھسان ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان ۋە ئىلىم، ئىمان مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار تۇنجى قېتىم زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازىنىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، بەلكى ھەقنى تۇرغۇزۇشنى، ئادالەتنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشنى، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشنى ۋە كەمبەغەللەرنى باي قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان فاتىھلارنى كۆرگەن ئىدى.

«دۇنياغا بېرىلىش»نى رەت قىلىشتىن دۇنيادا ھېچ ئىش قىلماي، بىنا سالماي، دېھقانچىلىق قىلماي، تىجارەتتىن يىراق ۋە سانائەتنى راۋاجلاندۇرماي ئۆتۈشىمىز مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى دۇنيانىڭ ساڭا ئەمەس، سېنىڭ دۇنياغا ئىگە بولۇشۇڭ؛ دۇنيانىڭ سەندە ئەمەس، سېنىڭ دۇنيادا ياشىشىڭ؛ دۇنيا ساڭا خوجايىن، سەن دۇنياغا قۇل بولۇپ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئاللاھقا قۇل بولۇپ، كائىناتقا خوجا بولۇشۇڭ مەقسەت قىلىنىدۇ.

«دۇنياغا بېرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسى، سېنىڭ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆرۈشۈڭ، يەنى بىرى ئاخىرەتكە تەۋە، يەنە بىرى دۇنيالىققا تەۋە بولغان ئىككى خىل تاللاش بولۇپ قالسا، دۇنيالىققا تەۋە بولغان ئىشنى ئاخىرەتلىككە تەۋە بولغان ئىشتىن ئارتۇق كۆرۈشۈڭ دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿شۇ كۈندە ئىنسان قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. كىمكى چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ﴾(79/«نازىئات»: 35 – 41).

دېمەك، بىز ئىنسانلارغا تاجاۋۇز قىلىشنى ۋە دۇنيا ھاياتىنى ئەڭ ئۈستۈن ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرۈشنى مەقسەت قىلمايمىز. بۇ ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر. ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر﴾(87/«ئەئلا»: 16 – 17) ۋە ﴿بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر. ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر﴾(75/«قىيامەت»: 20 – 21) دەپ سۆككەن دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ مۇراد – مەقسىتىدۇر.

«دۇنياغا بېرىلىش»نىڭ مەنىسى يەنە دۇنيانىڭ قەلبىڭنى ئەسىر قىلىۋېلىشىغا قاراپ تۇرۇشۇڭ بولۇپ، نەتىجىدە سەن دۇنيانىلا ئويلايدىغان، دۇنيا ئۈچۈنلا چاپىدىغان بولۇپ قالىسەن. دۇنيا سېنىڭ پۈتۈن غېمىڭ ۋە مۇراد – مەقسىتىڭ بولۇپ قېلىشى، شۇنداقلا پۈتۈن ئوي – خىياللىرىڭنىڭ دۇنياغىلا مەركەزلىشىپ قېلىشىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن «قۇرئان») دىن باش تارتقان، دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن! ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ﴾(53/«نەجم»: 29، 30).

ئىسلام دىنى سەن ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى ياخشىلىقنىڭ مەنسۇپ بولۇشىنى ئىرادە قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا مەدھىيەلەپ ئېيتقان ئىنسانلارغا ئوخشاشتۇر: ﴿بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن! ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن!» دەيدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 201). ئاللاھ تائالا يەنە بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۇجاھىد مۇئمىنلەرنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى ساۋابىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 148).

مۇھىمى، ئىرادە. يەنى سېنىڭ دۇنيانى ياكى ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىشىڭدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا ئىنسانلارنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خاھلىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خاھلىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خاھلىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، ئۇ جەھەننەمگە خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ. كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 18، 19).

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا بېرىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى دۇنيادىن، دۇنيانىڭ پۈچەك مال – ماتالىرىدىن ۋە زىبۇزىننەتلىرىدىن قەلبلەرنى تىترىتىدىغان ۋە كۆڭۈللەرگە ئاللاھ قورقۇنچىنى پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا كىشىلەرگە دۇنيانىڭ باقىي ئەمەس، بەلكى پانىي ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىر كۆۋرۈك بولۇپ، ئىنسانلارغا ئۇنىڭدا «مەڭگۈ قالىمىزغۇ» دەپ ئېتىقاد قىلماستىن، «ھامىنى بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئاخىرەتكە بارىمىز» دەپ ئېتىقاد قىلىشى لازىملىقىنى ئۆگەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ ئەس ـ يادى ئاخىرەتتە بولسا، ئاللاھ ئۇنى قانائەتچان ۋە خاتىرجەم قىلىدۇ، (ئۇ بەندە) مال ـ دۇنياغا ئاسان ئېرىشىدۇ. كىمنىڭ ئەس – يادى مال – دۇنيا تېپىشتىلا بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ كەمبەغەللەشتۈرۈۋېتىدۇ، دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ. (ئۇ بەندە) شۇنچە جاپا تارتسىمۇ، دۇنيادىن پەقەت تەقدىر قىلىنغان نەرسىگىلا ئېرىشىدۇ»(2).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى پۈتۈن غەملىرىنى ئاخىرىتىگە مەركەزلەشتۈرسە، ئۇنىڭ دۇنيالىق غەملىرىگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. كىمكى دۇنيا ئىشلىرى ھەققىدە كۆپ غەم قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ دۇنيانىڭ غەم ـ قايغۇ جىلغىلىرىدا ھالاك بولۇشىغا پەرۋا قىلمايدۇ»(3).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ دۇنيا تاتلىق ھەم يېقىملىقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى دۇنياغا ئىزباسار قىلىپ، سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىماقچى. دىققەت قىلىڭلار! دۇنياغا ۋە ئاياللارغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار!»(4)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بەندە: ‹مال ـ مۈلكۈم، مال ـ مۈلكۈم› دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكىدىن پەقەت ئۈچ نەرسىلا ئۇنىڭدۇر. يەنى يەپ ـ ئىچىپ تۈگەتكىنى، كىيىپ كونىراتقىنى ۋە سەدىقە بېرىپ، ئاخىرەتكە ساقلاپ قويغىنى. ئۇلاردىن باشقىسىنى كىشىلەرگە تاشلاپ كېتىدۇ»(5).

شەكسىزكى، دۇنياغا بېرىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە ۋە دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىغان قەلبنىڭ ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىرىدىن بىرىدۇر.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئىنسانلارنىڭ خۇددى قاچىدىكى تاماققا دۈم چۈشكەندەك سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئاز قالدى، — دېگەن ئىدى. بىز:

 — ئۇ چاغدا بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ؟ — دەپ سورىۋىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

 — ياق، سانىڭلار كۆپ بولىدۇ. ئەمما كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت ـ چاۋاردەك كۈچسىز بولىسىلەر. ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ‹ۋەھن› سېلىپ قويىدۇ، — دېدى. بىز:

 — ئى رەسۇلۇللاھ! ‹ۋەھن› دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:

 — دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆلۈمنى يامان كۆرۈشتۇر»(6).

«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەر ئۈچۈن پېقىرلىقتىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلگەندەك سىلەرگىمۇ دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلىپ، ئىلگىرىكىلەر ئۇنى تالاشقاندەك تالىشىپ، ئىلگىرىكىلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن»(7).

«سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن كېيىن سىلەرگە دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنىڭ خەزىنىلىرى ئېچىلىپ كېتىشىدىن قورقىمەن» دېگەن(8).

يەنە: «مېيىتكە ئۈچ نەرسە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىككىسى قايتىپ كېتىپ، بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالىدۇ: ئۇنىڭغا ئائىلە – تاۋابىئاتى، مال – مۈلكى ۋە ئەمەللىرى ئەگىشىپ مېڭىپ، ئائىلە – تاۋابىئاتى بىلەن مال – مۈلكى قايتىپ كېتىپ، ئەمەللىرى قالىدۇ»(9) دېگەن.

يەنە «سەھىھەين»دىكى باشقا بىر ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا، بىر تەكچەمدىكى ئازغىنە ئارپىدىن باشقا ئۆيۈمدە يېگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى. مەن ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت يېدىم. ئۇنى كەمچەنلىگەن ئىدىم، ئۇ ئۇزۇنغا بارماي تۈگەپ قالدى»(10).

ئىمام مۇسلىم ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى چېغىدا ئەڭ باياشات ياشىغان دوزاخ ئەھلىدىن بىرى ئېلىپ كېلىنىپ، جەھەننەمگە بىر قېتىم چۆكتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىن: ‹ئى ئادەم ئوغلى! (دۇنيادا ياشىغان چېغىڭدا) بىرەر ياخشىلىق كۆردۈڭمۇ، نېئمەتكە ئېرىشتىڭمۇ؟› دەپ سورىلىدۇ. ئۇ: ‹ئى رەببىم! ياق› دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادا ئەڭ كۆپ جاپا تارتقان جەننەت ئەھلىدىن بىر كىشى ئېلىپ كېلىنىپ، جەننەتكە بىر قېتىم چۆكتۈرۈلىدۇ. ئاندىن: ‹ئى ئادەم ئوغلى! قىيىنچىلىق تارتتىڭمۇ، يوقسۇللۇق كۆردۈڭمۇ؟› دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹ئى رەببىم! ھېچقانداق قىيىنچىلىق تارتمىدىم ۋە يوقسۇللۇقمۇ كۆرمىدىم› دەيدۇ»(11).

ئىمام بۇخارىي ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن – كۈمۈشكە ۋە ئېسىل تاۋار – دۇردۇنلارغا بېرىلىپ، قۇل بولۇپ كەتكەن كىشى ھالاك بولسۇن! ئۇنىڭغا مال – دۇنيا بېرىلسە رازى بولىدۇ. بېرىلمىسە نارازى بولىدۇ»(12).

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5096 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2740 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
2. «تىرمىزىي»، 2465 – ھەدىس. تىرمىزىي باھا بەرمىگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 12749- ھەدىس) «بۇنى تىرمىزىي يەزىد ئەررەقاشىي ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئىشەنچلىك دەپ قارىغانلارمۇ بولغان. باشقا ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەردە ئۇنىڭ رىۋايىتى ئېلىنىدۇ» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6510 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
3. «ئىبنى ماجە»، 4106 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3314 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
4. «مۇسلىم»، 2742 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 11143 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
5. «مۇسلىم»، 2959 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22397 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 7 – توم، 563 – بەت) «سەنەدى ياخشى» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 4297 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 958 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4015 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2961 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەمر ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1465 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1052 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6514 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2960 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3097 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2973 – ھەدىس.
11. «مۇسلىم»، 2807 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
12. «بۇخارىي»، 6435 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ