بېخىللىق ۋە مال - دۇنياغا ئامراقلىق

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: بېخىللىق ۋە مال – دۇنياغا ئامراقلىق

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

ئىسلام دىنى توسقان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ بىرى: بېخىللىق ۋە مال – دۇنياغا ئامراقلىقتۇر.

ئەرەب تىلىدىكى پىخسىقلىقنى ئىپادىلەيدىغان «شۇھ (الشح)» كەلىمىسى بېخىللىقنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇ ھېرىسمەنلىك بىلەن بېخىللىق قىلىشتۇر. «بېخىللىق (البخل)» بولسا ئىچكى بېخىللىقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى مال – دۇنيانى ئۆزىنىڭلا قىلىۋېلىپ، باشقىلارنى مەھرۇم قويىدىغان، بولۇپمۇ ئاجىزلار، كەمبەغەللەر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆز ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدىغان دەرىجىدە مال – دۇنيانى قاتتىق ياخشى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك ئېغىر شەخسىيەتچىلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن﴾(4/«نىساﺋ»: 128). بۇ ئايەتتە بېخىللىق «شۇھ (الشح)» كەلىمىسى بىلەن ئېلىنغان. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 9). بۇ ئايەتتىمۇ بېخىللىق «شۇھ (الشح)» كەلىمىسى بىلەن ئېلىنغان. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿«ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 100).

«سەھىھۇ مۇسلىم»دە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پىخسىقلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، پىخسىقلىق سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن، پىخسىقلىق ئۇلارنى قانلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىگە، ئىپپەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئېلىپ بارغان»(1).

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرگىزمۇ پىخسىقلىق قىلماڭلار! چۈنكى، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پىخسىقلىق بىلەن ھالاك بولغان، پىخسىقلىق ئۇلارنى بېخىللىققا بۇيرۇۋىدى، ئۇلار بېخىللىق قىلدى. سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈشكە بۇيرۇۋىدى، ئۇلار سىلە ـ رەھىم قىلمايدىغان بولدى، گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇۋىدى، گۇناھ ئىشلارنى قىلدى»(2).

مال – دۇنياغا ئامراقلىق دۇنياپەرەسلىكنىڭ بىرقىسمىدۇر، بەلكى ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پىتنە ۋە ئەڭ خەتەرلىك سىنىقىدۇر. دۇنيا ھاياتىدا تولىمۇ مۇھىم بولغان ئۇشبۇ مال – مۈلكلەرگە قارىتا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇشلىرى بارىدىكى ماقال – تەمسىللەر، شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ۋە دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ساناقسىزدۇر. چۈنكى، ھېچكىم پۇل – مالسىز ياشىيالمايدۇ. ئەگەر مال – دۇنيا تېپىلسا، ھەددىدىن ئېشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر تېپىلمىسا، كۇفۇرلۇققا ئاپىرىدىغان پېقىرلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ﴾(96/«ئەلەق»: 6 – 7).

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيا نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىشلاردىنمۇ، كۆپلىگەن زىيانلىق ئىشلاردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ. دۇنيانىڭ پايدىلىق ئىشلىرى ئىنساننى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، زىيانلىق ئىشلىرى ئىنساننى ھالاكەتكە تاشلايدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دۇنيانىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى يامان تەرەپلىرىدىن ئايرىش بەك ئىنچىكە ئىشلار بولۇپ، بۇنى ئىلمى يۈزەكىي «ئالىملار» ئەمەس، بەلكى توغرا دىنىي ئىلىمنى چوڭقۇر ئۆگەنگەن ئالىملارلا بىلەلەيدۇ.

مال – دۇنياغا ئامراقلىق ھەققىدە دېيىلگەن گەپلەر خاس مال – مۈلككىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى دۇنياغا ئالاقىدار ھەممە ئىشلارغا قارىتىلغاندۇر. دۇنيا دېگىنىمىزدىن، دۇنيادا نېسىپ بولىدىغان ھەرقانداق نېسىۋە – ئۈلۈشلەرنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ: مال – مۈلك بولسا دۇنيا نېئمەتلىرىنىڭ بىرقىسمىدۇر؛ يۈز – ئابرۇي بىرقىسمىدۇر؛ يەپ – ئىچىش ھەۋىسى ۋە شەھۋەتنى قاندۇرۇش بىرقىسمىدۇر؛ غەزەپ ۋە ھەسەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاچچىقىنى چىقىرىش بىرقىسمىدۇر؛ تەكەببۇرلۇق ۋە ئۈستۈنلۈكنى كۆزلەشمۇ بىرقىسمىدۇر. ئۇ ئەنە شۇنداق قىسىممۇقىسىمدۇر. دېمەك، دۇنيا دېگىنىمىزدىن، ئىنسانغا نېسىپ بولىدىغان نېسىۋە – ئۈلۈشلەرنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر﴾(75/«قىيامەت»: 20)، ﴿بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خاھلىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خاھلىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خاھلىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، ئۇ جەھەننەمگە خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 18).

 

 ئىسلام دىنى مال – دۇنياغا ئامراقلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ

ئىسلام دىنى ناسارالارنىڭ دىنىدەك مال – دۇنيانى پۈتۈنلەي رەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئىنجىل»لىرىدا مۇنداق كەلگەن: «تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىگە كىرمىگۈچە باي ئادەم ئاسمانلارنىڭ سەلتەنىتىگە (جەننەتكە) كىرەلمەيدۇ»(3).

«مال – دۇنيا ئىگىسى بىر ئادەم مەسىھ (ئىيسا) ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەكچى بولغاندا، مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹مېلىڭنى ساتقىن، ئاندىن ماڭا ئەگەشكىن› دېدى»(4).

لېكىن، ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا: «ھېچكىمنىڭ پۇل – مېلى ماڭا ئەبۇبەكرىنىڭ پۇل – مېلى ئەسقاتقاندەك ئەسقېتىپ باقمىغان»(5) دېگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئەمر ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ياخشى ئادەم ئۈچۈن ياخشى مال – دۇنيا يارىشىدۇ»(6) دېگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 5)

دېمەك، ئاللاھ بۇ ئايەتتە ماللارنى بۇزۇپ – چاچىدىغان ۋە ئەخمەقلەرچە ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان نادان ئادەملەرگە تۇتقۇزماسلىقنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەقتائالا يەنە: ﴿قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن! بەكمۇ ئېچىۋەتمىگىن! (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 29) دېگەن. ئىسلام دىنىنىڭ يوليورۇق ۋە بەلگىلىمىلىرى مۇسۇلمانلارنى مال – مۈلكىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئاۋۇتۇشقا قىزىقتۇردى. بولۇپمۇ يېتىمنىڭ مال – مۈلكىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يېتىمنىڭ مال – مۈلكىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار! كەمچەن ۋە تارازىدا ئادىللىق بىلەن تولۇق بېرىڭلار! ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز﴾(6/«ئەنئام»: 152). ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايەت قەرزنى يېزىپ قويۇش ھەققىدە نازىل بولغان: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار! ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم – زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت بىلىدىغان كىشى رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن! زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم ئېيتىپ بەرسۇن، پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن! قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن. ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق ياكى ئاجىز بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن! سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغان ۋاقتىدا باش تارتمىسۇن! قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار! ئاللاھنىڭ نەزەرىدە، بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن، ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار! پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن! ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 282).

ئاللاھ تائالا ئىنسان ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئىنسان پۇل – مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر﴾(100/«ئادىيات»: 8). ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىي فىترىتى بىلەن پۇل – مالنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ داۋاملىق پۇل – مالنى ياخشى كۆرۈشىنى ۋە ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ مالدىنمۇ مۇھىم، مالدىنمۇ ئۈستۈن ۋە مالدىنمۇ بەكرەك باقىي قالىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ماللار ۋە ئوغۇل پەرزەنتلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقىي قالىدىغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزەرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر﴾(18/«كەھف»: 46).

شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇرئان» مۇئمىنلەرنى پۇل – مالغا ۋە بالىلارغا قاتتىق بېرىلىپ كېتىشتىن توستى. ئۇلار بولسا دۇنيانىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار﴾(64/«تەغابۇن»: 15)، ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾(63/«مۇنافىقۇن»: 9). كىمكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كاتتا ساۋاب بىلەن بۇ دۇنيادىكى مال ۋە بالا – چاقىلارنى سېلىشتۇرۇپ، يەنە تۈگەپ كېتىدىغان دۇنيانى مەڭگۈ باقىي قالىدىغان ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرسە، قاتتىق زىيان تارتقان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلبەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز﴾(16/«نەھل»: 96)، ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ﴾(96/«ئەلەق»: 6 – 7). دېمەك، ئىنساننى ھەددىدىن ئاشۇرغان نەرسە بايلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى باي ساناپ قېلىشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿تاكى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا قەدەر، (پۇل – مال ۋە بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى﴾(102/«تەكاسۇر»: 1 – 2).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قوي پادىسىنىڭ ئارىسىغا كىرگەن ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ زىيىنى، ئىنساننىڭ دىنىغا نىسبەتەن، يۈز – ئابرۇي بىلەن مال – دۇنياغا ھېرىسمەنلىكىنىڭ زىيىنىدىن ئېغىر بولمايدۇ»(7).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! مال ـ دۇنيا توپلىغۇچىلار تۈگەشتى. پەقەتلا توپلىغان مال – دۇنيالىرىنى ئاللاھ يولىدا مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق — ئىككى ئالقىنى بىلەن ئوڭ تەرىپىگە، سول تەرىپىگە ۋە ئالدى تەرىپىگە ئوچۇملاپ قويۇۋاتقاندەك قىلىپ ئىشارەتلەپ — سېخىيلەرچە خەجلەيدىغانلار ئۇلاردىن ئەمەس. بىراق، بۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز»(8).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە: ‹مال ـ مۈلكۈم، مال ـ مۈلكۈم› دەيدۇ. ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ مال ـ مۈلكۈڭدىن يەپ ـ ئىچىپ تۈگەتكىنىڭ، كىيىپ كونىراتقىنىڭ ۋە سەدىقە بېرىپ، ئاخىرەتكە ساقلاپ قويغىنىڭدىن باشقىسى سېنىڭ بولامتى؟!»(9)

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە ئۆلسە، پەرىشتىلەر: ‹ئۇ قانداق ئەمەللەرنى قىلدى؟› دەيدۇ. كىشىلەر: ‹نېمە مىراس قالدۇردى؟› دەيدۇ»(10).

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى مەڭگۈ قېلىش دىيارى بولغان ئاخىرەتنى، باقىي قالىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئىنسان قەلبىنى، بولۇپمۇ مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىنى ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىدىغان، بىر – بىرىنى ئۇرۇشقا سالىدىغان ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان مال – دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلاشقا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر. بىر – بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش – نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر. مىراسنى (ھالال – ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر. مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر﴾(89/«فەجر»: 17 – 20). ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىش ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى ئاجرىتىشىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر. ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر﴾(87/«ئەئلا»: 16 – 17)، ﴿قىيامەت يېقىنلاشتى. ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭ ئازابىنى دەﻓﯩﺌ قىلغۇچى يوقتۇر. مەسخىرە قىلىپ بۇ «قۇرئان»دىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟! كۈلەمسىلەر؟! يىغلىمامسىلەر؟ سىلەر غاپىلدۇرسىلەر. ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار!﴾(53/«نەجم»: 57 – 62)

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————
1. «مۇسلىم»، 2578 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6487 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 1698 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 11519 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 1698 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
3. «مەتتا ئىنجىلى»، 19 – بۆلۈم، 24 – جۈملە.
4. «ماركوس ئىنجىلى»، 10 – بۆلۈم، 21 – جۈملە.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7446 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ئىككى ئۇستاز (بۇخارىي بىلەن مۇسلىم) شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي: (3661 – ھەدىس) «غەرىب، ھەسەن» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، (مۇقەددىمە) 94 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. (ئالبانىي «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»تا: (5808 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. — ت)
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17763 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 3210 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى كۈچلۈك» دېگەن. ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 2130 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 3234 – ھەدىس) بىلەن ئالبانىيمۇ: («غايەتۇل مەرام»، 454 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
7. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15784 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي: (2376 – ھەدىس) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 3228 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 10557 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8085 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: 3261 – ھەدىس) «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. — ت)
9. «مۇسلىم»، 2958 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىخخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
10. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 9992 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. (بۇنى ئالبانىي «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»دە: (2707 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. ئىبنى ئەبى شەيبە «ئەلمۇسەننەف»تە: (34706 – ھەدىس) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى سۈپىتىدە (مەۋقۇف) رىۋايەت قىلغان. — ت)

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ