دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

ئىسلام دىنى ھارام قىلغان ۋە «قۇرئان»، «سۈننەت»تە قاتتىق ئەيىبلەنگەن قەلب قىلمىشلىرىنىڭ يەنە بىرى، باشقىلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشتۇر.

ئۆزئارا قېرىنداش بولۇش ۋە بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىنسانلارنى چاقىرغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر . سەۋەبى، بىر كىشى ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ – ھەۋەسلىرى ئۈچۈنلا ياشاپ قالماسلىقى ۋە ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب ياكى قۇدا – باجىلىققا ئوخشاش تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ياكى ئارزۇ – ھەۋەسلىرىدە ئورتاقلىق بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار! رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار!﴾(49/«ھۇجۇرات»: 10)

ئىسلام دىنى كېلىپ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چۈنكى، ئۇلار ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن ئىبارەت بىر ئاتا ۋە بىر ئانىنىڭ بالىلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13)، ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار! بىر – بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا، نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار! سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 1). بۇ ئايەت بىزگە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن بولغان بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ نۇقتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدىكى نۇتقىدا مۇنداق تەكىتلىگەن: «ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن، قىزىل تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ قىزىل تەنلىكتىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ئەۋزەللىكى يوق»(1) .

كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك، كافىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ۋەتەنداشلىق قېرىنداشلىقى ۋە مىللەتچىلىك قېرىنداشلىقىمۇ بار. «شۇئەراﺋ» سۈرىسىدىمۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنى ئىنكار قىلغان قەۋم – قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت: ﴿نۇھنىڭ قەۋمى﴾ ۋە ﴿ئۇلارنىڭ قېرىندىشى نۇھ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 105 -، 106)، ﴿ئاد﴾ ۋە ﴿ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇد﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 123 -، 124)، ﴿سەمۇد﴾ ۋە ﴿ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 141 -، 142)، ﴿لۇتنىڭ قەۋمى﴾ ۋە ﴿ئۇلارنىڭ قېرىندىشى لۇت﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 160 -، 161) دەپ تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، ئەيكە ئاھالىسى توغرۇلۇق بولسا: ﴿ئەيكەلىكلەر پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟»﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 176، 177) دېيىلگەن. بۇ ئايەتتە نېمە ئۈچۈن: «ئۇلارغا قېرىندىشى شۇئەيب ئېيتتى» دەپ ئېيتىلمىدى؟ چۈنكى، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئەمەس، بەلكى مەديەن ئاھالىسىدىندۇر(2). شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿مەديەن ئاھالىسىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق﴾(11/«ھۇد»: 84).

ئاندىن يەنە كۆڭۈللەرگە ۋە ھاياتلىققا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ بۈيۈك بىر قېرىنداشلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىق، يەھۇدىي قېرىنداشلىقى ۋە خرىستيان قېرىنداشلىقىغا ئوخشاش دىنىي قېرىنداشلىق بولۇپ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق بۇ قېرىنداشلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، قەلبلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەق – ھوقۇقلارغا ئەڭ كۆپ رىئايە قىلىدىغان ۋە ئەڭ ئەمەلىيەتچان بولغان قېرىنداشلىقتۇر. ھەقىقەت شۇكى، تەسىر كۈچى دىندەك كۈچلۈك بولغان بىر قۇۋۋەت مەۋجۇد ئەمەس، دىنلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامدىن كۈچلۈكى مەۋجۇد ئەمەس.

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى قوغدىماي ھالاكەتكە تاشلىۋەتمەيدۇ»(3). يەنى مۇسۇلماننى ئۇنى بوزەك قىلغان، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تارتىۋالغان كىشىگە تاشلاپ قويمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە ئوخشاش يەنە بىر ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ «سەھىھەين»دە رىۋايەت قىلغان(4).

بۇ مەنىنى «قۇرئان» تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن ۋە تەكىتلىگەن. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار! رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار!﴾(49/«ھۇجۇرات»: 10) ﴿ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار! ئايرىلماڭلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلار! ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېئمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار! سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 103). ئاللاھ تائالا يەنە پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى ۋە مۇئمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرگەن زات ئۇ (ئاللاھ) دۇر. يەنە (ئاللاھ) ئۇلارنىڭ (مۇئمىنلەرنىڭ) دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(8/«ئەنفال»: 62، 63).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياقتۇرغان ياخشى نەرسىلەرنى قېرىندىشىغىمۇ ياقتۇرمىغۇچە مۇئمىن بولالمايدۇ»(5). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر»(6).

«قۇرئان كەرىم» مۇئمىنلەر ئارىسىدا بۇ خىل مۇھەببەت رىشتىسىنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھاراقنى ھارام قىلىش ۋە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىلىشتا، مۇئمىنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا قىلىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز. قارايدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم» ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنى بۇتقا چوقۇنۇش ۋە پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش قاتارلىق گۇناھلار بىلەن بىرقاتاردا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى شەيتاننىڭ ئىشىدىن بولغان پاسكىنا قىلىق دەپ قارىدى ۋە مۇسۇلمانلارنى نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ. سىلەر ئەمدى يانمامسىلەر؟﴾(5/«مائىدە»: 91)

«قۇرئان كەرىم» بىزگە تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆڭلىدە باشقىلارغا قانداق يامان نىيەتلەردە بولىدىغانلىقىنى، بۇ يامان نىيەتلەرنى باشقىلارغا ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابنىڭ بەزى تائىپىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 118).

ئاللاھ تائالا يەنە خرىستىيانلار ئارىسىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىرقىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)﴾(5/«مائىدە»: 14).

ئالاھ تائالا يەنە يەھۇدىيلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 64).

ئۆچ – ئاداۋەت ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى، كەچۈرۈۋېتىش ۋە مۇلايىملىقنىڭ پەزىلىتى

ئىنسانلار بىرقىسىم ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىپ، دۈشمەنلىشىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ سەۋەبلەردىن ۋە ئۇنىڭ يامان تەسىرىدىن يىراق بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ سەۋەبلەرنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. ئەسلىدە، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قېرىندىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە قانداق ھاجەتلىرى بارلىقىنى ھېس قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشنى بىلىشى كېرەك. يالغۇز ئادەم ئاجىزدۇر، كۆپچىلىك بىلەن كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى مۇھەببەتتىن غەزەپ – نەپرەتكە، قېرىنداشلىقتىن ئۆچەكىشىشكە ۋە سۈزۈكلۈكتىن دۇغلۇققا ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئىشلارغا قاتتىق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

بىر ئادەم دۈشمىنىدىن دەرھال ئەنتىنى ئېلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئاچچىقىنى يۇتقان بولسا، بۇ ئاچچىق ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە قەلبىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يوقالماس ئۆچمەنلىكە ئايلىنىدۇ. ئۆچمەنلىك (ھىقد): ئىنسان قەلبىدە ئۆچمەنلىكنىڭ ئېغىرلىشىشى، غەزەپ – نەپرەتنىڭ زىيادە بولۇشى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مانا بۇ ئۆچمەنلىك، ئىمام غەززالىي ئېيتقاندەك، سەككىز تۈرلۈك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

1.  ھەسەت قىلىش؛ يەنى ئۆچمەنلىك قىلىش ئىنساننى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئادەمگە ئاتا قىلىنغان نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەسەتخور ئۆزى ئۆچ ئادىمى بىرەر نېئمەتكە ئېرىشسە قايغۇرىدۇ، بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقسا خۇشال بولىدۇ. مانا بۇ مۇناپىقلارنىڭ قىلىقىدۇر.

2. ھەسەتخورنىڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمىگە قارىتا ئىچىدىكى ھەسەت بىلەن قاراش ئىللىتى كۈچىيىدۇ ۋە ئۇ كىشى پېشكەلچىلىككە يولۇقسا خۇشال بولىدۇ؛

3. ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمى ھەسەتخورنى ئىزدەپ يېنىغا كەلسە، ئۇنىڭغا قارىمايدۇ ۋە ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ؛

4. ھەسەتخور ئۇ كىشىنى كۆزگە ئىلماي، يۈز ئۆرۈيدۇ؛

5. ھەسەتخور ئۇ ئادەم ھەققىدە يالغان ئېيتىش، غەيۋەت قىلىش، سىرلىرىنى پاش قىلىش ۋە يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈشكە ئوخشاش ھالال بولمايدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىدۇ؛

6. ھەسەتخور ئۇ ئادەمنى مەنسىتمەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىپ، قىلىقلىرىنى دورايدۇ؛

7. ھەسەتخور ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈش ياكى جىسمانىي ئەلەم يەتكۈزىدىغان باشقا ئىشلار بىلەن ئەزىيەت بېرىدۇ؛

8. ھەسەتخور ئۇنىڭدىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش، سىلە – رەھىم قىلىش ۋە زۇلۇملىرىغا قارىتا رازىلىق ئېلىش دېگەندەك ھەقلىرىدىن باش تارتىدۇ. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ھارام ئىشلاردۇر.

ئۆچمەنلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى: ئىنسان يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك ئاپەتتىن ساقلىنىپ، ئۇ سەۋەبلىك ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغان، ئۆچمەنلىكنى قەلبىدە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى مەلۇم شەخسنى ئۆچ كۆرۈشتىن توسمايدىغان بولۇپ قېلىش ۋە بۇرۇن قىلىپ كېلىۋاتقان خۇش چىراي بولۇش، ھالىغا يېتىش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ھەمسۆھبەت بولۇش، مەنپەئەتلىك ئىشلاردا ھەمكارلىشىش، ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇش دېگەندەك ئىشلاردىن باش تارتىشتۇر»(7).

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان قىزى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە بوھتان چاپلىغۇچىلار گەپ – سۆز تارقاتقان چاغدا، تىل تەگكۈزگەن يېقىن تۇغقىنى مىستەھنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىققا قەسەم قىلدى. ھالبۇكى، ئۇ ئىلگىرى مىستەھنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش – ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا نەپىقە بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟! ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(24/«نۇر»: 22). شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى سىددىق: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلبەتتە ياقتۇرىمەن» دەپ مىستەھكە بۇرۇندىن بېرىپ كېلىۋاتقان نەپىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى(8).

ئەۋزىلى دائىما ئەپۇ قىلىش، مۇلايىم بولۇش، ئېھسان قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشىنى ياقتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن!﴾(7/«ئەئراف»: 199)، ﴿سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 237). ھەربىر مۇسۇلمانغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ئۈلگە ئېلىش ۋاجىپتۇر. راستچىل يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئالايلۇق، ئاللاھ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇ زاتقا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، قېرىنداشلىرى ھەققىدە دېگەن گېپىنى ئاللاھ نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 92). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مەككەنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، مەككە ئەھلىگە مۇشۇنداق مەۋقەدە بولغان ئىدى.

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————————-
1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23489 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ» دېگەن. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 5137 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 313 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. (بەيھەقىي رىۋايىتىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. ئەھمەد رىۋايىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان ساھابەلەردىن بىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان. — ت)
2. «مەديەن ئاھالىسى (أَهْلُ مَدْيَنَ)» بىلەن «ئەيكەلىكلەر (أَصْحَابُ الأَيْكَةِ)» بىر قەۋممۇ؟ بۇنىڭدا تەپسىرشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس. ئىمام قەرەداۋىي بايان قىلغان «ئۇ ئىككىسى ئىككى قەۋم ئىدى» دېگەن قاراشنى ئىمام تەبەرىي، ئىبنى ئەتىييە، فەخرۇررازىي، ئالۇسىي ۋە تاھىر ئىبنى ئاشۇر قاتارلىق مۇفەسسىرلەر تەرجىھ قىلغان. ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە شەۋكانىي قاتارلىق مۇفەسسىرلەر: «ئىككىسى بىر قەۋم، ئەيكەلىكلەر مەديەن ئاھالىسىنىڭ دەرەخزارلىقتا ياشايدىغانلىرى، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام نەسەب جەھەتتىن ئۇلاردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەرەخكە چوقۇنىدىغان قىلمىشى تۈپەيلى ‹قېرىندىشى› دېمىگەن» دەپ قارايدۇ. — ت.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2442 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2580 – ھەدىس.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6065 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2559 – ھەدىس. (ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن. — ت.)
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 13 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 45 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
6. «مۇسلىم»، 54 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
7. «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 181 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4750 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2770 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ