ھەسەت قىلىش

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: ھەسەت قىلىش

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

ھەسەت قىلىشمۇ ھارام قىلىنغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەسەت قىلىش — بىر كىشى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېئمەتنى يامان ئىشلارغا ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، ئاشۇ نېئمەتنىڭ ئۇ كىشىدىن يوقاپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر.

بۇ نېئمەت تەن ساقلىق بولسۇن ياكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئالتۇن – كۈمۈش، يېمەك – ئىچمەك، ئارغىماق ئاتلار، چاھارپايلار ۋە ئېكىنزارلىقلاردىن ئىبارەت دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننەتلىرىدىن بولغان مال – دۇنيا بولسۇن ياكى چىرايلىق، ساغلام، ئېرىنى ياخشى كۆرۈپ، خىزمىتىنى ياخشى قىلىدىغان ۋە ھەمىشە ئېرىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان سالىھە بولسۇن، ياكى دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى بولغان، كىشى ئۇلار بىلەن دۇنيادا كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ ياخشىلاردىن بولغانلىقى بىلەن ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدىغان ئوغۇل – قىز پەرزەنتلەر بولسۇن ۋەياكى ياخشى – يامان كۈنلەردە يېنىدا بولىدىغان يېقىن دوستلار بولسۇن، ئوخشاشتۇر.

بۇ نېئمەتلەر بىر ئادەمدە قانچە زىيادە بولۇپ كۆپەيگەنسېرى، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ ۋە قەلبى ئاچچىققا تولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان بۇ نېئمەتلەرگە قارىتا ھېچقانداق گۇناھى يوق. بۇ نېئمەتلەر ئۇنىڭغا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەرىپىدىن ئاتا قىلىندى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا خاھلىغان ئادەمگە بېرىدۇ، خاھلىغان ئادەمگە بەرمەيدۇ، خاھلىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىدۇ ۋە خاھلىغان ئادەمنى خار قىلىدۇ، ھەممە ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر ۋە ئۇ ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.

دېمەك، ھەسەتخور كىشى ئاللاھنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ھەر كۆرگىنىدە قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئىچى ئاچچىققا تولىدۇ. بۇ نېئمەتلەرنى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى بېرىۋالغان ئەمەس. بەلكى ئاللاھ ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئاللاھقا بۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىغا قارىتا ھەمد ئېيتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتىگە شۈكۈر قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مېنى (تائەت – ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار! (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار! ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 152)

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملار مۇنداق دېگەن: «ھەسەتخور تانغۇچىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىر ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولمىغان». ئاللاھ يەھۇدىيلەرنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 54)

ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۆزىگە، بالىلىرىغا ۋە قوۋمىغىلا ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاچ قالغانلارغا تاماق بەرمەيدىغان، يالىڭاچ قالغانلارغا كىيىم بەرمەيدىغان ۋە كەمبەغەل موھتاجلارغا، قاتتىق ھاجەتمەن بولسىمۇ، مېلىدىن ھېچنەرسە بەرمەيدىغان ناچار بىر ئادەمگە نېئمەت ئاتا قىلغان بولسا، بۇنداق ئادەمگە ھەسەت قىلىش دۇرۇستۇر. يەنى بۇ نېئمەتنىڭ ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان بىر ئادەمگە يۆتكىلىشىنى ئارزۇ قىلىشى دۇرۇستۇر. شۇنىڭدەك، بىر ئادەم مېلىنى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى نوپۇزىنى ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، كەمبەغەللەرنىڭ ھەقلىرىنى يەۋېلىش ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولسا، باشقا ئىنسانلارغا قىلىنىۋاتقان يامانلىقنىڭ يوق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ خىل ئادەملەرگە ھەسەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشىمىز ھەم دۇرۇس.

كۆپىنچە ۋاقىتتا، كىشى بۇ ھەق دىننىڭ راست ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، قەلبىدىكى ھەسەتتىن ئىبارەت ئۇشبۇ ساقايماس كېسەل ئۇنى بۇ دىننى ئېتىراپ قىلماسلىققا ۋە ئۇنىڭغا كۇفۇرلۇق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان»دا بۇ ھالەتنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 109). بۇ يەھۇدىيلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۆزلىرى بىلىدىغان پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى مەيدانىدۇر.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى ئاللاھقا قۇربانلىق ھەدىيە قىلىپ، ئىككىسىنىڭ بىرىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىرسىدىن قوبۇل قىلىنمىغان چاغدا، بۇ ئىككىسىدىن ناچىرىنىڭ قانداق قىلغانلىقى «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان: ﴿(قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىساڭمۇ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن. مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر». ئۇنىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى﴾(5/«مائىدە»: 27 – 30). دېمەك، ھەسەت يەر يۈزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قاتىللىق جىنايىتى — بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ دادا بىر، ئانا بىر قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە يول ئاچتى. بۇ جىنايەتنىڭ سەۋەبى ھەسەت قىلىشتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس.

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەسەت قىلىشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا يالغان خېرىدار بولۇپ، باھانى قەستەن ئۆرلىتىۋەتمەڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقا، ياردەمگە موھتاج بولغان پەيتتە ياردەم قىلماي تاشلىۋېتىشكە ۋە كەمسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن، ئاندىن مەيدىسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم: «تەقۋادارلىق مانا بۇ يەردە، تەقۋادارلىق مانا بۇ يەردە، تەقۋادارلىق مانا بۇ يەردە، بىر ئىنساننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەرلىك يامانلىقتۇر. مۇسۇلمانغا يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى، مېلى ۋە ئىززەت – ئابرۇيى قاتارلىق ھەرنېمىسى ھارامدۇر» دېگەن(1).

ئىمام بۇخارىي، ئىمام مۇسلىملار «سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىرلارنى تىڭتىڭلىماڭلار! ئوغرىلىقچە ئىگىلىمەڭلار! ساختا خېرىدار بولۇشماڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار!»(2)

(ئىمام ئىبنى رەجەب يەنە مۇنداق دېگەن:) «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار!› دېگىنىنىڭ مەنىسى بىر ـ بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار! دېگەنلىك بولۇپ، ھەسەت قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار ئىش بولغاچقا، ئىنسان باشقا بىرىنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقتا ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى يامان كۆرىدۇ.

ھەسەتخور ئىنسانلار بىرقانچە قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھەسەت قىلىنغۇچىدىن نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۈچۈن، سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن دۈشمەنلىك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرقىسمى بۇ نېئمەتنى ئۆزىگە يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىرقىسمى بۇ نېئمەتنى ئۆزىگە يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماستىن، پەقەت ھەسەت قىلىنغۇچىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈنلا كۈچەيدۇ. مانا بۇ ئاخىرقىسى ئەڭ خەتەرلىكىدۇر. بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ۋە ئەيىبلىنىدىغان ھەسەتتۇر. ئىبلىسنىڭ گۇناھىمۇ مۇشۇ ھەسەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن يارىتىپ، پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەممە شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىتىپ ۋە ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزغىنىدا، ئادەمنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، داۋاملىق ۋەسۋەسە قىلدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹ئىبلىس نۇھ ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنىدى: ”ئىككى ئىش بار، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئادەم بالىلىرىنى ھالاك قىلىمەن: بىرى، ھەسەت. مەن ھەسەتنىڭ سەۋەبى بىلەن لەنەتگەردى بولدۇم ۋە قوغلاندى شەيتان قىلىندىم. يەنە بىرى، ھېرىسمەنلىك. ئادەمگە جەننەتنىڭ ھەممە نەرسىسى مۇباھ قىلىنغانىدى، مەن ئۇنىڭ ھېرىسمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىمگە يەتتىم“›(3).

ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان›دا بىرقانچە ئورۇندا يەھۇدىيلەرنى ھەسەتخورلۇق بىلەن سۈپەتلىدى: ﴿ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 109)، ﴿ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟﴾(4/«نىساﺋ»: 54)

ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام تىرمىزىيلەر زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹سىلەرگە ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ كېسىلى تېگىشكە باشلىدى، بۇلار: ھەسەت قىلىش ۋە ئاداۋەتلىشىشتۇر. ئاداۋەتلىشىش چاچنى ئەمەس، دىننى چۈشۈرۈۋەتكۈچى (دىننىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان) ئىللەتلەردۇر. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر. سىلەرگە بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان نەرسىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاراڭلاردا سالام – سەھەتنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار!›(4)

ھاكىم ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— پات ئارىدا ئۈممىتىمگىمۇ مىللەتلەر كېسىلى تېگىدۇ، — دېۋىدى، ساھابەلەر:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ‹مىللەتلەر كېسىلى› دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— تەكەببۇرلۇق، زومىگەرلىك، مال – دۇنيا توپلاش ۋە ئۇنىڭدا بەسلىشىش، ئۆزئارا ئۆچمەنلىك قىلىش، ئۆزئارا ھەسەت قىلىش. ئاخىرى تاجاۋۇز قىلىش بولىدۇ، ئاندىن ئادەم ئۆلتۈرۈش بولىدۇ، — دېدى(5).

يەنە بىرقىسىم ئىنسانلار باركى، ئۇلار باشقىلارغا ھەسەت قىلسىمۇ، ئۇ بويىچە ئىش قىلمايدۇ. يەنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئەزىيەت بەرمەيدۇ. ھەسەن بەسرىيدىن ‹بۇ تۈردىكى ئادەم گۇناھكار بولمايدۇ› دەپ كەلگەن(6). بۇ مەزمۇن بىرقانچە ئىشەنچسىز يوللار بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بۇ تۈردىكى ئىنسانلار ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرى، كۆڭلىدىن بۇ ھەسەتنى يوق قىلىۋېتەلمەيدىغان چارىسىز كىشى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن گۇناھكار بولمايدۇ.

يەنە بىرى، قېرىندىشىدىكى نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىنى داۋاملىق ئارزۇ قىلىپ قالىدىغان ۋە بۇنىڭدىن كۆڭلى ھۇزۇرلىنىدىغان كىشى. بۇ گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشقا بەل باغلىغان كەسكىن ئىرادىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئالىملار ھەرخىل كۆزقاراشتا بولغان. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ تۈردىكى ئىنساننىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا سۆز بىلەن بولسىمۇ ئەزىيەت بېرىپ قېلىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولۇشى تۇرغانلا گەپ.

يەنە بىرقىسىم ئىنسانلار باركى، ئۇلار باشقىلارغا ھەسەت قىلسىمۇ، ھەسەت قىلىنغۇچىدىن نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ. بەلكى ئەينى ئارتۇقچىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئارتۇقچىلىقلار مال – دۇنياغا ئالاقىدار بولسا، خۇددى دۇنيا ھاياتىنى كۆزلەيدىغانلار: ﴿كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن﴾(28/«قەسەس»: 79) دەپ ئېيتقاندەك، ئۇنىڭدا خەير يوقتۇر.

ئەگەر ئۇ ئارتۇقچىلىقلار دىنغا ئالاقىدار بولسا، بۇنى ئارزۇ قىلىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ‹سەھىھەين›دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹پەقەت ئىككى خىسلەتكىلا ھەسەت قىلىش جائىز بولىدۇ: بىرى، ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال – دۇنيا ئاتا قىلىپ، ئۇنى ھەق يولدا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر قىلغان كىشىگە. يەنە بىرى، ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان، ئۇشبۇ ئىلىم بىلەن توغرا ھۆكۈم چىقارغان ۋە شۇ ئىلىمنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشىگە›(7). بۇ ھەدىستە كۆڭۈل ئارزۇسىنى ئىستىئارە يولى بىلەن ‹ھەسەت› دەپ ئاتىغان.

يەنە بىرقىسىم ئىنسانلار كۆڭلىدە باشقىلارغا قارىتا ھەسەتنى ھېس قىلغان چاغدا، ئۇنى كۆڭلىدىن يوق قىلىشقا، ھەسەت قىلىۋاتقان ئادىمىگە ياخشىلىق قىلىشقا، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ تارقىتىشقا تىرىشىدۇ. ئاخىرى ھەسەتنى ‹مۇسۇلمان قېرىندىشىم مەندىنمۇ ياخشى ۋە ئېسىل بولسىكەن› دەيدىغان ئارزۇغا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ خىلدىكى كىشى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرىدىغان كامىل مۇئمىندۇر»(8). ئىمام ئىبنى رەجەبنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.


1. «مۇسلىم»، 2564 – ھەدىس.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6066 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2563 – ھەدىس.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەكائىدۇششەيتان»، 44 – بەت.
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1412 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ئۈزۈكلۈك سەۋەبىدىن زەئىف» دېگەن. «تىرمىزىي»، 2510 – ھەدىس؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بەيانىل ئىلىم»، 2122 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3 – توم، 61 – بەت) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
5. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7391 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. (ئالبانىي: «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»تا: (3658 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. — ت)
6. ئىبنۇل جەۋزىي: «سەيدۇل خاتىر»، 436 – بەت. ئۇنىڭدا ھەسەن بەسرىيدىن مۇنداق كەلگەن: «ئادەم بالىسىلا بولىدىكەن، ھەسەتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يارىتىلىدۇ. گەپ – سۆز ياكى ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ھەسەت قىلمىسىلا زىيىنى بولمايدۇ».
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7529 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 815 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
8. «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 2 – توم، 260 – 263 – بەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ