ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن غەزەپلىنىش

ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: غەزەپلىنىش

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

ئىسلام دىنى ھارام قىلغان ۋە ئىنساننى ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن بولغان غەزەپلىنىش ئوت بولۇپ يانىدىغان بىر ھېسسىي تۇيغۇ بولۇپ، بۇ تۇيغۇ ئىنسانغا ھاياجانلانغان ۋاقتىدا، ئۆزىنى يىرتقۇچ ھايۋانغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىنسان بۇ تۇيغۇ پەيدا بولغاندا، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرتەرەپكە چاچراپ بىرەر ئاۋارىچىلىققا ياكى گۇناھ – مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

غەزەپلىنىش بىلەن شەھۋەت ئىنساننىڭ روھىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ بۇرجەكنىڭ ئىككى بۇرجىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان بىر بۇرجىكى بولسا ئەقىلدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيە، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە يوليورۇقلىرىدا بىزنى غەزەپلىنىشنىڭ خەتىرىدىن ۋە يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بايانلار كەلگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

— ماڭا نەسىھەت قىلسىلا! — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! — دېدى. ئۇ ئادەم سۆزىنى تەكرارلاۋەرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قايتا ـ قايتا:

— غەزەپلەنمىگىن! — دەۋەردى»(1).

بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلىپ كەلتۈرگەن. ئىمام تىرمىزىي بولسا بۇ ھەدىسنى مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

«بىر ئادەم كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

— ماڭا بىرنەرسە ئۆگىتىپ قويسىلا! ئارتۇق بولسا ئاڭقىرالماي قالىمەن، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! — دېدى. ئۇ ئادەم سۆزىنى تەكرارلاۋەرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قايتا ـ قايتا:

— غەزەپلەنمىگىن! — دەۋەردى»(2).

تىرمىزىيدىن باشقا بىرىنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«ئۇ كىشى:

— يا رەسۇلۇللاھ! مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويسىلا، كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! — دېدى»(3).

ئەللامە ئىبنى رەجەب «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم» دېگەن كىتابىدا، بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، كۆپ بولۇپ كەتسە ئېسىدە ساقلىيالماي قېلىشىدىن قورقۇپ، ئېسىدە ياخشى ساقلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئىخچام قىلىپ ياخشىلىق خىسلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلا ئىشنى تاپىلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە غەزەپلەنمەسلىكىنى تاپىلىدى. ئاندىن ئۇ كىشى بۇ تەلەپنى بىرقانچە قېتىم قويغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئوخشاش جاۋابنى بېرىۋەردى. دېمەك، بۇ غەزەپلىنىشنىڭ پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ بېشى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ بېشى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەسىھەت قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان بۇ كىشى ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىمام تەبەرانىي ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلتۈرگەن:

— يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! ساڭا جەننەت بار، — دېدى(4).

ئەھنەف ئىبنى قەيس تاغىسى جارىيە ئىبنى قۇدامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

بىر ئادەم:

— يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئاڭقىرىۋېلىشىم ئۈچۈن ئىخچاملاپ بىرلا سۆزنى دەپ بەرسىلە، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! — دېدى. ئۇ ئادەم سۆزىنى تەكرارلاۋەرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قايتا ـ قايتا:

— غەزەپلەنمىگىن! — دەۋەردى. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان(5). ئىمام ئەھمەدنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: ‹ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق دەپ سورىغان… › دەپ كەلگەن(6).

ئىمام ئەھمەد يەنە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئۇ كىشى:

— مېنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ غەزىپىدىن نېمە يىراقلاشتۇرىدۇ، — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— غەزەپلەنمىگىن! — دېگەن(7).

بەزى ھەدىسلەردە ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ساھابە مۇنداق دېگەن: ‹مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ، غەزەپلىنىشنىڭ پۈتۈن يامانلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم›(8). بۇ بىزنىڭ يۇقىرىقى ‹غەزەپلىنىش پۈتۈن يامانلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ› دېگەن سۆزىمىزنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ: ‹غەزەپلىنىش پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ ئاچقۇچىدۇر› دېگەن سۆزىدۇر. يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەككە: ‹بىزگە گۈزەل ئەخلاقنى بىر ئېغىز سۆزگە ئىخچاملاپ بەرسىلە› دېيىلگەندە، ئۇ: ‹غەزەپلىنىشنى تەرك ئېتىشتۇر› دېگەن»(9).

 

«غەزەپلەنمىگىن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز «غەزەپلىنىش»نىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «غەزەپلىنىش — ئەزىيەت بەرگۈچىنىڭ ئەزىيىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورققاندا، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈرەكتىكى قاننىڭ ئۆرلىشى ياكى بىر كىشىنىڭ ئەزىيىتىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە يۈرەكتىكى قاننىڭ ئۆرلىشىدۇر. بۇ خىل روھىي ھالەتتىن (يامىنى) قاتىللىق، (يېنىكرەكى) قول تەگكۈزۈش، دۈشمەنلىك، جەبر – زۇلۇم، تۆھمەت، ھاقارەت ۋە ناشايان سۆزلەرنى قىلىشقا ئوخشاش ھارام قىلمىشلار سادىر بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يامىنى، بۇ روھىي ھالەت بەزىدە ئۇ ئىنساننى كۇفۇرلۇق قىلىش دەرىجىسىگە ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى، جەبەلە ئىبنى ئەيھەمنىڭ ئاقىۋىتىدۇر(10). بۇ خىل روھىي ھالەتتىن يەنە، شەرىئەتتە ئەمەل قىلىشقا بولمايدىغان قەسەملەرنى قىلىش ۋە ئايالىنى تالاق قىلىشتەك ئېغىر پۇشايمانغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلار سادىر بولىدۇ»(11).

ئىمام ئىبنى رەجەب يەنە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيەت قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان كىشىگە: ‹غەزەپلەنمىگىن› دېگەن سۆزىدە ئىككى ئېھتىماللىق بار: بىرى، سېخىي، تەمكىن، ھايالىق، كەمتەر، ئېغىر – بېسىق بولۇش، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك، ئەپۇچان بولۇش، ئاچچىقنى يۇتۇش ۋە خۇش چىراي بولۇشقا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى، ئىنسان نەپسى بۇ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىگە ئادەت قىلسا، غەزەپلىنىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار پەيدا بولغاندا، بۇ ئەخلاقلار ئۇ ئىنساننىڭ غەزەپلەنمەي، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. يەنە بىرى، غەزەپلەنگەن ۋاقتىڭدا، غەزەپنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلمىغىن! بەلكى غەزىپىڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن، نەپسىڭ بىلەن جىھاد قىلغىن! دېمەكچى. چۈنكى، غەزەپلىنىش ئادەم بالىسىنى كونترول قىلىۋالسا، ئۇ كىشىنى خاھلىغان تەرەپكە باشلاپ ماڭىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى﴾(7/«ئەئراف»: 154). ئەگەر ئىنسان غەزىپى بىلەن ئىش قىلماي، بۇنىڭ ئەكسىچە، نەپسى بىلەن جىھاد قىلسا، غەزەپلىنىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى ئۇ كىشىدىن سادىر بولمايدۇ. بەزىدە غەزىپى بېسىقىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تىنچلىنىپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە ‹قۇرئان كەرىم›دە ئاللاھ تائالا مۇنداق ئىشارە قىلغان: ﴿دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرۈۋېتىدىغانلار﴾(42/«شۇرا»: 37) ۋە ﴿ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 134) دېگەن».

 

غەزەپلەنگەنلەر ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەزەپلەنگەن كىشىگە غەزىپىنى پەسەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە غەزەپلەنگەن چاغدا، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان كىشىنى مەدھىيەلىگەن. «سەھىھۇل بۇخارىي» ۋە «سەھىھۇ مۇسلىم»دە مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن: سۇلايمان ئىبنى سۇرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇراتتۇق، ئىككى كىشى بىر ـ بىرىنى تىللاشقا باشلىدى. بىرسىنىڭ چىرايى غەزەپتىن قىپقىزىل بولۇپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەن بىر كەلىمە بىلىمەن. ئەگەر ئۇ ئادەم: ”ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سىغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن)“ دېسە، ئاچچىقى دەرھال بېسىقىدۇ› دېدى. كىشىلەر بېرىپ، ھېلىقى ئادەمگە:

— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ — دېگەن ئىدى، ئۇ:

— مەن ساراڭ بولمىسام، — دېدى»(12).

ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدلار ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆرە تۇرغان ھالەتتە غەزەپلەنسە، دەرھال ئولتۇرۇۋالسۇن! غەزىپى يانسا ياندى، يانمىسا يېتىۋالسۇن!»(13).

بۇ ھەدىس مۇنداق ئىزاھلانغان: ئۆرە تۇرغان كىشى ئىنتىقام ئېلىشقا تەيياردۇر. ئولتۇرغان كىشى بولسا ئۇنىڭدەك تەييار ئەمەس. ياتقان ئادەم تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتىقام ئېلىش ھالىتىدىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتنىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ چاغدا، ئولتۇرغان تىك تۇرغاندىن، تىك تۇرغان ماڭغاندىن، ماڭغان ئىلدام ماڭغاندىن ياخشىراق»(14).

بۇ پىتنىلەردىكى ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشقا قارىتا كەلتۈرۈلگەن بىر مىسال بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ مەنىسى، پىتنىگە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشقا يېقىن بولغان كىشى يىراقراق بولغان كىشىدىن يامانراق دېگەنلىكتۇر.

ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەد ئەسسەئدىيدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «غەزەپ شەيتاندىن، شەيتان بولسا ئوتتىن يارىتىلغان. ئوت سۇ بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇڭا بىرىڭلار غەزەپلەنگەندە، تاھارەت ئالسۇن!»(15) دېگەن(16).

 

باتۇرلۇق ئاچچىقنى يېڭىشتە

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇئمىن كىشى غەزىپىگە غالىپ كېلىپ، غەزەپنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرگەن چاغدىكى ئىگە بولغان روھىي قۇۋۋەتنىڭ مىقدارىنى ئېيتىپ بەردى. «سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چېلىشقاندا يەڭگەن نوچى ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە، ئۆزىنى بېسىۋالغان ھەقىقىي نوچىدۇر»(17).

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— قانداق كىشىلەرنى پالۋان دەپ قارايسىلەر؟ — دەپ سورىدى. بىز:

— چېلىشتا يېڭىلمەيدىغان ئادەمنى پالۋان دەيمىز، — دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئۇنداق ئەمەس، پالۋان دېگەن ئاچچىقىغا ھاي بېرەلەيدىغان كىشىدۇر، — دېدى(18).

«مۇسنەدۇ ئەھمەد» ۋە باشقا «سۈنەن كىتابلىرى»دا، مۇئاز ئىبنى ئەنەس ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى (قارشى تەرەپكە) كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئاچچىقىغا ھاي بېرەلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى خاھلىغان ھۆر پەرىنى تاللىۋېلىش ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ»(19).

بۇ يەردە يەنە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسمۇ بار: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يۇتقان بىر يۇتۇم ئاچچىقتىنمۇ ئەۋزەل بىر يۇتۇم يۇتۇپ باققان ئەمەس»(20).

مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن! — دېگەنىدى، ئۇ:

— غەزەپلەنمىگىن، — دېدى. ئۇ كىشى:

— سەن مېنى غەزەپلەنمەسلىككە بۇيرۇدۇڭ، ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن، — دېگەنىدى، سالمان:

— غەزەپلەنگىنىڭدە تىلىڭغا ۋە قولۇڭغا ئىگە بولغىن! — دېدى»(21). مانا بۇ تىل بىلەن قولغا ئىگە بولۇش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەزەپلەنگەن كىشىنى ئولتۇرۇۋېلىشقا، يېتىۋېلىشقا ۋە سۈكۈت قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن ئىشارە قىلغان نۇقتىدۇر.

 

ھەۋەس ۋە غەزەپ ئۆرلىگەندە، مۇئمىنگە ۋاجىپ بولىدىغان ئىش

دىنىنى سۆيىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئىنتىلىدىغان مۇئمىنگە شۇ نەرسە ۋاجىپ بولىدۇكى، ئۇنىڭ ھەۋىسى ئاللاھ رۇخسەت قىلغاننى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئۇ ئىشلارنى ياخشى نىيەت بىلەن قىلسا، ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا مۇئمىننىڭ غەزىپى دىن بارىدا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كەلگەن ئەزىيەتنى يوق قىلىش، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققانلاردىن ۋە مۇئمىنلەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار! ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كافىرلارنى جازالاپ) مۇئمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 14، 15).

يەنە مۇئمىنگە غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا: ئاچچىقىنى يۇتۇشى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا باشقىلاردىن ئىنتىقام ئېلىشى ۋاجىپتۇر. مانا بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆگەتكۈچى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئۈلگىسى بولمىش مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەخسىي ئۆزى ئۈچۈن باشقىلاردىن ئىنتىقام ئالمايتتى. لېكىن، ئاللاھنىڭ قانۇن – تۈزۈمى دەپسەندە قىلىنغىنىنى بىلىپلا قالسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچچىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى.

«مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا جىھادتىن باشقا ۋاقىتتا ئۆز قولى بىلەن بىرەر نەرسىنى ياكى ئايال كىشىنى ۋەياكى خىزمەتچىنى پەقەت ئۇرۇپ باقمىغان»(22).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى ئون يىل قىلدىم. ئۇ ماڭا بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى ياكى قىلغان ئىشىمغا: ‹نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟› ۋەياكى: ‹مۇنداق قىلساڭ بولماسمىدى؟› دەپمۇ باقمىدى»(23).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يۈزىگە سالمايتتى. بەلكى يامان كۆرگەنلىكى چىرايىدا بىلىنەتتى. «سەھىھەين»دە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۈمپەردە ئىچىدىكى قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى. ياقتۇرمايدىغان بىرەر نەرسە كۆرسە (گەپ ـ سۆز قىلمايتتى)، ئەمما بىز چىرايىدىنلا بىلىۋالاتتۇق»(24).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «بۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەنمىگەن تەقسىمات» دېگەن كىشىنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن چاغدا، بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر كېلىپ، چىرايى ئۆزگەرگەن ۋە ئاچچىقلانغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىتا: «مۇسا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەزىيەتكە ئۇچراپ، سەۋر قىلغانىدى» دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىغان ئىدى(25). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يامان كۆرىدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا، غەزەپلىنىپ، ئۇ ھەقتە گەپ قىلاتتى، ھەرگىز سۈكۈت قىلمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن بىر پەردىنى كۆردى – دە، چىرايى ئۆزگىرىپ، پەردىنى يىرتىۋەتتى ۋە مۇنداق دېگەنىدى: «قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغىنى ھەقىقەتەن مۇشۇ سۈرەتلەرنى سىزغۇچىلاردۇر»(26).

«سەھىھەين»دە ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يا رەسۇلۇللاھ! پالانى بىزگە نامازنى ئۇزۇن ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بامداتقا كېچىكىپ چىقىدىغان بولۇپ قالدىم› دېدى. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەز – نەسىھەت قىلغاندا، ئاشۇ كۈندىكىدەك قاتتىق كايىغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئاراڭلاردا جامائەتنى قاچۇرۋېتىدىغانلار باركەن، قايسىبىرىڭلار جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بەرسە، يەڭگىل ئوقۇسۇن. چۈنكى، جامائەتنىڭ ئىچىدە ئاجىز، ياشانغان ۋە ئىشى بار ئادەملەر بولىدۇ› دېدى»(27).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىدا بىر تۈكۈرۈكنى كۆرۈپ ئاچچىقلاندى ۋە ئۇنى تاتىلىۋېتىپ جامائەتكە: «قايسىبىرىڭلار ناماز ئوقۇسا ئالدى تەرەپكە تۈكۈرمىسۇن، چۈنكى ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئاللاھ ئالدى تەرەپتە بولىدۇ» دېدى(28).

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.


1. «بۇخارىي»، 6116 – ھەدىس.
2. «تىرمىزىي»، 2020 – ھەدىس (تىرمىزىي: «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھۇتتىرمىزىي»دا: «سەھىھ» دېگەن. — ت).
3. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 1593 – ھەدىس؛ ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 12989 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى ئەبۇ يەئلا سالىھتىن، ئۇ ئەئمەشتىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، مەن سالىھ دېگەن بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلمىدىم. باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئەئمەش بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلغان. — ت.
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 2353 – ھەدىس. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 12990 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي ‹ئەلمۇئجەمۇل كەبىر›، ‹ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت›تە رىۋايەت قىلغان. ‹ئەلمۇئجەمۇل كەبىر›نىڭ ئىككى سەنەدىنىڭ بىرىنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2749 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي ئىككى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ بىرى سەھىھ» دېگەن. — ت)
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15964 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 4157 – ھەدىس) «راۋىيلىرى سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلەردۇر» دېگەن. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2748 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. — ت)
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 20357 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2748 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. — ت)
7. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6635 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 12985 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ئىبنى لەھىئە ئىسىملىك راۋىينىڭ رىۋايىتىدە سەل زەئىفلىك بار، باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2747 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. — ت)
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23171 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرى رىۋايەت قىلغان. (ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2746 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. — ت)
9. «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 2 – توم، 260 – بەت. — ت.
10. ئەبۇلمۇنزىر جەبەلە ئىبنى ئەيھەم ئىبنى جەبەلە ئەلغەسسانىي (جَبَلَةُ بنُ الأَيْهَمِ الغَسَّانِيُّ أَبُو الْمُنْذِرِ، ۋاپاتى ھ. 53 / م. 673) — جەمەتىدىن بولۇپ، شام غەسسانىيلەر ئەمىرلىكىنىڭ ئاخىرقى ئەمىرى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تاۋاپ ئەسناسىدا بىر پېقىر كىشىنى ئۇرۇپ قويغان، ھەزرىتى ئۆمەر دەۋاچىنى رازى قىلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىشقا ھۆكۈم پىچقاندا، ئاچچىقىدا ئۇرۇش قوزغىغىلى تاس قالغان ۋە ئاخىرى رىمغا كېتىپ خرىستىيان بولۇپ كەتكەن دېگەن رىۋايەتكە ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جەبەلەنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئەڭ كۈچلۈك قاراشتا ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دىن كېيىن مەزكۇر مەغلۇپ غەسسانىي ئەمىرگە يا مۇسۇلمان بولۇپ زاكات تۆلەش، يا ئۆز دىنىدا قېلىپ جىزيە تۆلەش ۋەيا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ زاكات بېرىشنى، لېكىن ئۆز دىنىدا قېلىۋېرىشنى تاللىغان. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇ ھالدا جىزيە تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ جىزيە تۆلەشنى نومۇس بىلىپ، 30 مىڭ ئادىمى بىلەن ۋىزانتىيەگە ئۆتۈپ كەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر بۇنىڭدىن سەل ئەپسۇسلانغان ۋە ھ. 21 / م. 642 – يىلى ئەتراپىدا ھەزرىتى ئۆمەر ۋىزانتىيەگە قوشۇن ئەۋەتكەندە، قوماندان ئۇمەير ئىبنى سەئد ئەلئەنسارىيغا جەبەلەنىڭ دوستلۇقىنى قازىنىشنى، ئۇنى قايتىشقا ۋە خاھلىسا ئۆز دىنىدا قېلىپ زاكات بېرىشكە ئۈندەشنى تاپىلىغان. ئەمما، جەبەلە بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي ۋىزانتىيە زېمىنىدا ئۆلگەن. — ت.
11. «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 2 – توم، 261 – بەت. — ت.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6115 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2610 – ھەدىس.
13. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21348 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك، سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلەردۇر» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 4782 – ھەدىس. (ئالبانىي: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 5114 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. — ت)
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3601 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2886 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
15. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17985 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 4784 – ھەدىس. ئالبانىي: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 5113 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
16. يۇقىرىقى مەزمۇنلار «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 2 – توم، 262 – بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىنغان. — ت.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6114 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2609 – ھەدىس.
18. «مۇسلىم»، 2608 – ھەدىس.
19. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15637- ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 4777 – ھەدىس؛ تىرمىزىي: (2021 – ھەدىس) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 4186 – ھەدىس. ئالبانىي: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 5088 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
20. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6114 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. (ئالبانىي «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»دە: (1912 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئىككى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ بىرى سەھىھ» دېگەن. — ت)
21. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «الصمت (ئەسسامت)»، 610 – ھەدىس.
22. «مۇسلىم»، 2328 – ھەدىس.
23. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6038 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2309 – ھەدىس.
24. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3562 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2320 – ھەدىس.
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3405 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1062 – ھەدىس.
26. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6109 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2107 – ھەدىس.
27. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 702 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 466 – ھەدىس.
28. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 406 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 547 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ