ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي
دىنىي، ئىلمىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاللاھ ئىنساننى قوش بىسلىق ھالەتتە ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بەدەن بىلەن روھ، ئەقىل بىلەن ھېسسىيات، ئىرادە بىلەن تۇيغۇ بار. ئىنسان ھەرگىزمۇ تېببىي فاكۇلتېتلاردا ئوقۇتۇلغىنىدەك، پۇت – قول، كۆز – قۇلاق، مۇسكۇل – سۆڭەك ۋە ھۈجەيرە – پلازمىلاردىن تەركىپ تاپقان ماددىي مەۋجۇدىيەتتىنلا ئىبارەت ئەمەستۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئىنساننى ساقلاپ تۇرىدىغان «قاچا» ياكى «قاپ»تۇر، خالاس. ئىنساننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرى ئۇنى ھەرىكەت قىلىش، يەپ – ئىچىش ۋە يەپ – ئىچكەنلىرىنى چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق بولغان يىرتقۇچ ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر، قۇشلار، ھاشاراتلار ۋە بېلىقلار كەبى باشقا بارلىق ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
كىمكى كائىنات ھەققىدە ئەقلى ۋە بارلىق تۇيغۇ ئەزالىرى بىلەن چوڭقۇر تەپەككۇر قىلسا، كائىناتتا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن. بۇ «قۇرئان» ئەلبەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدۇر﴾(69/«ھاققە»: 38 – 40). بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس – تۇيغۇمىز بىلەن بىلەلەيدىغان نەرسىلەر مۇئەييەن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار: ئىنسانغا ئوخشاش ئاقىللار ئالەمى ۋە ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز نەرسىلەر، ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا ئوخشاش غەيرىي ئاقىللار ئالەمىدىن ئىبارەتتۇر.
بىزلەر ئىچىدە ناھايىتى كىچىك بىر زەررىدىن ئىبارەت بولغان ئىنتايىن چوڭ كائىناتنىڭ بىر پارچىسىمىز. يەنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە بار بولغان ئاقىللار ئالەمى بار. ئۇلارنىڭ قاتارىدا پەرىشتىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەسل تەبىئىتىدىنلا ياخشىلىقنىڭ ئۈستىگە يارىتىلغان، ھېچقانداق گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزمەيدىغان مەخلۇقلاردۇر. بىز دىنىمىزنىڭ تەلىم بەرگىنى بويىچە، ئۇلارنى بىلدۇق ۋە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇلار ئاللاھنىڭ كەڭ مۈلكىدىكى قوشۇنلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 6). ﴿ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 28).
ئۇ پەرىشتىلەر كائىناتقا، ھاياتلىققا ۋە ئىنسانلارغا ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغاندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(48/«فەتىھ»: 7)؛ ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ﴾(74/«مۇددەسسىر»: 31)؛ ﴿ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 10 – 12)؛ ﴿ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ﴾(43/«زۇخرۇف»: 80)؛ ﴿ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان – ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 61).
پەرىشتىلەر ئۈستۈنكى ئالەمدە ۋە تۆۋەنكى ئالەمدە، ھەممە جايدا ئىنسان بىلەن ۋە ئىنساندىن باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ مەۋجۇدتۇر.
بۇ ئاقىللارنىڭ ئىچىدە يەنە جىنلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ «قۇرئان»دا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بىزگە ئوخشاش تەكلىپ قىلىنغان مەخلۇقلاردۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتىم﴾(51/«زارىيات»: 56). ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «قۇرئان»نى ئاڭلاپ، مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۇلار ھەققىدە «جىن» سۈرىسىدىكى بۇ ئايەت نازىل بولغان ئىدى: ﴿ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، «بىرقانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: ‹بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شىرك كەلتۈرمەيمىز…›»﴾(72/«جىن»: 1 – 2). شۇڭا، بىز پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتقىنىمىزدەك، ئاشۇ جىنلارنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىمان ئېيتقانمىز.
جىنلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇئمىنلىرى ۋە كافىرلىرى باردۇر: ﴿بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ﴾(72/«جىن»: 14 – 15) دېگەن.
قەيەردىن؟ قەيەرگە؟ نېمە ئۈچۈن؟
شۇ نەرسە مۇھىمكى، بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزىمىزنى، پەرۋەردىگارىمىزنى تونۇشىمىز، ئاخىر قايتىپ بارىدىغان جايىمىزنى بىلىشىمىز، شۇنداقلا قەيەردىن؟ قەيەرگە؟ نېمە ئۈچۈن؟ دېگەندەك پەلسەپەۋىي سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىشىمىز ۋاجىپتۇر.
ئۇنداقتا قەيەردىن؟
بىزلەر ھېچنەرسە ئەمەس ئىدۇق. پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەت قىلىپ ۋە ھۆرمەتلەپ بىزنى ياراتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 70). ﴿ئاللاھنىڭ ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگىنىنى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېئمەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟﴾(31/«لوقمان»: 20)
ھەقىقەتەن ئىنسان زاھىرىي ۋە باتىنىي ئىككى قىسىمنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. زاھىرىي قىسمى بولسا ئىنساننىڭ بەدىنى ۋە ئەزالىرىدۇر. باتىنىي قىسمى بولسا ئەڭ مۇھىم تەرەپ بولۇپ، ئىنساننى ھەقىقىي ئىنسانلىق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىدىغان قىسمىدۇر. بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇنىڭ روھى، ئەقلى، كۆڭلى، ۋىجدانى ۋە ئىرادىسى قاتارلىقلاردۇر. ئىنساننىڭ مانا مۇشۇ قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى زېمىندىكى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلدى ۋە ئىنسانلارغا باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا كىتابلارنى نازىل قىلدى ۋە بېشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە ئۆگەتكۈچى قىلىپ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.
ئىنسان ھاياتىدىكى بۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياكى زاھىرىي ۋە باتىنىي ھەر ئىككى قىسىمنى ياخشى بىلىشى كېرەك. كىتابىمىزنىڭ بۇ بابىدا سۆزلەنگۈسى قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىكى ھالال – ھارام بولسا دەل مۇشۇ ئىنساننىڭ مەنىۋىي ياكى باتىنىي ۋەياكى روھىي تەرىپىدۇر.
قەيەرگە بارىمىز؟
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاخىر قايتىپ بارىدىغان جايىنى ياخشى بىلىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىنسان توپىدىن يارىلىپ، يەنە توپىغا قايتىپ كېتىدىغان، ئانىلاردىن تۇغۇلۇپ، ئۆلۈم يەتكەندىن كېيىن زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئىش بولمايدىغان ئەرزىمەس بىرنەرسە ئەمەس. بەلكى ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ھاياتى داۋاملىشىدىغان بىر مەخلۇقتۇر. ئۆلۈم بولسا ئىنساننىڭ پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت، خالاس. ھەربىر ئىنسان بۇ پانىي ئالەمدە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرۈپ يا ئۇچماق / جەننەتكە، يا تامۇغ / جەھەننەمگە(1) بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆزۈڭلارچە «بىز بىكارغا يارىتىلدۇق، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلمايمىز» دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ھەق پادىشاھ — ئاللاھ ئۈستۈندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 115 – 116).
نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟
ئاخىرقى بۇ سوئال ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: ئىنسان نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ ئۇ ياشاپ، ئەجىلى توشقاندا ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈنلا يارىتىلدىمۇ؟ ئۆلگەندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمامدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟
ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلىشى زۆرۈردۇر. مانا مۇشۇ ۋەزىپە ئۈچۈن، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى ۋە جەننەت – جەھەننەمنى ياراتتى. مانا بۇ پۈتۈن كائىناتنىڭ يارىتىلىشىدىكى غايىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾(65/«تالاق»: 12). ئىنسان بۇ نۇقتىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىبادەت قىلىش كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم﴾(51/«زارىيات»: 56).
كىتابنىڭ ئىلگىرىكى نەشرلىرىدىكى ھالال ۋە ھاراملار
«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئۇشبۇ كىتابىمنىڭ ئىلگىرىكى نەشرلىرىدە، ئىنساننىڭ زاھىرىي ئەمەللىرى بولغان: تىل، كۆز، سەزگۈ ئەزالار ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ ئەمەللىرى ھەققىدە سۆزلەنگەن ئىدى. بۇ نۇقتىلارنى سۆزلەش جەريانىدا، باشقا ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭمۇ بارلىقىغا، بۇ ئىشلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا تونۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن مۇھىمراق، قاتتىقراق ۋە گۇناھىنىڭ ئېغىرراق ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىنغانىدى. بۇ ھارام قىلىنغان ئىشلار بولسا، تەسەۋۋۇف(2) ۋە سۇلۇك(3) ئالىملىرى «قەلبلەرنىڭ ئەمەللىرى» دەپ ئاتىغان ئىشلاردۇر.
مەزكۇر كىتابىمنىڭ بىرىنچى نەشرىدە، قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىكى ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ مۇھىملىقىغا ۋە دىنىمىزنىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا قاتتىق يول تۇتقانلىقىغا ئىشارە قىلىپ ئۆتكەنىدىم. بۇلار ئىمام غەززالىي ۋە باشقا ئالىملار «ئەلمۇھلىكات (ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار)» (شەخسنى ۋە جامائەتنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاك قىلىدىغان قىلمىشلار) دەپ ئاتىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار بۇنى مۇنۇ ھەدىستىن ئالغان: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق(4)، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قاتارلىقلار»(5).
پېقىر ئۇ ۋاقىتتا، قەلبنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە سۇلۇك» ئىلمىدە سۆزلىنىشى ئەڭ ياخشىدۇر دەپ قارىغانىدىم. تەسەۋۋۇف ئىلمى بولسا ئەخلاق، ئىسلامىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئىسلامىي سۇلۇكقا ئالاقىدار بولغان ئىلىمدۇر. بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ دىنىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىش كېرەك. كەمىنە كېيىنچە، بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان بىرقانچە كىتاب يازدىم: بۇلاردىن «سۇلۇك فىقھىسى» نامىدا ئالتە قىسىم نەشر قىلىنىپ بولدى(6).
لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇشبۇ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق كىتابىمدا بۇ ھەقتە توختالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا مالامەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن خەۋەردار، يازمىلىرىمنى ئوقۇيدىغان ۋە پىكىر يۆنىلىشىمنى ياخشى بىلىدىغان بەزى قېرىنداشلىرىم قەلب قىلمىشلىرىنى تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىكى بەزى تۇتۇقلۇقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بارىدا، بۇ ھەقتە ئاز بولسىمۇ بىرنەرسە يېزىشىمنى سەمىمگە سالدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي، تۆۋەندىكى سەھىپىلەردە بۇ ھەقتە توختىلىمەن.
ئىمام غەززالىينىڭ قەلبنىڭ ئاجايىباتلىرى ھەققىدىكى مۇقەددىمەسى
ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)» ئاتلىق كىتابىنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ يازغان بولۇپ، ھەربىر بۆلىكىنى ئون باب قىلغان. دېمەك، بۇ ئەمەلىيەتتە قىرىق بابلىق كىتابتۇر.
كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئىبادەتلەر ھەققىدە، ئىككىنچى بۆلىكىدە ئادەتلەر ھەققىدە، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلىكىدە، يەنى كىتابنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، سۇلۇك ۋە ئەخلاقتىكى ئىنساننى ھالاكەتكە تاشلايدىغان قىلمىشلار ۋە ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەر ھەققىدە سۆزلەنگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبكە ئالاقىدار ئىشلاردۇر.
ئىمام غەززالىي «مۇھلىكات (ھالاكەتكە تاشلىغۇچى قىلمىشلار)» نامىدىكى (ئۈچىنچى — ت) بۆلەكنىڭ بىرىنچى بابىنى قەلبنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئۇنى تۈزەشكە، رۇسلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ياخشى قاراشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بايان قىلغان ھالدا، قەلبنىڭ ئەمەللىرىنى شەرھلىگەن پەسىل بىلەن باشلىغان. ئىمام غەززالىي مۇقەددىمىدىن كېيىنلا مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ شەرىپى ۋە ئۇنى باشقا نۇرغۇنلىغان مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلغان پەزىلىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇشقا بولغان تەييارلىقى بىلەندۇر. ئاللاھنى تونۇش بولسا دۇنيادا ئىنساننىڭ گۈزەللىكى، كامالىتى ۋە ئىپتىخارىدۇر. ئاخىرەتتە بولسا، ئۇنىڭ قورالى ۋە زاپاس ساقلانغان ئەمىلىدۇر. شەكسىزكى، ئىنسان ئاللاھنى تونۇشقا باشقا بىر ئەزاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبى بىلەن تەييارلانغان. ئۇ قەلب ئاللاھنى بىلگۈچى، ئاللاھقا يېقىنلاشقۇچى ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچى ئورۇندۇر. ئۇ قەلب ئاللاھ تەرەپكە يۈرگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ دەرگاھى ۋە ئالىي ھۇزۇرىدىكىنى بىلگۈچىدۇر. باشقا ئەزالار بولسا قەلبكە خىزمەت قىلىدىغان ۋە قەلب خۇددى خوجايىن قۇلىنى ئىشلەتكەندەك، پادىچى ماللىرىنى باشقۇرغاندەك ۋە ھۈنەرۋەن ھۈنەر جابدۇقلىرىنى ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىغان خىزمەتكارلاردۇر.
دېمەك، قەلب ئاللاھنىڭ غەيرىيگە باغلىنىشتىن يىراق بولغان چاغدىلا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان، ئەگەر ئاللاھنىڭ غەيرىي بىلەن بولۇپ كەتسە، ئاللاھنى تونۇشتىن پەردىلىنىپ قالىدىغان نەرسىدۇر. تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ، خىتاب قىلىنىدىغىنىمۇ، ئەيىبلىنىدىغىنىمۇ قەلبتۇر. ئاللاھقا يېقىنلىشىش بىلەن بەختلىك بولىدىغان، ئەگەر ئىنسان ئۇنى پاكلىسا نىجات تاپىدىغان، مۇبادا ئۇنى كىرلەتسە ۋە پىسقى – پۇجۇر بىلەن يۆگىسە خار ۋە بەختسىز بولىدىغىنىمۇ مۇشۇ قەلبتۇر. ھەقىقەتكە ئەگىشىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغىنمۇ قەلبتۇر. باشقا ئەزالار قىلىۋاتقان ئىبادەتلەر بولسا قەلبنىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغىنىمۇ قەلبتۇر، باشقا ئەزالارغا ئۆتۈپ كەتكەن گۇناھ – مەئسىيەتلەر بولسا قەلبنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىدۇر. دېمەك، قەلبنىڭ قارىداپ ياكى نۇرلىنىپ كېتىشى بىلەن زاھىرىي بەدەننىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە ناچارلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى، ‹قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ›. ئەگەر ئىنسان قەلبىنى تونۇسا، ئۆزىنى تونۇيدۇ؛ ئەگەر ئۆزىنى تونۇسا، رەببىنى تونۇيدۇ. مۇبادا ئىنسان قەلبىنى بىلمىسە، ئۆزىنى بىلمەيدۇ؛ ئوخشاشلا ئۆزىنى بىلمىسە، رەببىنى بىلمەيدۇ. قەلبىنى بىلمىگەن ئىنسان باشقا نەرسىنى تېخىمۇ بەك بىلمەيدۇ. چۈنكى، خالايىقلارنىڭ كۆپىنچىسى قەلبلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نەپسلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر توسالغۇ پەيدا بولىدۇ – دە، نەتىجىدە ئاللاھ ئىنسان بىلەن قەلبىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قويىدۇ.
ئاللاھنىڭ بۇ خىل توسۇپ قويۇشى ئىنسان قەلبىنى ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنىڭ كائىناتتىكى ئىزنالىرىنى كۆرۈشتىن، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرۇشىنى، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىدا قانداق ئۆرۈلۈپ – چۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، گاھىدا قانداق قىلىپ شەيتانلارنىڭ تەبىقىسى بولغان ئەڭ تۆۋەن تەبىقىگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە گاھىدا يەنە قانداق قىلىپ مۇقەررەب (ئاللاھقا يېقىن قىلىنغان) پەرىشتىلەرنىڭ ماقامى بولمىش ئەڭ ئۈستۈن مەرتىۋىلەرگە ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلىشتىن توسۇپ قويىدىغانلىقى بىلەن بولىدۇ.
كىمكى قەلبىنى كۆزىتىشنى ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلىشنى بىلمىسە، ئاللاھنىڭ بىپايان مۈلكىدىكى ھېسابسىز خەزىنىلىرىدىن ئۆزىگە بېرىلىدىغان ۋە ئۆزىدە كۆرۈلىدىغانلىرىنى كۈتكەن دەرىجىدە تونۇمىسا، ئۇ كىشى ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە سۈپەتلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ: ﴿سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار! ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر﴾(59/«ھەشر»: 19).
دېمەك، قەلبنى ۋە قەلب سۈپەتلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇش دىننىڭ ئۇلى ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگۈچىلەرنىڭ يولىنىڭ ئاساسىدۇر»(7).
تۆۋەندىكى سەھىپىلەردە ئىنساننىڭ ئەخلاقىغا بولغان خەتىرى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەيمىز.
«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
1. تامۇغ: دوزاخ، جەھەننەم؛ ئۇچماق: جەننەت. قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، I (2016)، 162 -، 698 – بەتلەر. — ت.
2. تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، بۇ يەردە ئاپتورنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەۋر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەپسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەپسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەپسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇپلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر. — ت.
3. سۇلۇك (السُّلُوكُ): يول ئېلىش، يۈرۈش مەنىسىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملىرى تۇتقان يولدا مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇف ئەھلىمۇ ئۇنى بىلئىتتىپاق مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «بەندىنىڭ دۇنياغا بېرىلىش، ھەسەت، كىبىر، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، كۆرەڭلەش، يالغانچىلىق، غەيۋەت ۋە زۇلۇم قاتارلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى پاكلاش، نەپسىنى ئىلىم – مەرىپەت، ھايا، رازىمەنلىك، ئادالەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت». ئاپتورمۇ مۇشۇ مەنىنى كۆزدە تۇتقان. بۇ يولدا مېڭىپ ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشى ۋە شەھۋەتلىرىگە قارشى ئىش تۇتۇپ تائەت – ئىبادەت ۋە زىكىر ئارقىلىق ئاللاھقا قاراپ ماڭغۇچى «سالىك (السَّالِكُ)»، تۇتقان يولى بولسا «مەسلەك(الْمَسْلَكُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام تەھانەۋىي: «كەششافۇ ئىستىلاھاتىل فۇنۇن»، 1 – توم، 969 – بەت. — ت.
4. بۇنى ئىمام راغىب: «بېخىللىقنىڭ ئىتائەت قىلىنىدىغىنىلا تىلغا ئېلىنىشى، بېخىللىقنىڭ ئۆزى ئىنسان تەبىئىتىدە بار، ئەمما ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمىغاچقا، ئۇ ئەيىبلىنىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ بېخىللىق قىلغاندا ئاندىن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، بۇ يەردە چەكلەنگىنى بېخىللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىدە بار بولغان بېخىللىققا ئىتائەت قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بېخىللىققا ئىتائەت قىلمىغانلارنى مەدھىيەلىگەن ۋە ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 9). — ت.
5. «مۇسنەدۇ بەززار»، 7293 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 5452 – ھەدىس؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2 – توم، 160 – بەت؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 745 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 453 – ھەدىس) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 654 – ھەدىس) «بۇ ھەدىس بىرقانچە ساھابىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدلىرىنىڭ بىرىمۇ تەنقىدتىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇغلانمىسى ئىنشائاللاھ ھەسەن دەرىجىگە يېتىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
6. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي «سلسلة في فقه السلوك في ضوء القرآن والسنة — في الطريق إلى الله (قۇرئان ۋە سۈننەت شولىسى ئاستىدا سۇلۇك فىقھىسى يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى — ئاللاھقا مېڭىش يولى)» نامىدا نەشر قىلغان بۇ ئالتە قىسىم كىتاب شۇلاردۇر: 1. «الحياة الربانية والعلم (رەببانىيلىق ھايات ۋە ئىلىم)» (1995)؛ 2. «النية والإخلاص (نىيەت ۋە ئىخلاس)» (1995)؛ 3. «التوكل (تەۋەككۇل قىلىش)» (1996)؛ 4. «التوبة إلى الله (ئاللاھقا تەۋبە قىلىش)» (1998)؛ 5. «الورع والزهد (تەقۋادارلىق ۋە زاھىدلىق)» (2010)؛ 6. «المراقبة والمحاسبة (ئۆزىنى كۆزىتىش ۋە ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش)» (2017). — ت.
7. ئىمام غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 302 – بەت.