بانكىلار ھەدىيە بېرىدىغان «ئالتۇن پۇئان» غا ئوخشىغان ماددىي مۇكاپاتلارنىڭ ھۆكمى

بانكىلار ھەدىيە بېرىدىغان «ئالتۇن پۇئان» غا ئوخشىغان ماددىي مۇكاپاتلارنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز، تۈركىيەدە بەزى بانكىلاردا بانكا كارتىسى (كرېدىت كارتا ئەمەس) بىلەن (پۇلتۇتارغا كارت سۈركەپ ياكى توردىن تاۋار سېتىۋېلىپ) قىلىنغان چىقىم مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە «ئالتۇن پۇئان» بېرىدىغان، يەنە بەزى بانكىلاردا بونۇس (Bonus) پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تاۋار سېتىۋالسا بونۇس پۇئان ھېسابلاپ لىرا بېرىدىغان ئىشلار بار. مەزكۇر ھەدىيە ئالتۇن ۋە بونۇس لىرالارنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بانكىدا ھېسابات ئېچىپ پۇل ئامانەت قويغان ئەھۋالدا بانكا بىلەن ئامانەت قويغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى «قەرز بەرگۈچى» بىلەن «قەرزدار»نىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئامانەت قويغۇچى ــ قەرز بەرگۈچى، بانكا ــ قەرزداردۇر(1).

بانكا تەرىپىدىن ئۆزىدە ھېسابات ئاچقان ئامانەت قويغۇچى شەخسلەرگە بېرىلىدىغان ئالتۇن پۇئان ياكى بونۇس لىرا خاراكتېرىدىكى ماددىي مۇكاپات ۋە ياكى ھەدىيە (لەر) ماھىيەتتە قەزر ئالغۇچى (بانكا) تەرىپىدىن قەرز بەرگۈچى (ئامانەت قويغۇچى) غا مەزكۇر بانكىدا قويغان قەرز پۇل سەۋەبلىك بېرىلگەن ئۆسۈمدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەزر ئالغۇچى (بانكا) نىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگۈچى (ئامانەت قويغۇچى) گە بەرگەن ئالتۇن پۇئان/ بونۇس لىرا مۇكاپات ياكى ھەدىيەسى ھارامدۇر.

مۇبادا بۇ ئالتۇن پۇئان ياكى بونۇس لىرا مۇكاپاتلار بانكىلار تەرىپىدىن ئۆز بانكىسىدا پۇل ئامانەت قويمىغان كرېدىت كارتا ئىگىسىگە بېرىلىدىغان بولسا ئىدى، قەرز بەرگۈچى (بانكا) تەرىپىدىن قەزر ئالغۇچى كرېدىت كارتا ئىگىسىگە ھەدىيە ئورنىدا جائىز بولغان بولاتتى. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا بانكا قەرز ئالغۇچى ئەمەس، قەرز بەرگۈچىدۇر. ئەمما، بانكىدا پۇل ئامانەت قويغان كرېدىت كارتا ئىگىسىگە بېرىلىدىغان ھەدىيە بولسا ئوخشاشلا ھارامدۇر.

جازانە مۇئامىلىسى قىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئايەتلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ) : «سودا – سېتىق جازانىگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275).

مەزكۇر ھەدىيەلەرنىڭ جازانىگە ياتىدىغانلىقى پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە، ساھابە كىراملەرنىڭ ۋە مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ بايانلىرىدا ھەتتا ھازىرقى زامان فىقھ كومىتېتلىرىنىڭ قارارلىرىدا ئېنىق كەلگەندۇر.

ئەبۇ بۇردە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن مەدىنەگە كېلىپ ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇچراتتىم. ئۇ:

ــ كەلمەمسەن؟ ساڭا تالقان، خورمىلارنى يېگۈزۈپ مېھمان قىلاي، يەنە تېخى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرگەن) بىر كاتتا ئۆيگە كىرىسەن، ــ دېدى. ئاندىن:

ــ سەن جازانە يامراپ كەتكەن بىر يۇرتتا (ئىراقتا) تۇرىسەن، ئەگەر بىر ئادەمدە ئېلىشىڭ بولۇپ، ئۇ ساڭا بىر ئۇلاغ سامان، يا بىر ئۇلاغ ئارپا، ۋەيا بىر ئۇلاغ ئوت چۆپ ھەدىيە قىلسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلما، چۈنكى، ئۇ جازانە بولىدۇ، ــ دېدى(2).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

«بىرىڭلار بىراۋغا قەرز بېرىپ تۇرسا، ئاندىن قەرز ئالغان كىشى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە ھەدىيە قىلسا ياكى ئۇنى بىرەر ئۇلاغقا مىندۈرۈپ قويسا، ئۇ بۇ ھەدىيەنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىسۇن ۋە ئۇلاغقا مىنمىسۇن، لېكىن مۇشۇنداق سوۋغا ـ سالام بېرىش قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ تۇرغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ»(3).

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: «قەرز بەرگەندە قارشى تەرەپكە ئۆيىنى ئىجارە بېرىشىنى ياكى ئۆزىگە بىرنەرسە سېتىپ بېرىشنى ۋەياكى قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆزىگە بىر قېتىم بولسىمۇ قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى شەرت قىلسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سودا بىلەن قەرزنى بىرلىكتە قىلىشتىن توسقان. يەنە بۇ قىلغىنى بىر توختامدا يەنە بىر توختامنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خۇددى بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە ئۆيىنى ساتقاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىنى ئۆزىگە سېتىپ بېرىشىنى شەرت قىلغىنىغا ئوخشاش. ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئۆيىنى بازار نەرخى ئىجارىدىن ئەرزانراق ئىجارە بېرىشنى شەرت قىلسا، ياكى ئۆز ئۆيىنى بازار نەرخىدىن قىممەت باھادا ئىجارە ئېلىشنى ياكى ئۆزىگە بىرەر ھەدىيە بېرىشنى ۋەياكى ساتقۇچىغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى شەرت قىلسا تېخىمۇ قاتتىق ھارام بولىدۇ. ئۇ ئىشلارنى شەرتلەشمىگەن تەقدىردىمۇ قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قىلىپ بەرسە ھەم قوبۇل قىلسا يەنىلا جائىز بولمايدۇ. پەقەتلا قارشى تەرەپ قىلىپ بەرگەن بىرەر ئىش قارشىلىقىدا بىر ئىش قىلىپ بەرسە ياكى قەرزىگە ھېسابلىسا ئاندىن بولىدۇ. ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدا قەرز بېرىشتىن بۇرۇنمۇ بولۇپ كەلگەن ئىش بولسا مەيلى»(4).

«ئىسلام فىقھى كومىتېتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بانكىلارنىڭ ئوچۇق ھېسابات ئىگىلىرىگە بېرىدىغان ھەدىيەلىرىنىڭ شەرئىي ھۆكمى بايان قىلىنغان قاراردا ئىزاھلىنىشىچە: «بۇ تۈرلۈك ماددىي ھەدىيەلەرنىڭ ھۆكمى مەيلى شەرت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان بولسۇن، قەرز (يەنى ئامانەت) سەۋەبلىكلا بولىدىكەن، شۇنداقلا سوممىسى ۋە مۇددىتىگە قاراپ بولىدىكەن، بۇ قەرز ئالغۇچى قەرز ئىگىسىگە بېرىدىغان ئۆسۈم تۈرىگە كىرىدىغان بولغاچقا جائىز ئەمەستۇر»(5).

«شەرئىي ئۆلچەملەر»دىمۇ قەرزدە شەرت قىلىنمىغان مەنپەئەتكە ئالاقىدار ئەھكاملار قاتارىدا يۇقىرىقى ھۆكۈم مۇنداق تەكىتلەنگەن: «قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز مۇددىتى ئىچىدە قەرز بەرگۈچىگە بىرەر ماددىي نەرسىنى قەرز سەۋەبلىك بېرىشى، ئەگەر قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇنداق ئادەتلىنىش بولمىسا، جائىز بولمايدۇ»(6).

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، مەزكۇر ھەدىيە ۋە مۇكاپاتلار، شۇنداقلا كارتا بىلەن بىرنەرسە سېتىۋالمىسىمۇ بانكا تەرىپىدىن ھېسابقا كىرگۈزۈپ قويىلىدىغان ھەدىيە ۋە مۇكاپاتلار كارتا ئىگىسىگە ھارام بولغاچقا، ئۇ قولىغا كىرىپ قالغان تەقدىردە ئۇنى ئۆزى خەجلىمەي، موھتاجلارغا ساۋاب ئۈمىد قىلماستىن بېرىۋېتىش ئارقىلىق قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 9. 17


1. «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 19، البند رقم 10/1. هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 524 – بەت.
2. «بۇخارىي»، 3814 – ھەدىس.
3. «ئىبنى ماجە»، 2432 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى تەيمىيە «ھەسەن» دەپ قارىغان. ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
4. «ئەلمۇغنىي»، 9 – توم، 105 – بەت.
5. قرار رقم: 222 (23/6) « مجمع الفقه الإسلامي الدولي»، المنعقد في دورته الثالثة والعشرين بالمدينة المنورة، خلال الفترة من: 19-23 صفر 1440هـ، الموافق: 28 أكتوبر- ا نوفمبر 2018م،
6. «المعايير الشرعية»، المعيار الشرعي رقم 19، البند رقم 10/1. هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية، 524 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ