كوللېكتىپ سەدىقە فىتىر يىغىپ بىر ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟

كوللېكتىپ سەدىقە فىتىر يىغىپ بىر ئادەمگىلا بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەدىقە فىتىرنى كوللېكتىپ يىغىپ، بىر ئادەم ياكى بىر ئائىلىگىلا بەرسە توغرا بولامدۇ؟ بىز پۇلنى ئېرى تۈگەپ كەتكەن بىر ئاچىمىزغا ئەۋەتمەكچى، «بۇ پۇللار قورسىقى تويغۇدەك يېمەك ئېلىپ بېرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا سەدىقە فىتىر چۈشمەيدۇ…» دەپ بېشىمىزنى قايدۇردى، سەدىقە فىتىر ئەھكاملىرى يەككە بېرىش بىلەن، كوللېكتىپ بېرىشتە پەرقلىق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر كىشى ياكى بىر ئائىلىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىر كىشى ياكى بىر ئائىلە ۋەياكى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىش جائىز بولغىنىدەك، ئەگەر ئېھتىياج بولۇپ قالسا، بىرقانچە شەخس ياكى ئائىلىنىڭ سەدىقە فىترىنى يىغىپ، بىر شەخسكە ياكى بىر ئائىلىگە بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام كاسانىي (ئۆ. ھ. 587 / م. 1191) مۇنداق دېگەن: «سەدىقە فىتىردە بىر كىشىگە ۋاجىب بولغان نەرسىنى بىرقانچە مىسكىنگە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ. بىرقانچە كىشىنىڭكىنىمۇ بىرلا مىسكىنگە بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بېرىش ۋاجىب بولغىنى (سەدىقە فىتىر) زاكات بولۇپ، پۇلنىڭ يىللىق زاكىتىغا قىياسەن ئۇنى يىغىپ، بىرلا مىسكىنگە ياكى بۆلۈپ بىرقانچە مىسكىنگە بېرىش جائىز بولىدۇ»(1).

دېمەك، بۇ يەردىكى ئاساس قىياس بولۇپ، يىللىق زاكاتنى 5 كىشىدىن 100$ دىن 500$ يىغىپ بىر كىشىگە بەرسە بولغىنىدەكلا، 500$ سەدىقە فىتىرنىمۇ يىغىپ، بىر كىشىگە بەرسە بولىدۇ.

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دېگەن: «بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىردىن كۆزلەنگەن مەقسەت يەنى پېقىرلارنى ھېيت كۈنىدە باشقىلاردىن بىرنەرسە سوراتقۇزماسلىق تولۇق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەم بۇ يەردە پەقەتلا ھەربىر شەخس ئۈچۈن بېرىدىغان مىقدار بىلەن بېرىلگۈچىدىكى پېقىرلىق شەرت قىلىنغان بولۇپ، بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بەرگەندە ياكى بىرقانچە كىشىنىڭ سەدىقە فىترىنى بىر كىشىگە يىغىپ بەرگەندە، بۇ ئىككى شەرت تېپىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ھەرئىككىسى جائىزدۇر»(2).

لېكىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلسا نامراتلارنى ھېيت كۈنىدە موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسەت ئادا بولمايدۇ، بەلكىم ئاچارچىلىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېغىر ئەھۋاللاردا مەقسەت ئادا بولۇشى مۇمكىن.

بىرقانچە كىشىنىڭكىنى يىغىپ، بىر كىشىگە بېرىش جائىز بولسىمۇ، ئوخشاش دەرىجىدىكى ياكى ئېغىرراق باشقا موھتاجلارنى بىلگەن ئەھۋالدا ئەگەر ئۇلارغا باشقىلار تەرىپىدىن سەدىقە فىتىر بېرىلمەي، ھېيتتا قىينىلىپ قالىدۇ دەپ قارىسا، ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەممىنى بىر كىشىگە يىغىپ بېرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا موھتاجلار بولمىغان ئەھۋالدا يىغىپ بەرسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 9 – رامازان / م. 2021، 11 – ماي


1. كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 4 – ج، 135 – بەت.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 4 – ج، 140 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ