بوۋاققا ئىسىم قويغاندا قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىش ھەققىدە

بوۋاققا ئىسىم قويغاندا قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! يېقىندا دىيارىمىزدا «تۇغۇلغان بوۋاققا ئىسىم قويغاندا قۇلاققا ئەزان توۋلاش بىدئەت» دەپ بىر گەپ تارقىلىپتۇ، بۇ زادى قانداق گەپ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۆپچىلىك ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ھەسەننىڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلاشنى «مۇستەھەب» دەپ قارىغان.

ئەبۇ راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ھەسەننى فاتىمە تۇغقان ۋاقتىدا مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا نامازغا توۋلىغاندەك ئەزان توۋلىغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دەپ باھالىغان ۋە «مۇشۇ بويىچە ئەمەل قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.(1)

بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى «زەئىف» دەپ قاراپ، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلاش مۇستەھەب بولمايدۇ، دېگەن.

بۇ قاراش ئوخشاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈچ نەرسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ:

1. ئەھلى ئىلىملەر ئوتتۇرىسىدا زەئىف ھەدىسكە ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان.

2. بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلاش ھەققىدە كەلگەن يۇقىرىقى ھەدىسكە ھۆكۈم قىلىشتا ئوخشىمىغان يەكۈنلەر چىقىرىلغان. تىرمىزىي، ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق ئالىملار بۇ ھەدىسنى «ھەسەن» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر «زەئىف» دەپ قارىغان.(2) دېمەك، ھەسەن دەپ قارىغانلار ياكى زەئىف ھەدىسكە ئەمەل قىلىمىز دېگەنلەر بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىۋەرگەن. بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن ۋە زەئىف ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغانلار، ئەمەل قىلمىغان.

3. ئاشۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئاسىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئاسىم ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب دېگەن تابىئىننى كۆپچىلىك ھەدىسشۇناسلار «زەئىف» دەپ قارىغان بولسىمۇ، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، سۇفيان سەۋرىي، شۇئبە، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىشەنچلىك ھەدىسشۇناسلار ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئاسىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنى كۆپچىلىك ھەدىسشۇناسلاردەك «زەئىف» دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئىنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەەسللەم ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن تۇغۇلغان كۈنى قۇلىغىغا ئەزان توۋلىدى، ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر توۋلىدى»(3) دېگەن «زەئىف» ھەدىسمۇ كۈچلەندۈرىدۇ دەپ قارىغانلارمۇ، كېيىنكىسى بەكلا زەئىف بولغاچقا، ئۇنى كۈچلەندۈرەلمەيدۇ دەپ قارىغانلار بولغان. نەتىجىدە ئەزان توۋلاش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا «ھەسەن» دەرىجىدىكى ھەدىسكە تايانغان، تەكبىر توۋلاش «زەئىف» ھەدىسكە تايانغان بولىدۇ.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلاش «بىدئەت» بولماستىن «مۇستەھەب» بولىدۇ. ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغاندىن كېيىن، ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تۇتسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئەزان توۋلىغانلارغا ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. خاھلىغانلار ئەزان توۋلىمىسا ئىختىيارى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 20 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 118 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————-
1. «تىرمىزىي»، (1514).
2. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، 30 – بەت؛ ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9/347؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (6121). شەيخ ئالبانىي دەسلەپتە ئاسىمنىڭ رىۋايەتىنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتىگە ئاساسلىنىپ ھەسەن دەپ، كېيىنچە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتىنىڭ ئىنتايىن زەئىف ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ئاسىمنىڭ رىۋايەتىنى زەئىف دېگەن.
3. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (8255).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ