نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى «رابىتە»نىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، نەقشىبەندىييە تەرىقىتى، «مەنزىل جامائىتى»دىكى بىر مۇرىت بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. بىر كۈنى شام نامىزىدىن كېيىن ئۇ بىر ھازا ئولتۇردى، نېمە قىلغىنىنى سورىسام «رابىتە» دەپ ئۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى: ئۇ شەيخىنى نۇر ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن ۋە شەيخىدىن ئاللاھنىڭ شەيخىگە بەرگەن نۇرىنى ئۆزىگە بېرىشىنى سورايدىكەن ۋە بىر نۇرنىڭ شەيخىدىن چىقىپ پېشانىسىدىن كىرىپ بەدىنىگە يېيىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن. ھەممىسى تەسەۋۋۇرىدا بولىدىغان بۇ ئىش بەك غەيرى تۇيۇلدى. يەنى، شەيخىگە ئاللاھ نۇر بەردى دېسەكمۇ، ئۇ بۇنى خەلققە بېرەلەمدۇ دېگەندەك… سوئاللار تۇغۇلدى، يەنە كېلىپ، ئۇ ئۆزى بۇ ئىشنىڭ دەلىلىنى بىلمەگلىك. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

رىشتە ياكى ئالاقە، ياكى مۇناسىۋەت مەنىسىدىكى «رابىتە» ياكى يۈزلىنىش مەنىسىدىكى «تەۋەججۇھ» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىبادەت ئۇسۇلى شەرىئەت كۆرسەتمىگەن، بىدئەت ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

ئىمام رەشىد رىزا «مەنار»دا «تەۋەججۇھ» بىلەن «رابىتە» ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يوللۇق ئىبادەتلىكىگە دەلىل يوقلىقىنى، ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار شېرىككە بېرىپ قالىدىغانلىقىنى خۇلاسىلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«سۆزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ‹تەۋەججۇھ› ياكى ‹رابىتە› ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەس. ئۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگىمۇ دەلىل يوق. ئۇنى ئۆز ئالدىغا يوللۇق بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ: (ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟)(1)

 شۇنىڭدەك، بۇ يەنە ئاللاھنىڭ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئاساس – ئۇللىرى بايان قىلىنغان مۇنۇ سۆزى قاتارىغىمۇ كىرىپ قالىدۇ: (ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم پەقەتلا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.»)(2)

 ئىمام رەشىد رىزا يەنە: تەسەۋۋۇپ ئىماملىرى ۋە كاتتىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى دىندىن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى پەقەت بەزىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىر ۋەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ناۋادا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى ۋە باشقا تەرىقەتلەردىكى مۇقەللىد(3) ئاۋاملار بۇ ئىشلارنى ئېنىق بىلىدىغانلارنىڭ مەقسىتىنى بىلمەستىن بۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئېسىلىۋېلىپ قالسا ئازغۇنلۇققا ۋە ئېنىق يا يوشۇرۇن شىرىككە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىن پىرلەر، ۋەلىيلەر، ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدىمۇ پايدا – زىيان يوق يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «رابىتە» گېپىنى قىلغان بەزى سالىھلارغا قارىتا يامان ئويدا بولماي، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىندا ھۆججەت ئەمەسلىكىنى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا ياتىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شەرىئەتتە ئۇنىڭ دىندا تەلەپ قىلىنغان بىر ئىبادەتلىكىگە دەلىل بولغان بولسا ئىدى، ئۇ دىننىڭ جەۋھىرى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنى تونۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، ساھابە ۋە تابىئىنلار ئۇقماي قالماس ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنىڭغا بۇيرۇغان، ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇتەۋاتىر شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان بولاتتى».

 مەلۇمكى، شەيخ رەشىد رىزامۇ بۇرۇن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدە بولغان. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ئالىمنىڭ سۆزىنى تەرىقەتنى چۈشەنمەي گەپ قىلىدۇ دەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىمام رەشىد رىزا كۇئالالۇمپۇردىن بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن: بۇ مەسىلىدە ھەقنى بايان قىلىشقا مەن ئەڭ لايىق ۋە ھەقلىق كىشىلەردىن بىرى دېسەم، ئۆزۈمنى راستچىل دېيەلەيمەن. بۇ بارىسىدا سەۋەبنى بايان قىلىپ قالسام، ئىنساپلىق ھەر بىر ئاقىل بۇنىڭغا ماقۇل كېلىدۇ دېيەلەيمەن. بۇنداق دېيەلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدە سۇلۇك تۇتۇپ ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ۋە ئەڭ مەخپىي ئىنچىكە سىرلىرىنى بىلگەنمەن. تەسەۋۋۇپ دېڭىزىنى كېچىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلەرنى، دولقۇنلىرى قىرغاقلارغا ئەچىقىپ تاشلايدىغان تاپلارنىمۇ كۆرگەنمەن. ئاخىرى بېرىپ مەن دىندا يول تۇتۇشتا سەلەف – سالىھلەرنىڭ يولىغا بېرىپ توختىدىم ۋە ئۇنىڭغا زىت كەلگەن ئىشلارنىڭ ئېنىق ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدىم».(4)

بۇنىڭغا شەرىئەتتىن دەلىل يوقلىقىنى نەقشىبەندىييە تەرىقەتكە مەنسۇپ ئالىملاردىن ئىمام ئەلۇسى «رۇھۇلمەئانىي» تەپسىرىدە بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر رابىتىنىڭ بەرىكىتى بىلەن قەلب ئۆزىگە قۇيۇلىدىغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلارغا تەييار بولۇشى ئۈچۈن ‹رابىتە› گېپىنىمۇ قىلغان بولۇپ، شەرىئەتنى بەلگىلەپ بەرگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياكى ئۇنىڭ خەلىپىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تايانغۇدەك بىرەر دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمەن».(5)

بۇ مەزمۇننى ئىمام رەشىد رىزامۇ يۇقىرىقى پەتىۋاسىدا ئىمام ئەلۇسىدىن نەقىل ئېلىپ كەلتۈرگەن. مەلۇمكى، ئىمام ئەلۇسى خالىد نەقشىبەندىينىڭ شاگىرتىدۇر.

خالىد نەقشىبەندىيگە مەزكۇر رابىتىنى ئىسپاتلاپ يازغان بىر رىسالە مەنسۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ رىسالە ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە يېزىلغان بولغاچقا، يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن بۇ رىسالە خالىد نەقشىبەندىينىڭ ئىسمىدا مەلۇم مەقسەتتە باشقىلار تارقاتقان رىسالە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ رىسالىدە رابىتىنىڭ شەكلى، شەرتى ۋە ياكى باشقا تۈزۈك مەلۇماتلار كەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ رىسالە ئىلگىرى تەسەۋۋۇپ ساھەسىدە تۈزۈك تىلغا ئېلىنمايدىغان «رابىتە» مەسىلىسىنى قوزغاتقان. نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر كېيىنچە، بۇ ئىشنى يوغىنىتىپ ئالاھىدە شەكىل پەيدا قىلىپ، مۇرىتنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرىدىن قىلىۋالغان ۋە زەمەخشەرىي، غەززالى، ئەكمەلىددىن، سەھرۇۋەردى، ئىبنى ھەجەر ۋە سۇيۇتىيلارنىڭ سۆزلىرىدىن رابىتىغا مۇناسىۋەتسىز نەقىللەرنى كەلتۈرۈپ رابىتىنى ئىسپاتلاشقا كۈچەپ باققان. تېخى يەنە بەزىلەر ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل ئىزدەپ، بۇنى خۇددى ئايەت ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن زىكىر ۋە ئىبادەت ئۇسۇلى قاتارىغا تىزىشقا ئۇرۇنۇپ بىھۇدە ئاۋارە بولغان. ھالبۇكى، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇپ كاتتىلىرىدىن بۇ خىل رابىتە توغرىسىدا توختالغانلار يوق. پەقەتلا ھىجرىيە 11 – ئەسىردە ئۆتكەن نەقشىبەندىييە شەيخلىرىدىن تاجىددىن ئىبنى زەكەرىيا ئەلھىندىينىڭ نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى ھەققىدە يازغان رىسالىسىدىلا ئازغىنە مەلۇمات كەلگەن.(6) بۇمۇ، ئۇنىڭ كېيىنچە پەيدا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام رەشىد رىزانىڭ يۇقىرىقى «تەسەۋۋۇپ ئىماملىرى ۋە كاتتىلىرى ئۇنى دىندىن دەپ قارىمايدىغانلىقى» دېگەن سۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، يېقىنقى زامان مۇتەسەۋۋىفلەردىن شەيخ بۇتىمۇ بۇ ھەقتە سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«ئىمام رەببانى ‹مەكتۇبلار› ناملىق كىتابىدا، زىكىر قىلغۇچى زىكىرگە ئولتۇرغىنىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىغا باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنى قېتىپ زىكىر قىلىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ بايان قىلغان».(7)

دەرھەقىقەت، تەسەۋۋۇپ پىشىۋالىرىدىن ئەلجۇنەيد، جىيلانىي ياكى دۇسۇقىيلارغا ئوخشىغان ئىلگىرىكىلەردىن «رابىتە» توغرىسىدا بىرەر تەۋسىيە تېپىلمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ساھابىلىرىگە ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ مېنى ئويلاپ، ئاندىن ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا كىرىڭلار دېمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا: («ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي»)(8) دېگەن ئايىتى ئارقىلىق پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشنى، ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ ئالامىتى ۋە بەلگىسى قىلىپ كۆرسەتكەن.

ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن دۇنياغا تونۇلغان ۋە ھىجرىيە 1307 – يىلى ۋاپات بولغان پەزىلەتلىك ئەمىر شەيخ مۇھەممەد سىددىق ھەسەن خان ئەلقىننەۋجى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ، ئىراقنىڭ مۇفتىسى ئىمام ئەلۇسى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى نۇئمان ھەزرەتلىرىنىڭ: «نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان ‹رابىتە› ھۆكمىدە جانابلىرى قانداق قارايدىلا؟ ئۇنىڭ قۇرئان – ھەدىستىن كۈچلۈك ئاساسى بارمۇ ياكى ئۇ پەيدا قىلىنغان ئىش بولۇپ، بەزى دانىشمەنلەرنىڭ ئىجتىھادىمۇ؟» دېگەن مەزمۇندىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «‹رابىتە› مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ مۇنكەر بىدئەتلەردىن ئىكەنلىكى ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇمدۇر. ئۆز زامانىسىنىڭ مۇھەددىس ئەللامىسى شەيخ ئەھمەد ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋى ھەزرەتلىرىمۇ ‹ئەلقەۋلۇلجەمىيل› دېگەن كىتابىدا ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭدىن توسقان».

شەيخ سىددىق ھەسەن خان يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شېھىد ئەللامە مۇھەممەد ئىسمائىل دېھلەۋى ھەزرەتلىرىمۇ پارسچە يازغان ‹سىراتۇلمۇستەقىم› دېگەن كىتابىدا: قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئازراق ئىلىم ئىگىلىگەن كىشىگە نىسبەتەن، بۇ ‹رابىتە› شېرككە ياتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر، – دېگەن. مەن (شەيخ سىددىق ھەسەن خان) دەيمەنكى، پىر مەيلى كىم بولسا بولسۇن بىزنىڭ قەلبلىرىمىزنى پىر بىلەن باغلاش بىلەن نېمە ئىشىمىز! قەلبلەر دېگەن ياراتقۇچىسىغا باغلىنىدۇ. (دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپمامدۇ؟)(9) يىغىپ ئېيتساق، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەشايىخلاردىن بىر توپى گەپ – سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئۇ شەكسىز بىدئەت ئىشلاردىندۇر. ئۇنىڭ ھۆكمى مۇتەسەۋۋىفلەر قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىلى يوق ھالدا پەيدا قىلىۋالغان باشقا بارلىق بىدئەتلەرنىڭ ھۆكمىدىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە يوق ھەر قانداق ئىش رەت قىلىنىدۇ›، ‹ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇق، ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاختا› دېگەن مەشھۇر سۆزلىرى بۇنىڭدەك بىر بىدئەتنى رەت قىلىشتا كۇپايىدۇر. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر».(10)

ئىمام ھەسەن ئەلبەننا رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرىدىكى بۇ «رابىتە» مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە قېرىنداش ۋە يېقىنلىرىنى ئويلاپ، ئۇلارغا دۇئا قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنى «ۋىردى رابىتە» دەپ ئاتىغان. بەلكىم، بۇ تەرىقەتلەردىكى بىدئەت رابىتە ئۇسۇلىنى توغرا تەرەپكە قايرىپ تۈزىتىش بولسا كېرەك.

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا ئىمام رەشىد رىزا قاتارلىق نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنى ئەڭ ياخشى بىلگەن ئىشەنچلىك ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن شۇنى خۇلاسىلىيەلەيمىزكى، نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى «رابىتە» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىبادەت ئۇسۇلى شەرىئەت كۆرسەتمىگەن، بىدئەت ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار ئىمام رەشىد رىزا دېگەندەك شىرىككە بېرىپ قالىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2016. 11. 6

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 117 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «شۇرا» سۈرىسى، 21 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
2. «ئەئراف» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
3. «مۇقەللىد»: دەلىلگە تايانماستىن باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى.
4. «مەنار ژۇرنىلى توپلىمى»، 2/516.
5. «روح المعاني»، 28/107.
6. «الطريقة النقشبندية بين ماضيها وحاضرِها»، للشيخ فريد الدين آيدن. Feriduddin AYDIN ص 66.
7. «استفتاءات الناس للإمام البوطي». موقع نسيم الشام. السؤال 230. ص 115.
8. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 31 – ئايەت.
9. «رەئد» سۈرىسى، 28 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
10. «التاج المكلل من جواهر مآثر الطراز الآخر والأول»، طبع وزارة الأوقاف والشئون الإسلامية – قطر، ص 511 – 512.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز