دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاشنىڭ ھۆكمى

دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش ھەققىدە ھەرخىل گەپلەر بولىۋاتىدۇ… بەزىلەر سۈننەت دىسە، بەزىلەر بىدئەت دەۋاتىدۇ… بۇنىڭ ئەڭ توغرا يولى قايسى؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

دۇئادا قول كۆتۈرۈش، دۇئانىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى قاتارىدىكى سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئىشلاردىن بولۇپ، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەردىندۇر.

1.  قاراش: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش چەكلىنىدۇ. بۇ قاراشتىكى ئۆلىمالارغا ئىمام سۇفيان سەۋرىي، ئىززىددىن ئابدۇسسالام، ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى بىر قاراشتۇر. بۇلار بۇ چەكلەشنى يولغا قويۇلمىغان ئىبادەت، مەكروھ، بىدئەت دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن.

ئىمام ئىززۇددىن ئابدۇسسالام: «دۇئادىن كېيىن پەقەت نادان كىشىلا يۈزىنى سىلايدۇ» دېگەن.(1)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئادا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن، ئەمما يۈزىنى قوللىرى بىلەن سۈرتۈشى ھەققىدە دەلىل بولالمايدىغان بىر ياكى ئىككى ھەدىستىن باشقا ھەدىس يوقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم» دېگەن.(2)

«سەئۇدى ئەرەبىستان پەتۋا كومىتېتى»مۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «دۇئا دېگەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئالقانلار بىلەن يۈزىنى سىلاش توغرىسىدا يا ئاغزاكى، يا ئەمەلىي سۈننەت ئىسپاتلانمىغان، بەلكى زەئىف يوللاردىن رىۋايەتلەر كەلگەن. شۇڭلاشقا دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش يولغا قويۇلمىغاندۇر».(3)

2.  قاراش. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بولمىسىمۇ، زەئىف ھەدىسلەردىن بىرنەچچىسى كەلگەن ۋە بۇ ھەدىسلەر بىرى – بىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، ھەسەن دەرىجىسىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش سۈننەت ياكى مۇستەھەب بولىدۇ. بۇ تۆت مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش بولۇپ، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ۋە فەقىھلەردىن ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، بەيھەقىي، نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى ھەجەر، سۇيۇتىي، سەنئانىي ۋە شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەتتە يۈزىنى سىلىغانلىقى كەلگەن.(4)

يۈزنى سىلاش بىلەن دۇئانىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت يەنە مۇنداقمۇ تەھلىل قىلىنغان: ئاللاھ تائالا دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قولنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغان بولغاچقا، دۇئادىن كېيىن قوللارغا رەھمەت چۈشكەن بولىدۇ. ئۇ رەھمەتنى بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىنىدىغىنى ۋە ئەڭ ئىززەتلىكى بولغان يۈزگە سۈرۈش مۇناسىپ كېلىدۇ. دېمەك، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش ئىككى ئالقىنى ياخشىلىق بىلەن لىق تولغان ۋە ئۇنى يۈزىگە قۇيغاندىن ئىبارەت ئۈمىدۋارلىق ۋە بېشارەت ئېلىشنى ئىپادىلەيدىغان ئىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن يۈزنى سىلاش دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھالىتىگە ماس كېلىدۇ.(5)

3.  قاراش. ئىمام ئەھمەدتىن يۇقىرىقى ھەر ئىككى قاراش كەلگەندەك، يەنە تېخى بۇ ئىشنى مەكروھ ياكى مۇستەھەب دېمەستىن، مۇباھ دائىرىسىدە رۇخسەت قىلغانلىقىمۇ كەلگەن. ھازىرقى ئالىملاردىن شەيخ ئۇسەيمىن قاتارلىق سەلەفىي يۆنىلىشتىكى خېلى كۆپ ئالىملار مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش بىدئەتمۇ ئەمەس، مۇستەھەبمۇ ئەمەس، مۇباھتۇر. قىلسا بىدئەتكە چىقىرىلمايدۇ. قىلمىسا ئەمىلى كەم بولۇپ قالمايدۇ.(6)

قارايدىغان بولساق، ئاخىرقى بۇ قاراش يۇقىرىقى ئىككى قاراشنىڭ ئاساسلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ يەكۈنلىگەن قاراشتۇر. ئەگەر بىز ئاخىرقى ئىككى قاراشنى يۈزىنى سىلاشقا بولىدۇ دەپ قارىغانلار دەپ بىرلەشتۈرۈۋەتسەك، قاراشلار «بولىدۇ» ياكى «بولمايدۇ» دەپ ئىككىگە ئىخچاملىنىدۇ.

دەرۋەقە، بۇ ھەقتە بىرىنچى قاراشتىكىلەر ئېيتقاندەك، سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دېگەندەك بىر ياكى ئىككى ئەمەس، يەتتە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان زەئىف ھەدىسلەردىن يەتتىسى، يەنە سەلەفلەرنىڭ ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى كەلگەن. نەتىجىدە، بۇلارنىڭ جۇغلانمىسى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئەمەل قىلىشقا يارايدىغان دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئالايلۇق:

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئادا قولىنى كۆتۈرگىنىدە، يۈزىنى سىلىمىغۇچە قولىنى چۈشۈرمەيتتى.(7)

بۇ ھەدىس يالغۇز بىر يولدىنلا كەلگەن بولغاچقا، تىرمىزىي ئۇنى «غەرىب»(8) دېگەن بولۇپ، «غەرىب» دېگەندىن، بۇ ھەدىسنى زەئىف دېمەكچى. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»نىڭ بەزى نۇسخىلىردا «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر باھا «سۈنەنۇتتىرمىزىي»نىڭ توغرا نۇسخىلىرىدا يوق.(9)

قانداقلا بولمىسۇن، بۇنى دەلىل قىلغانلار، بۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكىدە بىردەك ئىتتىپاق. ئىمام ئىبنى ھەجەرمۇ، بۇ ھەدىس ھەققىدە: «بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسى ئۇ ھەدىسنى كۈچلەندۈرگۈچى رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇلارنىڭ جۇغلانمىسى، ئۇ ھەدىسنىڭ ‹ھەسەن›(10) دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ» دېگەن.(11)

ئىمام سەنئانىي: «بۇ ھەدىستە دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە دەلىل بار» دېگەن.(12)

دېمەك، ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقىرىقى «زەئىف» ھەدىسنى، ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى رىۋايەتلەر كۈچلەندۈرىدۇ دەپ قارىغان. ئۇنداقتا، بىز بۇ رىۋايەتلەرگە بىرنەچچە ئۆرنەك ئېلىپ قاراپ چىقايلى:

ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئا قىلىپ قولىنى كۆتۈرگىنىدە، قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى.(13)

بۇ ھەدىس ھەققىدە ئىمام ئەبۇ داۋۇد باھا بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىمام سۇيۇتىي ۋە ئىمام مۇناۋىيلار ھەسەن دەپ باھالىغان. لېكىن، تەكشۈرۈپ كەلسە، بۇ ھەدىستە ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئىللەت بولۇپ، بىرى، راۋىيلاردىن ئىبنى لەھىيئەدىكى زەئىفلىك. يەنە بىرى، راۋىيلاردىن ھەفس ئىبنى ھاشىم كىملىكى نامەلۇم كىشى. يەنە كېلىپ، ھەفستىن يالغۇز ئىبنى لەھىيئە رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۆزىمۇ «تەقرىب» دېگەن كىتابىدا ھەفسنى «نامەلۇم كىشى» دېگەن. ئىمام زەھەبىيمۇ «مىزان»دا شۇنداق دېگەن.(14)

بۇ ھەدىستە يەنە، باشقا بىرنەچچە ئىللەتلەر بار، شۇڭا، نەتىجىدە، بۇ رىۋايەت يۇقىرىقى ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈشكە يارىمايدۇ.

بۇ قاتاردا مەزكۇر ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈشكە يارىمايدىغان بەكلا زەئىف رىۋايەتلەردىن ئىمام تەبەرانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن قىلغان رىۋايەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرنەچچە رىۋايەتلەر(15) بار. ئىخچاملىقنى كۆزلەپ بىز ئۇلارنى بۇ يەردە بىر – بىرلەپ ئەكىلىپ يۈرمىدۇق.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان رىۋايەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

ئابدۇراززاق مەئمەردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، زۆھرىي مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئا قىلغاندا قولىنى مەيدىسىگە ئۇدۇل كۆتۈرۈپ، ئاندىن قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى. ئابدۇراززاق مۇنداق دەيدۇ: مەن مەئمەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن، مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن.(16)

بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى زۆھرىيگىچە سەھىھ بولۇپ، زۆھرىينىڭ مۇرسەل رىۋايەتلىرىگە قارىتا ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس. زەئىف دېيىلگەن تەقدىردە، يۇقىرىدىكى زەئىف ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈشكە يارايدۇ.

يەنە ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلار ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن مالىك ئىبنى يەسار ئەسسۇكۇنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلغان: «ئاللاھتىن ئالقىنىڭلار بىلەن تىلەڭلار، ئارقىسى بىلەن تىلىمەڭلار! دۇئا قىلىپ بولغىنىڭلاردا ئالقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى سىلاڭلار!» دېگەن ئىككى ھەدىسنىمۇ، «ئەبۇ داۋۇد» «زەئىف» دېگەن. ئىمام نەۋەۋىيمۇ «بارلىق ھەدىسشۇناسلار زەئىفلىكىدە ئىتتىپاق» دېگەن.(17)

دەرۋەقە، يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى زەئىف، بەزىسى بەكلا زەئىف بولۇپ، زەئىفلىرى باشقا زەئىفلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. ھازىرقى ھەدىسشۇناسلاردىن شەيخ ھەمماد ئەلئەنسارىيمۇ: «دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش مەسىلىسىدە ھەسەن دەرىجىسىگە يېتىدىغان ئۈچ ھەدىس بار» دېگەن.(18)

شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ «بۇلۇغۇل مەرام»نىڭ شەرھىدە: «بارلىق رىۋايەت يوللىرىنى جۇغلىغىنىمىزدا، مەزكۇر ھەدىس كۈچلۈك دەپ قارىغان ئالىملاردىن ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، نەۋەۋىي، ئىبنى ھەجەر، مۇناۋىي، سەنئانىي ۋە شەۋكانىي قاتارلىق ئىماملار بار» دېگەن.(19)

يەنە سەلەفلىرىمىز قاتارى بولغان ساھابە ۋە تابىئىنلار ھەققىدىمۇ ئۇلارنىڭ دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتابىدا ۋەھبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: مەن ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ دۇئا قىلىپ ئالقانلىرىنى يۈزىدە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.(20)

يەنە ئابدۇراززاق يەھيا ئىبنى سەئىدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر بىلەن ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قوللىرىنى ئاچاتتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئىلگىرى ئۆتكەنلەر دۇئا قىلىپ بولۇپ دۇئا بىلەن بەرىكەتنى ئۆزىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىنى يۈزلىرىگە قايتۇراتتى.(21)

بۇ رىۋايەتتىكى «ئىلگىرى ئۆتكەنلەر» دېگەندىن ساھابەلەر ۋە تابىئىنلەر مەقسەت قىلىنغان.

ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇئتەمىر ئىبنى سۇلايمان بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەردى: مەن يېپەكچى ئەبۇ كەئبنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلىقىنى كۆرۈپ:

– كىمنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىڭ؟ – دەپ سورىسام: ئۇ:

– ھەسەن بەسرىينىڭ، – دېدى.

مۇھەممەد ئىبنى نەسر: «مەن ئىسھاق (ئىبنى راھۇۋەيھ) نىڭ مۇشۇ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىشنى ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىغا شاھىد بولغانمەن» دېگەن.(22)

دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاشنىڭ مەلۇم ئاساسى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان باشقا ھەدىسلەردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار:

زۇھرىي ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرى (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق) نى ئوقۇپ ئۆزىگە ئۆزى سۈفلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ سۈرىلەرنى مەن ئوقۇپ ئۇنىڭغا سۈفلەپ قوياتتىم، بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلىتىپ قوياتتىم». مەئمەر دەيدۇ: زۆھرىيدىن:

–       قانداق سۈفلەيدۇ؟ – دەپ سورىسام، ئۇ:

–       ئىككى قولىغا سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى، – دېدى.(23)

يەنە ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكراتقا چۈشكەندە، قول ئاستىمدىكى قوشۇننى باشلاپ مەدىنەگە قايتىپ كەلدىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ زات گەپ قىلىشتىنمۇ قالغانىدى، قوللىرىنى ئۈستۈمگە قويۇپ، ئاندىن كۆتۈرگىلى تۇردى. ئۇنىڭ ماڭا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم».(24)

ئەمدى يۈزنى سىلاش توغرىسىدا كەلگەن يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس كەلمىگىنى بىلەن، زەئىف ھەدىسلەر كەلگەن. زەئىف ھەدىسلەر بىر – بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ دېسەك، يۈزىنى سىلاش مۇستەھەب دېيىشكە بولىدۇ. كۈچلەندۈرمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، كۆپچىلىك ھەدىسشۇناسلار زەئىف ھەدىسنى ئەقىدە ۋە ھالال – ھارام دائىرىسىدە بولمىغان، مۇشۇ قاتاردىكى پەزىلەتلىك ئىشلاردا ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرىكىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەھمەد، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدى قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ساھابە ۋە تابىئىن قاتارلىق سەلەفلەردىن بەزىلەرنىڭ دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلىقىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىندى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش مۇستەھەب بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ بىدئەت دېگىلى بولمايدۇ.

ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۈۋەيھ، نەۋەۋىي، بەيھەقىي، ئىبنى ھەجەر، سۇيۇتىي، مۇناۋىي، سەنئانىي، شەۋكانىي قاتارلىق خېلى كۆپ ھەدىسشۇناسلارمۇ، غەززالىي قاتارلىق تۆت مەزھەبكە تەۋە كۆپچىلىك فەقىھلەرمۇ، يۈزىنى سىلاشنى دۇئانىڭ ئەدەب – قائىدىلىرىدىن دەپ قارىغان.(25)

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى بەكلا زەئىف دەپ قارىغاندىمۇ، يۈزنى سىلاش ئەڭ ئەقەللىي تەقدىردە، جائىز بولىدۇ. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەتتە يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇشۇ قاراش كەلگەن.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاشنى جائىز دەپلا قالماي، نامازدا قۇنۇت دۇئاسىدىن كېيىنمۇ يۈزىنى سىلاشنى «تائەتكە تەۋە ئازغىنە ئىش» دەپ، جائىز دەپ قارىغان.(26)

بۇ ھەقتە زەئىف ھەدىسلەر بىلەن بىللە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى بولغاچقا، ھازىرقى سەلەفىي يۆنىلىشتىكى ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكىمۇ، (گەرچە شەخسىي قانائىتى يۈزنى سىلىماسلىق بولسىمۇ) بۇ ئىشنى بىدئەت دېيىشكە پېتىنالماي، جائىز دېگەن قاراش بىلەن مۇستەھەب دېگەن قاراشنى تۇتقان.

شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش بىدئەت ئەمەس، لېكىن سىلىمىغان ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ ھەقتە ‹زەئىف› ھەدىسلەر كەلگەن ۋە بىر گۇرۇپ ئالىملار ئۇنى ھەسەن دەرىجىسىگە يېتىدۇ دەپ قارىغان. ئۇ ھەدىسلەر ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ‹بۇلۇغۇل مەرام› ئاخىرىدا ۋە باشقا ئۆلىمالارمۇ بايان قىلغاندەك ‹ھەسەن لىغەيرىھى›(27) بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ھەدىسلەرنى ھەسەن دەرىجىسىدە دەپ قارىغانلار سىلاشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان. زەئىف دەپ قارىغانلار مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغان. سەھىھ ھەدىسلەردە دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش كەلمىگەن. ‹سەھىھەين›دىكى ياكى ‹سەھىھەين›نىڭ بىرىدىكى ھەممە بىلىدىغان ھەدىسلەردە سىلاش كەلمىگەن، دۇئا قىلىش كەلگەن. شۇڭا، سىلىسا ھېچ گەپ يوق، سىلىمىسا تېخى ياخشى. چۈنكى، دۇئادىن كېيىن سىلاش ھەققىدىكى ھەدىسلەر يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك زەئىفتۇر. لېكىن، سىلىسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئۇ ئەيىبلەنمەيدۇ، بىدئەتمۇ دېيىلمەيدۇ».(28)

شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يەنە تېخى «دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاشنىڭ بولۇپمۇ، قۇنۇت دۇئاسىدىن كېيىن ۋە نەپلىلەردىن كېيىن سىلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دېگەن بىر سوئالغا قارىتا بەرگەن بىر پەتۋاسىدا: «ھۆكمى مۇستەھەبتۇر. ئىمام ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇل مەرام› دىكى ‹زىكىر ۋە دۇئا بابى› دېگەن ئاخىرقى بابتا، بۇ ھەقتە جۇغلانسا ‹ھەسەن› دەرىجىگە يېتىدىغان ھەدىسلەر كەلگەن دېگەن بولغاچقا، مۇستەھەبتۇر. ئاللاھ ھەممەيلەننى مۇۋەپپەق قىلسۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ، شەيخنىڭ ۋاپاتىدىن 4 ~ 5 ئاي بۇرۇنقى ھىجرىيە 1419/9/12 كۈنى بەرگەن پەتۋاسى بولۇپ، شەيخ ھىجرىيە 1420/1/27 – كۈنى پەيشەنبە ۋاپات بولغان. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن! بۇنىڭغا ئاساسەن شەيخ بۇ مەسىلىدە ئاخىرقى ھاياتىدا مۇستەھەبلىكنى تەرجىھ قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.(29)

شەيخ ئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ، بۇ ھەقتىكى ئۈچ خىل قاراشنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «مېنىڭ قارىشىمچە، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش سۈننەت ئەمەس، لېكىن سىلىغانلار ئەيىبلەنمەيدۇ. سىلىمىغانلارمۇ ئەيىبلەنمەيدۇ».(30)

شەيخ بەكر ئەبۇ زەيدمۇ، گەرچە ئۆزى يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى زەئىف دەپ قارىغان بولسىمۇ، «خاھلىسا، ناماز سىرتىدا دۇئا قىلىپ بولۇپ، يۈزىنى سىلىسا بولىدۇ. ناماز ئىچىدە قول كۆتۈرۈشكە سەھىھ ياكى زەئىف دەلىل بولمىغاچقا، يۈزىنى سىلىمايدۇ» دېگەن.(31)

ئۇندىن باشقا شەيخ مۇفتى مۇھەممەد ئىبراھىم قاتارلىق ئالىملارمۇ، يۈزنى سىلاشنى جائىز دەپ قارىغان. شەيخ سالىھ مۇنەججىدمۇ «سىلىسا ئىختىيارى، بۇ ھەقتە ئازادىچىلىك بار» دېگەن.

ھازىرقى زامان سەلەفىي ئالىملاردىن شەيخ ئابدۇللاھ بىن جىبرىين رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ، ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالاردەك مۇستەھەب دېگەن قاراشنى تۇتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «يۈزنى سىلاش ھەققىدە بىرنەچچە ھەدىس كەلگەن ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇل مەرام›نىڭ ئاخىرىدا ئۇ ھەدىسلەردىن بىرىنى نەچچە ھەدىس كۈچلەندۈرۈپ، ‹ھەسەن› دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تەكشۈرۈپ قارىساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ھەدىسلەر يەتتىگە يېتىدۇ. يەتتە ساھابەدىن كەلگەن. بۇنداق قىلىشنى توغرا تاپمىغانلار ھەدىسنىڭ بارلىق يوللىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ باقمىغاندەك قىلىدۇ. يەنە تېخى، خېلى كۆپ ساھابەلەردىن دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلىقى كەلگەن».

شەيخ يەنە تېخى «نامازدا دۇئايى قۇنۇتتا قولىنى كۆتۈرۈش سۈننەتتۇر. كېيىن يۈزىنى سىلايدۇ. دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش ھەققىدىكى ھەدىسلەر ناماز ئىچى ۋە سىرتىغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ» دېگەن.(32)

بىدئەت دېگەن ئۆلىمالارغا قارىتا يۇقىرىدا شەيخ بىن جىبرىن «بۇنداق قىلىشنى توغرا تاپمىغانلار ھەدىسنىڭ بارلىق يوللىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ باقمىغاندەك قىلىدۇ» دەپ رەددىيە بەرگەن بولدى. ئۇندىن ئىلگىرى ئۇسۇل ۋە تەفسىر ئۆلىمالىرىدىن ئىمام زەركەشىي: «ئىمام ئىززىددىن ئابدۇسسالامنىڭ ‹مەۋسىل پەتۋالىرى›دا بىدئەت دېگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن خەۋەرسىز قالغان دەپ چۈشىنىمىز. بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىدە زەئىفلىك بولسىمۇ، يوللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن كۈچلىنىدۇ» دەپ رەددىيە بەرگەن.(33)

ئەمما، نامازدا قۇنۇت دۇئاسىنى قىلغاندىن كېيىن يۈزنى سىلاش بولسا، بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار مۇستەھەب دېمىگەن. ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام ئەھمەد جائىز دېگەن. ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىمۇ قۇنۇتتىن كېيىن يۈزنى سىلاشنى تاللىغان. شافىئىي ئالىملاردىن ئىمام جۇۋەينىي، غەززالىي قاتارلىقلارمۇ يۈزنى سىلايدۇ دەپ قارىغان. ھازىرقىلاردىن شەيخ جىبرىين رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.(34)

ئىمام بەيھەقىي بۇ قاراشقا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «نامازدىكى قۇنۇت دۇئاسىدىن كېيىن يۈزنى سىلاشنىڭ، سەلەفلەردىن بىرەرسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بەزىلىرىدىن ناماز سىرتىدا سىلىغانلىقى كەلگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن زەئىف بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان. بەزى ئالىملار بۇنى ناماز سىرتىغا قارىتىدۇ. ئەمما، ناماز ئىچىدە بولسا، بۇ سەھىھ بىر ھەدىس، ياكى ئەسەر، ياكى قىياس بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولغاچقا، نامازدا سىلىماسلىق ۋە سەلەفلەردىن كەلگىنى بويىچە، نامازدا قولنى كۆتۈرۈپ يۈزنى سىلىماسلىق ئەۋزەلدۇر».(35)

يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئەنە ئاشۇنداق قاراش ئوخشاشماسلىقى بار، يەنە كېلىپ، جائىز ۋە مۇستەھەب دېگەنلەرنىڭمۇ ھەدىس ۋە سەلەف ئىش – ئىزلىرىدىن ئاساسى بار ھەمدە بۇرۇندىن ئىسلام دۇنياسىدا ئامۇخاسنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەلجاھانغا مەلۇم تۇرۇپ، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلىغانلارنى بىدئەت ئىش قىلدىڭ دەپ ئەيىبلەشكە ئەسلا بولمايدۇ. سىلاشقا قانائەت تاپمىغانلار باشقىلارنى ئەيىبلىمەستىن ئۆزىنىڭ توغرا كۆرگىنى بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ. ئەيىبلەش توغرا كەلسە ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ تۇرۇپ ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىپ باقمايدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ بەندىلىكىنى ئەسلەپ، قولىنى دوئاغا كۆتۈرۈپ باقمايدىغانلارنى ئەيىبلەش لازىم. كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر، ئوقۇبەتلەر، ئۇلارنىڭ دەردى ۋە ھال – ئەھۋالى ھەممىگە ئايان. شۇنداق تۇرۇپ دىققەتنى مۇشۇنداق تارتىشىپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغا بۇراش، تەنتەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىسقىسى، بۇ تۈرلۈك تالاش – تارتىشلارغا كىرىپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش بىزگە ئارتۇقچە.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 20 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 19 – دېكابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 109 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىززۇددىن ئابدۇسسالام: «ئىززۇددىن ئابدۇسسالام پەتۋالىرى»، 47 – بەت.
2. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/519؛ مەرۋەزىي: «مۇختەسەرۇ كىتابىلۋىتر»، 1/152؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/318؛ ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 1/507.
3. «فتاوى اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء»، 24/215 .
4. ئىبنى ھەجەر: «بۇلۇغۇل مەرام»، 284 – بەت؛ (1581، 1582)؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/219؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/318؛ ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 1/507؛ «الفواكه الدواني»، 2/335؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1/167؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/526؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/449؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2/173؛ سەفارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 2/516.
5. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/219؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 5/133.
6. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2/173. «مجموع فتاوى ورسائل فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين»، 14/162. «لشرح الممتع»، 4/41. . www.binbaz.org.sa/noor/2365
7. «تىرمىزىي»، (3386).
8. غەرىب ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْغَرِيبُ): ئەرەب تىلىدا: «يىراق، يات» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «يالغۇز بىر راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، باشقىلار رىۋايەت قىلىپ باقمىغان بىر پۈتۈن ھەدىسكىمۇ، بىر ھەدىسنىڭ مەلۇم قىسمىغىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ تۈرلۈك ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر يەنە يالغۇز ۋە يېگانە مەنىسىدە «ئەلفەرد / الْفَرْدُ» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. گاھىدا بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەت قىلغانلىقى مەشھۇر بولغان بىر ھەدىسنى ئۇنى رىۋايەت قىلغانلىقى بىلىنمىگەن باشقا بىر راۋىي رىۋايەت قىلسىمۇ، ئۇ ھەدىس مەتىن جەھەتتىن ئەمەس، ئىسناد جەھەتتىن «غەرىب» دەپ ئاتىلىدۇ. «غەرىب ھەدىس» سەھىھ بولۇشىمۇ، ھەسەن بولۇشىمۇ، زەئىف بولۇشىمۇ مۇمكىن. كۆپىنچە زەئىف بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 563 – 566 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1176 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
9. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 3/52.
10. ھەسەن ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْحَسَنُ): لۇغەت مەنىسى «گۈزەل، چىرايلىق» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەھىھ ھەدىسنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان، لېكىن راۋىينىڭ سەھۋەنلىك سادىر قىلمايدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇشى شەرت قىلىنمايدىغان، سەھىھ ھەدىسنىڭ تۆۋەن دەرىجىسى ياكى زەئىف ھەدىستىن يۇقىرى، ئەمما سەھىھ ھەدىس دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىس»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.
11. ئىبنى ھەجەر: «بۇلۇغۇل مەرام»، 284 – بەت؛ (1581، 1582).
12. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/219.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (1492)؛ «ئەھمەد»، (17972).
14. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەقرىبۇتتەهزىب»، (1434)؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2/641 .
15. ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 10/169.
16. «ئابدۇرراززاق»، (3234).
17. «ئەبۇ داۋۇد»، (1485)؛ نەۋەۋىي«خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 1/461.
18. شەيخ ھەمماد ئەلئەنسارىي: «المجموع في ترجمة العلامة الأنصاري»، 2/487.
19. شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام: «توضيح الأحكام في شرح بلوغ المرام»، 7/612.
20. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (609). ئىمام ئىبنى ھەجەر «أمالي الأذكار»دا «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. قاراڭ: سۇيۇتىي «فەززۇلۋىئاﺋ»، 1/74.
21. «ئابدۇرراززاق»، (3256).
22. مەرۋەزىي: «مۇختەسەرۇ كىتابىلۋىتر»، 1/152. ئىمام سۇيۇتىي «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. قاراڭ: سۇيۇتىي «فەززۇلۋىئاﺋ»، 1/102.
23. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5735)؛ «مۇسلىم»، (2192).
24. «تىرمىزىي»، (3817). سەنەدى ھەسەن.
25. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/526. مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 5/138؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (2/45؛ غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 1/305؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/219؛ قاراڭ: سۇيۇتىي «فەززۇلۋىئاﺋ»، 1/52؛ شەۋكانىي: «تۇھغەتۇززاكىرىين»، 1/56.
26. ئىبنۇلقەييىم: «بەدائىئۇل فەۋائىد»، 4/922.
27. «ھەسەن لىغەيرىھى»: باشقا رىۋايەتلەر بىلەن كۈچلەنگەن زەئىف رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ.
28. http://www.binbaz.org.sa/noor/2365
29. قال محقق الفتاوى الشيخ محمد الشويعر: سؤال شخصي أجاب عنه الشيخ في ١٢/٩/١٤١٩هـ. «الفتاوى»، 26/148. http://www.binbaz.org.sa/fatawa/3460
30. «مجموع فتاوى ورسائل فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين»، 14/162. «الشرح الممتع»، 4/41.
31. شەيخ بەكر ئەبۇ زەيد: «تەسھىھۇددۇئاﺋ»، 27 – بەت.
32. «شرح أخصر المختصرات»، 4/32. شەيخ بىن جىبرىن: «بىن جىبرىن پەتۋالىرى»، (3008).
33. «الأزهية في الأدعية»، لمحمد بن بهادر الزركشي ص 106. ط دار الفرقان. تحقيق: أم عبد الله بنت محروس.
34. «مسائل أحمد بن حنبل رواية ابنه عبد الله»، 1/95. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2/172. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/449. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/462. شەيخ بىن جىبرىن: «بىن جىبرىن پەتۋالىرى»، (3008). http://cms.ibn – jebreen.com/fatwa/home/sections/1
[35]: بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 2/212.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ