ئەر - خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى

ئەر – خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كۈنىمىزدە دىنسىزلىق ئېقىمى كۈچىيىپ، مۇسۇلمانلارغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى، ئەلبەتتە، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ قاتتىق سۇسلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. مۇسۇلمانلار ھازىر تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق مەسىلىگە «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمە دەيدۇ؟ شەرىئەت نېمە دەيدۇ؟» دېگەن سوئالنى كاللىسىغا كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقاندىكىن نورمال ئىش دەپ قارايدىغان بولۇپ كېتىشتى. شۇڭلاشقىمۇ كۈنىمىزدە مۇسۇلمان ئەر – خوتۇنلار چوڭ كوچىلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان، قولتۇقلىشىپ ماڭىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلمەكتە، بۇ خىل ئەھۋاللار ھەتتا ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان تەقۋا كۆرۈلگەن كىشىلەردىمۇ سادىر بولماقتا. ئەلبەتتە، ھەرقانداق بىر مەسىلىگە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىنىڭ بىر كۆرسەتمىسى ۋە ياكى ئۆرنەك ھاياتى بار دەپ ئويلايمەن، شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل ئىش – ھەرىكەتلەردە كافىرلارغا ئوخشاپ قېلىشى شەرىئەتتە قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەقىدە ۋە ئىبادەتتە ئۆرنەك قىلغاندەك يۈرۈش – تۇرۇش ۋە بارلىق ئىشلاردا ئىسلام كۆرسەتمىسى، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋە سەلەف – سالىھلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆرنەك قىلىپ مېڭىشقا تىرىشىش، ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەربىر ئىنسان سەل قارىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

ئەسلىدە ئەر كىشى يولنى كېسىپ ئۆتۈش، قىستاڭچىلىق، يولنىڭ ئېگىز – پەسلىكى، بىر يەردىن چىقىپ – چۈشۈش قاتارلىق قوغداش ۋە ئاسراش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش ياكى يۆلۈۋېلىشقا بىرەر ئېھتىياج تېپىلغان ئەھۋاللاردا قول تۇتۇۋېلىش چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى تېخى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، كوچىدا ئاياللارغا چاقچاق قىلىدىغان بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ھەقتە، ئەھلى ئىلىملىرىمىزدە باشقىچە قاراش بولۇشىمۇ ناتايىن. يۇقىرىقى قارىشىمىزنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ كۈچلەندۈرىدۇ:

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «مەن كەئبەگە كىرىپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇراتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى ھىجر (كەبىنىڭ يېنىدىكى پاكار تاملىق ھويلا) غا ئەكىردى ۋە: ‹ئى ئائىشە! سىزنىڭ قەۋمىڭىز كەئبەنى بىنا قىلغاندا چىقىمىغا يېتىشەلمەي، ھىجرنى كەئبەدىن چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا، كەئبەدە ناماز ئوقۇماقچى بولسىڭىز ھىجردا ئوقۇڭ. چۈنكى، ئۇ كەئبەنىڭ بىر قىسمى› دېدى».(1)

بۇ ھەدىستىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەئبە ئەتراپىدا ھەزرىتى ئائىشەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھىجرغا ئەكىرگەنلىكى مەلۇم. بۇ، كىشىلەر كۆپ بولىدىغان، قىستاڭچىلىق بولىدىغان ئورۇنلىقى ھەممىگە مەلۇم. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ:

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تىزىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، سەفىييەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تىزىغا پۇتىنى قويۇپ تۆگىگە مىنگەنلىكىنى كۆردۈم».(2)

 خەلىفەلەردىن ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بەزى سوت ۋە نىكاھ سورۇنلىرىدا، ئەرگە: «ئايالىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئەكەتكىن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.(3)

يۇقىرىقىلاردىن، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ئۆزىنى كافىرلارغا خاس ئادەت دەۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.

قولىنى تۇتۇشقا بىرەر ئېھتىياج كۆرۈلمىگەن ئەھۋاللاردا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، ئۆينىڭ سىرتىدا، كوچا – كويلاردە، ئاشخانا – رېستورانلاردا، باغچا ۋە سەيلىگاھلاردا ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاممىۋىي سورۇننىڭ ئەدەب – ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، يامان تەسىر بېرىدىغان، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى غىدىقلايدىغان ئىش – ھەرىكەت ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلاردىن ساقلىنىشى لازىم.

يەنە باشقىلار گۇمان قىلىپ قالىدىغان، ئۆسەك سۆزلەرگە سەۋەب بولىدىغان يۈرۈش – تۇرۇش، ئىش – ھەرىكەتلەردىنمۇ ساقلىنىش لازىم. ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەلى رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە ئېتىكاپتا تۇرغاندا ئاياللىرى كېلىپ ئۇنى يوقلاپ قايتىشتى. رەسۇلۇللاھ سەفىييە بىنتى ھۇيەيگە: ‹ئالدىرىماڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي› دېدى. سەفىييەنىڭ ئۆيى ئۇسامەنىڭ قورۇسىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەفىييە بىلەن بىللە چىقتى. ئەنسارلاردىن ئىككى ئادەم ئۇچراپ، رەسۇلۇللاھقا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىگە:

ــ بۇياققا كېلىڭلار، بۇ سەفىييە بىنتى ھۇيەي بولىدۇ، ــ دېدى، ئۇلار:

ــ سۇبھانەللاھ! يا رەسۇلۇللاھ! ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدۇ. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنىڭ كۆڭلىڭلارغا گۇمان تاشلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم، ــ دېدى».(4)

ئەمما، ھېچقانداق ئېھتىياج بولمىغان، پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر – بىرىگە يېقىن، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ، قولتۇقلىشىپ مېڭىشتەك يۈرۈش – تۇرۇشلار ۋە ئاممىنىڭ دىققىتىنى ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىدىكى خۇسۇسىي مۇناسىۋەتكە تارتىشتەك ھاياسىز قىلىقلارنى سەلەفلىرىمىزدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار قىلىپ كەلگەن ياخشى ئادەتلەر قاتارىدىن دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى بۇ كافىرلاردىن سىڭدۈرۈۋالغان ناچار ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ھەر ئىككى يۆنىلىشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا ئەمەس. ئېھتىياج تېپىلغاندا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇش دىنىمىزدا بولسا بۇنى كافىرلارمۇ شۇنداق قىلىشىدۇ دەپلا رەت قىلىۋېتىش ياكى ئۆرپ – ئادىتىمىزدە يوقتى دەپلا ئەيىبلەش توغرا ئەمەس. ھازىرقى بەزىبىر ئۆرپ – ئادەتلەر شەرىئەتكە زىت بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى، ئالدى بىلەن دىن كۆرسەتمىلىرىگە قاراپ، چەكلەنمىگەن ئىش بولسا ئاندىن جەمئىيەتتىكى ئەنئەنىۋى ئېسىل ئۆرپ – ئادەتكە ۋە ئادەمگەرچىلىك ئەدەب – قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ توپىغا مۇناسىپ ئىش تۇتۇش ئاقىلانىلىقدۇر.

نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ﮪﺎﻻﻟﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﮪﺎﺭﺍﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ساقلانغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ چەكلەنگەن رايونى بولسا ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩتتۇر. ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ».(5)

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئەر – خوتۇنلار باشقىلار بار سورۇنلاردا ئېھتىياجغا قاراپ ئىش تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئەتراپتىكىلەردە گۇمان پەيدا قىلىشتىن، كافىرلارغا خاس ئادەتلەردىن، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى غىدىقلايدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىشى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە لايىق ئەدەب – ئەخلاقتا بولۇپ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. يولدا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقا ئوخشىغان ئاپتوبۇس ياكى باشقا بىرەر قاتناش ۋاستىلىرىدا ئەر – خوتۇن بىرى – بىرىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇش، كۈلۈشۈش، باغچا ۋە سەيلىگاھلاردا بەزىبىر ئويۇنچۇقلارغا چىقىش… قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆكمىمۇ، ئۇسلۇب ۋە نىيەت، شۇنداقلا مۇھىت ۋە جەمئىيەت ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 22 – مۇھەررەم / م. 2016، 23 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 108 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————–
1. «سەھىھى ئىبنى خۇزەيمە»، (3018)؛ «تىرمىزىي»، (876). سەھىھ.
2. «بۇخارىي»، (2235).
3. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (28881)؛ ۋاقىدىي: «فۇتۇھۇششام»، 1/238؛ تاھاۋىي: «شەرھۇ مۇشكىل ئاسار»، 14/425؛ ۋەﻛﯩﺌ: «ئەخبارۇل قۇزات»، 3/137؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئەتتۇرۇقۇل ھۆكمىييە»، 1/67.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2038)؛ «مۇسلىم»، (2175).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ