سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دىيارىمىزدا پاسپورت قاتارلىق گۇۋاھنامىلەر ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈشتە، بېشىنى ئورىغانلاردىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىر مۇئمىن ئايال ئىلىم تەھسىل قىلىش قاتارلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەللەرنى ئورۇنداش مەقسىتىدە چەتئەلگە سەپەر قىلماقچى بولسا، پاسپورتقا رەسىمگە چۈشكەندە، شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرىتىنى ئېچىشى تەلەپ قىلىنسا، بۇ ھالدا شۇ ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟ پاسپورت ئۈچۈن يالاڭباش رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ باش قېتىنچىلىقى دىيارىمىزدىكى خېلى كۆپ ھەمشىرىلىرىمىزنى، مۇئمىن ئەرلەرنى بەكلا دېلىغۇل قىلماقتا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەۋرەت دېگەن يۆگەش كېرەك بولغان، ئېچىش ھارام بولغان نەرسىدۇر. ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر ئالدىدىكى ئەۋرەت دائىرىسىنى بېكىتىشتە، ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى يۈز بىلەن ئالىقاننى چىقىرىۋەتسە، بەزى ئالىملار يۈز بىلەن ئالىقانغا قوشۇپ، پۇتىنى ئوشۇققىچە ئەۋرەت ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت دەپ قارايدۇ.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاياللارنىڭ چېچى ۋە بېشى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، يۆگەش پەرز بولغان ئەۋرەتتۇر.(1)
ئىسلام شەرىئىتى بەزىبىر زۆرۈر ئېھتىياج تۈپەيلى ئەۋرەت ئېچىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. لېكىن، بۇ ھەركىم خاھلىغىنىچە پايدىلىنىدىغان رۇخسەت بولماستىن، زۆرۈرىيەت دائىرىسى، مەجبۇرلۇق دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدىغان رۇخسەتتۇر.
ئۇنداق بولۇشىدا ئاياللار ئۆزگىچە تەبىئەت بىلەن يارىتىلغان بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنىڭ ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان يەرلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئەدەب – ئەخلاق ۋە شەرئى ئەھكاملارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئاياللارنى يۆگەشكە، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا تەرغىب قىلغان.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، زۆرۈرىيەت دائىرىسىدە زۆرۈرىيەتكە مۇناسىپ كەڭچىلىك قىلىش، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجنى بەندىنى قىينىماستىن قامداش، مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر. بۇ جەھەتتىن كۆپچىلىك ئۆلىمالار زۆرۈر ئېھتىياج تېپىلغان ئەھۋالدا ئەر ياكى ئايال ئۆز جىنسىغا ياكى يات جىنسقا ئەۋرىتىنى ئېچىشى جائىز بولىدۇ دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئۇلار مۇنداق دېگەن: ئايال دوختۇر تېپىلمىغان ئەھۋالدا، ئايال بىمارنى مۇسۇلمان ئەر دوختۇرنىڭ داۋالىشى، داۋالاشتا قاراش ۋە تۇتۇش زۆرۈر بولغان ئەۋرىتىگە قارىشى ۋە ئۇنى تۇتۇشى جائىز. مۇسۇلمان دوختۇر تېپىلمىغان ئەھۋالدا، مۇسۇلمان بولمىغان دوختۇر داۋالىسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئەر دوختۇر تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئايال دوختۇر ئەر بىمارنى داۋالىسا بولىدۇ.(2)
شەخس كىملىكىنى بېكىتىشتە، ئاياللارنىڭ چېچىنى ئېچىش ئارتۇقچە ئىش بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تونۇمايدىغان بەزى كافىر دۆلەتلەر ئاياللارنىڭ بېشى ۋە چېچىنى ئېچىپ رەسىمگە چۈشۈشنى كىملىك ۋە پاسپورت ئۈچۈن شەرت قىلىۋالماقتا. بەزى ياۋروپا كافىر دۆلەتلىرىدە ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە زىت بۇنداق ئورۇنسىز شەرت يوق.
ئەمدى بۇ كىملىك ياكى پاسپورت قاتارلىق زۆرۈر ھۆججەتلەر تۇرمۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاچقا، مۇسۇلمان ئاياللارمۇ بۇلارنى بېجىرىشكە مەجبۇر بولغاچقا، زۆرۈر تېپىلغاندا يالاڭباش رەسىمگە چۈشسە رۇخسەت. ئەمما، زۆرۈر بولمىغان سەپەر ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىشتە ياكى زۆرۈر بولمىغان رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتە ئۇنداق رۇخسەت يوق.
ئەلبەتتە، رەسىمنى ئايال رەسىمچى تارتىشى مۇمكىن بولسا، ئەرگە تارتقۇزماسلىق، بەدەننى شەرت قىلىنغاندىن ئارتۇقچە ئاچماسلىققا دىققەت قىلىش لازىم.
جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن!
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 15 – سەپەر / م. 2014، 7 – دېكابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 101 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/83؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/170؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/349.
2. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 31/56.