ھەرخىل شەپكىلەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى

ھەرخىل شەپكىلەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىلى كۆپ كىشىلەر ھەرخىل شەپكىلەرنى كىيىدۇ، زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل شەكىلدىكى شەپكىلەر چىقتى (كۈن نۇرىدىن توسىدىغان ۋە باشقا تۈردىكى)، مەنمۇ يېقىندا كۈن نۇرى شەپكىسىدىن بىرنى سېتىۋالايمۇ يە دەپ ئويلاپ، يەنىلا مۇشۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىپ، ئاندىن كىيىشنى ئويلىدىم. شۇڭا، شەپكە كىيىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىيىنىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە دىققەت قىلغىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىخلاسىڭىزنى، تەقۋادارلىقىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، سىزنى ۋە بىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن. ئامىن.

تۈرى ياكى پاسۇنى جەھەتتىن كىيىم – كېچەكتىكى ئەسلى قائىدە ھالاللىق بولۇپ، شەپكىدە باشقا بىر دىن مەنسۇپلىرىغا خاسلىقنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت ياكى ئادەت كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، ھەرخىل شەكىلدىكى شەپكە، دوپپا، شىلەپە، قالپاق، تۇماقلارنى كىيىش مۇباھ. بۇ ھەقتە دىنىمىزدا بىرقانچە كۆرسەتمىلەر بار:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ ئاشۇلاردىندۇر» دېگەن.(1)

يەنى، كىيىنىشى، يۈرۈش – تۇرۇشى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرىدە باشقا بىر مىللەتكە ئوخشىۋالماقچى بولسا دېمەكچى.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىرەر دىنىي تائىپىگە خاس كىيىم – كېچەك بولسا، مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ كىچىك دوپپىسى، شىلەپىسى، قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ شەپكىسى، خرىستىئان راھىبلىرىنىڭ باش كىيىملىرى، مەلۇم كافىر ياكى پاسىق گۇرۇھنىڭ مەخسۇس كىيىملىرى قاتارلىقلارنى كىيىش چەكلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ساھابە – كىراملارنىڭ، سالىھلارنىڭ، مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى، يۈرۈش – تۇرۇشلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى بويىچە ياسىنىش، يۈرۈش – تۇرۇش تەرغىب قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇزىننەتلەرنى، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾(7/«ئەئراف»: 32)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسراپ قىلماستىن، ياكى تەكەببۇرلۇق قىلماستىن يەپ – ئىچىڭلار، كىيىڭلار، سەدىقە قىلىڭلار» دېگەن.(2)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سەندە ئىسراپخورلۇق بىلەن تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئىللەت بولۇپ قالمىسىلا، خاھلىغىنىڭنى يەپ، خاھلىغىنىڭنى كىيىۋەرگىن» دېگەن.(3)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن. مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، قايتىپ كەلگەندە، تاھارەت سۈيى ئېلىپ ئالدىغا چىقتىم. ئۇچىسىدا شامنىڭ تونى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ تاھارەت ئېلىپ ئاغزى – بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى، يۈزىنى يۇيدى، يەڭدىن قولىنى چىقىراي دەپ تارتقان ئىدى، يەڭ تار كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قولىنى توننىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ يۇيدى، بېشىغا، ئىككى ئۆتۈكىگە مەسىھ قىلدى.(4)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئاپتاپتىن دالدا بولىدىغان شەپكە كىيسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 29 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 1 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 100 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————
1. «ئەھمەد»، (5115)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4031). ئىمام ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 10/271): «سەنەدى ھەسەن» دېگەن؛ ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. «بۇخارىي»، كىيىم – كېچەكلەر بۆلۈمى. 1 – باب. مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان.
3. «بۇخارىي»، كىيىم – كېچەكلەر بۆلۈمى. 1 – باب.
4. «بۇخارىي»، (5798).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ