نىجىس ۋە خىمىيىلىك ئوغۇتلارنى ئىشلىتىش ۋە سېتىشنىڭ ھۆكمى

نىجىس ۋە خىمىيىلىك ئوغۇتلارنى ئىشلىتىش ۋە سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجەتخانا يېنىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى، يەنە ئادەم، چوشقا نىجاسەتلىرى، خىمىيىلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلانغان پارنىكتىكى سەي – كۆكتاتلارنى يېيىش جائىزمۇ؟ خىمىيىلىك ئوغۇتلارنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟ تىجارىتىنى قىلساقچۇ؟ تاپقان پۇل ھالالمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

دەل – دەرەخ ۋە زىرائەتلەرنى ماياق، تېزەك، گەندە قاتارلىق ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ پوق – سۈيدۈكى، قان، تاپ ۋە ئۇستىخان قاتارلىق نىجىس ماددىلار بىلەن ئوغۇتلاش ۋە ئەۋرەز سۇلىرىدەك نىجىس سۇلار بىلەن سۇغۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئوغۇتلانغان كۆكتات، مېۋە – چېۋە ۋە زىرائەت ھوسۇللىرىنى ئادەمزات ۋە چارۋا – ماللارنىڭ ئىستېمال قىلىشى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك زىرائەت ۋە يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پاكىز بولۇپ، ئۇنىڭدا مەينەت ئوغۇتنىڭ ھېچقانداق ئەسىرى قالمايدۇ.(1)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتىدۇ: «كۆپچىلىك ئۆلىمالار نىجىس ھۆكمىدىكى تېزەك، ماياقلارنىڭ ماددىسىنىڭ ئۆزى نىجاسەت بولۇشىغا، دېھقاننىڭ بەدەن ۋە كىيىم – كېچەكلىرىگە تېگىپ كېتىشىگە، شۇنداقلا زىرائەت، مېۋە – چېۋە ۋە ئوتياشقا تەسىرى كۆرۈلىدىغانلىقىغا قارىماي، زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زىرائەت، مېۋە – چېۋە ۋە ئوتياشقا ئوغۇت قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى جائىز دەپ قارىدى».(2)

مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى «مەينەت سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان ياكى مەينەت ئۇرۇقدىن ئۆسكەن زىرائەتنىڭ ئۆسۈپ چىققان بىخلىرى، ئۇنىڭدىن چۈشكەن قوغۇن – تاۋۇز ۋە تەرخەمەكتەك ھوسۇللار مەينەت نەرسە تەگمىگەن بولسىلا پاكىز، ئۇنى يۇيۇش ھاجەتسىز، ئەمما مەينەتلىك يۇققان زىرائەت ياكى ئۇرۇق يەنىلا مەينەت، ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى يۇيۇش لازىم» دېگەن.(3)

ئىمام غەززالىيمۇ: «زېمىننى نىجىس ھۆكمىدىكى ماياق، تېزەكلەر بىلەن ئوغۇتلاش، ئۇنىڭغا ئېھتىياج زور بولغانلىقتىن، شافىئىي مەزھەبتە جائىز دېيىلگەن» دېگەن.(4)

ئىمام نەۋەۋىيمۇ، شافىئىي مەزھەبتە زېمىننى ماياق ۋە تېزەك قاتارلىق نىجىس ھۆكمىدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوغۇتلاش ھەققىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغانلىقى ۋە شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشنىڭ «مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز» ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(5)

لېكىن، شافىئىي مەزھەب ئىت بىلەن چوشقىنىڭ پوقىنى مۇستەسنا قىلىپ، ئۇنىڭدا ئوغۇتلاش جائىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان.(6)

يۇقىرىقى قاراشتىكى كۆپچىلىك ئالىملار بىر تەرەپتىن زېمىننى مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئوغۇتلاش ئېھتىياجى بار ھەمدە ساھابەلەرنىڭ شۇنداق ئوغۇتلىغانلىقى ئىشەنچلىك يوللار بىلەن كەلگەن دەپ قارىغان ۋە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى گەندە بىلەن ئوغۇتلىغانلىقى ۋە: «بىر سېۋەت گەندە، بىر سېۋەت ئاشلىققا باراۋەر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىشقان.(7)

مۇسۇلمانلار ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى، بۇ تۈرلۈك مەينەت ئوغۇتلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن ۋە ئۆزئارا ئۇنىڭ سودىسىنىمۇ قىلىشقان. تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە دېھقانلىرىمىز قىغ ۋە گەندىلەرنى ئوغۇت قىلاتتى. لېكىن، ھازىرقى ئىلىم – پەن تەرەققىياتى بۇ تۈرلۈك ئوغۇتلارنى زىيانلىق دەپ قارىماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپچىلىك ئالىملار نىجىس ئوغۇتنىڭ باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كېتىش نەزەرىيىسىگە تايانغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيە بويىچە بولغاندا، يېمەك – ئىچمەك كېيىن گەندىگە ئايلانسا مەينەت بولغاندەكلا، ئۇ كېيىن دان ۋە مېۋىگە ئايلانسا، مەينەتچىلىكتىن ئەسەر قالمىسا، پاكىز بولىدۇ. بۇنىڭغا ھەنبەلىي مەزھەبتىكى ئىبنى ئەقىيل قاتارلىق بەزى ئالىملارمۇ قوشۇلغان ھەمدە ئۇلار شافىئىي مەزھەبتىكى قاراشتەك مەينەت ئوغۇت بىلەن ئۆسكەن زىرائەت ۋە مېۋىلەر ھارام ئەمەس، مەكرۇھ بولىدۇ، ئۇنى مەينەت دەپ ھۆكۈم قىلمايمىز، چۈنكى نىجاسەت ئۇنىڭ ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ ۋە بۇ يوقاپ كېتىش بىلەن پاكىز بولىدۇ، بۇ خۇددى قان ھايۋاننىڭ بەدىنىدە گۆشكە، سۈتكە ئايلىنىپ كەتكەندەك بىر ئىش دەپ قارىغان.

ئەمما، ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا، مەينەت سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان ياكى مەينەت ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىنىپ ئۆسكەن زىرائەت ۋە مېۋىلەر ھارام بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىدا، يۇقىرىقى نەزەرىيە بويىچە، مەينەتلىك يوقاپ، باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا يەنە، نىجىس سۇ ياكى ئوغۇت ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن سۇغۇرۇلسا ۋە بۇ پاكىز سۇ بىلەن بۇرۇنقى مەينەت ماددا قالمىسا، پاكىز ۋە ھالال بولىدۇ. چۈنكى، پوق يېگەن ھايۋانلار سولىنىپ پاكىز ھەلەپ بىلەن بېقىلسا، پاكىز بولغانغا ئوخشاش، پاكىزلىغۇچى ماددا نىجاسەتلەرنى تازىلايدۇ.(8)

بۇلار يەنە ساھابەلەردىن كەلگەن تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرگە تايانغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زېمىنىنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۇلارغا ئادەمزات گەندىسى بىلەن ئوغۇتلىماسلىقنى شەرت قىلاتتۇق. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭمۇ يېرىنى ئىجارىگە ئالغۇچىلارغا گەندە بىلەن ئوغۇتلىماسلىقنى شەرت قىلغانلىقى ۋە يەرنى گەندە بىلەن ئوغۇتلىغان كىشىگە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ئىنسانلارغا ئۇلاردىن چىقىدىغان نەرسىنى يېگۈزىدىغان كىشى سەنمۇ؟» دېگەنلىكى ھەم رىۋايەت قىلىنغان. ئۇنداق ھوسۇللار ھارام بولمىغان بولسا ئىدى، ساھابەلەر ئۇنداق شەرت قويمىغان بولاتتى.(9)

لېكىن، قارايدىغان بولساق، ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىدىكى بۇ خىل قاراش ئوخشاشماسلىقى، پەقەت ئىنسان گەندىسى بىلەن ئوغۇتلاش مەسىلىسىدىلا كەلگەن بولۇپ، تېزەك ياكى ماياقلار توغرىسىدا بىرەر رىۋايەت كەلمىگەن.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، بۇ ئىشتا ھەنبەلىي مەزھەبتە ھارام، شافىئىي مەزھەبتە مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز دېگەن قاراش بولسىمۇ، مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئوغۇتلاش ۋە سۇغۇرۇش مەسىلىسىدە، كۆپچىلىك ئالىملار مەينەت ئوغۇتنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە زىرائەتلەرگە تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەينەتلىك پاكىز غىزاغا ئايلىنىپ كەتكەن دەپ قارىغان. مېۋە – چېۋە ياكى ھوسۇلدا يا پۇراق، يا رەڭ، ياكى تەم جەھەتتىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغانلىقىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم ئېيتىدۇ: «جاھاندىكى ھەرقانداق نەرسە شۇنداق. مەسىلەن، قان گۆشكە ئايلىنىپ كەتسە، ئۇ، بۇ چاغدا گۆشتۇر، قان ئەمەستۇر. گۆش مايغا ئايلىنىپ كەتسە، ئۇ گۆش ئەمەس مايدۇر. ماياق، تېزەك، گەندە، سۇ ۋە تۇپراقلارنىڭ ھەممىسى خورما دەرىخىدە يوقاپ، يوپۇرماق ۋە ھۆل خورمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا بۇلارنىڭ ھېچبىر قىسمى تېزەك، ياكى تۇپراق، ياكى سۇ ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ ھالال، پاك، ھۆل خورما مېۋىسىدۇر. باشقا بارلىق ئۆسۈملۈكلەردىمۇ شۇنداق».(10)

ئەھۋال شۇنداق بولىدىكەن، مەينەت ئوغۇت ئىشلىتىلگەن زىرائەت ھوسۇللىرى ۋە مېۋە – چېۋە، ئوتياشلارنى پاكىزلىقى جەھەتتىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق مېۋە – چېۋە، ئوتياش ۋە ئاشلىقلارنى ئىستېمال قىلىش، تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپ قالسا، بۇ ئايرىم مەسىلە. بۇنى دوختۇرلار، بىئولوگلار ۋە يېمەكلىك كەسىپىدىكىلەر ئايرىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق دېسە، زىيانلىق دەرىجىسىگە قاراپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش يا مەكرۇھ، يا ھارام بولۇشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە: ئادەتتە، ساق ئىنساننىڭ سۈيدۈكى مىكروبتىن خالىي بولۇپ، ئۇنى ئوغۇتلاشتا ئىشلەتسە سالامەتلىكىگە زىيانلىق تەرىپى يوق. لېكىن، گەندە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىلسە، زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈك كۆرۈنەرلىك ئاينىپ كەتكىنى بىلەن، ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك باكتېرىيە تۈپەيلى، ھوسۇللارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش تېفود، مەددە قۇرۇتى، كولېرا ۋە بالىلار پالەچلىكى قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىرىكەن. بۇ تۈرلۈك ئوغۇت كۈن كۆرسە، زىيىنى يەڭگىللەيدىكەن. شۇنداقتىمۇ، بەزىبىر چارە – تەدبىرلەرنى قوللانمايلا ئىشلەتكەن تەقدىردە، خەتەرلىك دەپ قارىلىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن، بەزى دۆلەتلەردىكى سەھىيە مىنىستىرلىكلىرى گەندىنى بىۋاسىتە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىشنى چەكلەپ، مەلۇم ئۆلچەم ۋە ئىشلىتىش سۈپىتىنى بەلگىلىگەن ۋە ھوسۇل ئېلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن ئوغۇتلاشنى توختىتىشنى شەرت قىلغان. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە شەرتلەر خېلى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گەندىدىكى قوغۇشۇنغا ئوخشىغان بەزى ئېرىمەيدىغان ماددىلارنىڭ ئاشلىق ۋە مېۋە – چېۋە، كۆكتاتلارغا يۆتكىلىپ، ئاخىرىدا ئىنسان بەدىنىگە كىرىدىغانلىقىمۇ ئېيتىلماقتا.

تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بۇ تەرىپى ئىلىم – پەندە ئىسپاتلانغان دېسەك، بۇ زىيان يەڭگىل بولسا، شافىئىي مەزھەبتىكى مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز دېگەن قاراشقا، ئېغىر بولسا ھەنبەلىي مەزھەبتىكى ھارام دېگەن قاراشقا ئۇدۇل كېلىدۇ ۋە ساھابەلەردىن كەلگەن چەكلىگەنلىك ھەققىدىكى رىۋايەتلەرمۇ، بۇنىڭ بىلەن جىپسىلىشىدۇ.

ھاجەتخانا يېنىدىكى دەرەخ مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشمۇ، يۇقىرىقىدەك مۇباھ دائىرىدە. مېۋىگە مەينەت ماددا تەگكەن ياكى پۇراق سىڭىپ قالغان ئەھۋالدا، چوقۇم يۇيۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم. بولمىسا سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ دېيىلسە، ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاستىغا ياكى يېنىغا ئىشەك، چوشقا ۋە باشقا ئۆلۈپ قالغان ئات، قوي – كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تاپلىرى كۆمۈلگەن دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرىنى ئىستېمال قىلىش، شۇنداقلا قەبرىستاندىكى دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرىنى ئىستېمال قىلىشمۇ، كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە مۇباھتۇر. ئەگەر سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ دېيىلسە ئاندىن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قەبرلەر ئارىسىدىكى قۇدۇقنىڭ سۈيىنى، ئۇنىڭدىن ئۆسكەن دەل – دەرەخ مېۋىسىنى ۋە ئۆسۈملۈكنى ئىستېمال قىلىشنى، خۇددى مەينەت ئوغۇت ئىشلىتىلگەن زىرائەت ۋە مەينەت نەرسە يېگەن ھايۋانغا ئوخشاش يامان كۆرگەن.(11)

لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتىن باشقا كۆپچىلىك ئالىملار مېيىت مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كافىر بولسۇن، ئادەمزات نىجىس ئەمەس، پاكىز دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ قاراشقا ئاساسەن، قەبرىستاندا ئۆسكەن دەل – دەرەخ مېۋىسىنى ۋە ئۆسۈملۈكنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە، زىرائەت ھوسۇللىرىنى ئاشۇرۇش، سورتىنى ياخشىلاش ۋە مېۋىنىڭ ھەجمىنى يوغۇنۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھورمونلارمۇ، ئەگەر ئىنسان ۋە چارۋا ماللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىكلىرى چەكلىگەن بولسا، بۇنداق ھورمونلارنى ئىشلىتىش، زىيان ئۇرغانلىق ۋە ساختىلىق قىلغانلىق جەھەتتىن ھارام بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاپقان پۇلمۇ ھارام بولىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىكى رۇخسەت قىلغان دائىرىدە ئىشلەتسە مەيلى.

خىمىيىۋى ئوغۇتلار نىجىس ماددىلاردىن ياسىلىپ، خىمىيىلىك ئۆزگىرىش بىلەن پاكىز ماددىغا ئايلانغان بولسۇن ياكى ئايلانمىغان مەينەت ئوغۇت بولسۇن، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە، ئىنسان ۋە چارۋا ماللار سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولمىغان تەقدىردە، سەھىيە مىنىستىرلىكلىرى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش جائىز. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنى ئېلىپ – سېتىشمۇ جائىز.

بۇ جائىزلىق ھۆكمى، پاكىز ياكى تېگى مەينەت بولسىمۇ خىمىيىلىك ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە مەينەتلىكى يوقىغان بەزى سۈنئىي ئوغۇتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى مەينەت ئوغۇتلارنىمۇ سېتىش جائىز دەپ قارىغان ۋە: «ماياق ۋە تېزەكلەردىن پايدىلىنىش، ئۇنى يېقىلغۇ قىلىش جائىز، توپىغا ئارىلاشقان گەندىمۇ شۇنداق. بۇلاردىن پايدىلىنىش جائىز بولغاندىن كېيىن، بۇ مال – مۈلۈك ھېسابلىنىپ ئۇنى سېتىشمۇ جائىز» دېگەن. مالىكىي مەزھەبتىكى بىر قاراشتىمۇ مەينەت تېزەكلەرنى سېتىش جائىز.(12)

ئەمما، مالىكىي مەزھەبنىڭ يەنە بىر قارىشى بىلەن باشقا شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالار نىجىس ئوغۇتنى سېتىشنى چەكلىگەن.(13)

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، تەن سالامەتلىكىگە زىيىنى ئىسپاتلانمىغان ئەھۋالدا، مەينەت ياكى خىمىيىۋىي ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ئۇنىڭدا ئۆسكەن ھوسۇللارنى ئىستېمال قىلىش جائىز. نەتىجىدە، ئۇنداق ئوغۇتلارنى سېتىشمۇ جائىز بولىدۇ.

ئادەمزات ۋە چارۋا – ماللار ئىستېمال قىلمايدىغان ھوسۇللارغا، ياكى باغچا، ياكى زىننەت دەل – دەرەخلىرىگە ئوغۇت ئىشلىتىش ۋە ئۇ تۈرلۈك ئوغۇتلارنى سېتىشمۇ جائىز.

ئادەمزات ۋە چارۋا – ماللارغا زىيانلىقلىقى ئىسپاتلانغان ھورمون ۋە شۇنىڭدەك زىرائەت دورىلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇنى ئېلىپ – سېتىشمۇ ھارام.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 22 – سەپەر/ م. 2016، 22 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 92 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———————–
1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/58؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/144؛ شىنقىيتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 1/543؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/237.
2. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 5/752.
3. مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 1/49.
4. غەززالىي: «ئەلۋەسىت»، 2/311.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/388.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/237.
7. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (22367)؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 2/78.
8. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/330؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 6/194.
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (22362 – 22365)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (11534 – 11537)؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 6/194.
10. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 1/162.
11. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 6/273.
12. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/144؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/58؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 3/10.
13. ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، ، 2/11؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/174. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/237.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ