يىلان گۆشىنى يېسەك بولامدۇ؟

يىلان گۆشىنى يېسەك بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن «يىلان گۆشىنى يېسە بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغان، ئەمما بەزىلەر: «بولمايدۇ» دەيدۇ. بۇ توغرۇلۇق بىر ئىزاھات بەرسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يىلان ئۆمىلىگۈچى زىيانداشلاردىن بولۇپ، كۆپىنچىسى زەھەرلىك كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىلاننى ھەرەمدە بولسۇن، باشقا جايلاردا بولسۇن، نامازدا بولسۇن ياكى ناماز سىرتىدا بولسۇن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. پەقەتلا ئۆيلەرگە كىرىۋالغانلىرىنى جىن بولۇش ئېھتىمالى بولغاچقا، 3 كۈن ئاگاھلاندۇرۇشقا، چىقىپ كەتمىسە ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبەر ئۈستىدە خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «يىلانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. بولۇپمۇ، (دۈمبىسى) ئىككى ئاق سىزىقلىق يىلان بىلەن ئوق يىلانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى، بۇ ئىككى خىل يىلان ئىنساننىڭ كۆزىنى كور قىلىۋېتىدۇ، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: مەن بىر يىلاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوغلاۋاتاتتىم، ئەبۇ لۇبابە مېنى كۆرۈپ:

ــ ئۇنى ئۆلتۈرمىگىن! ــ دېدى. مەن:

ــ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىلانلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان تۇرسا؟! ـ دېسەم، ئۇ:

ــ كېيىنچە، ئۆيگە كىرىۋالىدىغان يىلانلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقانىدى، ــ دېدى.(1)

زەيد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

ــ ئېھراملىق ھالىتىدىكى كىشى قانداق جانلىقلارنى ئۆلتۈرسە بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

ــ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ غالجىر ئىت، چاشقان، چايان، سا، قاغا ۋە يىلاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ــ دېدى. ئۇ يەنە:

ــ نامازدىمۇ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ــ دېدى.(2)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەش تۈرلۈك زىيانداش ھەرەم سىرتىدىمۇ ۋە ھەرەم دائىرىسىدىمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار: يىلان، ئالا قاغا، چاشقان، غالجىر ئىت ۋە سادۇر» دېگەن.(3)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قارىنى، يەنى، چايان بىلەن يىلاننى نامازدا تۇرۇپمۇ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان.(4)

يۇقىرىقى ھەدىسلەر يىلاننى ھەتتا نامازدىمۇ، ئېھرامدىمۇ، ھەرەم سىرتىدىمۇ ۋە ھەرەم دائىرىسىدىمۇ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بۇنىڭغا ئاساسەن يىلان گۆشى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھارام. چۈنكى، ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇش ئۇنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭ بايانى مۇنداق: جانابى ئاللاھ بەش تۈرلۈك زىيانداشنى ھەرەمدىمۇ، ئېھرامدىمۇ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ گۆشى ھالال بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇنى شەرئى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈشكە، گۆشىدىن پايدىلىنىشقا، ئۇدۇل كەلگەنچە ئۆلتۈرۈپ ھارام قىلىۋەتمەسلىككە بۇيرۇغان بولاتتى. ھالبۇكى، يېگىلى بولىدىغان ئوۋنى ھەرەم دائىرىسىدە ۋە ئېھراملىق ھالەتتە ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئوۋنى ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار!﴾ دەپ بۇيرۇغان. يەنە: ﴿مادامىكى سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ئوۋلىرى سىلەرگە ھارام قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 94، 96) دېگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، يىلان گۆشى ھارام بولىدۇ.(5)

بۇنىڭدىن، يىلاننىڭ ھارام بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇنىڭ زەھەرلىك ۋە زىيانداش ئىكەنلىكى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يىلان گۆشىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەپ يەنە مۇنداق دېگەن: «يىلان ناپاك نەرسىلەر قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ﴿ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ ﴾(7/«ئەئراف»: 157) قۇرئان نازىل قىلىنغان چاغلاردىكى ئەرەبلەر ھەدىستە ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان سا، قاغا، چاشقان، چايان ۋە يىلاننى ناپاك نەرسىلەر قاتارىدىن كۆرۈپ گۆشىنى يېمەيتتى. بۇنىڭدىن ھەدىس بىلەن قۇرئان يىلاننى ھارام قىلىشتا بىر – بىرىگە ماس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەدىستە، يېيىش ھالال بولمايدىغان نەرسىلەرنى ھەرەمدە ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. يىلاننى ھەرەمدە ياكى ئېھراملىق ھالەتتە ئۆلتۈرسە فىديە كەلمەيدىغانلىقىمۇ، يىلاننىڭ ئوۋ قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ».(6)

بۇنىڭدىن يىلان گۆشىدە داۋالىنىشنىڭ ھۆكمىنىمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى، ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈرىيىتى بولغان ئەھۋالدىن باشقا ئەھۋالدا، داۋالىنىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

زۆھرىي ئېيتىدۇ: بىرەر زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىش ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نىجىستۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرگە بارلىق پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 5) دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق توغرىسىدا: «ئاللاھ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان» دېگەن.(7)

ئىمام شافىئىي يەنە: «مەن ھارام دەپ قارىغان ھەرقانداق نەرسىنى ساتسا، پۇلىمۇ ھارام دەپ قارايمەن، ئۇ شەرئى بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولۇپ قالمايدۇ. يىلان گۆشىدىن ياسالغان تىرياقنى ئىستېمال قىلىش، تاپنى يېيىشكە ئوخشاش بولۇپ، تاپنى يېيىش جائىز بولغان زۆرۈرىيەت ھالىتىدىن باشقا ھالەتلەردە، ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.(8)

يەنە بىر قىسىم ئالىملار يىلان گۆشى ئادەتتە، زۆرۈر داۋالىنىش ئەھۋالى بولمىسا ھارام، زۆرۈر داۋالىنىش ئەھۋالى بولۇپ، ئاشۇنى ئىستېمال قىلمىسا باشقا ھالال، پاك دورا تېپىلمايدىغان ئەھۋاللاردا، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، يىلان گۆشى ھارام. جانابى ئاللاھ بىزگە زىيانلىق، ناپاك ھەرقانداق نەرسىنى ھارام قىلىۋەتكەن. پايدىلىق پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ بەرگەن. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ھارام قىلىنىش سەۋەبىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش جەھەتتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىغا، زىيانلىق ۋە ناپاكنى ھارام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا، ئاللاھ ھارام قىلغان يېمەك – ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1436، 13 – مۇھەررەم / م. 2014، 6 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 93 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3299)؛ «مۇسلىم»، (2233).
2. «مۇسلىم»، (1200).
3. «مۇسلىم»، (1198).
4. «ئىبنى ماجە»، (1245). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/182؛ جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 4/188؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/324 – 327.
6. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/241.
7. «بۇخارىي»، «تاتلىق – شېرىن ھالۋىلار بىلەن ھەسەل ئىچىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
8. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/244.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ