تالاقتىن كېيىن ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى قاچان تۈگەيدۇ؟

تالاقتىن كېيىن ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى قاچان تۈگەيدۇ؟

سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم، بىر ئەر ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولغان ئايالىنى تالاق قىلسا، ئايالى قورسىقىدىكى ھامىلىنى (ئۇ ھامىلە قانچە ئايلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) قەستەن چۈشۈرۈۋەتسە ياكى ھامىلە ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تالاق يۈز بەرگەن ھامان، ئىددەت باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر تالاق قىلىنغان ئايال ھامىلىدار ھالەتتە بولسا، بالىنى تۇغۇشى بىلەن ئىددىتى توشىدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

بالىنى تۇغۇش ۋاقتى كەلمەستىن چۈشۈرۈۋەتكەن ئەھۋالدا، ئىددەت توشۇش ۋاقتى ھەققىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

كۆپچىلىك ئالىملار: بەدەن ئەزالىرى شەكىللەنگەن بالىنى چۈشۈرۈۋەتسە، ئاندىن چۈشۈرۋېتىش بىلەن ئىددەت توشىدۇ، دەپ قارىغان.

ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «بۇ ئىددەتنىڭ توشۇشىنىڭ شەرتى شۇكى، تۇغقان (ياكى چۈشۈرۈۋەتكەن) نەرسىنىڭ ياكى بىر قىسمىنىڭ شەكىللەنگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر پەقەت شەكىللەنمەي، بىر پارچە لەختە قان ياكى بىرەر چاينام گۆش چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ».(1)

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «تالاقتىن ياكى ئۆلۈمدىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ھامىلىدار ئەقەللىيسى ئادەم بالىسى بولۇپ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆز، ياكى تىرناق، ياكى بارماق، ياكى باش، ياكى قول، ياكى پۇت، ياكى بەدەنگە ئوخشىغان بىر نەرسىنى ياكى ئۇنى كۆرگەن كىشى بۇ چوقۇم ئادەم بالىسىنىڭ بەدىنى دەپ بىلىدىغان بىر نەرسىنى چۈشۈرسە، ئاندىن ئىددىتى توشقان بولىدۇ».(2)

بۇلارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، شەكىللەنمىگەن بىرەر پارچە قان ياكى گۆش چۈشسە، دوختۇرلار ئۇنى تۆرەلمە دەپ قارىمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ. بەلكى ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقىيىپ ئىددىتىنى توشقۇزۇشى لازىم.(3)

مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى ئۇيۇپ قالغان قان بولسىمۇ، چۈشۈرىۋەتسە ئىددىتى توشىدۇ. بۇ قاننىڭ تۆرەلمە ياكى ئادەتتىكى قان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالغان ئەھۋالدا، قانغا قىزىق سۇ قۇيۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرۈلىدۇ. ئىرىپ كەتسە ئادەتتىكى قان بولىدۇ. ئەگەر تۆرەلمە بولسا تېخىمۇ قاتتىق ئۇيۇپ كېتىدۇ دەپ قارىغان.(4)

بۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى پەقەتلا چۈشكەن ياكى چۈشۈرۈلگەن قان تۆرەلمىمۇ ياكى ئادەتتىكى قانمۇ بۇنى ئايرىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تۆرەلمە ئىكەنلىكى ئايرىلغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشىدىغانلىقىدا ئاساسەن قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىماملىرىمىز مۇنداق دېگەن: نىپاس ھۆكمى ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن تۆرەلمىنىڭ تولۇق شەكىللىنىپ بولۇشى ياكى ھايات بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. بەلكى بالىنى ئۆلۈك تۇغسا ياكى ئادەم شەكلىگە كىرگەن ياكى كىرمىگەن بىر گۆشنى چۈشۈرسە، تۇغۇت ئانىلىرى بۇ تۆرەلمە دەپ قارىسا، نىپاس ھۆكمى ئىسپاتلىنىدۇ».(5)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، قورساقتىكى ھامىلە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ئەھۋالدا، تالاقتىن كېيىن ئۇنى چۈشۈرۈۋەتسە ياكى چۈشۈپ كەتسە، چۈشكەن نەرسە قورساقتىكى تۆرەلمە دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋالدا، ئىددەت توشۇپ كېتىدۇ. نىپاس باشلىنىدۇ. ئادەتتىكى قان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ. ئادەتتىكى قان بىلەن بالىغا تەۋە قاننى ئايرىش قىيىن ئەمەس. ئايرىيالمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ چۈشۈشى بىلەن بىرنەرسە ئىسپاتلانمايدۇ.

جانابى ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتىمۇ تۆرەلمە تولۇق شەكىللەنگەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قانداق ھالەتتە چۈشسە ئۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: ﴿ھامىلىدارلارنىڭ ئىددىتىنىڭ توشۇش ۋاقتى بالىلىرىنى تۇغۇشتۇر، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ﴾(65/«تالاق»: 4).

ئىددەت تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ بىرى بالىياتقۇنىڭ خالىيلىقىنى بىلىش بولۇپ، بۇ تۆرەلمىنىڭ چۈشۈشى بىلەن بىلىنىدۇ.

سەلەفلىرىمىزدىن ئامىر ئەششەئبىي، ھەسەن بەسرىي، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن شۇرەيھ ۋە ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىق زاتلار: «چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمە تولۇق يارىتىلىپ بولغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش بىلەن ئىددەت توشىدۇ» دېگەن.(6)

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، بالىنى چۈشۈرىۋېتىش مەيلى قايسى باسقۇچتا بولسۇن، ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى. بۇنداق جىنايەت سادىر قىلغان ئەھۋالدا بۇنىڭدىن ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، تەۋبىسى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش ئارقىلىق كەففارەت بېرىش لازىم.

شۇنداقلا بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن جىنايەتكە قارىتا، دىيەت (تۆلەم) تۆلەش لازىم. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تۆلىمى بولسا، بەش تۆگە ياكى ئۇنىڭ قىممىتى بولۇپ، بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن كىشى بۇ پۇلنى بالىنىڭ مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. بالىنى ئانىسى ياكى ئاتىسى چۈشۈرگەن بولسا، بۇلار ئۇ پۇلنى بالىنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىدۇ. ئۆزلىرى ئۇنىڭدىن مىراس ئالالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 8 – رامازان/ م. 2012، 27 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 341 – بەت. 62 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 3/196.
2. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 5/221.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/97.
4. ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 4/149؛ مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 4/309.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/490.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (19274 – 19279).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ