مىراسنى بۆلۈشنى ئارقىغا سۆرەشنىڭ ھۆكمى

مىراسنى بۆلۈشنى ئارقىغا سۆرەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يېقىندا ئايالىمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى. ئايالىم دادا بىر، ئانا بىر، بەش تۇغقان بولۇپ، ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇل. ئەڭ كىچىك سىڭلىسى تېخى ياتلىق بولمىغان. گەرچە ئايالىم ۋە باشقا قېرىنداشلىرى ئورتاق ھالدا «مىراسنى ئانام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئاندىن بۆلۈشىمىز» دېگەن پىكىردە بولسىمۇ، قېيىنئاتامنىڭ قېرىنداشلىرى «مىراسنى ھازىر بۆلۈۋەتمىسە قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن ئوخشايدۇ. بۇ مەسىلە كۆپلىگەن ئائىلىلەردە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلە بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېنىق ھۆكمىنى بىلىپ بېقىشنى لايىق كۆردۇق. ئاللاھ ئىلىملىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇش ۋە مىراسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە قىلىش لازىم:

1. مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكىدە قويۇش.

2. قەرزلىرى بولسا تۆلەش. ئورۇندىمىغان نەزر،(1) ياكى كەففارەت، ياكى زاكات قاتارلىق شەرىئەت ھەقلىرىمۇ قەرزلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

3. قالدۇرغان مىراسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمىغان دائىرىدە ۋەسىيىتىنى ئورۇنداش.

4. مىراسىنى مىراسخورلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش.

بۇ تەرتىپكە ئاساسەن مېيىتنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئائىلە چوڭلىرى، ياكى مىراس ئىشلىرى تاپىلانغان كىشى، ياكى مىراسخورلارنىڭ چوڭراقى ئالدى بىلەن مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلىشقا ئالدىرىشى، يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلغاندىن كېيىن، مېيىتنىڭ قەرزلىرى بولسا، ئېنىقلاپ تولۇق ئادا قىلىشى، شۇنداقلا مېيىتنىڭ باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا ئېلىپ، نەق بار مال – مۈلۈك بىلەن جەملەپ، جىمى مىراسنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ جەرياندا مىراسنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرۇپ قويۇش ياكى تىقىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

قەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، باشقىلاردىكى قەرزلەرنى يىغىپ مال – مۈلكىنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىراسنى دەرھال شەرىئەت بويىچە تەقسىم قىلىشقا ئالدىرىشى، كېچىكتۈرمەسلىكى زۆرۈر.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مال – مۈلۈكلەرنىڭ تولۇق ھېسابىنى ئېلىشتا نەق پۇلدىن باشقا ئۆي – زېمىن، مال – چارۋا ۋە تاۋار قاتارلىق مىراس مال – مۈلۈكنىڭ قىممىتى بۇرۇن سېتىۋېلىنغان باھاسى بويىچە ئەمەس، مىراس تەقسىم قىلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلغان كۈنلەردىكى باھا ۋە بوداش ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.

بۇ ئارىدا، مىراسخورلارنى يىغىپ ئۇلارغا باشقىلارغا تۆلىگەن قەرزلەرنى، باشقىلاردىن يىغقان قەرزلەرنى، نەق قالغان مۈلۈكلەرنىڭ ھېسابىنى بېرىپ بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، بىرەر ئۆلىمانىڭ مىراسخورلارنى بېكىتىشى ۋە شەرئى تەقسىمات كۆرسەتمىسى بويىچە، قىلچە ئۇيان – بۇيان قىلماستىن مىراسنى بۆلۈۋېتىشى، كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم.

ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىردەك تەكىتلىشىچە، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن مال – مۈلكى مىراسخورلارنىڭ مۈلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم بىلەن ئىنساننىڭ مال – مۈلكى قولىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە: مال – مۈلكۈم، مال – مۈلكۈم، دەيدۇ، ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن پەقەت ئۈچ نەرسىلا ئەسقاتىدۇ. يەنى يەپ – ئىچىپ تۈگەتكىنى، كىيىپ كونىراتقىنى ۋە سەدىقە بېرىپ ئاخىرەتكە ساقلاپ قويغىنى. ئۇلاردىن باشقىسىنى كىشىلەرگە تاشلاپ كېتىدۇ».(2)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنىڭ مېلى ھاياتىدا خەيرلىككە سەرپ قىلىپ ئالدىن ماڭدۇرغىنىدۇر، ۋارىسىنىڭ مېلى بولسا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكىنىدۇر» دېگەن.(3)

يەنە بىر ھەدىستە ئېنىق قىلىپ: «كىمكى ئۆلۈپ مال – دۇنيا قالدۇرسا، ئۇ، ۋارىسلىرىنىڭ بولىدۇ» دېگەن.(4)

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، قالدۇرۇلغان مىراس چوڭ – كىچىك، قىز – ئوغۇل بارلىق مىراسخورلارنىڭ ئورتاق مۈلكى بولغاچقا، مىراستا ھەربىر مىراسخورنىڭ بىر كىشىلىك نېسىۋىسى ۋە ھەققى بولىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ نېسىۋىسى باردۇر، ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئاياللارنىڭمۇ نېسىۋىسى باردۇر، ھەر ئادەم بەلگىلەنگەن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 6، 7)

مىراسخور بولسۇن ياكى سىرتتىن بىرى بولسۇن، ھېچكىمنىڭ بىر مىراسخورنىڭ شەرىئەت بېكىتكەن ھەققىنى ۋاقتىدا قولىغا ئېلىشىنى ئارقىغا سۆرىشى، ياكى بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشى، ياكى بىرەر مىراسخورنى ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشى، ياكى باشقا مىراسخورلارنىڭ رۇخسىتىسىز مىراسنى ئۆزىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ ئىش، يەنى مىراسنى تەقسىم قىلىشنى توسۇش ياكى كېچىكتۈرۈش ھارامدۇر. چۈنكى، مېيىت ئۆلگەندىن كېيىن، ھەربىر مىراسخورنىڭ ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىدا تەسەررۇپ قىلىش ھەققى بولىدۇ. بىرسىنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى بولمايدۇ. مىراسخورنى ئۆز ھەققىدىن پايدىلىنىشىنى توسۇش ياكى كېچىكتۈرۈش باشقىلارنىڭ ھەققىگە قىلىنغان تاجاۋۇز بولغانلىقتىن، بۇ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدىغان زۇلۇم دائىرىسىگە كىرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاتمۇ – قات زۇلمەتتۇر» دېگەن.(5)

مىراسخورنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلار بىر مۇددەت ئىشلىتىۋالسا، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەن.

ئىسلام شەرىئىتى مىراس ئەھكاملىرىنى تەپسىلىي ۋە ئادىللىق بىلەن بېكىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئادالىتى، ھېكمىتى تەجەللى ئەتكەن. نەتىجىدە، شەرىئەتتىكى مىراس قانۇنى ئادىللىقى ۋە پۇختىلىقىدا مۇكەممەل بولۇپ، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇ ئەھكاملارنى ئۆزى بىۋاستە تەپسىلىي بېكىتكەن. مىراس ئايەتلىرىگە نەزەر سالايلى:

﴿ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇل بالىغا ئىككى قىز بالىنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ، ئەگەر پەرزەنتلەر ئىككىدىن كۆپ قىز بالا بولسا، ئۇلارغا ئاتىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ، ئەگەر يالغۇز بىر قىزلا بولسا، ئۇنىڭغا يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەربىرىگە قالدۇرغان مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسنى پەقەت ئاتا – ئانىسىلا ئالىدىغان بولسا، ئانىسىغا ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىت ۋەسىيەت قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئاتا – ئاناڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن سىلەرگە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) ئۇلار ۋەسىيەت قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) سىلەر قىلغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ياكى بىر ئايال كىشى يا ئاتىسى، يا پەرزەنتى يوق بولغان ئەھۋالدا مىراسى تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ھەربىرىگە ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. (بۇ تەقسىمات) قىلىنغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مىراسخورلارغا زىيان ئۇرمىغان ھالەتتە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئەنە شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر ﴾(4/«نىساﺋ»: 11، 12).

بۇ ئايەتلەردە جانابى ئاللاھنىڭ ﴿تەۋسىيە قىلىدۇ ﴾ دېگىنى، پەرز قىلىپ بۇيرۇش بىلەنلا قالماي، ئالاھىدە جېكىلەپ تاپىلايدۇ دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. جانابى ئاللاھ بۇنى يەنە ﴿بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر ﴾ دەپ پەرزلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە يەنە ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئەنە شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ﴾ دەپ قايتا – قايتا جېكىلىگەن.

بۇ ئايەتلەردىن كېيىنكى ئايەتتە بولسا، مىراس ئايەتلىرىدە پەرز قىلىنغان بۇ ئەھكاملارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، بۇ چەكتىن ئېشىپ تاجاۋۇز قىلىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى ۋە خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ئارقىلىق مىراس ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئىجرا قىلمىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭدىن مىراس ئىشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتۇش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئىشتا زۇلۇم قىلماسلىق كېرەكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئايەتتە يەنە: ﴿مىراسخورلارغا زىيان ئۇرمىغان ھالەتتە بولىدۇ﴾ دېيىش ئارقىلىق زىيان ئۇرۇشنى چەكلىگەن.

ئايەت يەنە: ﴿سىلەر بىلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ دېگەندىن كېيىن يەنە ﴿ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾ دېيىش ئارقىلىق، بۇ تەقسىماتنىڭ ئىلاھىي ئىلىم ۋە ھېكمەت بويىچە بېكىتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقىچە قىلىش جاھالەت ۋە نادانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 4/«نىساﺋ» سۈرىسىدىكى مىراس ئايەتىدە بولسا، ئاللاھ تائالا ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتۋا بەرگەندىن كېيىن: ﴿ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 176) دەيدۇ.

دېمەك، مىراس تەقسىماتىدا ئىنساننىڭ رايى ياكى خاھىشىغا ئورۇن يوق. مىراسخورلارنىڭ «مىراسنى كېيىنچە بۆلۈشىمىز» دېگىنى ئۇلارنىڭ خاھىشىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى، ئىلىمى، ھېكمىتى ۋە تەقسىماتىغا خىلاپتۇر.

يەنە كېلىپ، «ئانا باشقا مىراسخورلاردىن بۇرۇن ۋاپات تاپىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ھۆكۈم چىقىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ھېچكىم قاچان، قەيەردە ۋاپات بولۇشىنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بەزىدە يېشى كىچىك، ساغلاملار تۈگەپ كېتىپ، ياشانغانلار، ساق ئەمەسلەر ھايات قېلىشى مۇمكىن. مىراسنى نەچچە ئاي، نەچچە يىل كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا، باشقا مىراسخورلار ئانىدىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ، مىراس ئىشى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشى، ئاخىرىدا بىرسىنىڭ ھەققى يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشى، تېخى بەزىدە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھەققى زايە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

ئادەتتە، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، بەزى مىراسخورلار بىر قىسىم مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى، بەزى مۈلۈكلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىشى، ئىسراپ قىلىنىپ زايە بولۇپ كېتىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. مىراسىدىن پايدىلىنالمىغان مىراسخورلار ياكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مىراس ھەقلىرى تۇرۇپ زاكات ۋە ياردەمگە موھتاج بولۇپ كېتىدۇ.

ئۆز ھەققىدىن ئۇزۇن مۇددەت پايدىلىنالمىغان ياكى كېچىكىشتىن ھەققى كېمىيىپ كەتكەن مىراسخورلار يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىدۇ، جېدەل – ماجىرا قىلىشىدۇ. تېخى بەزىدە قېرىنداشلىرىنىڭ مىراسىنى يەۋالماقچى بولغان بىر قىسىم نەپسى بالا مىراسخورلار ئالىملار كۆرسەتكەن شەرىئەت ھۆكمىگىمۇ بويسۇنماي، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنى ۋە مۇسۇلمان تۇغقانلىرىنى كافىرلارنىڭ سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشقا، دەۋالىشىپ سەتلىشىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

ئىنسان نەپسى مال – دۇنياغا ئامراق بولغاچقا، ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەر مىراسنى (باشقىلارنىڭكى بىلەن قېتىپ) يەۋالىسىلەر، مال – مۈلۈكنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر﴾(89/«فەجر»: 19، 20) دېگەن.

بۇنىڭدىن مىراسنى ۋاقتىدا تەقسىم قىلماي يېتىم – يېسىر، ئاجىزلارنىڭ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىنى يۇتۇپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ قىز ۋە سەبىي بالىلارنى مىراستىن مەھرۇم قىلىشتەك جاھىلىيەت دەۋرى ئادەتلىرىگە قايتىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئۇنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئەھكاملىرىغا سۆرەلمىلىك قىلىش، بەجا كەلتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشلار بولسا، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە رازى بولماسلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇخىل قىلمىشلار كافىر قەۋملەرگە خاس خاھىشلار جۈملىسىدىندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى خالامدۇ؟ چىن ئىشىنىدىغان قەۋم نەزەرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟﴾(5/«مائىدە»: 50).

ئاللاھنىڭ بۇ ئادالىتىدە مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچ – ئاداۋەت پەيدا بولۇش ئورنىغا، رازىمەنلىك، كۆڭۈل يېقىنلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت، سىلە – رەھىمنىڭ داۋاملىشىشى كۆزدە تۇتۇلغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، مىراسنى شەرىئەت بويىچە ئايرىماسلىق ياكى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈۋېتىش نەتىجىسىدە تۆۋەندىكىدەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ:

1. مىراسخورلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىدىن ۋاقتىدا پايدىلىنالماسلىقى.

2. ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا ئۆچ – ئاداۋەتلىشىشى، بىر – بىرىنى تاشلىشىشى.

3. يېتىم – يېسىر، ئاجىز مىراسخورلارنىڭ ھەققىنىڭ باشقا مىراسخورلار ياكى ياتلار تەرىپىدىن بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىشى.

4. مىراسخورلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى تۈپەيلى مىراسنى ئايرىشنىڭ مۇرەككەپلىشىشى. بولۇپمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ياكى بىر ئەۋلاد كېچىكتۈرۈلگەن ئەھۋالدا، مىراسنىڭ ئەسلى ئىگىسىنى ئايرىشمۇ قىيىنغا توختايدۇ.

5. بەزى مىراسخورلارنىڭ مىراسنى تەلەپ قىلغۇسى بار تۇرۇپ، ھايا قىلىپ تەلەپ قىلالماسلىقى.

6. مىراسنى كېچىكتۈرۈشتىن پايدىلىنىدىغانلارنىڭ بەزى ھۆججەتلەرنى يوشۇرۇشى، ئۆزگەرتىپ ساختىلاشتۇرۇشى.

7. بەزى پەرزەنتلەر، بولۇپمۇ، چوڭ ئوغۇل ياكى ئائىلە تىجارىتىنى ئايلاندۇرىۋاتقان ئوغۇل «ئاتامنىڭ مال – مۈلكىنى بىللە تېپىشىپ بەرگەنتىم» دېگەن باھانە بىلەن مىراسنى ئىگىلىۋېلىشى.

8. ھەربىر مىراسخورنىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسى مېيىتتىن مىراسخورغا يۆتكەلگەن بولغاچقا، ئۆلۈمدىن بىر يىل ئۆتۈپ نېسىۋىسى يالغۇز ياكى قولىدىكى باشقا ئىقتىسادقا قوشقاندا، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئەھۋالدا، مىراسخورغا ئۇ مال – مۈلۈكنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ. مىراس تەقسىماتىنى كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا، بۇ زاكات ئادا قىلىنماي گەدىنىدە قالىدۇ. چۈنكى، ھەربىرى «مەن تېخى مىراسىمنى قولۇمغا ئالمىدىم» دەيدۇ.

ئالىملىرىمىز بىرەر مىراسخور مىراسنى تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، ئۆز ھەققىدىن پايدىلىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن، ھامىلىگە ئەڭ ئازادە مىراس ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، مىراسنى تەخىرسىز تەقسىم قىلىۋېتىش كېرەكلىكىنى، مىراسخورلارنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئەسەرلىرىدىكى مىراس بۆلۈمىدە «ھامىلىنىڭ مىراسى» دەپ ئالاھىدە باب تۇرغۇزغان. بۇنىڭدىن ئالىملىرىمىزنىڭ ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈشتەك، كېچىكتۈرۈشكە بىرەر سەۋەب بار تۇرۇقلۇق، مىراسنى تەقسىم قىلىشنى ئارقىغا سۈرۈۋېتىشنى توغرا تاپمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، نەچچە ئون يىل ياكى نامەلۇم ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈش قانداقمۇ جائىز بولسۇن؟

يەنە تېخى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراش ياكى باھانىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى مىراسنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ ئادەتتە، يوق ئىش ئەمەس.

دىققەت قىلىش كېرەككى، مىراس تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ھەربىر مىراسخور خەجلىگەن پۇللار ئۆز نېسىۋىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، مىراسخورلار بۇنى بىلمەي، ئوپچە خاماندىن كۆپرەك خەجلىۋېلىشقا، ھەتتا بۇزۇپ – چېچىشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، باشقا مىراسخورلارنىڭ ھەققىنى بىلىپ – بىلمەي يەپ كېتىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، مىراس ئىشىغا مەسئۇل بولغان چوڭ ئوغۇل ياكى مويسىپىت مىراسنى دەرھال بۆلۈپ، ھەربىر مىراسخورنىڭ ھەققىنى قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، مىراسخور مەيلى قىز بولسۇن ياكى نېسىۋىسى ئاز مىراسخور بولسۇن، مىراسىنى قولىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ تەبىئىي ھەق – ھوقۇقىدۇر. تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خاھلىسا باشقا مىراسخورغا بېرىۋەتسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مىراسنى تەقسىم قىلمىغان مۇددەتچە مىراستىن بەزى مىراسخورلارنىڭ توي – تۆكۈن، مېھماندارچىلىق، داۋالىنىش، ئوقۇش ۋە ئۆي ياساش دېگەندەك چىقىملىرىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، مىراسخورلار ئىچىدە نارەسىدە بالىلار بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما، چوڭلار ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ زىياپەت ئۆتكۈزسە، ئۆي ياسىسا ياكى مېيىتقا سەدىقە قىلسا مەيلى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

ئانىلارنىڭمۇ بەزى پەرزەنتلەرنى ئۆيلەش ياكى بەزىلىرىنىڭ ئوقۇشنى پۈتتۈرىۋېلىشىنى باھانە قىلىپ، مىراسنى ۋاقتىدا ئايرىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى زۇلۇم ۋە گۇناھتۇر.

قارايدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار ھازىر مىراسنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۆلمەي ياكى بۆلۈشنى ئارقىغا سوزۇپ، ئاللاھ بۇزماسلىقنى جېكىلىگەن چەك – چېگراغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماقتا. مىراس ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلماي تاشلاپ قويماقتا. بۇنىڭغا قارىتا دەۋەتچى ئالىم – ئۆلىمالار كىشىلەرنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇشى، بەزىبىر ئادەتلەردىن قالغان خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىشى، مىراس ئىلمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى لازىم.

خۇلاسىلەيدىغان بولساق:

1. مىراسنى كېچىكتۈرمەستىن تەقسىم قىلىۋېتىشكە ئالدىراش زۆرۈر.

2. تەقسىم قىلىشنى ئۆزرىسىز ئارقىغا سۈرگەن ئىشلار يۈز بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، دەرھال تۆۋە – ئىستىغپار ئېيتىپ، كېچىكتۈرمەستىن ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 8 – سەپەر/ م. 2016، 8 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 63 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ: ﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/136 – 152؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1388 – 1389 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. «مۇسلىم»، (2959).
3. «بۇخارىي»، (6442).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2398)؛ «مۇسلىم»، (1619).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2447)؛ «مۇسلىم»، (2579).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ