سۇ ھەققى تۆلىگەن يەرنىڭ ئۆشرىسى قانداق ئايرىلىدۇ؟

سۇ ھەققى تۆلىگەن يەرنىڭ ئۆشرىسى قانداق ئايرىلىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز!‏‏ بىز بۇغداي تېرىغان يەرگە ھەربىر موسى ئۆچۈن 100 كوي سۇ ھەققى تۆلەيمىز. بۇنىڭ ئۆشرىسىنى قانداق ئايرىيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

زېمىندىن چىقىدىغان زىرائەت ھوسۇللىرىغا ئۆشر(1) كېلىدۇ. جانابى ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ يەنە، بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى، دانلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، زەيتۇن ۋە ئانارنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. مېۋىسى پىشقاندا ئۇلاردىن يەڭلار. ھوسۇل ئالغان كۈندە ھەققىنى ئادا قىلىڭلار. ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ ﴾ (6/«ئەنئام»: 141).

زىرائەت يامغۇر ياكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى بىكارلىق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان تەقدىردە، ئالغان ھوسۇلغا %10 ئۆشر كېلىدۇ. كۈچ ۋە چىقىم بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋالدا %5 كېلىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى %10) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى %5) كېلىدۇ» دېگەن.(2)

زىرائەت ھوسۇللىرىنىڭ ئۆشر كېلىش ئۆلچىمى سەھىھ ھەدىستە: «بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن ھوسۇلدا ئۆشرە يوق» دەپ بېكىتىلگەن‏.(3)

بىر ۋەسەقنى تەخمىن بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە ئۇدۇللىساق: 122.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 130.5 كىلوگرامغا باراۋەر. بەش ۋەسەق 612.5 كىلوگرامغا، يەنە بىر قاراشتا 652.8 كىلوگرامغا باراۋەردۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن بارلىق زىرائەتلەردىن مۇشۇ مىقداردىن ئاشقان ھوسۇل ئېلىنسا، ھەر يىلدا ئەمەس، ھەر قېتىم ھوسۇل ئالغاندا ئۆشر – ئايرىلىدۇ.

ھوسۇلنىڭ ئۆزىدىن زاكات ئايرىش مۇناسىپ بولسا ئۆزىدىن ئايرىيدۇ. ساتقان پۇلدىن ئايرىش مۇناسىپ بولسا ساتقان پۇلدىن ئايرىيدۇ.

سۇ چىقىملىرىدىن باشقا تېرىپ ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىم، باج، بازارغا يۆتكەش ۋە قاچىلاش چىقىملىرى، ئۆزى ۋە ئائىلىسى يېگەن مىقدار، شۇنداقلا زىرائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئالغان قەرزمۇ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. ئۇندىن باشقا قەرزلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ. يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان ئەھۋالدا ئىجارە پۇلمۇ ساپ ھوسۇل قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا زاكات ئايرىيدۇ.(4)

ھوسۇلنى سېتىپ پۇلىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئالالمىسا قاچان قولىغا ئالسا شۇ چاغدا ئۆشر بېرىدۇ. قولىغا ئالالمىسا ئۆشر ئايرىمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 17 – مۇھەررەم / م. 2016، 16 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 35 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. ئۆشر (الْعُشْرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئوندىن بىر (10⅟)، يەنى 10%» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «تېرىلغۇ زېمىن ھوسۇلىدىن ئېلىنىدىغان زاكات»تۇر. ھەدىس شەرىفتە: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېيىلگەن. يەنە «ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكەن زىممىي سودىگەرلەردىن ۋە ئۇرۇش ھالىتىدىكى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج»مۇ «ئۆشر» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام خەلىفەلىرى ئۇلاردىن ئۆشر ئالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/101؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 281 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
2. «بۇخارىي»، (1483).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1405)؛ «مۇسلىم»، (979).
4. دوكتورمۇھەممەد ئابدۇللاھ شەببانىينىڭ: «فىقھۇززاكاتتا قاراشلار ۋە تەھلىللەر» دېگەن تەتقىقاتىغا قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ