دوكتور مۇھەممەد ئەمارە
مېتودولوگىيە ئۆز مەنىسىدىن ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا يول (ئۇسۇل) دېمەكتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مېتودولوگىيە توغرىسىدا شۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىزگە ئەڭ ساپ بولغان مېتودولوگىيە ئىلمىنى قالدۇرۇپ كەتتى».
بۇ سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدىكى سەۋەب، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مېتودولوگىيە ئىلمى بولسا، ئۇنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە تەستىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلار قۇرئاننىڭ پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن بولغان يېشىمىدىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى، تۆھپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى دەل قۇرئاندىكى ئۈلگە خاراكتېرلىك ھاياتلىق ئۇسلۇبىنى ھەمدە خۇسۇسىي، ئائىلىۋىي، دۆلەت، پانىي ئالەم، باقىي ئالەم، دىن، چوقۇنۇش ۋە روھىي ھالىتى، سودا، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىشىش، بايرام ۋە مۇراسىملار، ئىلىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرى، پەلسەپە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مېتودولوگىيە ئىلمىنى نامايان قىلدى.
پەيغەمبىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن مېتودولوگىيە قۇرئاننڭ يېشىمى بولغىنىغا ئوخشاش، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر ئىزچىل تۈردە بىزگە مۇقەددەس دەستۇر بولۇپ كېلىۋاتقان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بىز مۇقەررەر ئەگىشىدىغان ۋە ئۈلگە قىلىدىغان بۇ كىتاب، ھاياتنىڭ ۋە ئىش – ھەرىكەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە يولباشچى ۋە يېتەكچى بولالايدىغان نەمۇنىلىك بىر شەخس ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان ھەمدە پانىي ئالەم ۋە باقىي ئالەمدە ئىنساننى بەختكە ۋە توغىرلىققا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەت مېتودولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مانا بۇ ئەڭ قىممەتلىك بولغان مېتودولوگىيەدۇر. ئۇ ھەرگىز ئازلاپ ياكى تۈگەپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇ يۈرەك، تەپەككۇر ۋە ھېس – تۇيغۇلارغا ماس كېلىدىغان بىر قاتار مېتودولوگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۇ ياراتقان جانلىقلار تۈرلۈك ۋە چەكسىز بولغىنى، ئاللاھنىڭ قۇدرەت – كامالى ۋە ئىجادىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز(سىياھ) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز(نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئش قىلغۇچىدۇر»([1]).
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە ۋەھىي قىلىنىش ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە سۆزلىرى، جانلىقلار ۋە ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ ھەممە ساھەسىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مېتودولوگىيەنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
بىز نۆۋەتتە قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان مېتودولوگىيەنى ئەڭ يارقىن يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ھەمدە بىزنىڭ قۇرئان مېتودولوگىيە ئىلمىگە ئېرىشىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشىك بولغان بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
1. قۇرئان مېتودولوگىيەسى مۇسۇلمانلارغا ئۆزىمىزنىڭ توغرا بولغان مەقسەت – مۇددىئايىمىزغا يېتىشتە بىرلا خىل يولدىن پايدىلانماستىن، بەلكى كۆپ خىل يولدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن مېتودولوگىيە ۋە ئۇنى ئۆزگىرىشچان قوللىنىشنىڭ ئۇسۇلى بىز ياشاۋاتقان رېئاللىققا ۋە شۇ رېئاللىقتىكى پايدا – زىيانغا ئاساسلىنىدۇ.
«(ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا – باشقا دەرۋازىدىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!»دېدى»([2]).
2. ئۆزىنىڭ توغرا مەقسەت – مۇدىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى ۋە ئۆز روھىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قوغداش مېتودولوگىيەسى
«ئۇلار ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن. ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما – كېسەك قىلىدۇ (ئۆلتۈرۈش، خورلاش ياكى زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن) ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىدىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»([3]).
3. قاتماللىققا رەددىيە بېرىش مېتودولوگىيىسى
«ئى پەيغەمبەر! (ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن) كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي»([4]).
4. تاجاۋۇزچى كاپىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا غەزەپلىنىش ۋە قارشى تۇرۇش مېتودولوگىيىسى
«مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا – مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلىرىنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەربىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن ھەربىر نەرسىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»([5]).
5. خاتا ئېقىملارغا سەمىمىيلىك بىلەن قارشى تۇرىدىغان، مۇنازىرە ۋە پىكىرلىشىش مېتودولوگىيەسى
«ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھغا بويسۇنغۇچىلارمىز»([6]).
6. كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرچان، كەڭ قورساق بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرەت – كامالىغا تانغۇچىلارنى ئاللاھنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش مېتودولوگىيەسى
«ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن، (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئايەتلىرىمنى) ئىنكار قىلۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا ئازغىنە مۆھلەت بەرگىن»([7]).
7. بارلىق ئىنسانلارغا ھەتتا ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى كاپىرلارغىمۇ ئىلىم ئاتا قىلىنىدىغانلىقى
«ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى، قۇرئاننى)ئاڭلىغانغا (يەنى، پىكىر قىلىپ ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن. ئاندىن ئۇ ئىمان ئېيتمىسا، ئۇنى (جېنى ۋە مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر»([8]).
8. كىشىلەرنىڭ تۈرى، ھەرىكەت يۆلىنىشى ۋە رايى ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قارىتىلغان مېتودولوگىيە
«ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائەت كىشىلەر بار. ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيىرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر. ئۇلار ھەرقانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ»([9]).
«ھەرقاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەنى، يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (يەنى، تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ (يەنى، تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ)»([10]).
9. ئىنسان ئىلمىنىڭ نىسبىيلىكى ۋە ئىنسان مېڭىسى ئارقىلىق تونۇپ يېتىلگەن ئىنسانىي بىلىشنىڭ تولۇق بولماسلىقىنى، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ۋە مۇقەررەر بولغان ئىلاھىي بىلىش بىلەن سېلىشتۇرۇش مىتودولوگىيسى
«ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات(ئاللاھ)بار»([11]).
«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن»([12]).
«كەھف» سۈرىسىدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي ئىلىمگە ئېرىشكۈچى بەندىنىڭ قىسسىسى (ئىنسان ئىلمىدىكى) نىسبىيلىك ۋە ئىلاھىي ئىلىم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
«ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن بۈيۈك مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى بىلدۈرگەن بىر بەندىنى ئۇچراتتى»([13]).
ئىنسانىي بىلىش بولسا مەۋجۇت شەيئىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئىلاھىي ئىلىم بولسا مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋجۇت شەيئىنىڭ مەنبەسىدۇر، شۇڭلاشقا بۈيۈك قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ «ئەلئالىم» يەنى، ھەممىنى بىلگۈچى دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئەلئارىف» يەنى، تونۇغۇچى دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ. چۈنكى، تونۇش نىسبىي ھەم كەمتۈك بولىدۇ. بىز ئاللاھنى تونۇدۇق دېيەلەيمىز، لېكىن ھېچ بىر ئىنسان ئىلاھىي مەۋجۇتلۇقنى تولۇقى بىلەن بىلىشكە قادىر بولمىغانلىقتىن، (بىز ئاللاھنى بىلىمىز) دېيەلمەيمىز. سەلتەنەت ۋە قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ «ئەلشارىئ» يەنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بېكىتكۈچى دەپ سۈپەتلىنىدۇ. بۇ يەردىكى شەرىئەت ئاللاھ تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان، تولۇق ۋە مۇكەممەل بولغان ئىلاھىي ئىلىمدۇر. لېكىن، بىز ئاللاھنى قانۇنشۇناس، قانۇن تۈزگۈچى دەپ سۈپەتلىيەلمەيمز، چۈنكى قانۇن ئىلمى ئۆزگىرىشچان، تولۇق بولمىغان ئىلىمدۇر. ئۇ تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتكە ئويغۇنلىشىش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ رېئاللىقتىكى قوللىنىش ۋە ئەمەل قىلىنىشىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
10. شەرىئەتتىكى كۆپ خىللىق، پەرق، ئېتىقاد، مەدەنىيەت، پىرقىلەر، تىللار، مىللەتلەر، مەدەنىيلىشىش، قاتلام – پىرىنسىپلار، رەڭلەر، قەبىلىلەر، دۆلەتلەر، خەلقلەر ھەمدە مۇشۇ خىل ھالەتنىڭ تاكى كەرەملىك ئاللاھ بۇ يەرشارىنى ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ھەربىر ئشتىن ھېساب ئېلىش بىلەن تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر داۋاملىشىش مېتودولوگىيەسى
«سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك – شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر»([14]).
مەنبە: في فقه المنهجية القرآنية – دكتور محمد عمارة – تقديم لكتاب سورة الكهف منهجيات في الإصلاح والتغيير للدكتور صلاح سلطان.
تەرجىمىدە: مېھرى ئەزىم.
([1]) «لوقمان» سۈرىسى، 27 – ئايەت.
([2]) «يۈسۈف» سۈرىسى، 67 – ئايەت.
([3]) «كەھف» سۈرىسى، 19 – 20 – ئايەت.
([4]) «تەھرىم» سۈرىسى، 9 – ئايەت.
([5]) «تەۋبە» سۈرىسى، 120 – ئايەت.
([6]) «ئەنكەبۇت» سۈرىسى، 46 – ئايەت.
([7]) «مۇزەممىل» سۈرىسى، 10 – 11 – ئايەت.
([8]) «تەۋبە» سۈرىسى، 6 – ئايەت.
([9]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 113 – 115 – ئايەتلەر.
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 100 -، 101 – ئايەت.
([11]) «يۈسۈف» سۈرىسى، 76 – ئايەت.
([12]) «تاھا» سۈرىسى، 114 – ئايەت.
([13]) «كەھف» سۈرىسى، 65 – ئايەت.
([14]) «لەيل» سۈرىسى، 4 – ئايەت.