دوكتور مۇھەممەد ئەمارە
ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ سۆزگە، ئەمەللەرنىڭ پىكىرلەرگە مۇخالىپ كېلىشى ئەمەلىيەتتە، سۆز ۋە پىكىرلەرگە قىلىنغان ئاشكارا خىيانەتنىڭ بىر تۈرىدىن ئىبارەت.
مانا بۇخىل خىيانەت ئىلاھىي ۋەھىيگە، ساماۋى چاقىرىققا ھەمدە قۇرئان كەرىم يولىنىڭ تەپسىرى بولمىش سەھىھ سۈننەت شەرىفلەرگە قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەر ھەر زامان زورىيىشى، ئارتىلىدىغان جاۋابكارلىق يۈكى ھەرۋاقىت ئېغىرلىشىشى مۇقەررەر.
قۇرئان كەرىمنىڭمۇ مۆمىنلەرنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەنبىھلەرنى قىلىشى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە تەتبىقاتلىرىدا سۆز، پىرىنسىپ ۋە پىكىر جەھەتلەردە بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ئالاھىدە قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇشى، دەل مۇشۇ ھەقىقەت تۈپەيلىدۇر. ئاللاھ تائالا شۇنداق ئېيتىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)»([1]).
شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ قەلب تەستىقى بولغان ئىمان بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ رېئال ھاياتتىكى ھەمدە تەتبىقلاشتىكى ئەمەلىي مەشغۇلىيىتى بولغان ئەمەلنى دائىم بىرگە كەلتۈرۈشىمۇ، دەل مۇشۇ ھەقىقەت تۈپەيلىدۇر.
چۈنكى، قۇرئانىي بايانلارنىڭ روشەن تەپسىرى بولغان پەيغەمبەر سۈننىتىدە ئىبادەت، مۇئامىلە ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلىرىدە ئەڭ چوڭ يەر ئالغان سۈننەتلىرى دەل ئىسلامنىڭ ئەمەلىي تەتبىقىنىڭ مىسالى بولغان ئەمەلىي سۈننەتلەر ئىدى.
بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شۇنداقلا ساھابىلەر، تابىئىنلار، تەبى تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۈممەت ئەۋلاتلىرى تارىخ داۋامىدا ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەن سۈننەت دەل مۇشۇ ئەمەلىي سۈننەتلەر بولغان بولۇپ، بۇخىل سۈننەتنىڭ چىنلىقلىقىدا مۇتەۋاتىر مەرتىۋىسىنى، رىۋايەت ۋە خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدە بولسا، ئەڭ ئالىي تەستىقنى ۋە ئىشەنچلىكلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ماناشۇ جەھەتتىن ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ مەدىنىلىكلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىنى فىقھىي ھۆكۈملەردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى مۇشۇ نۇقتىدىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمەل ئادىتى رىۋايەت قىلىنغان ۋە ئىلگىرىكىلەردىن كەلگەن سۆز ۋە پىكىرلەرنىڭ ئەمەلىي تەتبىقى ئىدى.
دېمەك، مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي يولباشچىسى، بۈيۈك ئۈلگىسى ۋە ئەڭ ئەمەلىي ئۆرنەك ئالغۇچىسى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا پەيغەمبەرنىڭ ھايات – پائالىيەتلىرى دېگەنلىك ئۇ ئەمەلىيەتتە، ئىسلامنىڭ ھەر بىر ئەقىدە، پىرىنسىپ، ئەركانلىرى، قىممەت قارىشى، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنىڭ جانلىق ۋە ئەمەلىي تەپسىرىدىن باشقا ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىفلەردە ئېيتىلغىنىدەك: «ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم» بولغان ئىدى([2]). مانا مۇشۇ زات ئارقىلىقلا پىكىرلەر ئەمەلگە، نەزىرىيەلەر تەتبىقلاشقا، قىممەت قاراشلار كىشىلىك تەبىئەت، خۇي – مىجەز ۋە كۈندىلىك مەشغۇلاتقا ئايلانغان ئىدى.
ناۋادا بىز ئۇشبۇ ئىنسانىيەت سەردارىنى ئۈلگە قىلىش ھەمدە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى بەرپا قىلغان ئىجتىمائىي نەمۇنىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش شەرىپىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولساق، شۇنداقلا ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقان كۈنىمىزدە ئۇ زاتنىڭ سۆھبەتلىرىگە مۇيەسسەر بولۇش ئارقىلىق بەخت – سائادەتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بىز، ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئەمەللەرگە، پىكىرلەرنى ئىش پائالىيەتلەرگە، نەزەرىيەلەرنى جانلىق مەشغۇلىيەتلىرىمىزگە ئايلاندۇرمىقىمىز لازىم.
بۇنداق قىلىشىمىز ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدە تىلغا ئالغان كىشىلەرنىڭ يولىدا يۈرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز ئۈچۈندۈر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە – ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»([3]).
شۇنداقلا، بۇ بىزنىڭ مۇنۇ ئايەتتە ئاللاھ تىلغا ئالغان كىشىلەر قاتارىدا بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى، ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟) سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)»([4]).
يەنە شۇنىڭدەك، ئىسلام دېگەنلىك ئىتائەت ئېتىش دېمەكلىك بولغان ئىكەن ھەمدە ئىتائەت دېمەكلىك مۇھەببەت مېۋىلىرىدىن بىرى دېمەكلىك بولغان ئىكەن ئۇنداقتا، رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشمۇ، ئەمەل ۋە تەتبىقلاش مەيدانلىرىدا ئىمان ۋە تەپەككۈرنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. مانا بۇ تۆۋەندىكى ئايەتتە ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىلەر قاتارىغا كىرىشتىكى يولدىن ئىبارەت. «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ»([5]).
غەربلىك يازغۇچىلاردىن مايكىل ھارت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يۈز مەشھۇر كىشى نامىدا مەخسۇس ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا مەشھۇر شەخسلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەمەلىي تەتبىقلاش، ئىجرا قىلىش، ئۆزى ياشىغان زېمىنغا ئېلىپ كەلگەن دەۋەت ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشتە بىردىنبىر كىشى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ باشقا مەشھۇرلار توغرىسىدا، (ئۇلار ئارىسىدا پەيغەمبەرلەرمۇ بار) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى چاقىرىق قىلغان دەۋەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ باشقا مەشھۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلالمىغانلىقلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھازارەت قۇرالمىغانلىقى ۋە قۇرۇپ چىقىش ھەمدە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىشنىڭ ھىماتچىسى بولغان ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇشتەك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەمما، ئۇ رەسۇلۇللاھ ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇ زاتنىڭ ئەقىدە ۋە پىكىر – نەزەرىيەلەرنى گۈزەل ئەخلاققا، ئەمەلگە ھەمدە تەتبىقلاش ۋە ئۇنى ئىجتىمائىي ھاياتقا ئايلاندۇرۇشتا ئۇنىڭ بىردىنبىر شەخس ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى يازغان.
تەرجىمىدە: ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2012. 2. 24
([1]) «سەف» سۈرىسى، 2 – 3 – ئايەتلەر.
([2]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([3]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 21 – ئايەت.
([4]) «سەف» سۈرىسى، 2 – 3 – ئايەت.
([5]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 31 – ئايەت.