قۇرئان ۋە ئىنسان

دوكتور شاھىد ئەل بوشىيخىي

«ھەقىقەتەن ئاللاھ مەن بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە ئىلىمنىڭ مىسالى – زېمىنغا چۈشكەن مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇ زېمىننىڭ بەزى يېرى پاك، مۇنبەت بولۇپ، سۇنى قوبۇل قىلىپ ناھايىتى كۆپ ئوت – چۆپ ئۈندۈرىدۇ؛ ئۇ زېمىندىن بەزى جايى بولسا، ئۆسۈملۈك ئۈنمەيدىغان سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالمايدىغان، سۇ ساقلاپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە پايدا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ئۇلار ئىچىدۇ، سۇغۇرىدۇ، پادا باقىدۇ. يامغۇر ئۇ زېمىندىن يەنە بىر بۆلىكىگە يېتىدۇ؛ ھەقىقەتەن بۇ جاي تۈپتۈز بولۇپ، سۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ئوت – چۆپ گىياھمۇ ئۆستۈرمەيدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا فەقىھ (چۈشەنگەن ۋە ئالىم) بولغان، ئاللاھ مەن بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن نەرسە پايدا – مەنپەئەت قىلغان، ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىنىڭ مىسالىدۇر ۋە ئۇ ھىدايەت ۋە ئىلىمگە بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويمىغان، مەن بىلەن ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالىدۇر»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك ھەدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسان بىلەن قۇرئان ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر باغلىنىش بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنداقتا ئىنسان دېگەن نېمە؟ قۇرئان دېگەنچۇ؟

ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە ۋەزىپىسى

ئىنساننىڭ تەبىئىتى روھ ۋە لايدىن يارىتىلغان. «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن. ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان(يەنى، ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»([2]).

ئىنساننىڭ ھەممىسى لايدىن يارىتىلغان، لېكىن ئاللاھ ئىنسانغا ياراتقان روھنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلدى. ئۇندىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن تۆۋەندىكى ئايەت ئىشارەت قىلغاندەك باشقا بىر شەكىلدە ئىنسانغا جان كىرگۈزۈلدى: «ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق»([3]). بۇ جان كىرگۈزۈش ئابىمەنى، لەختە قان، پارچە گۆش ۋە سۈرەتكە كىرگۈزۈلۈش باسقۇچلىرىدىن ۋە تۆرەلمىگە پەرىشتە ئەۋەتىلىپ روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىنكى يارىتىلىش بولۇپ، تۇنجى قېتىمدىكى لايدىن يارىتىلىشقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

شۇنداق بولغانىكەن، ئىنسان پەقەت لايدىنلا ياكى روھتىنلا يارىتىلغان ئەمەس. ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئارىلاشما بولۇپ ئىككى ماددىنىڭ بىرىكىشىدىن يارىتىلغان، ئىنسانغا بۇ ماددىلارنىڭ پۈتكۈل خۇسۇسىيەتلىرى ئاتا قىلىنغان. ئاللاھ بۇ خىل ئارىلاشما تەبىئەت بىلەن ئىنساننى زېمىنغا خەلىپە بولۇشقا تاللاپ مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى، ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى»([4]). ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زېمىندىكى خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان ماكان – زېمىننى بېكىتىپ بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا قىلىپ بەرگىنى بولۇپ، «قىلىپ بېرىش» ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە ئومۇمەن، كائىناتنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قارىتىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئىنساننى خەلىپە قىلىشى كائىناتنى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئىنسانغا بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن: «ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى، ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار! ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى، يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى»([5]) ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرگە ئىمام قىلىپ بەردى، كەئبىنى كىشىلەر جەم بولىدىغان جاي قىلىپ بەردى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قىلىپ بەرگەنلىرىبىھېساپ بولۇپ، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىنغا خەلىپە قىلىشى ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئەۋلادلىرىنى بىر – بىرىگە ئورۇنباسار قىلىپ، بۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىگە ۋارىس قىلىشىدۇر. «پەرۋەردىگارىڭ(خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ»([6]).

شۇنداق، ئىنسان زېمىنغا خەلىپە بولغۇچى. خەلىپە بولۇشنىڭ تەبىئىتى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى، خەلىپىلىك ئۈچۈن كېلىشىم ۋە توختاملارنىڭ بولۇشىنى ۋە خەلىپىلىك يۈكسىلىدىغان قائىدىلەرنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ خەلىپىلىكنىڭ مۇھىم تەبىئىتىنى بەلگىلىگەن يەنە بىر تەرەپ بولسا ئىبادەتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دېدى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»([7]).

پۈتكۈل كائىنات ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلماستىن، بەلكى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. نۇرغۇن شەيئىلەر ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن يارىتىلدى. ئۆسۈملۈكلەر جانلىقلار ئۈچۈن يارىتىلدى. ئۆسۈملۈكلەر، جانلىق – جانسىز شەيئىلەر ۋە كائىناتتىكى پۈتكۈل ھەممە نەرسە قوشۇلۇپ ئىنسان مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلدى. ئىنسان بولسا ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى، سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى)»([8])؛ «ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى)پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى»([9])؛ «ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر(نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى»([10])؛ كائىناتتىكى ئاي ۋە قوياشقىچە ھەممە ئىنسان مەنپەئەتى ئۈچۈن تەييارلانغان. «سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك – شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر»([11]).

ئاللاھ يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئىنسان ئورنىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بىز بۇ يەردە دەلىل سۈپىتىدە ئىنسانلار مەشغۇل بولۇۋاتقان ۋە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەكسىچە، ئىنساننىڭ خەلىپە ئىكەنلىكى ۋە خىلاپەتتىكى ۋەزىپىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشىمىزلا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن»([12]) ئۇلارنىڭ ماڭىلا ئىبادەت قىلىشىنى ئىرادە قىلىمەن؛ باشقىلارغا ئەمەس ماڭىلا ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم ۋە ئىبادەتكە ئاسانلىق يارىتىپ كائىناتتىكىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم. چۈنكى، كائىنات ئىنساننى كۈتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان زېمىنغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان.

دېمەك، كۆز ئالدىمىزدىكى كائىناتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىيامەتكىچە زېمىن، زېمىندىكى مەركىزى نۇقتا ئىنسان ئۈچۈندۇر. ئىنسان بولسا ئۆزىگە خاس تەبىئەت ۋە بۇرچ ئىگىسىدۇر.

قۇرئاننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ۋەزىپىسى

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەن (ۋەھىيدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز»([13])؛ «سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى، قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى، قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»([14]).

قۇرئاننىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى:

ئۇ ئاللاھدىن بېرىلگەن روھ بولۇپ ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتى تونۇشتۇرغان روھنىڭ دەل ئۆزىدۇر. «ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ» دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن»([15]). روھنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ مەۋجۇدىيەتكە ھاياتلىقنىڭ پۈتكۈل خۇسۇسىيەتلىرىنى بېرەلەيدۇ. روھ يەككە شەخسكە چۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىقنى بېرىدۇ – دە، باشقا بىر يارالمىشقا ئايلىنىدۇ. روھ كىشىلەر توپىغا چۈشكەندە ئۇلار بىر جان، بىر تەن ئۈممەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ئۈممەتتىكى ھەربىر شەخسكە ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مەۋجۇتلۇقىغا قۇرئاننىڭ روھى چۈشكەندىلا ئاندىن بۇ ئۈممەت «ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت»([16]) ۋە «مۆمىنلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە رەھىمدىل بولۇشى مىسالى بىر تەنگە ئوخشايدۇ. ئۇلاردىن قايسىبىرى ئاغرىسا باشقىلىرى ئۇنىڭغا قىزىتىش ۋە بىئارام بولۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىكىدەك بولالايدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى نەتىجىسىنى قۇرئان روھى ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىگە، ھەربىر شەخسلىرىگە چۈشكەندە ۋە تەتبىقلىيالىغاندىلا يارىتالىغان.

قۇرئاننىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى:

ئۇ نۇردۇر. «بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز»([17]) ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرىدۇر. «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر»([18]) ئاللاھنىڭ نۇرىدىن باشقا نۇر بولمايدۇ. نۇر خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ؛ كۆزقاراشنى روشەنلەشتۈرىدۇ ۋە شەيئىلەرنى ئۆز ھەقىقىتى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قۇرئان كەرىم قەلبلەرنىڭ، كۆزلەرنىڭ، ئەزالارنىڭ نۇرىدۇر؛ شەخسنىڭ، ئائىلىنىڭ، ئۈممەتنىڭ ۋە بەشەرىيەتنىڭ نۇرىدۇر… ئۇ مەيدانغا چىقسا نۇرنىڭ پۈتكۈل خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ ھاياتىمىزدىن غايىپ بولسا پۈتكۈل زۇلمەت – مۇسىبەت ۋە خەتەرلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ نۇرنى مەيدانغا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پەقەت ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ ئەگىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. «سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى، قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب يەنى، (قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلىقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»([19]).

بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن توغرا يولغا باشلاش قۇرئاننىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»([20]) شۇڭا، بىز ھەر كۈنى نامازلىرىمىزدا «فاتىھە» سۈرىسىدىكى: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن!» دېگەن يىگانە دۇئا بىلەن ئاللاھقا تەكرار دۇئا قىلىمىز. بىز بۇ ئايەتتە ئاللاھدىن پەقەت ھىدايەتنىلا تەلەپ قىلامدۇق؟ «فاتىھە» سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتتىن ئىلگىرىكى ئايەتلەر ھىدايەتكە مۇقەددىمە، كېيىنكى ئايەتلەر ھىدايەتنىڭ بايان قىلىنىشى بولسا ئۇنداقتا تەلىپىمىزنىڭ جاۋابى قەيەردە؟

بىز جاۋابنى بۇ بۈيۈك كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان «فاتىھە» سۈرىسىدىن كېيىنكى «بەقەرە» سۈرىسىگە كىرگىنىمىزدە تاپىمىز. «ئەلىف، لام، مىم. بۇ كىتابتا (يەنى) قۇرئاندا ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر»([21]) گوياكى ئاللاھ تائالا بىزگە شۇنداق دەۋاتقاندەك: سىلەر ھىدايەت تەلەپ قىلىۋاتامسىلەر؟ مانا بۇ ئالدىڭلاردا تۇرغان كىتابتا سىلەر ئىزدىگەن نەرسە بار. ئۇ شەكسىزلىكى ئېنىق ساپ ھىدايەت ۋە شۇ ھىدايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب. ئۇ تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگەنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. «ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى، قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ»([22]) رازىلىقىنى تىلمىگەنلەرنى بولسا ھەرگىز ھىدايەت قىلمايدۇ، «بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر»([23]).

قۇرئان يول كۆرسەتكۈچى ۋە يېتەكچى بولۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت، لېكىن ئۇنىڭدىن تەقۋادارلىق بىلەن ئەگەشكەن كىشىلەرلا پايدىلىنىپ ھىدايەت تاپالايدۇ. قۇرئان كەرىم يېتەكلىمىگەن ياخشىلىق، چەكلىمىگەن يامانلىق يوق، چۈنكى ئۇ شەكسىز ھىدايەت. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىتابتىن ھىدايەت تەلەپ قىلامدۇق؟ {(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر»([24]).

قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايەتلىكى روشەن ھەقىقەت. قۇرئان كەرىم ھەممە ھىدايەتنى ئۆلچەيدىغان مىزان بولۇپ ھەتتا، ئاللاھ ئادەم بالىلىرىغا ئاتا قىلغان ئەقىلنىڭمۇ مىزانىدۇر «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلىرىنى) كۆرسەتتى»([25]) چۈنكى، يۇقىرىقى شەيئىلەردىن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچىگەندىلا توغرا پايدىلانغىلى بولىدۇ. «سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما، ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر»([26]).

ئىنسان بىلەن قۇرئاننىڭ ئالاقىسى

1. تەن بىلەن روھنىڭ ئالاقىسى (ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم)

«ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى، كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى، ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى، كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى»([27]) قۇرئان كەرىمنىڭ روھى ئىنسانغا تەتبىقلانمىغۇچە ئىنسان ئۆلۈك بىلەن باراۋەر. ئىنسان قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تاپالايدۇ. ئىنسان بىلەن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئالاقە تەن بىلەن روھنىڭ ئالاقىسىدۇر. چۈنكى، ئىنسان «لاي» ۋە«روھ»تىن بارلىققا كەلگەن مەخلۇق. لاي ئېلېمېنتى روھ ئېلېمېنتى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندا ئىنساننى ياخشىلىققا ياكى يامانلىققا باشلايدۇ: «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق – يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ»([28]).

مانا بۇ روھ ئىنساننى مەسجىدكە ياكى قاۋاقخانىغا باشلايدۇ؛ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ روھ نېمە بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؟ بىز ئادەتتە، تېنىمىزنى كۈندە ئۈچ ۋاق ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىمىز، لېكىن بۇ بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغىلا قارىتىلغان. روھ بولسا ئۆز تۈرىدىن بولغان ۋەھىيدىن ئىبارەت ئوزۇق بىلەنلا ئوزۇقلىنالايدۇ. بۇ ئوزۇق قۇرئان كەرىم روھى ۋە ھېدايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەردە بولىدۇ.

بۇ روھىي ئوزۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھەركۈنى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ئوقۇشنى بەلگىلىگەن بەش ۋاقىت نامازنىڭ بىكىتىلىشىگە نەزەر سالساق كۇپايە. «شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى»([29]) ئىنساندىكى روھى ئېلېمېنت كۈنىگە بەش قېتىم تەرتىپ بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق. بولمىسا ئۇ ۋەيران بولۇش ۋە ئۆلۈشكە يۈزلىنىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك ئىنساندىكى دىنىي ئېھتىياج تەننىڭ ئېھتىياجىغا قارىغاندا زور بولىدۇ. ناماز جەريانىدا بۇ ئېھتىياج تولۇقلىنىدۇ. بىز ئىگىمىز ئاللاھ ئالدىدا بۇ ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاش ۋە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامازغا تۇرىمىز. ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەلبىمىز باغلانمىسا ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرەلمەيمىز.

نامازنى ئاللاھ بۇيرۇغان شەرتلىرى ۋە ھەقلىرى بىلەن كامىل ئورۇندىمىغاندا ناماز ئوقۇغۇچى زىيان تارتقان بولىدۇ. بۇ شەرتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنى زىكرى قىلشتۇر. «مېنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن»([30]) مانا بۇ ئاللاھ بىلەن باغلىنىش ھاسىل بولىدىغان زىكرىدۇر. بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى سەۋەنلىك بولۇپ: «شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ»([31]) بۇ غەپلەت نامازدىكى ئومۇمەن ياكى قىسمەن غەپلەتلەر بولسۇن ھەممىگە قارىتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا روھىي تويۇنۇش ۋە ناماز روھى تېپىلمايدۇ. چۈنكى، نامازنىڭ روھى زىكرىدۇر. ئەنە شۇ زىكرى يەنى، ئاللاھنى ئەسلەش بىلەنلا قەلبنىڭ ئاللاھقا باغلىنىشى ھاسىل بولىدۇ، باغلىنىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە ھەقىقىي روھىي كۈچ پەيدا بولىدۇ.

2. نۇرنىڭ كۆزلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى

«ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى، قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى، قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»([32]) قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نۇر. ئەگەر بىز ئېلېكتر نۇرىدىن باشقا ھېچقانداق يورۇقلۇق يوق، قوياش، ئاي – يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىمۇ يوق دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق نەتىجىسى قانداق بولار؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر بىر – بىرىنى كۆرەلمەيدۇ – نەتىجىدە، ئالاقىزادە بولۇش، بىر – بىرىگە سوقۇلۇش ۋە ئىتتىرىش يۈز بېرىپ يول تاپالمايلا قالماستىن تامامەن ۋەيران بولىدۇ.

نۇر بولغاچقىلا بىز شەيئىلەرنى روشەن كۆرەلەيمىز. ئىنساننىڭ نۇرغا بولغان ئېھتىياجى سۇ ۋە ھاۋاغا بولغان ئېھتىياجىدىن قىلىشمايدۇ. چۈنكى، ئۇ غەيبتىن كېلىپ غەيبكە كېتىدۇ. بىز يولۇقىدىغان غەيبتىن ئىبارەت نامەلۇملۇقتىن ھېچنەرسە بىلمەيمىز. «ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى، ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى – يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»([33]) كەلگۈسىدىكى دەقىقىلىرىمىزدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيمىز، ھەربىر لەھزىدە نامەلۇملۇق ئىچىدە غەيبكە يۈزلىنىمىز… ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ رېئاللىقتىكى ئىشلىرىمىزنى خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرىمىز؟ ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى بۇ نۇر بىلەن ئورۇنلاشتۇرساق بىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە غەيبتىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە كېپىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى: «ئاللاھنىڭ (كۆرسەتمىلىرىنى) مۇھاپىزەت قىلغىن، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ (كۆرسەتمىلىرىنى) مۇھاپىزەت قىلساڭ يۆنۈلۈشۈڭدە ئاللاھنى تاپىسەن»([34]). غەيب بىزگە نىسبەتەن بىلىش دائىرىمىزدىن ھالقىغان ئىش بولسىمۇ لېكىن، ئۇ ئاللاھقا مەلۇم. بىز ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرساق ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئاللاھنىڭ بىزگە تەقدىر قىلىنغان يامانلىقلاردىن ساقلانغان بولىمىز.

شۇنداق، ئۇ رەببانىي نۇردۇر. بىز ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ماڭساق دۇنيا – ئاخىرەتتە پايدا ئالغۇچىلاردىن بولىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن ھەر ئىككىسىدىن زىيان تارتىمىز: «زامان بىلەن قەسەمكى ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر»([35]).

3. سۇنىڭ زېمىن بىلەن بولغان ئالاقىسى (مۇنبەتلىك ۋە قاقشاللىق)

بۇ ئالاقىنىڭ ئەڭ ياخشى بايانى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىدايەت ھەققىدە كەلگەن مەشھۇر ھەدىسىدۇر: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مەن بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە ئىلىمنىڭ مىسالى زېمىنغا چۈشكەن مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇ زېمىننىڭ بەزى يېرى پاك، مۇنبەت بولۇپ سۇنى قوبۇل قىلىپ ناھايىتى كۆپ ئوت – چۆپ ئۈندۈرىدۇ؛ ئۇ زېمىندىن بەزى جايى بولسا، ئۆسۈملۈك ئۈنمەيدىغان سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالمايدىغان، سۇ ساقلاپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە پايدا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ئۇلار ئىچىدۇ، سۇغۇرىدۇ، پادا باقىدۇ. يامغۇر ئۇ زېمىندىن يەنە بىر بۆلىكىگە يېتىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ جاي تۈپتۈز بولۇپ سۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ئوت – چۆپ گىياھمۇ ئۆستۈرمەيدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا فەقىھ بولغان، ئاللاھ مەن بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن نەرسە پايدا – مەنپەئەت قىلغان، ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىنىڭ ۋە ئۇ ھىدايەت ئىلمىگە بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويمىغان، مەن بىلەن ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالىدۇر»([36]) بۇ ھەدىس قۇرئان بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى باغلىنىشنىڭ كۆرۈنۈشىنى ناھايىتى ئوچۇق روشەنلەشتۈرۈپ بەرگەن. بىرىنچى ئالاقىنىڭ ۋەزىپىسى تىرىلدۈرۈش، ئىككىنچى ئالاقىنىڭ ۋەزىپىسى كۆرسىتىش. بۇ ئالاقىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا مۇنبەتلەشتۈرۈش يەنى، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلەيدىغان قىلىش، چۈنكى ئىنسان مۇشۇ سەۋەپلىك پائال ھازارىتىنى پەيدا قىلالايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىش ۋە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە ئىلىمدىن ئىبارەت ۋەھىينىڭ مىسالى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە زېمىنغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن مول يامغۇرغا ئوخشىتىلغان.

سۇسىز زېمىندا ھېچقانداق مۇنبەتلىكنى تاپقىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى ھاياتلىقنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. «ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق»([37]) شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمسىز ھاياتنىڭ ۋە قەلبنىڭ ھىدايىتىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. «ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك – شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى، قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى، ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى، ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىققا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)»([38]).

قۇرئان ياخشىلىق ۋە رەھمەتتۇر

ئىنسانلار بۇ ياخشىلىق ۋە رەھمەتنى كۈتۈۋېلىشتا ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن.

1. ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەت – كەرىمدە مىسال قىلغاندەك سۇنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇنى چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭدۈرۈپ كۆزلەنگەن تەسىرنى پەيدا قىلالايدىغان تائىپە. «سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپىشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ»([39]) مانا بۇ بۆلۈك ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىپ ساقلىغان ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يەتكۈزگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرگەن كىشىلەر تائىپىسىدۇر. ئۇلاردىن يۇرتقا ۋە كىشىلەرگە كۆپ ياخشىلىق كېلىدىغان بۇلۇپ، بۇ تائىپىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكىدۇر.

2. ئارىسىغا سۇ ئۆتمەيدىغان قاتتىق قۇرغاق، سۇنى سىڭدۈرەلمىگىنى بىلەن تۇتۇپ تۇرالايدىغان تائىپە. ئۇلار سۇدىن ئۆزى پايدىلىنالمىسىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىپ، مال – چارۋىلىرى، زىرائەتلىرىنى سۇغۇرىدۇ. مانا بۇ تۈردىكىلەر ئۆگەنگەن ئىلىمدىن ئۆزى پايدىلىنالمىسىمۇ كىشىلەر پايدىلىنىدىغان ئالىملاردۇر.

3. شورلۇق، تۈپتۈز كەتكەن سۇ تۇرمايدىغان تائىپە. ئۇلار سۇ كەلسە ئىككىنچى تائىپىدەك سۇنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگەبىرىنچى تائىپىدەك ئوت – چۆپمۇ ئۈندۈرەلمەيدۇ. مانا بۇ سۇمۇ تۇتالمايدىغان، ئوت – چۆپمۇ ئۈندۈرەلمەيدىغان ئۆزىمۇ مەنپەئەت ئالالمايدىغان، باشقىلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرەلمەيدىغان تائىپە بولۇپ يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچىرىدۇر.

بۇ سالىھ ۋە پاسىق ئۈچ تۈردىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىشنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا فەقىھ بولۇش ۋە بولماسلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، فەقىھ بولۇش دېمەك، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغاندەك ئادا قىلىش ۋە چۈشىنىش دېمەكتۇر. «ئاللاھ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان كىشىنى دىندا فەقىھ قىلىدۇ»([40])؛ «كىشىلەر ئالتۇن كۆمۈشكە ئوخشاش مەدەندۇر. ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتتىكى ياخشىلىرى ئەگەر فەقىھ بولسا ئىسلامدىمۇ ياخشىدۇر»([41]) دىندا فەقىھ بولغان كىشى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلەيدىغان كىشىدۇر. دىندا فەقىھ بولغان كىشى كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈگىتىدىغان پائالىيەتچان ئالىمدۇر. چۈنكى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىغا چاقىرىش داۋاملىشىدۇ، ئۈممەت كىشىلەرنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇڭا، ئۆگەنگەن كىشىلەر ئامانەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قىيامەتكە قەدەر باشقىلارغا ئۈگىتىشى كېرەك. مانا بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن فەقىھنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئازراق ياخشىلىقمۇ كۈتۈلمىگەن كىشىنى قانداقمۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا فەقىھ بولدى دېگىلى بولسۇن؟!

بۇ ئىنسانىي مەدەننى ۋە قېتىپ كەتكەن ساپال يۈرەكلەرنى يۇمشاتقۇچى بولسا قۇرئان كەرىم. ئۇ ئىنساننى ئاۋۋال مۇنبەتلەشتۈرىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بۇ مۇبارەك زاتنىڭ زامانىدىن كېيىنكى ساھابە كىراملار ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئاللاھنىڭ نۇرىنى يەرشارنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە يەتكۈزۈشتە ھېچقانداق ئۈممەت كۆرۈپ باقمىغان مىسلىسىز دەرىجىدە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ئەۋلادلارغا ئوخشاش ھەرىكەتچان ھازارەت پەيدا قىلىدۇ.

تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۈچ باسقۇچى

ئاخىرىدا ئىسلام ئۈممىتىگە قۇرئان كەرىمنى تاشلاپ قويغانلىقىغا تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن نېمە مەجبۇرىييەتلەر ۋاجىپ بولىدۇ؟ ئۇلار ھەقىقىي تەۋبىگە موھتاج، بولۇپمۇ، تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە شۇنداق. چۈنكى، تەلىم – تەربىيە رەھمەت ياغدۇرىدۇ ياكى قەھەتچىلىك پەيدا قىلىدۇ، ئۇ بالىلار ۋە ياشلارنىڭ قەلبىدە خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ. بۇلار مەكتەپ تەربىيەسىدىن بۇرۇن ئائىلە تەربىيەسىدە، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن بىرگە سىڭدۈرۈلگەن مەزمۇنلاردا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. چوڭلار ئۇلارغا تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى ئۈگەتكۈچىدۇر.

1. ئائىلە تەربىيەسى باسقۇچى

«ھەربىر بوۋاق توغرا تەبىئەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. ئۇنى ئاتا – ئانىسى يەھۇدىي قىلىدۇ ياكى ناسارا قىلىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ»([42]) بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان توغرا تەبىئەت ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتى كۆرسەتكىنىدەك ئىسلام دىنىدۇر: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»([43])

نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانا تۇنجى تەسىر كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى؟ چۈنكى، بالا تۇنجى بولۇپ ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن تەسىر ئالىدۇ، خۇي – پەيلىنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا قۇرئان روھى ۋە نۇرىنى سىڭدۈرۈش بىلەن ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالىغان بولسا ئىسلام ئۈممىتىنى ھازارەتكە يېتەكلەيدىغان ۋە يېتەكچىلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ساھە بوش قالمىغان بولاتتى.

2. مەكتەپ تەربىيىسى باسقۇچى

بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تەلىم – تەربىيە قوبۇل قىلغانلىقتىن ئۇنىڭغا ھەرخىل يوللار ئارقىلىق تەلىم – تەربىيە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنى ئۈلگە قىلىش، ئاڭلاش – كۆرۈش ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭغا ئۈگىتىلگەن ئىدىيەلەر سەۋەپلىك ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ… يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىنى مەلۇم يۆنىلىشكە ئۈندەش بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىنى مەلۇمات توپلىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش ياكى ئىنسانىيەتكە زىيانكار، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تەلىم تەربىيىنىڭ رولى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ… تەلىم – تەربىيەنىڭ رولى نېمىدىن ئىبارەت؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامىي تەلىم – تەربىيە جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىدىغان تۈرلەر قايسى بولۇشى كېرەك؟ بىز بۇ نۇقتا ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز ۋە تەلىم – تەربىيە مۇئەسسەسەلىرىگە ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك؛ يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى – ۋاقتىدا مىۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

3. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى باسقۇچى

بۈگۈنكى كۈندە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىمايدىغان، چەكلىمە ۋە بەلگىلىمىلەردىن ھالقىغان قوراللارغا ئايلىنىپ ئائىلىلەر ۋە مەكتەپلەرگىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنداقتا بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەقىقىي رولى نېمە؟ بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ رولى شۇكى، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ زېمىندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتى، روھى ۋە نۇرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىگە ئورنىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

«ھېرا» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: ئۆرگەنچى.
——————————–
([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([2]) «ساد» سۈرىسى، 71 – 72 – ئايەتلەر.
([3]) «مۆمىنۇن» سۈرىسى، 14 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى، 30 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى، 21 -، 22 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسىمى.
([6]) «ئەنئام» سۈرىسى، 133 – ئايەت.
([7])« زارىيات» سۈرىسى، 56 – ئايەت.
([8])« لوقمان» سۈرىسى، 20 – ئايەت.
([9]) «جاسىيە» سۈرىسى، 13 – ئايەت.
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 29 – ئايەت.
([11]) «ئىبراھىم» سۈرىسى، 33 -، 34 – ئايەتلەر.
([12]) «زارىيات» سۈرىسى، 56 -، 57 – ئايەتلەر.
([13]) «شۇرا» سۈرىسى، 52 – ئايەت.
([14]) «ئەنئام» سۈرىسى، 15 -، 16 – ئايەتلەر.
([15]) «ئىسرا» سۈرىسى، 85 – ئايەت.
([16]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 110 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
([17]) «شۇرا» سۈرىسى، 52 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
([18]) «نۇر» سۈرىسى، 35 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
([19]) «مائىدە» سۈرىسى، 15 -، 16 – ئايەتلەر.
([20]) «ئىسرا» سۈرىسى، 9 – ئايەت.
([21]) «بەقەرە» سۈرىسى، 1 -، 2 – ئايەتلەر.
([22]) «مائىدە» سۈرىسى، 16 – ئايەت.
([23]) «نەبە» سۈرىسى، 26 – ئايەت.
([24]) «بەقەرە» سۈرىسى، 120 – ئايەت.
([25]) «تاھا» سۈرىسى، 50 – ئايەت.
([26]) «كەھف» سۈرىسى، 103 -، 104 – ئايەتلەر.
([27]) «ئەنئام» سۈرىسى، 122 – ئايەت.
([28]) «شەمس» سۈرىسى، 7 – 10 – ئايەتلەر.
([29]) «نىسا» سۈرىسى، 103 – ئايەت.
([30]) «تاھا» سۈرىسى، 14 – ئايەت.
([31]) «مائۇن» سۈرىسى، 4 – 5 – ئايەتلەر.
([32]) «ئەنئام» سۈرىسى، 14 -، 15 – ئايەتلەر.
([33]) «لوقمان» سۈرىسى، 34 – ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
([34]) تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
([35]) «ئەسىر» سۈرىسى.
([36]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([37]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([38]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 44 – ئايەت.
([39]) «ھەج» سۈرىسى، 5 – ئايەت.
([40]) «سەھىھەين».
([41]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([42]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([43]) «رۇم» سۈرىسى، 30 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.