ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان

(ھىجرىيە 245 _ 344 / مىلادىيە 859 _ 956)

 

تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى. ئاتىسى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى كاشغەر ئەتراپىدا ھۆكۈمران بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى خان جەمەتىدىن بازىر ئارسلانخاندۇر، بوۋىسى بىلگە مانگۇر (mangur) قېدىرخاندۇر[1]. نەسەبى ئافراسىياپ ئىبنى بەسەن ۋاسىتىسى بىلەن تۈرك ئىبنى يافەس ئىبنى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. ھىجرىيە 245 -، مىلادىيە 859 – يىللىرىدا بىر قاراخانىي شاھزادىسى بولۇپ تۇغۇلغان ساتۇق بۇغراخان دادىسى بازىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا ياتلىق بولغان ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولدى. 12 ياش ۋاقىتلىرىدا مۇسۇلمان بولۇش بىلەن شەرەپلىنىپ، ئابدۇلكەرىم ئىسمىنى قوللاندى. 25 يېشىدا ئىسلام نېمىتىگە ئېرىشكىنىنى پۈتۈن خالايىققا ئېلان قىلدى. 26 يېشىدا بۇتپەرەس تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قاراخانىيلار تەختىنى قولىغا ئالدى ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى بولدى. 70 يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشى قەۋمىدىن نەچچە مىڭلارچە كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. مىلادىيە 955 ياكى 956 – يىلى (ھىجرىيە 344 – يىلى) كاشغەر يېنىدىكى ئارتۇچ ناھىيىسىدە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدا تارىخچىلار ھەر خىل مەلۇماتلارنى بەرمەكتە. بۇلاردىن مۇنەججىمباشى «جامىئۇددۇۋەل» ناملىق ئەسىرىدە: «قاراخانىيلاردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان كىشى ساتۇق بۇغراخاندۇر. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبى مۇنداق: ئۇ چۈشىدە بىر زاتنى كۆردى. بۇ زات ئۇنىڭغا: مۇسۇلمان بولساڭ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەتلىككە ئېرىشىسەن، دېدى. ساتۇق بۇغراخان چۈشىدە مۇسۇلمان بولدى. ئەتىگىنى ئويغىنىپ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغاندا، تەختىگە مۇسا ئىبنى ساتۇق چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى مۇسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئارسلان تەختكە ۋارسلىق قىلدى» دەپ كەلگەن.

ئىبنۇلئەسىرمۇ «ئەلكامىل فىتتارىخ» ناملىق ئەسىرىدە: «ساتۇق بۇخراخان چۈشىدە يېنىغا ئاسماندىن بىر كىشىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ كىشى تۈركچە ئۇنىڭغا: مۇسۇلمان بول، دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولىسەن، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن چۈشىدە مۇسۇلمان بولغان ساتۇق بۇغراخان ئويغانغان ھامان مۇسۇلمان بولدى» دەپ بايان قىلغان.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يېزىلغان «تەزكىرەئى ساتۇق بۇغراخان» دېگەن ئەسەردىمۇ سۆزلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەھمەد ئىبنى سەئد ئەرغانىي ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

پارسچە ۋە تۈركچە كۆپ نۇسخىلىرى بولغان بۇ ئەسەرگە كېيىن ئىشەنچىسىز مەلۇمات ۋە ئەپسانىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ئەسەردە بېرىلگەن مەلۇماتلار ئېتىبارغا ئېلىنماي كەلمەكتە.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئەڭ مۇھىم مەنبە جامال قارشىينىڭ «مۇلھەقاتۇس سۇراھ» دېگەن ئەسىرىدۇر. جامال قارشىيمۇ ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇلغافىر ئىبنى شەيخ ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇسەين فەزلىيدىن رىۋايەت قىلغان. رىۋايەتكە كۆرە خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھرگە ھۆكۈمران بولغان سامان ئوغۇللىرى دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرىدىن ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد نۇھ ئىبنى ئەسەدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققىنىدا، تۈركلەر بىلەن بولغان ئىلگىرىكى ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. بۇ مەزگىللەردە تۈركلەرنىڭ بېشىغا ساتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخان چىققانىدى. ئوغۇلچاق قېدىرخانغا ئىسلام ئەلچىلىرى كېلىپ – كېتىپ تۇراتتى. لېكىن، ئۇ ئەلچىلەرنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ۋە ئىسلام دەۋىتىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغانىدى.

سامانىيلاردىن ناسىر ئىبنى ئەھمەد قېرىندىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تەخت تالىشىشى ماجراسىدا مەغلۇپ بولۇپ، كاشغەرگە كېلىپ ئوغۇلچاقخانغا سىغىندى. ئوغۇلچاق قېدىرخان ئۇنى ياخشى كۈتۈۋېلىپ ھىمايىسىگە ئالدى. ياردەم ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىپ: «سەن ئائىلەڭگە كەلدىڭ، ئائىلەڭ بىلەن ئۇچراشتىڭ» دېدى. كېيىن ئارتۇچ ناھىيىسىنىڭ ۋالىيلىقىنى ئۇنىڭغا بەردى. سەمەرقەند ۋە بۇخارادىن كەلگەن كارۋانلار ئارتۇچتا يېمەك – ئىچمەك ۋە ھەر خىل ماللارنى ساتاتتى. ناسىر ئىبنى ئەھمەد ئارتۇچتىكى ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنى ھىمايىسىگە ئالغان تۈرك خاقانى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشتى. ئۇ چاغلاردا مۇسۇلمان بولمىغانلار كىيىم – كېچەك ۋە يېمەكلىرىنى مەملىكەتنىڭ بىر يېرىگە توپلايتتى. بۇ نەرسىلەردىن پايدىلىنىش پەقەت ئۇلارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن مۇمكىن بولاتتى.

ناسىر ئىبنى ئەھمەد بىر كۈنى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەسجىد بىنا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆكۈزنىڭ تېرىسى ياپالىغۇدەك يەر تەلەپ قىلدى. ئوغۇلچاق قېدىرخان ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ناسىر ئىبنى ئەھمەد بىر ئۆكۈزنى بوغۇزلىدى ۋە تېرىسىنى ئىنچىكە قىلىپ كەستى. مېتىرلارچە ئۇزۇنلۇقتا ئارغامچا ياسىدى. ئۇ شۇ ئارغامچا بويلىغان يەرلەرگە ئىگە بولدى. ئارقىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ يەرگە بىر مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇ يەر ھازىرقى ئارتۇچ جامەسىنىڭ ئۆزىدۇر. كىشىلەر بۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە ھەيران قېلىشتى.

بۇ ۋاقىتلاردا ئوغۇلچاق قېدىرخاننىڭ جىيەنى ساتۇق بۇغراخان گۈزەل يۈزلۈك، ئەقىللىق، زېرەك ۋە ئۆتكۈر، پاساھەتلىك گەپ قىلىدىغان، 12 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئىدى. ئارتۇچقا كېلىپ – كېتىش جەريانىدا ناسىر ئىبنى ئەھمەد بىلەن تونۇشۇپ قالدى. پات – پات ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللىدى. قەلبىدە ئىسلامىيەتكە قارىتا سۆيگۈ – مۇھەببەت ھاسىل بولدى. ئۇ پات – پات بۇخارادىن كەلگەن كارۋانلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئارتۇچقا كېلەتتى. بۇ قېتىممۇ ئارتۇچقا كەلگەنىدى. ناسىر ئىبنى ئەھمەد ئارتۇچقا كەلگەن تىجارەت كارۋانلىرىنى ناھايىتى خۇش مۇئامىلە ۋە ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى. چۈش ۋاقتى بولغاندا، مۇسۇلمانلار تاھارەت ئېلىپ نامازغا كەتتى. ساتۇق بۇغراخان بۇ ۋاقىتتا تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۇنى سۆيۈندۈردى. نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغانلىقىغا قىزىقىپ، ناسىر ئىبنى ئەھمەدتىن سەۋەبىنى سورىدى. ناسىر ئىبنى ئەھمەد:

–      بىزگە ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش پەرز (مەجبۇرىيەت) دۇر، – دېدى. ساتۇق بۇغراخان:

–      بۇنى كىم پەرز (مەجبۇرىيەت) قىلدى؟ – دېگىنىدە، ناسىر ئىبنى ئەھمەد:

–      ئاللاھ تائالا پەرز قىلدى، – دەپ، ساتۇق بۇغراخانغا ئىمان ۋە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا:

–      ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئىبادەت پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىشەنچلىك ۋە راستچىل بىر پەيغەمبەر. ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈنى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگىشىلىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئۇنىڭ ئەكەلگەن ئىسلامىيىتىدىنمۇ گۈزەل بىر دىن يوقتۇر، – دېدى.

ساتۇق بۇغراخاننىڭ قەلبىدە ئىمان نۇرى پارلىدى. ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولدى ۋە ئىسمىنى ئابدۇلكەرىمگە ئۆزگەرتتى. بۇ ئىشنى ئوغۇلچاق قېدىرخاندىن مەخپىي تۇتتى. بۇ ئارىدا ساتۇق بۇغراخان «قۇرئان كەرىم»نى ۋە ئىسلامىيەتنى ئۆگەندى. ئۇ تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخاننىڭ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەل – ئاغىنە، دوستلىرىدىن 50 كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان بۇ 50 كىشىلىك گۇرۇپپا ياش تۈرك شاھزادىسى ساتۇق بۇغراخانغا ئەگەشتى. ئوغۇلچاق قېدىرخان بولسا ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولغىنىدىن شۈبھىلىنىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىشكە باشلىدى ۋە ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئارقىسىغا ئادەم سالدى. بۇ ئادەملەر ساتۇق بۇغراخاننى ناھايىتى مەخپىي پايلاپ، ۋەزىيەتنى تىڭتىڭلايتتى ۋە ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشاتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىپ، ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ قالدى ۋە ئەھۋالنى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا دوكلات قىلدى. ئوغۇلچاق ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى چۆرىسىدىكىلەرگە ۋە ئانىسىغا بىلدۈردى. ئوغۇلچاق قېدىرخان بۇ ئىشتىن كېيىن ساتۇق بۇغراخاننى ئۆزى بىر سىناپ كۆرمەكچى بولدى. بۇ مەقسەت بىلەن ئۇنىڭغا بۇتخانىنى رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ ئىشتىن ئانىسى خەۋەر تېپىپ، ئوغلىغا تاغىسىنىڭ ئۇنى سىنىماقچى بولغىنىنى ۋە دېگىنىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ناھايەت، ئوغۇلچاق قېدىرخان بۇ خۇسۇستا بۇيرۇق بېرىۋىدى، ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان دەرھال بىجىرىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، ناسىر ئىبنى ئەھمەد ئۇنىڭغا بۇ توغرۇلۇق كېرەكلىك تەربىيەلەرنى بېرىپ: «ھازىر بۇتخانا بولۇپ ياسىلىدۇ. كېيىن سەن ئۇنى مەسجىدكە ئۆزگەرتىسەن» دېگەنىدى. ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان بۇتخانىنىڭ رېمونت ئىشىدا كۆپ غەيرەت كۆرسەتتى. باشقىلار بىردىن – بىردىن كېسەك توشۇسا، ئۇ ئىككىدىن – ئىككىدىن توشۇدى. ئىشلەۋاتقانلىرىدا بىر تەرەپتىن دۇئا قىلىپ: «ئى بۈيۈك ئاللاھىم! ئەگەر ماڭا دىن دۈشمەنلىرىگە ۋە ساڭا ئىمان ئېيتمىغانلارغا قارشى ياردەم قىلساڭ، مېنى ئىسلامىيەتنىڭ كېڭىيىشىگە، سېنىڭ ئىسمىڭنىڭ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋاسىتە قىلساڭ، مەن چوقۇم بۇ بۇتخانىنى مەسجىد قىلىمەن. سېنىڭ قۇللىرىڭ بۇ يەرگە ساڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ. ساڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە بىر مېھراب ۋە سېنىڭ ئۇلۇغ ئىسمىڭنى ياد ئەتمەك ئۈچۈن بىر مۇنبەر ياسايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەت سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈنلا ئەزان ئوقۇلىدۇ ۋە ئۆزۈم ئىمام بولىمەن» دەيتتى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان 25 ياشلارغا كىرگىنىدە، ئىسلام ئىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلەپ بولغانىدى. مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئەتراپتىكىلەرگە ئوچۇق – ئاشكارا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىچە مۇسۇلمان بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە قاراخانىيلار دۆلەت تەختىدە بولغان تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخان بىلەن كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى. بىر كۈنى ئۆزى ئىشىنىدىغانلاردىن 50 كىشىلىك ئاتلىق گۇرۇپپىنى باشلاپ، ئوۋ ئوۋلايمىز دەپ شەھەردىن چىقتى. يەگاگ بالىق دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچ ئاي داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوغۇلچاق قېدىرخان ئۇنىڭغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ يېنىغا 300 ئەتراپىدا كاشغەرلىك ئاتلىق ئەسكەر توپلاندى. ئوغۇلچاق قېدىرخان بىلەن فەرغانە جېڭىنى قىلدى. جەڭنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈنلەردە، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 1000 كىشىگە يەتتى. تۇنجى فەتھى قىلغان يېرى ئاتباشى بولدى. ئاندىن قول ئاستىدىكى 3000 كىشىلىك بىر ئاتلىق قوشۇن بىلەن كاشغەرگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ يەرنىمۇ فەتھى قىلدى. تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخاننى ئۆلتۈردى. كاشغەردە ئۆزىگە قارشى چىققان ئاسىيلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى. كاشغەر خەلقىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى. ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولدى. كاشغەردىن كېيىن دورمەكىك شەھىرىنىمۇ ئالدى. دۆلەتنىڭ ئىدارىسىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، دۆلىتىگە ئىسلامىيەتنى ناھايىتى تېز يايدى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جىھاد قىلىشنى باشلىدى. تۈرك ئەللىرىدە ئىسلامىيەتنى تارقاتتى، زەپەرلەر قازاندى. بۈيۈك بىر مۇجاھىد ۋە بىر جاھانگىر بولدى، ھەر ياقلارغا تونۇلدى. توغرا يوسۇندا ئۆگەنگەن دىنىنى ھېچ ئۆزگەرتمەستىن ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە تارقاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى بولدى. ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۈركلەرگە ئىسلامىيەت ساپ بىر شەكىلدە يەنى جانابىي پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆگەتكىنى، ساھابە كىراملارنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ ئەينەن نەقىل قىلغىنى بويىچە ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئېتىقادىغا ئۇيغۇن ھالدا يېتىپ كەلدى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان تۈركلەرگە ئىسلامىيەتنى چۈشۈندۈرۈپ تارقىتىشتا بەك جىق قىيىنچىلىق تارتىپ كەتمىدى. چۈنكى، تۈركلەرنىڭ بەزى ئۆرپ – ئادەتلىرى ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن كېلىپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە، تۈركلەر نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇسۇلمان بولغان يافەسنىڭ نەسلىدىندۇر. يافەس مۆمىن ئىدى. ئەۋلادى كۆپەيگەنچە يافەس ئۇلارغا باشلىق بولدى. ھەممىسى بوۋىلىرىنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلاتتى. يافەس دەريادىن ئۆتۈۋېتىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۈرك ئىسىملىك كىچىك ئوغلى دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئەۋلادى كۆپەيدى ۋە ئۇنىڭ نەسلى «تۈرك» دېيىلدى. بۇ تۈركلەر ئەجدادى كەبى مۇسۇلمان، سەۋرلىك ۋە تىرىشچان كىشىلەر ئىدى. بۇلار زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپىيىپ ئاسىياغا تارالدى. بۇلارنىڭ باشلىرىغا ھۆكۈمران بولغان بەزى زالىم ھۆكۈمدارلار ساماۋى دىننى بۇزۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشقا باشلىدى. بۇلاردىن بۈگۈنكى سىبىرىيەدە ياشاۋاتقان ياقۇتلار تېخىچە بۇتقا چوقۇنماقتا. دىندىن ئۇزاقلاشقىنىچە بۇرۇنقى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاقلارنىمۇ يوقاتماقتا. ئومۇمەن، ھونلار ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىدىن ئاتىللا دىنسىزلىقى ۋە زۇلمى بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولدى. ئىسلام قۇياشى مەككە مۇكەررەمەدىن چىقىپ، ئىلىم، ئەخلاق ۋە ھەر تۈلۈك پەزىلەت ئىشىكلىرىنى دۇنياغا چاچقىنىدا، رۇملۇقلارنىڭ ئاسىياغا قەدەر تارالغان كەيىپ – ساپا ۋە ئەخلاقسىزلىقلىرى ھەمدە ئاسىيا، ئافرىقىنى قاپلىغان دىنسىزلىق، بىلىمسىزلىك ۋە ۋەھشىيلىك ئاستىدا يېتىشكەن دىكتاتورلار مۇستەملىكە قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئىسلامىيەتنى ئاڭلىشىغا، چۈشىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ توسقۇنلۇقلار قىلىچ كۈچى بىلەن يوق قىلىندى. تۈرك خاقانلىرى ئېسىل نەسەبلىك ۋە پاراسەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامىيەتنىڭ خەلققە يېتىپ بېرىشىنى چەكلىمىدى. تۈركلەرنىڭ ئېسىل نەسەبى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ شەرىپى بىر يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسسىرىيەلەر (ئاسسۇرىيەلەر، ئاشۇرىيلار) تۈركىستانغا كىرىپ، تۈركلەرنى قۇياش، يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا ئادەتلەندۈرگەنىدى. تاڭ يورۇغاندا قۇياشقا چوقۇناتتى. بۇ سەۋەبلىك قۇياشنىڭ ئىسمى «تاڭ يەرى»، ئاخىرىدا «تاڭرى، تەڭرى» بولغان. تۈركلەر كېيىن تەكرار ئىمان بىلەن شەرەپلىنىپ، توپ – توپ ھالىتىدە مۇسۇلمان بولدى. يولدىن چىققان ۋاقىتلىرىدا ئويدۇرۇۋالغان تەڭرى ئىسمىنى قوللانماس بولدى. «مېنىڭ ئىسمىم ئاللاھتۇر، مېنى ئاللاھ دەپ چاقىرىڭلار، ئاللاھ دەپ ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھ دەپ يالۋۇرۇڭلار» دېگەن مەنىدىكى نۇرغۇن ئايەتلەرگە ئەگەشتى. بۇ جەھەتتىن، ئۇلار ئاللاھ تائالانى ئۆزى خالىغان ئىسمى بىلەن ئاتىماستىن، بەلكى ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان، كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ مەبۇدلىرىغا قويۇۋالغان «تەڭرى» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتاشنىڭ خاتا ۋە نامۇناسىپ ئىكەنلىكىنى سەزدى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇش بىلەن شەرەپلىنىشى ۋە دۆلىتىدە ئىسلامىيەتنى تارقىتىشى تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ گۈزەل ھادىسىلىرىدىندۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوغۇز ۋە قالاغ (kalag) تۈركلىرى ئارىسىدا مۇسۇلمان بولغان تۈركۈملەر بولسىمۇ، دۆلەت بولۇپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈرك قەبىلىلىرى قاراخانىيلار ۋە ئېدىل تۈركلىرىدۇر. تۈركلەر دۆلەت بولۇپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئىسلامىيەتنىڭ بايراقدارلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە ئىسلامنى يايدى. ساھابە كىراملاردىن كېيىن تارىختا مىسلىسىز خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، دىن ئۈچۈن جىھاد قىلدى. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەتكۈزگەن ئىسلام دىنىنى، ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىنى قاراخانىي تۈركلىرى تۈركىستانغا، غەزنەۋى تۈركلىرى ھىندىستانغا، ئوغۇز سەلجۇقىي تۈركلىرى ئاناتولىيەگە، تارىخنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولغان ئوسمانىيلار ئۈچ قىتئەگە تارقاتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمان تۈركلەر ئىسلام دىنىغا مىڭ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلدى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلارنىڭ تەختىگە چىقىپ ھۆكۈمدار بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ۋەسىلە بولغان سامانىيلارغىمۇ ياردەم قىلغان. ئىبنى خەلدۇننىڭ «ئەلئىبەر» ئاتلىق ئەسىرى ۋە جامال قارشىينىڭ «مۇلھەقاتۇس سۇراھ» دېگەن ئەسىرىدىكى رىۋايەتكە قارىغاندا، مىلادىيە 915 – يىلى، ھىجرىيە 303 – يىلىدا ھەسەن ئىبنى قاسىم ئەددائىي تەرىپىدىن جۇرجانغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن لەيلا ئىبنى نوئمان سامانىيلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى، ئەتراپىغا شىئەلەرنى توپلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن سامانىيلار ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاندىن ياردەم سورايدۇ. سامانىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوشۇنى خۇراساندا باشلىغان ئىسياننى باستۇرالماي ئاسىيلارغا يېڭىلىپ قالغانىدى. شىئەلەر زور بىر قوشۇن بىلەن خۇراساننىڭ مەركىزى بولغان نىشاپۇرنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. سامانىيلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ساتۇق بۇغراخان مىلادىيە 921 – يىلى، ھىجرىيە 309 – يىلى لەيلا ئىبنى نوئماننىڭ قارشىسىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا ئامىد شەھىرىدىكى لەيلا ئىبنى نوئماننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ كاللىسىنى بۇخاراغا ئەۋەتتى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان كېيىن قىلغان جەڭلىرىدە ياغما، چىگىل، ئوغۇز قەبىلىلىرى يەرلەشكەن تۈركىستان شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ قولغا كىرگۈزدى. ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش بارىسىدا مەشھۇر ئالىملاردىن بولغان ئەبۇلھەسەن مۇھەممەد ئىبنى سۇفيان كالاماتى (kalamati) خۇراسانىيدىن كۆپ پايدىلاندى.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسمىغا ھاكىم بولغان چوڭ بىر قاغان چىنلىقلاردىن ياردەم ئېلىپ، مىلادىيە 942 – يىلى، ھىجرىيە 332 – يىلى ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخانغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى. ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا بالاساغۇن جېڭىنى قىلدى ۋە غەلىبە قازاندى.

ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاندىن كېيىن ئوغۇللىرى دەۋرلىرىدىمۇ دۆلىتىگە نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئالىملىرى كېلىپ، ئىسلام دىنىنى توغرا يوسۇندا چۈشەندۈردى ۋە كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسا تۇڭا (مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم بۇغراخان) ئىسىملىك بىر ئوغلى تەختكە چىقتى. مۇسا تۇڭادىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بايتاش سۇلايمان ئارسلان([2]) ھۆكۈمدارلىق قىلدى. ساتۇق بۇغراخاننىڭ باشقا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭمۇ بارلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.    «مۇلھەقاتۇس سۇراھ». جامال قارشىي. (v. bartold, st. Petersburg) sh. 130, 135.

2.    جامىئۇددۇۋەل. Sh. 240, 1030

3.    ئەلكامىل فىتتارىخ.

4.    ئەلئىبەر، ئىبنى خەلدۇن. Cild – 4, sh. 339

5.    Rehber ansiklopediyisi, cild – 17, sh. 147 cild – 9, sh. 249

6.    كاشغەر تارىخى. مەھمەد ئاتىف. ئىستانبۇل 1300، sh. 52

 

مەنبە:

http://www.ehlisunnetbuyukleri.com/Islam – Tarihi – Ansiklopedisi/Detay/ABDULKERIM – SATUK – BUGRA – HAN/31

تەرجىمىدە: يۇلتۇز

—————————————————————————————
([1]) مەنبەلەردە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسى «بارلىقخان» ياكى «بارخان»، بوۋىسى «كۆل بىلگە قېدىرخان» دەپمۇ كېلىدۇ. (ساجىيە).
([2]) بەزى مەنبەلەردە مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم بۇغراخاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى هارۇنخان تەختكە چىقتى دەپمۇ كېلىدۇ. _ ساجىيە.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ