ئابدۇررەھمان ناسىر

(ھىجرىيە 277 – ھىجرىيە 350 / مىلادىيە 891 – 961)

 

ئەنگىلىيە، فرانسىيە، شىۋېتسىيە، نۇرۋېگىيە پادىشاھى گېئورگې ئىككىنچىدىن ئەندەلۇس مەملىكىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پادىشاھى، شانۇشەۋكەتلىك جانابىي مۇسۇلمان خەلىپىگە:

«ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام! بىز سىلەرنىڭ ئاۋات ئېلىڭلاردىكى ئىلىم ۋە سانائەت ئىنىستىتۇت – ئاكادىمىيەلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان يۈكسەك تەرەققىياتنى ئاڭلىدۇق. ئىزىڭلارنى بېسىپ، تۆت تەرىپىدىن بىلىمسىزلىك قاپلىغان ئېلىمىزدا ئىلىم نۇرلىرىنى تارقىتىشتا گۈزەل باشلانغۇچ بولسۇن ئۈچۈن، بالىلىرىمىزنىڭ بۇ پەزىلەتلەردىن نەمۇنىلەر ئېلىشىنى ئىستىدۇق… بىر قورساق قېرىندىشىمنىڭ قىزى مەلىكە دوبانتنى ئىنگىلىز ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قىزلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەككە باش قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە ھۆرمەتلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن مەرھەمەت ئىستەر. ئالىي شەرەپلىرى ئۈچۈن، كىچىك مەلىكە بىلەن ئاددىي بىر ھەدىيە يوللىدىم، ئاددىي بولسىمۇ چوڭ بىلىپ ۋە ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن»

_ سادىق خىزمەتكارلىرى، ئەنگىلىيە پادىشاھى گېئورگې ئىككىنچىدىن

ئەمدىكى قەھرىمانىمىز ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپا تونۇغان ئەڭ بۈيۈك پادىشاھ ئابدۇررەھمان ناسىرلىدىينىللاھتۇر. ئۇ ئىسلام فەتھىسىنىڭ دەسلىپىدىن تا ئەندەلۇس يىقىلغۇچە بولغان ئەندەلۇس تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىدۇر. ئۇنىڭ ئۇششاق كىنەزىكلەر ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىن بىرقانچە يىل بۇرۇنقى ھاكىمىيەت مەزگىلى ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ پارلاق مەزگىلى بولغانىدى. بۇ ئىسلام بۈيۈكى ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۈزدە نۆل پىرسەنتكە چۈشۈشى ئۈچۈن، ئەندەلۇستا ئىلىم تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ھەتتا پادىشاھ مەنسۇر دەۋرىدە ئاياللار شۇ چاغدىكى يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانا بولغان قۇرتۇبە كىتابخانىسى ئۈچۈن كىتابلارنى كۆچۈرەتتى.

كۈنىمىزدىكى چوڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور راغىب سىرجانىي «قصة الأندلس» دېگەن كىتابىدا ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ دەۋرىدە ئەڭ يارقىن شەكىلدە نامايان بولغان مەدەنىي يۈكسىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى شۇنداق سۈپەتلەيدۇ: ئابدۇررەھمان ناسىر مەسجىدلەرنى ياساشقا كۆپ كۆڭۈل بۆلەتتى، شۇڭا، ئۇ قۇرتۇبە جامەسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جامە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى كېڭەيتكەن. ناسىرلىدىينىللاھ ئەندەلۇستىكى ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئادالەتنى يايغان. ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوينىدا ناسارالار يەھۇدىيلار بىلەن بىرگە ياشايتتى. ئېزىلگەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار قۇرتۇبەدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا ياشاش ئۈچۈن نە – نەلەردىن كېلەتتى. مۇسۇلمان ئالىملار ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدىن قۇرتۇبەگە ئاققانىدى. نەتىجىدە، قۇرتۇبە (ئابباسىيلارنىڭ بۆشۈكى باغدادتىن قالسىلا) ئاھالە سانى جەھەتتە ئالەمدىكى ئىككىنچى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلانغانىدى. قۇرتۇبەدە ئۈچ مىڭ مەسجىد بىنا قىلىنىپ، ئىلىم گۈللەنگەن ۋە بىناكارلىق سەنئىتى تەرەققىي قىلغان، ئاجايىپ پاسۇنلاردا باغچىلار لايىھەلەنگەن بولۇپ، ياۋروپا پادىشاھلىرى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان ئاشۇ ئىلىملەرنى، باغچە قۇرۇلۇش تېخىنىكىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىشكەنىدى.

مەنسۇرنىڭ دەۋرىدە قۇرتۇبە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم پۈتۈن كوچىلىرى كېچىچە يېنىپ تۇرىدىغان تۇنجى شەھەرگە ئايلانغانىدى. جاھالەت ۋە زۇلمەتكە پاتقان ياۋروپا قاراڭغۇلۇقلىرىدا مۇسۇلمان قۇرتۇبە چاقناق مەرۋايىت كەبى بولغانىدى. ياۋروپالىقلار ئۇ يەردىكى مەدەنىي گۈللىنىش يوللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۆمەكلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەللىرىگە ئەۋەتكەنىدى. خەلىپە ئابدۇررەھمان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر ھېسابلىنىدىغان زەھرا شەھىرىنى بىنا قىلغان. ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى ھەيران قالارلىق ئۇسۇلدا ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ شەھەر ئۈستى – ئۈستى ئۈچ شەھەردۇر. ئۈستۈنكى شەھەرنىڭ يۈزى ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئۈستىدە، ئوتتۇرا شەھەرنىڭ يۈزى تۆۋەنكى شەھەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۈچ شەھەرنىڭ ھەربىرىنىڭ تاملىرى بار. ئۈستۈنكى شەھەر ئادەم سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى سارايلاردۇر، ئوتتۇرا شەھەر باغچا، بوستانلاردۇر، تۆۋەنكى شەھەر قورۇ ۋە جامەلەردۇر. قۇرتۇبە شەھىرىگە گۈزەللىكى ۋە پۇختىلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيا كۆۋرۈكلىرىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاجايىپ بىر كۆۋرۈك سېلىنغان. خەلىپە ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ دەۋرىدە خەلق مىسلىسىز ئىقتىسادىي پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىغان بولۇپ، پۇل – ماللار كۆپەيگەن، خەلق خىزمىتى دائىرىسى ۋە ھەقسىز داۋالاشلار كېڭەيگەن، ھەقسىز مائارىپ كەڭ تارالغان. ھەتتا ئىلىم ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىق مائاش بېكىتىلىپ بېرىلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلار ياشانغانلارنى ئاسراش تۈزۈمى يولغا قويۇپ، دارىلئاجىزىنلار قۇرۇلغان ۋە ئاجىزلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنداقلا يەنە ھايۋاناتلارنى ئاسراش ئورۇنلىرىمۇ ياسالغان. ھەربىي زاۋۇتلار ۋە دېڭىز پورتلىرى ئىنشا قىلىنغان. ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ دەۋرىدە، خەلىپىلىكنىڭ ھەر ياقىلىرىدا يېڭى ئىلىم – سانائەتلەر گۈللەنگەن. ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ زامانىدا ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپا تونۇغان ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولغان. ھەر ياقلاردىن ياۋروپا پادىشاھلىرىنىڭ ئەلچىلىرى قۇرتۇبەدىكى خەلىپە ناسىرغا قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى ۋە جىزيە پۇللىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.

مانا بۇ، ئەندەلۇسنىڭ ئۇششاق كىنەزلىكلەر مەزگىلىدىن بىرقانچە يىللار بۇرۇنقى ۋەزىيىتى.

ئەگەر سىز شۇنىڭدىن كېيىن ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق بولۇپ ئالفونسۇغا جىزيە تۆلەيدىغان، نومۇس قىلارلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سورىڭىسىز، شۇنى بىلىڭكى، ئەڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەندەلۇس ساھەسىدە بۇ ئىسلام بۈيۈكى ئوتتۇرىغا چىقشتىن بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا يوشۇرۇنغاندۇر. ئابدۇررەھمان ناسىر ئەندەلۇستىكى ھاكىمىيەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ مەزگىلدە، ئەندەلۇس قورقۇنچلۇق ھالدا پارچىلىنىش ۋە بۆلىنىش ھالىتىگە كېلىپ قالغانىدى. بەلكىم، ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتە ئۇششاق كىنەزلىكلەر مەزگىلىنىمۇ بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى. ئەندەلۇسنىڭ قانچىلىك ئاجىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ ئەسلا تەخت نامزاتى بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ تاغىلىرى ۋە تاغىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختكە قىزىقماي ئەمەس، بەلكى شۇ مەزگىلدىكى ئەندەلۇسنىڭ نومۇس قىلارلىق ناچار ۋەزىيىتىدىن قېچىپ تەختتە ئولتۇرۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنسەپنى قولىغا ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىمىز يېتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى يىقىلاي دەپ قالغان ئەندەلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋرىدە يىقىلىپ قېلىشىنى خالىمىغانىدى. ئەندەلۇس چوقۇم يىقىلىدۇ دېگۈدەك دەرىجىدە، ئاجىزلىشىش ۋە پارچىلىنىش ھالىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، يىقىلىشى پەقەت ئازغىنە ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. ئابدۇررەھمان ناسىرلىدىينىللاھ 21 ياشتىنمۇ ئاشمىغان كىچىك يىگىت ھالىتىدە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى ۋە بۇ كىچىك يىگىت پەقەت ئەندەلۇستا ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ پۈتۈن تەرەپلىرىدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.

بىراۋ بۇ يەردە سورىشى مۇمكىن: ئەندەلۇستەك بىر ئەلنى بۇ ياش قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئەسىر تونۇغان ئەڭ كاتتا مەملىكەتكە ئايلاندۇرالىدى؟

ھەقىقەت شۇكى، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بۇ ئىسلامىي شەخسنى يۈز بۈيۈكنىڭ قاتارىغا تاللىشىمىزنىڭ سىرىغا يوشۇرۇنغان. ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ بۈيۈكلۈكىنىڭ سىرى ئۇ كېلىشتىن بۇرۇنقى ئۆز ئېلىدە ھۆكۈم سۈرگەن زەئىپلىككە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ غەلىبە ۋە زەپەرلەر پارلىغان بىر مۇھىتتا ئۆسكەن بولسا، بىز ئۇنى بۇ ئۈممەتنىڭ بۈيۈكلىرى قاتارىغا تاللىمىغان بولاتتۇق. چۈنكى، يالغۇز ئىسلام ئۈممىتىدىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۈممەتلەردىكى بۈيۈكلەر ئۆز خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش ۋە قۇدرەت تېپىش ھالىتىگە ئۆزگەرتكەنلەردۇر. قاتتىق مەدەنلەر قىزىق ئوت ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىپ چىقىدۇ. قەھرىمانىمىز ئۆسكەن مەزگىلدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان، بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى ئاجىزلىق مەزگىللىرىدە بۈيۈك قەھرىمانلارنى قانداق يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن، بۇ ئىسلام بۈيۈكىنىڭ ھاياتىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق يەكۈنلىشىمىز لازىم. بۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قەھرىمانىمىزنى بۈيۈك كىشىلەردىن قىلغان مۇنداق ئۈچ ئامىل بارلىقىنى بايقىدىم، مەن بۇ ئۈچ ئامىلنى ئۈممەتنىڭ كېلەركى قەھرىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئاساسىي ئامىللار دەپ قارايمەن.

1.     ئىنسانغا قەھرىمانلىق روھىنى تىكىش. بۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ تارىخىدىكى بۈيۈكلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بولىدۇ (بىزنىڭ بۇ كىتابتا قىلماقچى بولغىنىمىزمۇ مۇشۇ). ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ بوۋىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) نەۋرىسىگە كىچكىدىن باشلاپلا چوڭ بوۋىسى، «قۇرەيش بۈركۈتى» ئابدۇررەھمان داخىلنىڭ قەھرىمانلىق قىسىسىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، نەتىجىدە، نەۋرىسى ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ خىيالىدا سىرتتىكى تۇم قاراڭغۇ مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان، قەھرىمانلىقلارغا تولغان بىر مۇھىتنى ھازىرلىغانىدى.

2.     ھەقىقىي دۈشمەنلىرىنى تونۇپ يېتىش. مەسىلەن، شۇلارنىڭ بىرسى، ئىسلام سۈبھىسىدىن باشلاپ تا 2003 – يىلى باغداد يىقىلغىچە ئۆزگەرتكىلى بولمىغان راۋاپىز شىئەلەر. مەغرىبنى بېسىلۋالغان ئۇبەيدىي (فاتىمىي) شىئە دۆلىتى ئەندەلۇستىكى ئەھلىسەلىپلەرنىڭ قوراللىق ياردىمى بىلەن قۇرۇلغانىدى. بۇ كىتابتا تارىخ بويى ئىسلام ئۈممىتىگە خىيانەت قىلغان بۇ قەۋمنىڭ تۈرلۈك رەسۋاچىلىقلىرىنى كۆپ كۆرىمىز.

3.     دىننى چىڭ تۇتۇش. بۇ ھەممىدىن مۇھىمى. خەلىپە ئابدۇررەھمان ناسىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ھاياتىدا تەقۋادار، پەرھىزكار ۋە زاھىت كىشى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئەندەلۇسنى ھەددىدىن زىيادە بايلىق قاپلىغان بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ خەزىنىسىدىن ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان بىر ۋاراقچىنى تاپقان. ئۇ ئۇنىڭدا غەم – ئەندىشىسىز خۇشال ئۆتكەن كۈنلىرىنى ساناپ: «پالانى يىل پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى، شۇ كۈنۈم خۇشال – خۇرام ئۆتتى» دېگەن ۋە ئۇ كۈنلەرنى بىر – بىرلەپ ساناپ چىققان. كىشىلەر ئۇ كۈنلەرنىڭ ئاران 14 كۈن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.