ئەندەلۇس ھەكىمى، كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى ئابباس ئىبنى فىرناس

ئەندەلۇس ھەكىمى، كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى ئابباس ئىبنى فىرناس

(ھ. 194 — 274 / م. 810 — 887)

«ئىسلامدا ئىلىم – پەن دىندىن قەتئىي ئايرىلماسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. رېئاللىق شۇكى، دىن ئىلىم – پەننىڭ ئىلھام مەنبەسى ۋە ئاساسلىق ئىتتىرگۈچى كۈچى بولغان ئىدى. ئىسلامدا ئىلىم – پەن ئىلاھلىققا دەلىل تۇرغۇزۇشتىن باشلانغان».

— رومائىن روللاند

«بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىلىم – پەن ۋە سانائەتتىكى جىمى ئۇتۇقلىرىدا مۇسۇلمانلارغا قەرزدارمىز. بىز ياۋايىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان چاغلىرىمىزدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي كامالەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى يېتەرلىك»

— لېئوپولد ۋېيس

«بىزنىڭ ئىلمىمىز ئەرەبلەرنىڭ ئىلمىگە قەرزدار. ئۇلارنىڭ بىزگە سۇنغان ھەيران قالارلىق كەشپىياتلىرى، ئىجادىي نەزەرىيەلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىلمىمىز ئۆزىمۇ ئەسلىدىنلا ئۇلارغا قەرزدار»

— روبېرت بىرىفول

«مۇسۇلمانلار شەرقنىڭ تالانتلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى بار. ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ دەتالاشسىز ئىلىم تىلى بولغان ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىپ، ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئۆزگىچە تەتقىقاتلارنى يېزىشقا ئىگە بولغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ»

— گېئورگې سارتون

«تۇغۇمچان ئىسلامىي ئەقىل يېڭىدىن مەدەنىيەت يارىتىشقا قايتامدۇ، بۇنى تېخى بىلمەيمىز. مۇسۇلمانلار ھازىر بىر مەدەنىي چۈشكۈنلۈكنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسا، گىدىيىپ كەتكەن ياۋروپامۇ گۈللىنىشىدىن بۇرۇن ئەنە شۇنداق ئىدى».

— ئېرنېست رېنانيا

«ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ئىلمىي تۆھپىلىرىنى كۆزلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك قىلىۋاتقان ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىشىم كېرەك. دىنىي ئۆچمەنلىك ۋە چوڭ مىللەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھىت مەڭگۈ داۋاملىشالمايدۇ».

— جون ۋىليام دىرېپېر (Jhon William Draper)

 

ئىسلام مەدەنىيىتى سايىسىدا كۆپلىگەن ئالىملار ئۇچۇش تەجرىبىلىرىنى قىلغان بولۇپ، بۇ باشلانغۇچ تەجرىبىلەر بوشلۇق ئالىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە بايراقدار ئۇرۇنۇش بولغان ئىدى. بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرىغا قەرزدار بولغان ئاشۇ ئاۋۋالقى بايراقدارلار ئىچىدە بىر تەڭداشسىز مۇسۇلمان ئالىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئابباس ئىبنى فىرناستۇر.

ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ ئەندەلۇس ھەكىمى، ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئوردا شائىرى ۋە ھ. 3 – ئەسىردىكى ئۇمەۋىي خەلىفەلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا مەرتىۋە ئىگىسى بولۇشى ئۇنى 60 يېشىدىمۇ ھاياتىنى دوغا تىكىپ، ئۆز جىسمىنى سامادا ئۇچۇرۇشتىن توسۇپ قويالمىغان ئىدى. مۇسۇلمان ئىستېدات ئىگىسى ئابباس ئىبنى فىرناس قورتۇبە خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا، قورتۇبە ئاسمىنىدىكى ئەڭ ئېگىز بىر مۇناردىن (ياكى قورتۇبەنىڭ رۇسافە دېگەن يېرىنىڭ ئەڭ ئېگىز بىر يېرىدىن) ئۇچۇپ، پەي ۋە يىپەكتىن ياسالغان قاناتلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا كۆكتە پەرۋاز قىلغان. شۇ ئارقىلىق ئۇ تارىختا خاتىرىلەنگەن تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بوشلۇقنى بويسۇندۇرۇش سەپىرىدە ئۇچقۇچىلارغا ماياك بولغان.

نام – نەسەبى

تولۇق ئىسمى ئەبۇلقاسىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئىبنى ۋىرداس ئەندەلۇسىي قۇرتۇبىي بولۇپ، قورتۇبەدا تۇغۇلغان. جەمەتى ئۇمەۋىيلەرنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان ئامازىغلاردىندۇر. ھ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەسىرلەردە ياشاپ، ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى ھەكەم ئىبنى ھىشام (ھ 180 — 206) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇررەھمان ناسىر (ھ 206 — 238) ھەمدە نەۋرىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇررەھمان (ھ 238 — 273) لار بىلەن زامانداش بولغان. ئەرەب تىلىغا پىششىق بولغاچقا، ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئوردا شائىرىغا ئايلانغان. ئۇ فەقىھ، گىرامماتىكىشۇناس، ئىنژېنېر، كەشپىياتچى ۋە پەيلاسوپ بولۇشتىن سىرت نادىر مۇسۇلمان شەخستۇر. تېبابەت، دورىگەرلىك، خىمىيە، ئاسترونومىيە، ماتېماتېكا، فىزىكا، مۇزىكا قاتارلىقلاردا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمدۇر. ئۇچۇش تىرىشچانلىقلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، تارىختىكى تۇنجى ئۇچقۇچىغا ئايلانغان.

ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھاياتى

ئابباس ئىبنى فىرناس شۇ چاغدىكى ئۇمەۋىيلەر خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى قۇرتۇبەدا ئۆسۈپ، قورتۇبە ئالىملىرىدىن ئىلىم ئالغان. ئۇ دەسلىپىدە تاكۇرتا قارىيخانىسىدا «قۇرئان كەرىم» ئۆگەنگەن ۋە توغرا شەرىئەتتىن دەسلەپكى ساۋات ئالغان. ئاندىن ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن چوڭ قورتۇبە مەسجىدىگە كىرىپ، شېئىر، ئەدەبىيات، تىل، گىرامماتىكا، بالاغەت قاتارلىق ھەرخىل پەنلەردە ئوقۇغان، نۇتۇق سۆزلىگەن، مۇھاكىمە قىلىشقان ۋە مۇنازىرىلەشكەن. ئۇ ئاسترونومىيە ئىلىملىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، تېبابەت ۋە دورىگەرلىكتە ماھىر، ماتېماتىكىدا ئالىم، خىمىيەدە تالانتلىق، ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى بىر – بىرىگە باغلاپ پايدىلىنىشتا ئۇستا ئىدى. شۇڭا، ئۇ «ئەندەلۇس ھەكىمى» نامىغا لايىق بولغان.

ئىبنى فىرناس ۋە ئۇنىڭ چاقنىغان ساھەلىرى

ئىبنى فىرناس ئەرەب تىلى بىلىملىرىدە چاقنىغان شەخس بولۇپ، مۇئمىن ئىبنى سەئىد، ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇرەببىھتىن ئىبارەت ئىككى دەۋرداش شائىرلار بىلەن بىللە قورتۇبەدا ئۇمەۋىي ئوردا شائىرلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇ ئەندەلۇس ئېلىغا ئىلمى ئارۇزنى كىرگۈزگەن تۇنجى كىشى بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ، ئالىملار ۋە شائىرلارنىڭ ئالدىدا فەراھىدىينىڭ «المثال من العروض (ئەلمىسال مىنەلئەرۇد)» دېگەن كىتابىنى دەرسلىك قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرىگە قورتۇبە ئەمىرى قىزىقىپ قېلىپ، ئۇ ھەققىدە: «ئۇ بىزگە قانچە جىق شېئىر ئوقۇپ بەرسە، بىز ئۇنىڭغا شۇنچە جىق ھەق بەرگەن بولاتتۇق» دېگەن. ئۇ مەدھىيە، ھەجۋىي شېئىرلىرى ۋە غەزەللىرى بىلەن بىرگە تەربىيەۋى خاراكتېردىكى شېئىر بايراقدارلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

كېيىن ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئالامەتلىرى، كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، كېسەلدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە يۆتكەلگەن. شۇنداقلا، تاش، ئوت – چۆپ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالاشتىكى پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلگەن. ئۇ بەزى جەھەتلەردە تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر بىلەن مۇھاكىمە قىلىشاتتى. بەنى ئۇمەييە ئەمىرلىرى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ خاس تېۋىپى، خان جەمەتى تائاملىرىنىڭ نازارەتچىسى قىلغان ئىدى.

ئىبنى فىرناس كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەلەرگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرماي، ئۆزى تەتقىق قىلاتتى ياكى باشقىلاردىن كەلگەن ھەربىر نەزەرىيەنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەجرىبىدىن ئۆتكۈزەتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ نەزەرىيەلەرنى يا ئىلمىي ھەقىقەت مەرتىۋىسىگە كۆتۈرەتتى، يا ئاغدۇراتتى.

بىز ئەمدى ئۇنىڭ چاقنىغان ساھەلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ساھەسى بولغان ئۇچۇش سىنىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.

ئابباس ئىبنى فىرناس ۋە ئۇچۇش سىنىقى

ئابباس ئىبنى فىرناس كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى قىلغان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرى ئۇچۇش سىنىقى بولسا كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۇزۇن مەزگىل قۇشلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، جىسىملارنىڭ ئېغىرلىقى، ئالاھىدىلىكى ۋە ھاۋاغا قانداق قارشى تۇرىدىغانلىقى، بوشلۇقتا ئۇچقاندا ھاۋانىڭ جىسىمغا بولغان بېسىم تەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئاخىرىدا ئۇچۇش ھەققىدە ئىلمىي بىر نەزەرىيەنى خۇلاسىلەپ چىققان. ئۇ بولسىمۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنى يېڭىش ئۈچۈن جىسىم ۋە ئۇنى كۆتۈرىدىغان نەرسە يېنىك بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇندىلا ئۆزىنى ئېگىزدىن ئاتقان چاغدا ھاۋا ئۇنى كۆتۈرەلەيتتى. ئۇ ھەقىقىي ئۇچۇشنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان ۋە ئۆزىنى ئۇچۇرۇشتا مۇنداق ئامال تاپقان: ئاق يىپەكتىن ياسىغان پەينى كىيگەن ۋە قۇشلارنىڭ قانىتى شەكلىدە ئۆزىگە يىپەكتىن ئىككى قانات ياسىغان. بۇ ئىككى نەرسىنى بوشلۇقتا ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئۇ نەرسىلەر ئۇنى ھاۋادا كۆتۈرەتتى. ئۇ تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خەلقىئالەم ئالدىدا ئۆزىنىڭ بوشلۇقتا ئۇچماقچى ئىكەنلىكى، ئۇچۇشىنىڭ قورتۇبەدىكى ئەڭ ئېگىز يەردىن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كىشىلەر قورتۇبە بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىدىغان «ئادىمىي ئۇچقۇ»نى كۆرۈش ئۈچۈن شۇ يەرگە توپلاشقان. ئابباس ئىبنى فىرناس ئۆزىنىڭ يىپەك قاناتلىرى بىلەن قورتۇبە ياقىسىدىكى رۇسافە شەھىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىققان («قورتۇبە چوڭ جامەسى مۇنارىغا چىققان»مۇ دېيىلىدۇ)، ئاندىن ئىككى قانىتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بوشلۇققا سەكرىگەن ۋە بوشلۇقتا سەكرىگەن يېرىدىن يىراق مۇساپىگە ئۇچقان. ئۇ ئون مىنۇتتىن كۆپرەك پەرۋاز قىلغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشقان. ئۇ يەرگە قونۇشنى ئويلىغىنىدا ئۇچقۇنىڭ بۇرۇلۇش ۋە قونۇشتا تايىنىدىغان قۇيرۇقنىڭ رولىغا سەل قارىغان ئىدى، شۇڭا، ئۇنىڭ بېلى يارىلانغان. ئۇنىڭ سىنىقى ئۇتۇقلۇق بولغان بولۇپ، ئۇچقان جايىغا قايتىپ كەلگەن. گەرچە ئۇ قۇيرۇقنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىغان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار شۇنىڭغا سەل قارىمىدىكى، ئادەتتە، ئىلمىي تەجرىبىلەردە ئىلگىرىكىلەرنىڭ خاتالىقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ تەجرىبە قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ تەجرىبىسىنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بىرەر كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا تايانماستىن ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەھەتتە تۇنجى كىشى ئىدى. ئۇنىڭ تەجرىبىسى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرگە ساۋاق بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى قۇيرۇق قوراشتۇرۇلۇپلا ئۇچۇرىدىغان، ئاددىي قۇرۇلمىلىق پىلانېر تېخىنىكىسىغا ئايلانغان.

ئىبنى فىرناس ئۇچۇش سىنىقىدىن كېيىن ياشىغانمۇ؟

ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ئەكسىچە، شۇنداق، ياشىغان. ئىبنى فىرناس ئۇچۇش سىنىقىدىن كېيىن ئۇزۇن ياشىغان. بۇ يەردە رىۋايەت قىلغۇچىلار بىلەن تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسدا ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ قىلغان سىنىقى بىلەن ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي (تۈرك ئالىم) نىڭ سىنىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش بار. جەۋھەرىيمۇ شۇنىڭدىن بىر ئەسىر كېيىن يەنى م. 1003 – يىلى نىشاپۇردا ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ تەجرىبىسىگە ئوپمۇئوخشاش تەجرىبىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. جەۋھەرىي ياغاچتىن ئىككى قانات ياساپ، ئىككى قاناتنى بەدىنىگە يەلكەن شەكلىدە ئارغامچا بىلەن باغلىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەھىرىدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇچۇشنى سىناق قىلغان. لېكىن، ئۇ چۈشۈپ كېتىپ، «ئىلىم شەھىدى» بولغان.

 

ئۆزى چىقتى ئايغا دەپ،

ئويلاپ قالماڭ غەربنى.

قاپلىغان ئىدى تېخنىكا،

ئاللىبۇرۇن شەرقنى.

يەردىن باشلاپ يول ياساپ،

ئۇنى كۆككە ئۇلىدى.

ئابباس بىلەن جەۋھەرىي،

بۇ شەرەپكە خاس ئىدى.

 — ئەھمەد شەۋقىي

 

ئەمما ئابباس ئىبنى فىرناس بۇ سىناقتىن كېيىن 20 يىل ئەتراپىدا ياشىغان. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى فىرناسنىڭ ئۇچۇش سىنىقى 60 يېشىدا بولغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ۋاپاتى 80 دىن ئاشقاندىن كېيىن بولغان.

غەرب ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟

ئاكا – ئۇكا رايتلار ئورۋىللې (1871 — 1923) بىلەن ۋىلبۇر (1867 — 1912) ئۇچۇش تارىخى ساھەسىدىكى ھازىرقى ئېنسىكلوپېدىيە يازغۇچىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ يازغۇچىلار يىگىرمىنچى ئەسىر تالانتلىقلىرىدىن ئون ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن مۇسۇلمان ئۇچقۇچى ئابباس ئىبنى فىرناسنى كۆرمەسكە سالماقتا. لېكىن، ئامېرىكىلىق تارىخ ئۇستازى ئېلېن ۋايت (ellen white) نىڭ 1960 – يىلى «تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت» ژۇرنىلىنىڭ 2 – سانىدا نەشر قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقاتى ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇچقۇچىنىڭ ئېلمېر مالسېمبۇري (eilmer malmesbury) ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇچۇش سىنىقىنى م. 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئامېرىكىلىق ئۇستاز مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «ئېلمېرنىڭ ئۇچۇش ئىلھامى دائىدالۇس ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىكارۇسنىڭ ئۇچۇشى توغرىسىدىكى گرېتسىيە خۇراپىي ئەپسانىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھېچقانداق تارىخىي ئىلمىي رېئاللىققا ئالاقىسى يوق خۇراپىي خىيالىي ھېكايىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ جەھەتتە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى ئېلمېر ئۆزىدىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت تارىخىدا داڭ قازانغان ئىلمىي تەجرىبە – سىناقلارنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇشى چوقۇم. مەزكۇر تەجرىبە – سىناقلارنى ئەڭ زور ۋە ئەڭ جۈرئەتلىك ئىلمىي ئۇچۇش تەجرىبىسى ھېسابلىنىدىغان ئىبنى فىرناسنىڭ تەجرىبىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇنىڭ تەجرىبىسىگە ھېچبىر خۇراپاتلىق ياكى خام خىيال ئارىلاشمىغان، بەلكى ئۇ ھەرقانداق ئۆلچەمدە ئىلمىي مېتودلۇق تەجرىبە دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەجرىبىسى ئۇچۇش ساھەسىدە بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كېلىنمەكتە».

شەكسىزكى، ئىبنى فىرناسنىڭ ئۇچۇشتىكى تەجرىبىسى م. 11 – ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپالىقلارنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان. ياۋروپا ئۇچقۇچىسى ئېلمېر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئىبنى فىرناسنىڭ تەجرىبىسىنى ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان بولۇشىدا شەك يوق.

ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ كۆپ خىل تالانتى ئەندەلۇستىكى ئۆز زامانىنىڭ ئالىملىرى ۋە دەۋرداشلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ تەرىپى باشقىلارنىڭ ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغانلىقتىن، «سېھىرگەر، زىندىق، ھەر ۋاقىت غەلىتە ئىشلارنى قىلىدۇ» دەپ قارىلانغان. نۇباھىي «ئەندەلۇس قازىلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (ئابباس ئىبنى فىرناس) قورتۇبە جامەسىدە سوتقا تارتىلغان. سۇلايمان ئىبنى ئەسۋەد غافىقىي قازى ئىدى. نەتىجىدە، قازى ئۇنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن. ئۇ ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇررەھماننىڭ دەۋرى (ھ. 238 — 273) نىڭ ئاخىرلىرىدا 80 دىن ئېشىپ ۋاپات بولغان».

ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلىرى

ئىبنى فىرناس ۋاقىتنى ئۆلچەش ئۈچۈن سۇ سائىتىدىن ئىبارەت ۋاقىت ھېسابلىغۇچنى ئىجاد قىلغان. ئىبنى فىرناس خەت يېزىشتا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇچى ئۇچلاقلىق، سىياھقا تولغان بىر سىلىندىرنى يەنى تارىختىكى تۇنجى سىياھ قەلەمنى ئىجاد قىلغان. ياۋروپالىقلار بۇ كەشپىياتنى ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان.

ئىبنى فىرناس كۆز تۈزەش ئەينىكى ياسىغان. نەتىجىدە، ئۇ تېببىي كۆزەينەكنىڭ ئىجادچىسى بولغان. ئۇ بەزى خىمىيەۋى ماددىلارنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ياش ئاققۇزۇش بومبىسىغا ئوخشاش بىر بومبا كەشىپ قىلغان. قورغانلارنى يىمىرىش ئۈچۈن بىر جەڭ قورالى ياسىغان. بۇ قورال بىر ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىپ، شۇ ئارقىلىق دۈشمەننىڭ قورغانلىرى پاچاقلانغان. ئىبنى فىرناس تاش ۋە قۇمدىن ئەينەك كەشىپ قىلغان. ئۇ ئەندەلۇستا تۇنجى ئەينەك ياسىغان كىشى ئىدى. ئۇ يەنە قاتتىق كىرىستال تاشلارنى پارچىلاش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان. ئىبنى فىرناس قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ۋە لەيلەشتىكى قاناتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تېزلىك ۋە شامالنىڭ ماسلىقىنى ھېسابلاپ، پىلانېر نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك، ئۇ ئاسمان گىلوبۇسى ئەسۋابىنى ياسىغان. بۇ ئەسۋاب كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشتە ئۇستۇرلاپقا ئوخشايدۇ. ئىبنى فىرناس يەنە «ئاسترونومىيە سارىيى»نى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ دېگىنىمىز يۇلتۇز، بۇلۇت، چاقماق، گۈلدۈرماما، قۇياش، ئاي، پلانېتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان شەكلىنىڭ مودېلىدۇر. تارىخچى زىرىكلىي ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسى ئاجايىب بىر گۈمبەزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىبنى فىرناس ئۇنى يۇلتۇزلىرى، بۇلۇتلىرى، چاقماقلىرى، گۈلدۈرمامىلىرى، كۈن، ئاي ۋە پىلانېتىلىرى بار ئاسماننىڭ شەكلىدە لايىھەلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇستىلىقى ۋە زور تالانتى بىلەن بۇ ئاسترونومىيە سارىيىدا سۈنئىي چاقماق ۋە سۈنئىي گۈلدۈرماما پەيدا قىلىپ، ئۇلاردىن يامغۇرغا ئوخشاش سۇ ياغدۇراتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلەتتى.

ئىبنى فىرناسنىڭ ئۇتۇقلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرخىل ئۇسۇللاردا ھۆرمەتلىنىپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى مەركىزى (ناسا) ئاي شارىدىكى بىر مېتېئورىت ئازگىلىغا ئىبنى فىرناسنىڭ ئىسمىنى قويۇپ، «ئىبنى فىرناس مېتېئورىت ئازگىلى (ibn Firnas crater)» دەپ ئاتىغان. لېۋىيەدە ئۇنىڭ ئۇچۇش سىنىقىنى تەسۋىرلىگەن پوچتا ماركىسى لايىھەلەنگەن. تېرىپولى ئايرودۇرۇمى مېھمانخانىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان. ئىراقتا باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يولىغا ئۇنىڭ بىر ھەيكىلى تىكلەنگەن بولۇپ، باغدادنىڭ شىمالىدىكى يەنە بىر ئايرودروم «ئىبنى فىرناس ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

بۈيۈك مۇسۇلمان ئىجادكار ئابباس ئىبنى فىرناسقا ئاللاھنىڭ كەڭ رەھمىتى ۋە ئالىي ئىنايىتى بولغاي!

 

مەنبە:

1.  http://www.azhar.eg (ئۇستاز رامازان سابىت: عباس ابن فرناس)

2. جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».https://www.eajaz.org (د. ئەھمەد ئەلى ھەجۋان: حكيم الأندلس رائد الفضاء الأول المخترع)

3.  https://islamstory.com (سالاھ ئەششاھاۋىي: عباس بن فرناس .. أول رائد فضاء في التاريخ)

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ