ئاجراشقان ئايالنىڭ بالىنى باشقا جايغا ئېلىپ كېتىشىنىڭ ھۆكمى

ئاجراشقان ئايالنىڭ بالىنى باشقا جايغا ئېلىپ كېتىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، مەن بالامنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىلى بىر يىل بولاي دېدى، ئاجراشقاندا بالىمىزنى بېقىشنى ئاپىسى ئۈستىگە ئالغان، ماڭا نەپىقە بېرىش يۈكلەنگەن ئىدى. ئەمدى بالامنىڭ ئاپىسى بالىمىزنى بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتكە ئېلىپ كېتىمەن دەيدۇ. مەن بالىنى ئېلىپ قالىمەن دېدىم. ئۇستاز! قانداق ۋاقىتتا بالا ئاتىسىغا تەۋە، قانداق ۋاقىتتا ئاپىسىغا تەۋە بولىدۇ؟ ھازىرقى زاماندىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجرىشىپ كېتىۋاتقان ئەر – ئاياللارغا قانداق نەسىھەتلەرنى قىلىلا؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئائىلە مۇستەھكەم ۋە مۇقەددەس بولغان نىكاھ رىشتىسى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ رىشتە قاچانىكى ئاجرىشىش ئارقىلىق ئۈزۈلۈپ كەتسە، بۇنىڭدىن ئەر – خوتۇن ئىككىيلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلەرمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئالدى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ روھىي ھالىتى ۋە پىسخىكىسىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە پۈتۈن ئۆمرى بۇ ئاجرىشىشنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاجرىشىش ئويىدا بولغان بارلىق ئەر – خوتۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، ئاجرىشىشقا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن ئائىلىسىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى قايتا – قايتا ئويلىشىشى، كۆڭۈل ياكى باشقا ئىشلارنى دەپ پەرزەنتلىرىنى قۇربانغا ياكى ئاتا – ئانىسى تىرىك بولغان يىتىم بالىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا چىدىشى ۋە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، قارشى تەرەپكە زىيان ئۇرۇش ئۈچۈن بالىنى كۆرسەتمەي تۇرۇۋالماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ۋەز – نەسىھەتتۇر. لېكىن، رېئاللىقتىكى بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشمۇ ئاسان ئەمەس، نەتىجىدە ئائىلە چۇۋۇلۇپ كەتسە ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسى ياكى ئىككىسى ئېغىر زىيان تارتماي قالمايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندىن كېيىن پەرزەنتلەرنىڭ بېقىلىش ۋە تەبىيەلىنىش ھوقۇقى قوغدىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى پەرزەنتلەر ئانا مېھرىگە قانمىسا، كۆيۈمچان ئانا قۇچىقىدا بېقىلمىسا بولمايدۇ. ئانىمۇ پەرزەنتلىرىگە قېنىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، پەرزەنتلەرنىڭ بېقىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ئالدى بىلەن ئانىغا بېرىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بۇ بالامنى قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ، ئېمىتىپ، كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاسراپ باقتىم. ئەمدىلىكتە دادىسى (مېنى تالاق قىلىۋېتىپ) بالامنى مەندىن ئېلىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالغا:

— باشقا ئەرگە تەگمىسىڭىزلا، بالىنى ئېلىشقا سىز ئەڭ ھەقلىق، — دېدى(1).

مەزكۇر ھەدىستە پەرزەنتلەرنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھوقۇقىنىڭ ئالدى بىلەن ئانىدا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى بايان قىلىنغان. ئەگەر بۇ تۈرلۈك بېقىش ۋە كۆيۈنۈش توسالغۇغا ئۇچرايدىغان ئەھۋالدا، بالىنىڭ بېقىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ھەققى زايە بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەق ئانىدىن ئاتىغا يۆتكىلىدىغانلىقىمۇ ھەم بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق(2).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئانا ئەرگە تەگسە بېقىش ھوقۇقى قولىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر تەگكەن ئەر بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتى بالا يەتتە ياشقا كىرگۈچە ئاخىرلاشقان بولسا، بېقىش ھوقۇقىغا توسالغۇ بولغان ئەھۋال يوقالغانلىقى ئۈچۈن، بېقىش ھوقۇقى يەنىلا ئانىنىڭ قولىغا قايتىدۇ.

بېقىش ھوقۇقى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ قولىدىن كەتسە، بۇ ھوقۇق باشقىلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۆتكىلىدۇ: بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسىغا، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا، ئاتا – ئانا بىر ئاچىسىغا، ئانا بىر ئاچىسىغا، ئاتا بىر ئاچىسىغا، ئاتا بىر ئاچىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا – ئانا بىر ئاچىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا – ئانا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئانا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا بىر ئاكىسىنىڭ قىزىغا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىسىغا، ئانسىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىسىغا، ئاتىسىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىسىغا، ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپتىن بولغان ھاممىسىغا، ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپتىن بولغان ھاممىسىغا، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىلىرىغا، مىراستىكى ئاسىب(3) تۇغقانلار تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئاتا، ئاندىن چوڭ دادا، ئاندىن ئاتا – ئانا بىر ئاكا، ئاندىن ئاتا بىر ئاكا، ئاندىن ئاتا – ئانا بىر ئاكىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاندىن دادا تەرەپتىن بولغان تاغا، ئاندىن دادا تەرەپتىن بولغان تاغىسىنىڭ ئوغلى. ئەگەر ئوخشاش دەرىجىدە بىرقانچە كىشى بۇ ھوقۇقنى تالىشىپ قالسا، ئەڭ تەقۋادارى، ئۇندىن قالسا يېشى ئەڭ چوڭى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاسىب تۇغقانلار تېپىلمىسا، ئانا تەرەپتىن بولغان مەھرەم دەرىجىدىكى ئەر تۇغقانلار بەھرىمەن بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئانىسىنىڭ چوڭ دادىسى، ئۇندىن قالسا ئانا بىر ئاكىسى، ئۇندىن قالسا ئانا بىر ئاكىسىنىڭ ئوغلى، ئۇندىن قالسا ئانا بىر تاغىسى، ئۇندىن قالسا ئاتا – ئانا ھەر ئىككىسىنىڭ ئانا تەرەپتىن بولغان تاغىسى، ئۇندىن قالسا ئانسىنىڭ ئانا بىر تاغىسى، ئەگەر بۇلاردىن ئوخشاش دەرىجىدە بىرقانچە كىشى بۇ ھوقۇقنى تالىشىپ قالسا، ئەڭ ياراملىقى، ئۇندىن قالسا ئەڭ تەقۋادارى، ئۇندىن قالسا يېشى ئەڭ چوڭى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ(4).

بېقىش ھوقۇقىنى بىرقانچە تۇغقان تالىشىپ قالغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى تەرتىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. تالىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەندە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىزدە بۇ ھەقتىن ئانا، ياكى ئاتا، ياكى يۇقىرىقى تۇغقانلاردىن بىرى بەھرىمەن بولىدۇ.

بالا كىمنىڭ قولىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېقىش ھوقۇقى قولىدا بولمىغان تەرەپ بالىنى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈش ھەققىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئانا ئەرگە تەگمىگەن تەقدىردە، بالا قانچە ياشقا كىرگۈچە ئانىنىڭ بېقىشىدا بولىدىغانلىقى، ئۇندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار ۋە بېقىش ھوقۇقىنىڭ كىملەرگە يۆتكىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپى قاتارلىقلاردا ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد. ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە ئىخچاملاپ ئېيتساق، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا، قىز بالا توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئانىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ئاندىن قوغدىنىش ۋە خەبەر ئېلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلى، ئاتىنىڭ بېقىشىغا يۆتكىلىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندە بالا ئاتا – ئانىسىدىن بىرىنى تاللايدۇ. باشقا مەزھەبلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن قاراشلار بار(5).

ئەمدى، بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان ئانىنىڭ سەپەر قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئانىنىڭ بېقىش ھوقۇقى بولغىنىدەك، ئاتىنىڭمۇ بالىغا ئىگە بولۇش، بېقىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى، شۇنداقلا پەرزەنتنىڭ بېقىلىش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. ئەگەر بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان ئانا بالىنى ئېلىپ يىراق يۇرتقا سەپەر قىلماقچى بولسا، بۇ ئەھۋالدا پەرزەنتلەر ئاتا تەرەپتىن بېقىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغان، ئاتىسىمۇ بېقىش ۋە ۋەلىيلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى ھوقۇقنى قوغداش يۈزىسىدىن ئاتا ئۇ ئايالنى بالىنى ئېلىپ سەپەر قىلىشتىن توسۇپ قويالايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئايال ئىككىنىڭ بىرىنى تاللايدۇ. بىرى، بۇرۇنقىدەك بالىسىنى بېقىپ سەپەر قىلماي تۇرۇۋېرىش. يەنە بىرى، بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ سەپەر قىلىش. ۋاز كېچىپ سەپەر قىلىشنى تاللىسا، بېقىش ھوقۇقى يۇقىرىقى ئۇزۇن تەرتىپ بويىچە كېيىنكى كىشىگە يۆتكىلىدۇ.

ئەگەر سەپەر ئەتىگىنى بارسا كەچكە قايتىپ كېلەلەيدىغان مۇساپىدىكى يېقىن جايغا ياكى تويى بولغان يۇرتىغا بولسا، بۇ ئەھۋالدا بېقىش ھوقۇقى يەنىلا ئانىنىڭ قولىدا قالىدۇ.

«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق دېيىلگەن: «ئانىنىڭ ئىددىتى توشۇپ بالىنى بېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جاي مەزكۇر بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ۋەلىيسى تۇرۇۋاتقان يۇرتتۇر. بېقىش ھوقۇقى ئانىدىن باشقا ئاياللاردا بولغاندىمۇ شۇنداق. چۈنكى، ئاتىنىڭ بالىنى كۆرۈش ۋە تەربىيەلىنىشىنى نازارەت قىلىش ھەققى بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەققى بالىنى باققۇچى بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ياكى ۋەلىيسىنىڭ تۇرۇۋاتقان يۇرتىدا تۇرغاندىلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ»(6).

ئانىنىڭمۇ ئاتىنىڭ رازىلىقىسىز بالىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بالىغىمۇ، ئاتىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر(7).

مەزكۇر سوئالدا ئانا باشقا دۆلەتكە سەپەر قىلماقچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇڭا بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىزنى بالىڭىزنى بىللە ئېلىپ سەپەر قىلىشتىن توسۇش ھوقۇقىڭىز بار. ئۇ مەن زادى سەپەر قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، بالىنى بېقىش ھوقۇقى قولىدىن كېتىدۇ. سىز بۇ ئەھۋالدا بېقىش ھوقۇقىنى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە ئۇ ئايالدىن كېيىنكىلەرگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن كېيىنكىلەر بولمىغان ياكى ئۇلار بېقىش ھوقۇقىنى تالاشمىغان تەقدىردە، ئۇ ئايال سەپەر قىلغان مۇددەت ئىچىدە بالىنى سىز بېقىشقا ئەڭ ھەقلىق. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئانا بىلەن سەپەر قىلىش بالىغا خەتىرى ياكى زىيىنى بولماي، ئۇنىڭغا پايدىلىق بولسا سىزنىڭ بالىدىن ئايرىلىشقا چىداپ سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىڭىز ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەممە تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ بالىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قارارغا كېلىش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 2 – رەجەب / م. 2019، 9 – مارت

—————
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (2276). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن..
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/194؛ باجىي: «ئەلمۇنتەقا»، 6/185.
3. ئاسىب، كۆپلۈكى ئاسىبلار (عَاصِب ج الْعَصَبَةُ): ئەرەب تىلىدا: «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/132؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1116 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
4. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 2/37؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4/41.
5. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4/41؛ باجىي: «ئەلمۇنتەقا»، 6/185.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/308 – 309.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 4/44.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ