پەلەستىن ۋە مىسىر فاتىھى ئەمر ئىبنى ئاس

(ھىجرىيەدىن بۇرۇنقى 50 – ھىجرىيە 43 / مىلادىيە 573 – 664)

 

ئەمر ئىبنى ئاس ئىبنى ۋائىل ئىبنى سەئىد ئىبنى سەھم بولسا، قۇرەيش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرنىڭ فەتىھ قىلغۇچىسىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پاراسىتى ۋە زېرەكلىكى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر سىياسىي ۋە ھەربىي قوماندانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئەبۇ ئابدۇللاھ» ۋە «ئەبۇ مۇھەممەد» دەپ چاقىرىلاتتى. ئۇ تىجارەتچى بولۇپ ھەمىشە شام، يەمەن، مىسىر ۋە ھەبەشىستانلارغا سەپەر قىلاتتى. ئۇ قۇرەيشنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدىكى قەھرىمان ۋە چەۋەندازلىرىدىن، شۇنداقلا يەنە ئەرەبلەرنىڭ قورقماس باتۇرلىرى ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك كىشىلىرى قاتارىدىن سانىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە تالانتلىق شائىر بولۇپ، ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇنىڭ شېئىرلىرى يادلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن، قۇرەيشلەر ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئۇنى ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىينىڭ قېشىغا ئەۋەتكەن ئىدى. لېكىن، نەجاشىي ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

مۇسۇلمان بولۇشى

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرەيشنىڭ ئەھزاب ئۇرۇشىدىكى ئېغىر مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، مەككە فەتىھ بولۇشتىن ئالتە ئايچە بۇرۇن، ھىجرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى مۇسۇلمان بولدى. ئۇ خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە كەلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاراپ: «مەككە ئۆزىنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى سىلەرگە ئەۋەتىپتۇ» دېگەنىدى. ئۇ ھەبەشىستاندىن قايتقان چاغدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق مۇشۇ كەمگىچە كەسكىن ئىرادىگە كەلمىگەن ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قەلبىمگە ئىسلامنى سالغاندا، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: قولۇڭنى بەرگىن. مەن ساڭا بەيئەت قىلىمەن، – دېدىم. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، مەن قولۇمنى تارتىۋالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئەي ئەمر! ساڭا نېمە بولدى؟› دېدى، مەن: شەرتىم بار، – دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹نېمە شەرتىڭ بار؟› دېدى. مەن: گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى شەرت قىلىمەن، – دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سەن بىلمەمسەنكى، ئىسلام كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ، ھىجرەتمۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ، ھەجمۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ› دېدى»([1]).

ئەمر ئىبنى ئاس مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلىملىك ۋە باتۇر ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى يېنىغا تارتىپ ئۆزىگە يېقىن قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كىيىملىرى ۋە قوراللىرىنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كەلسۇن، دەپ ئادەم ئەۋەتكەنىدى. ئەمر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇ تاھارەت ئېلىۋېتىپتىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە سىنچىلاپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ: ‹مەن سېنى بىر قوشۇنغا باش قىلىپ ئەۋەتسەم، ئاللاھ سېنى ئامان قىلىپ، ساڭا ئىلتىپات قىلسىكەن دەپ ئويلايمەن ھەمدە پۇل – مالغا ئېرىشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن› دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن پۇل – مال ئۈچۈن مۇسۇلمان بولمىدىم، بەلكى ئىسلامغا قىزىقىپ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم، – دېۋىدىم، ئۇ: ‹ئى ئەمر! ياخشى پۇل – مال ياخشى كىشى ئۈچۈن نېمىدېگەن ياخشى – ھە!› دېدى»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەمر ئىبنى ئاس قۇرەيشنىڭ ياخشىلىرىدىندۇر»([3]). ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە: «ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ۋە ئانىسى، بۇلار نېمىدېگەن ياخشى ئائىلە – ھە!» دېگەن بۆلەك زىيادە كەلگەن([4]).

ھاكىم «مۇستەدرەك» ناملىق كىتابىدا ئەبۇ ھۇرەيرەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاسنىڭ ئىككى ئوغلى ھىشام ۋە ئەمر مۆمىنلەردىندۇر»([5]).

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇجاھىد ۋە باتۇر كىشى بولۇپ، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ زېمىننىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىسلام تارقاتقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرنىڭ شىجائىتى ۋە ئۇرۇش تالانتىنى بىلگەچكە، ئۇنى بىر قىسىم چوڭ – كىچىك قوشۇنلارغا باش قىلاتتى، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۆزىگە يېقىن تۇتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 8 – يىلى جۇمادىيەلئاخىر ئېيىدا زاتۇسسەلاسىل دېگەن جايغا بىر كىچىك قوشۇن ئەۋەتتى ۋە ئەمر ئىبنى ئاسنى قوشۇنغا قوماندان قىلدى. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرنى ئوممانغا ۋالىي قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر، ئۇ ئومماننىڭ ۋالىيسى بولغان ئىدى.

ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ فەتىھلىرى

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەمر ئىبنى ئاس مۇرتەدلەر ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، ناھايىتى قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى شامنى فەتىھ قىلىشقا ئاتلانغان تۆت قوشۇننىڭ بىرىگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەمر ئىبنى ئاس 3000 مۇجاھىدقا باش بولۇپ پەلەستىنگە يۈرۈش قىلغان، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سانى 7000 بولغان. خالىد ئىبنى ۋەلىد پارس قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىراقتىن شامغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ باشقا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە يەرمۇك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ پىكىرى بويىچە ھەممە قوشۇنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەڭدە ھەربىر قوماندان بىر كۈندىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان.

مۇسۇلمانلار يەرمۇك ئۇرۇشىدا خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا رۇم قوشۇنىنى ئوڭۇشلۇق مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە شام دىيارىنى فەتىھ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەمر ئىبنى ئاس پەلەستىن شەھەرلىرىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن پەلەستىنگە ئاتلىنىدۇ. ئاندىن غەززە، سەبەستىيە، نابۇلۇس، يۇبنا، ئەمۋاس، بەيت جىبرىن، يافا ۋە رەفاھ قاتارلىق جايلارنى فەتىھ قىلىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ قۇدۇسنى قامال قىلىشى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قالتىس ماھارەتلىرى تىلغا ئېلىنسا ئۇ مۇنداق دەيتتى: «رۇملۇقلارنىڭ ئەرتەبۇنىغا ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنى بىلەن زەربە بەردۇق»([6]).

شۇنىڭدىن كېيىن ئەمر ئىبنى ئاس پەلەستىنگە ۋالىي بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قەدر – قىممىتى ۋە زېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ توغرۇلۇق: «ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ زېمىن ئۈستىدە پەقەت ۋالىي بولغان ھالدىلا مېڭىشى لايىق» دەيتتى([7]).

مىسىرنى فەتىھ قىلىشى

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ مىسىرنى ئۆزىنىڭ قولىدا فەتىھ قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مىسىر توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەپ، ئاخىر ئۇنى قايىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى مىسىرنى فەتىھ قىلىش ۋە رۇملۇقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

ئەمر ئىبنى ئاس مىسىرنى فەتىھ قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن 4000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يۈرۈش قىلىدۇ. لېكىن، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ توغرۇلۇق چوڭ ساھابىلەرگە مەسلىھەت سېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شىددەتلىك ئۇرۇشقا كىرىپ قالماسلىقىنى توغرا تاپىدۇ ۋە ئەمر ئىبنى ئاسقا بىر مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ مەكتۇپىم ساڭا مىسىرغا كىرىشىڭدىن بۇرۇن يەتسە دەرھال كەينىڭگە قايتقىن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن يولۇڭغا داۋام ئەتكىن». ئەلچى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، خەتتە نېمە مەزمۇن بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئەمر ئىبنى ئاس ئەرىش دېگەن شەھەرگە كەلمىگۈچە خەتنى قولىغا ئالمايدۇ. ئەرىشكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن خەتنى قولغا ئېلىپ كۆرىدۇ، ئاندىن ئادەملىرىدىن: «بىز ھازىر مىسىردىمۇ ياكى پەلەستىندىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «مىسىردا» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئۇ: «ئۇنداقتا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بۇيرۇغاندەك ئۆز يولىمىزغا راۋان بولىۋىرەيلى!» دەيدۇ.

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ غەلىبىلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، قوشۇنىنى باشلاپ رۇملۇقلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تۇنجى گىرەلەشمە جەڭگە شاھىت بولغان فەرەما شەھىرىگە كىرىدۇ. ئاندىن بىلبىسنى فەتىھ قىلىدۇ ۋە بىلبىسنىڭ رىم قوماندانى ئەرتەبۇننى بويسۇندۇرىدۇ. بۇ ئادەم ئەسلى قۇدۇسنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن قۇدۇستىن قېچىپ كەتكەن ئىدى. ياردەمچى قوشۇن كەلگەندىن كېيىن ئەمر ئۆزىنىڭ فەتىھلىرىنى «ئۇمدۇنەين»غىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاندىن ھىرەقلى تەرىپىدىن يەتتە ئاي مەنسەپكە قويۇلغان مىسىرنىڭ ھاكىمى مۇقەۋقىس تۇرۇشلۇق بابىلون قەلئەسىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. مۇقەۋقىس جىزيە تۆلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھىرەقلى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى كونىستانتىنوپولغا چاقىرىتىپ سۈرگۈن قىلىدۇ. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بابىلون قەلئەلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ئىش رۇملۇقلارنى سۈلھىلىشىپ جىزيە تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئەمر ئىبنى ئاس مىسىر شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ فەتىھ قىلىپ، تاكى ئىسكەندەرىيە سېپىللىرىغىچە بارىدۇ ۋە ئىسكەندەرىيەنى، مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بۇ شەھەردە 50 مىڭ رۇملۇق بار ئىدى. بۇ مۇھاسىرە مەزگىلىدە ھىرەقلى ئۆلۈپ كېتىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى تەختكە چىقىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، مۇقەۋقىسنى سۈرگۈن قىلىنغان يېرىدىن چاقىرىتىپ كېلىپ ئۇنى مۇسۇلمانلار بىلەن سۈلھى قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

سۈلھىدە كۆپلىگەن ماددىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلاردىن سىرت ھەربىر كىشى ئىككى دىنار جىزيە بېرىش؛ رۇملۇقلار مال – مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ شەھەردىن ئايرىلىش؛ مۇسۇلمانلار شەھەرگە كىرگەندە خرىستىئانلارنىڭ چېركاۋلىرىغا ھۆرمەت قىلىش؛ شەرتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رۇملۇقلار 150 نەپەر ئەسكەر ۋە 50 نەپەر ئەمىرىنى گۆرۈ سۈپىتىدە ئەۋەتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس فەتىھ خۇشخەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ.

مىسىرغا ھاكىم بولۇشى

ئەمر ئىبنى ئاس ئۈچ يىل ۋاقتىنى مىسىرنى فەتىھ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. رۇملۇقلارنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن مىسىر خەلقى ئۇنى تولىمۇ خۇشاللىق ۋە سۆيۈنۈش ئىلكىدە قارشى ئالدى. ئۇلار ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ رۇمغا قارشى ياخشى ياردەمچىلىرى بولغان ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى مىسىر ئەھلى! پەيغەمبىرىمىز بىزگە كەلگۈسىدە ئاللاھنىڭ چوقۇم مىسىرنى فەتىھ قىلىپ بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بىزنى مىسىر ئاھالىسىگە ياخشىلىق قىلىشىمىزغا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «مىسىرنى فەتىھ قىلغىنىڭلاردا قىبتىيلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، بىز ئۇلارغا ئامانلىق بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت بار»([8]).

ئەمرنىڭ مىسىرغا ۋالىي بولغان دەۋرى پاراۋانلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى بولغان ئىدى. ئۇ مىسىر خەلقىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى سايىسىدا ئادالەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. ئۇ مىسىردا فۇستات شەھىرى قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا غەنىيمەتلەرنى دېڭىز ئارقىلىق ھىجازغا توشۇش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تراجان دېڭىز قولتۇقىنى قايتا كولىغان ۋە مىسىردا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر جامە سالغان. ئەمر ئىبنى ئاس جامەسى ھازىرمۇ مىسىردا بار.

رۇملۇقلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش

قىبتىيلار رۇملۇقلارنىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە ئېزىشلىرىگە ئۇچراپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزھىپىنى تاشلاپ رۇملۇقلارنىڭ مەزھىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا دىنلارغا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بېرىدۇ: قىبتىيلارنىڭ بۇنيامىن ئىسىملىك بىر دىنىي ئەربابى بولۇپ، رۇملۇقلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. مىسىر فەتىھ بولۇپ مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قايتىپ كەلگەندە مۇسۇلمانلار ئۇنى ياخشى كۈتۈۋېلىپ ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قىبتىيلارنىڭ دىنىي ئەربابى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ ھال قىبتىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان قىزىقىشى ۋە قەدىرلىشىنى قوزغايدۇ، نەتىجىدە، ئۇلارمۇ مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

رۇم پادىشاھى ئىسكەندىرىيەدىكى ئىسلام مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى سانىنىڭ ئازلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ 300 كېمىدە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ ۋە ئىسكەندەرىيەگە بۆسۈپ كىرىپ بېسىۋالىدۇ، ھەمدە فۇستاتقا يۈرۈش قىلىشقا بەل باغلايدۇ. ئەمر ئىبنى ئاس ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ھىجازدىن تېزلا قايتىپ كېلىدۇ ۋە رۇملۇقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇننى توپلايدۇ. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش پارتلاپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى چېكىندۈرىدۇ. ئەمر ئۆز قوشۇنىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا غەلىبىگە يېتەكلەيدۇ، غەلىبە مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەمر ئىبنى ئاس بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، ئىسكەندەرىيەگە قاراپ قاچقان رۇملۇقلارنى ئارقىسىدىن قوغلايدۇ ۋە ئىسكەندەرىيەنى، قورشاپ فەتىھ قىلىدۇ. نەتىجىدە، رۇملۇقلارنىڭ شانۇشەۋكىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. رۇملۇقلار بۇ شەھەرنى بېسىۋالغان مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسكەندەرىيە ئاھالىسى ئىلگىرى يوقىتىپ قويغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا ياردەمدە بولىدۇ.

ئۇنىڭ مۇئاۋىيە – ئەلى پىتنىسىدىكى رولى

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغان مەزگىلىدە ئەمر ئىبنى ئاسنى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئامىرىينى ۋالىي قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەمر مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كېتىدۇ. ئوسمان ئىبنى ئەففان قەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغاندىن كېيىن، ئەمر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان تەرەپكە ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىففىن ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. ئۇرۇش چىڭىغا چىقىپ مۇئاۋىيە يېڭىلەي دېگەندە، ئەمر ئىبنى ئاس ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ئۇنىڭغا مۇرەسسە قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇلار تىنچلىق تەلەپ قىلىپ قۇرئانلارنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇرەسسەلىشىشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيەنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ۋەكىل جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەستكە ئۇچىرىغانلىق ئىشىغا شۇلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا كېلىشىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە سەئىد ئىبنى زەيدلا قالغان ئىدى. بۇ قارارنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۈرگۈزمىگەن ئىدى. كېيىن مۇئاۋىيە ئەمرنى بىر قوشۇنغا باش قىلىپ مىسىرغا ئەۋەتكەن ۋە مىسىرنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرىنىڭ قولىدىن ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تاكى ۋاپات بولغۇچە مىسىرغا ۋالىي قىلغان.

ۋاپاتى

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيە 43 – يىلى، مىلادىيە 663 – يىلى ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يېشى توقساندىن ھالقىغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 39 ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. ئۇ دادىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

–       ئى ئاتا! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەن توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى بەرمىدىمۇ؟ (كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما)، – دېۋىدى، ئەمر ئالدىنى قىلىپ مۇنداق دېدى:

–       مەن ھاياتىمنى ئۈچ خىل ھالەتتە ئۆتكۈزدۈم. ھازىرمۇ ئېسىمدە، ئىلگىرى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئۆچ كىشى ئىدىم، قۇربىم يەتسە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. ناۋادا مەن شۇ ھالەتتە ئۆلگەن بولسام ئەلۋەتتە، دوزاخ ئەھلىدىن بولار ئىدىم. ئاللاھ تائالا دىلىمغا ئىسلامنى سالغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم ۋە: قولۇڭنى بەرگىن. مەن ساڭا بەيئەت قىلىمەن» دېدىم. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، «مەن قولۇمنى تارتىۋالدىم. ئۇ: «ئى ئەمر! ساڭا نېمە بولدى؟» دېۋىدى، مەن: «شەرت قويماقچىمەن» دېدىم. ئۇ: «نېمە شەرت قويىسەن؟» دېۋىدى، مەن: «گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى شەرت قىلىمەن» دېدىم. ئۇ: «بىلمەمسەنكى، ئىسلام كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ، ھىجرەتمۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ، ھەجمۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يوق قىلىدۇ» دېدى. (شۇ كۈندىن باشلاپ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ قەدىردان ۋە ئەڭ مۆھتەرەم كىشىگە ئايلاندى. ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمدىن ئۇنىڭغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتىم. ئەگەر بىرەيلەن مەندىن ئۇنى سۈپەتلەپ بېرىشنى سورىسا، سۈپەتلەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمدىن ئۇنىڭغا تىكىلىپمۇ قارىمىغان ئىدىم. ناۋادا مەن مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بولسام جەننەت ئەھلىدىن بولۇش ئۈمىدىم بار ئىدى. لېكىن، كېيىن مەن بىر قاتار ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالدىم، ھالىمنىڭ نېچۈك بولۇشىنى بىلمەيمەن. مەن ۋاپات بولسام يىغا – زار قىلغۇچى ئاياللار ماڭا يېقىن يولىمىسۇن ۋە (مېنىڭ قېشىمدا) ئوتمۇ يېقىلمىسۇن. مېنى دەپنە قىلغىنىڭلاردا، ئۈستۈمگە توپا چېچىڭلار. ئاندىن كۆڭلۈم تىنجىپ، رەببىمنىڭ ئەلچىلىرى (پەرىشتىلىرى) گە قانداق جاۋاب بېرىشنى ئويلىۋېلىشىم ئۈچۈن، بىر تۆگە بوغۇزلىنىپ گۆشى تارقىتىلغۇدەك ۋاقىت قەبرەم يېنىدا تۇرۇپ تۇرۇڭلار([9]).

 

تەرجىمىدە: قاراخانىي

مەنبە: http://islamstory.com/ar

————————–
([1]) مۇسلىم: «ئىمان بۆلۈمى»، 121 – بەت.
([2]) ئەھمەد ئۆز مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان، (17798 – نومۇرلۇق ھەدىس). شۇئەيب ئەرنائۇت: «مۇسلىمنىڭ شەرتى بويىچە ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. ھاكىممۇ رىۋايەت قىلىپ (2926 – نومۇرلۇق ھەدىس): «مۇسا بىن رەباھنىڭ يولىدىن مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان، ئەبۇ سالىھنىڭ يولىدىن بۇخارىنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
([3]) تىرمىزى رىۋايەت قىلغان (3845 – نومۇرلۇق ھەدىس).
([4]) ئەھمەد ئۆز مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان (1382 – نومۇرلۇق ھەدىس).
([5]) ھاكىم مۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلغان (5053 – نومۇرلۇق ھەدىس) ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ،دېگەن. ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان، 8029 – نومۇرلۇق ھەدىس. شۇئەيب ئەرنائۇت: ئىسنادى ھەسەن، دېگەن.
([6]) تەبەرى: «تارىخ رۇسۇل ۋە مۇلۇك»، 605/3. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 328/2. ئىبنى كەسىر: «بىدايە ۋە نىھايە»، 63/7.
([7]) ئىبنى ئەساكىر: «دەمەشق تارىخى»، 155/46.
([8]) مۇسلىم: «ساھابىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى بۆلۈمى»، 2543 – نومۇرلۇق ھەدىس. ھاكىم: 4032 – نومۇرلۇق ھەدىس، تېكىست ئۇنىڭ. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن. تەبەرانى: «مۇئجەم كەبىر»، 15782 – نومۇرلۇق ھەدىس.
([9]) مۇسلىم: «ئىيمان بۆلۈمى»، (121).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.