ئايال كىشى ئېرىگە ۋە ئاتىسىغا قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگەتسە بولامدۇ؟

ئايال كىشى ئېرىگە ۋە ئاتىسىغا قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگەتسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئېرىگە قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگەتسە بولامدۇ؟ دادام ئۆگىنەي دېگەنتى، يۇرتتىكى ئىمامدىن ئۆگەنسۇن دېسەك ھازىرقى ۋەزىيەتتە سەل تەس توختايدىكەن. ئۆيدە ئانام بىلەن سىڭلىم ئۆگىتەلەيدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە قۇرئان ياكى باشقا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇيغۇرلاردا «ئېرىگە ياكى ئاتىسىغا ئۇستاز بولسا بولمايدۇ» دەيدىغان بەزىبىر گەپ – سۆزلەر بەلكىم دەرس ئىنتىزامى ۋە تاپشۇرۇق سۈيلەش قاتارلىق ئوقۇشنىڭ مۇنتىزىم يۈرۈشىشىگە ئېيتلىغان بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا، ئاللاھنىڭ دىنىدا بۇنداق چەكلىمە يوق.

جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاشلار بولغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 6) دېگەن.

بۇ ئايەتنى: مۇجاھىد: «ئۆزۈڭلارغا ۋە ئائىلەڭلارغا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەڭلار» دەپ تەفسىر قىلغان.(1)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆزۈڭلەرگە ۋە ئائىلەڭلەرگە ياخشىلىق ۋە ئەدەب ئۆگىتىڭلار» دەپ تەفسىر قىلغان. ھەسەن بەسرىي: «ئۇلارغا ئۆگىتىسەن، بۇيرۇيسەن ۋە توسىسەن» دەپ تەفسىر قىلغان.

ئىمام ئەبۇ بەكر ئەلجەسساس ئېيتىدۇ: «دېمەك، بۇ ئايەت بىزنىڭ بالىچاقا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىمزغا دىن ۋە ياخشىلىقنى، شۇنداقلا كېرەكلىك ئەدەب – ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ﴿ئائىلە تاۋابىئاتىڭنى نامازغا بۇيرۇغىن. ئۆزەڭمۇ ئۇنىڭغا چىدامچان بولغىن﴾(20/«تاھا»: 132) دېگەن ئايەتكە ئوخشايدۇ. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەڭ يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 214) دېگەن بۇيرۇقىمۇ ئىسلام تەلىم – تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇشتا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».(2)

ئەلبەتتە، بۇنىڭغا بىنائەن، ئېرى ۋە دادىسى قاتارلىق مەھرەم تۇغقانلىرى ياخشى تەربىيىلەش ۋاجىب بولغان ئائىلە ئەزالىرى قاتارىدىندۇر.

يۇقىرىقى ئايەت تەقەززاسى بويىچە ئېيتقاندا، كىشى ئۆزىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قېلىشقا بۇيرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئائىلە تاۋابىئاتىنى، جەمەتىنى ۋە مىللىتىنىمۇ ساقلاپ قېلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىلە تاۋابىئاتى دېگىنىمىز، ئېرى، ئايالى، ئاتا – ئانا، بالىچاقىلار ۋە بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدۇر.

ئۇلارنى دوزاخ ئوتىدىن قانداق ساقلاپ قالىدۇ؟

ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى قىرائەت قىلىپ ئوقۇشنى ئۆگىتىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى بايان قىلغان ئىسلام ئەقىدىسى، ئەخلاقى ۋە ھالال – ھارام، مۇئامىلە ئەھكاملىرىنى يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىتىش، تونۇتۇش لازىم. ئۇلارنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قالىدىغان ئىشلار ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ھەقكە يۈزلەندۈرۈش، يول كۆرسىتىش، توغرىغا بۇيرۇش، ناتوغرىدىن توسۇش، نەسىھەت قىلىش ۋە ھەق يولدا مېڭىشقا ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. يەنە ئۇلارغا ئىسلامدىكى ئولتۇرۇپ – قوپۇش، كىيىنىش، يەپ – ئىچىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلاردىكى سۈننەت ۋە قائىدىلەرنى ئەمەلىي ئۆگىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ئاسرىغۇچىسىلەر، ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯ قولۇڭلاردىكىلەردىن ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﺳﯩﻠﻪﺭ. ئەمىرمۇ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ جاۋابكاردۇر؛ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ جاۋابكاردۇر؛ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ قولىدىكىدىن جاۋابكاردۇر؛ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻤﯘ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ قولىدىكىدىن جاۋابكاردۇر» دېگەن.(3)

دېمەك، ئايال كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر.

ئالىملىرىمىز ئائىلە تاۋابىئاتىغا دىننى ئۆگىتىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ دىنىي مەسىلىلەردىكى ئېھتىياجىنى داۋاملىق كۈزىتىپ تۇرۇش لازىم. سىرتتىكى ياتلارغا دىن ئۆگىتىش ۋە يول كۆرسىتىش زۆرۈر بولسا، كۆز ئالدىدىكى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىش تېخىمۇ زۆرۈر. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارغا دىنىي تەربىيە – تەلىم خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇلارغا دىندا ئەڭ ئالدىن ئورۇندا تەكىتلەنگەن، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆگىتىشكە تۇتۇش قىلىپ، ئۇلارغا ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ، ئۇنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېھسان بىلەن(4) ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىتىپ، تاھارەت ئېلىش، غۇسۇل قىلىش، تەيەممۇم قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەرز، سۈننەت ۋە پەزىلەتلىك ئىشلارنى، شۇنداقلا دىنىدا بىلىشى لازىم بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆگىتىدۇ. بولۇپمۇ، ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىتىدۇ».(5)

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتايىن ئاجىز چاغلىرى ئىدى، ئىسلام دەۋىتى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرىغان مەككە شارائىتىدىمۇ ئېرى، ئاتىسى، ئاكا – ئۇكىلىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئاياللار قۇرئان ۋە دىن ئەھكاملىرىنى تۇغقانلىرىغا ئۆگەتكەن ۋە ئىسلام دىنى شۇ تەرىقىدە پۈتۈن مەككەدە تارقالغان.

سەلەفلىرىمىز دىننى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەردىكى ئۇرۇق – تۇغقان، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئۆگەنگەن. پەرزەنتلىرى ھەتتا مالاي – دېدەكلىرى ئىچىدىن كاتتا ئالىملار يېتىشىپ چىققان. تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ كۈيئوغلى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. كۈيئوغلى توي كۈنى ئەتىسى ئەتىگىنى تونىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلگەندە ئايالى ئۇنىڭدىن سورايدۇ؟

— نەگە بارىسىز؟

— ئۇستازىم سەئىدنىڭ دەرسىگە، ئىلىم ئېلىشقا، — دېيىشىگە، ئايالى ئۇنىڭغا:

— ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە ئاتام سەئىدنىڭ ئىلمىنى ئۆگىتەي، — دەيدۇ. (6)

يۇقىرىقىلاردىن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھۆكمى جائىز ياكى مۇستەھەب بولماستىن، بەلكى ۋاجىبلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ، ئائىلىنىڭ سىرتىدا دىن ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يوقالغان دىيارىمىزدەك جايلاردا تېخىمۇ شۇنداق. بەلكى نۆۋەتتىكى شارائىتىمىزدا بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئومۇمەن، پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ دىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم پەرزلەردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى كۈندە قۇرئاننى ۋە ئىمان – ئىسلامنى بىلگەن ھەربىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىلگەنلىرىنى ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا پىلانلىق ۋە ئەستايىدىل ئۆگىتىشى، كىتابلارنى ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇشى، ئۇلارنى نامازغا ئويغىتىشى، جامائەت بولۇشى، ئالاھىدە تەربىيە خىزمىتى ئىشلىشى ۋە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشى، ئومۇمەن، قولىدىن تۇتۇپ ئاللاھقا يۈزلەندۈرۈشى باش تارتسا بولمايدىغان پەرز ئەين بولۇپ قالدى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 12 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2017، 9 – فېۋرال

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 4– نومۇرلۇق پەتۋا.

————
1. «بۇخارىي»، بَاب قوله ﭽإن تَتُوبَا إلى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَاﭼ.
2. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 5/364 – 365.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (893)؛ «مۇسلىم»، (1829).
4. «ئېھسان»: ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي ۋە تىرىشچان بولۇش، مۇكەممەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
5. ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 1/209.
6. يۇقىرىقى مەنبە، 1/215.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ