فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى

فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى

(ھ. 76 – 122/م. 695 – 740)

 

ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارەكلىرىدە پەيغەمبەر شەھرىدە قەلبى ئىمانغا تولغان، ئىمان نۇرى يۈزىدە كۆركەم جىلۋىلەنگەن، پۈتۈن مەدىنە دوست تۇتقان، كارۋانلار نام – شەرىپى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھەر ياققا يايغان بىر كىشى ياشايتتى. ئۇ كەمتەر بولىۋېدى، يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ كىشىلەرگە ئۆزىنى پەس تۇتىۋېدى، كىشىلەر ئۇنى ئەزىزلىدى؛ ئۇ ئاجىز كىشىلەرنى دوست تۇتىۋېدى، پۈتۈن كىشىلەر ئۇنى دوست تۇتتى. ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆيۈمچان، يېتىملەرگە مەرھەمەتلىك ئىدى. ئۇ كىشى بولسىمۇ ھەزرىتى ھۈسەين ئوغۇللىرىدىن بولغان، سەلەفلەرنىڭ داۋامى ئەلى زەينۇلئابىدىن ئىبنى ھۈسەيندۇر. شەھىدلەرنىڭ ئاتىسى، كەربالادا زۇلۇم ۋە پاساتنىڭ قۇربانى بولغان ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەسلى شۇ ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان.

بۇ ئەلى قاتتىق يىغلايتتى ۋە كۆپ ھەسرەت چېكەتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى بەيتىدىن بولغان قەدىردانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە شاھىد بولغانىدى. بۇ ھەقتە ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) دەيدۇكى: «شۈبھىسىزكى، ياقۇب ئەلەيھىسسالام يۈسۈفكە ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتكۈچە يىغلىغان. ھالبۇكى ئۇ يۈسۈفنىڭ ئۆلۈك – تىرىكلىكىنى بىلمەيتتى. مەن بىر كۈنى ئەتىگەندە ئەھلى بەيتىمدىن ئون نەچچە كىشىنىڭ بوغۇزلانغانلىقىنى كۆردۈم. ئەجەبا، سىلەر قەلبىمدىن ئۇلارنىڭ قايغۇسى يوقالدى دەپ ئويلامسىلەر؟!»

ئۇ شۇ قايغۇ ۋە روھىي ئازابلار ئارىسىدا يۈرۈپمۇ، ئۇنىڭدىن مېھىر – شەپقەت ئېتىلىپ چىقتى، ئۇنىڭ قەلبىدىن مېھىر – شەپقەت تۆكۈلدى. ئۇ ناھايىتى مەرد ئىدىكى، قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ قوياتتى، موھتاجلارنىڭ ھاجەتلىرىنى قامدايتتى. ئۇنىڭدىن كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىش رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر دېدەك چۆگۈننى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىشى ئۈچۈن سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتاتتى، دېدەكنىڭ قولىدىكى چۆگۈن ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى يېرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېدەككە مالامەت قىلىۋېدى، دېدەك:

— ئاللاھ تائالا: ﴿وَٱلۡكَٰظِمِينَ ٱلۡغَيۡظَ / (تەقۋادارلار) ئاچچىقلىرىنى يۇتقۇچىدۇر﴾ دەيدۇ، — دېۋىدى، ئۇ:

— مەن بولدى ئاچچىقىمنى يۇتتۇم، — دېدى. ئاندىن دېدەك:

— ﴿وَٱلۡعَافِينَ عَنِ ٱلنَّاسِۗ / (تەقۋادارلار) باشقىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر﴾ دېۋىدى، ئۇ:

— ئاللاھ سېنى ئەپۇ قىلسۇن! — دېدى. ئاندىن دېدەك:

— ﴿وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ / ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 134) دېۋىدى، ئۇ:

— سېنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاد قىلىۋەتتىم، — دېدى».

ئەلى مۇشۇ ئالىيجانابلىق، مەردلىك ۋە مېھىر – شەپقەت بىلەن ھىجاز ئەتراپىدا، بولۇپمۇ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مەشھۇر بولدى ھەمدە خەلىفەلەرنىڭ بالىلىرىمۇ يېتەلمىگەن بىر دەرىجىگە يۈكسەلدى. ئۇ سۇلتان بولمىسىمۇ، سۇلتاندەك ھەيۋەتلىك ئىدى. بۇ ھەقتە بىرقانچە يوللاردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك خەلىفەلىككە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىپ، بەيتۇلھەرەمنى تاۋاپ قىلدى. ئۇ ھەجەرۇلئەسۋەدنى ئۆپمەكچى بولۇپ، (قىستاڭچىلىقتىن) ئۇنىڭغا قادىر بولالمىدى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنبەر قويۇلىۋىدى، ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇردى ۋە سالام قىلدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا شاملىقلار بار ئىدى. ئۇ شۇ ھالەتتە تۇراتتى، توساتتىن ئەلى زەينۇلئابىدىن كەلدى. ئەلى ئۆپۈش ئۈچۈن ھەجەرۇلئەسۋەدكە يېقىنلىشىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت – ئېھتىرامدىن ۋە ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەردى. ھالبۇكى ئۇ كۆركەم ۋە گۈزەل قىياپەتتە ئىدى. ھىشام ئۇنى مەنسىتمىگەن ھالدا: «كىمۇ بۇ؟» دېدى. شائىر فەرەزدەقمۇ شۇ يەردە ھازىر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تالانتلىق بۇ شائىر ئېتىلىپ چىقىپ، ئەلى زەينۇلئابىدىننى تۆۋەندىكى قەسىدە بىلەن تونۇشتۇردى:

ئول زاتنى تونۇيدۇ ئاياق ئىزىدىن

بەيتۇللاھ، مەدىنە ۋە ھەممە جاھان

بەندىلەر خەيرىنىڭ نەسلىدىندۇر ئۇ

تەقۋالىق زىرۋىسى ئۇنىڭدا ھامان

ئەل ئېيتار كۆرگەندە ھەيرەتتە تۇرۇپ

سېخىيلىق چوققىسى بۇ زاتتا ماكان

شەنىدىن جاھالەت نۇقساندۇر ساڭا

شاھىدتۇر ئاڭا ھەر دەقىقە زامان

ئەلى زەينۇلئابىدىن فىقھ ئىلمىگە ۋە ھەدىس رىۋايەتىگە بېرىلدى. ئۇ تابىئىندىن ھەدىس رىۋايەت قىلاتتى ۋە ئۇلۇغ ئەھلى بەيتنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنى ساقلايتتى ھەم ئەھلى بەيتنى ئەڭ ئەۋزەل يولغا چاقىراتتى. ئىراقلىق بىر تۈركۈم كىىشلەرنىڭ (ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىبنى شىھاب زۇھرىي ھەدىس رىۋايەت قىلاتتى ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايتتى. زەينۇلئابىدىن سىياسەتتىن يىراقلىشىپ، پۈتۈنلەي ئىسلام ئىلمىگە يۈزلەنگەن ئىدى.

ئۇنىڭ دەۋرىدە شىئەلەر ئىچىدە ئاشقۇنلار پەيدا بولغان. ئۇ ئۇلار بىلەن يىغىلىپ قالسا، ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى. بىر قېتىم ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرنى تىلغا ئېلىپ، ئىككىسىگە ھاقارەت قىلىۋىدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا:

— ماڭا دەپ بېرىڭلار، كىم سىلەر؟ سىلەر ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رىزاسىنى ئىزدەش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش يولىدا يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە پۇل – ماللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاۋۋالقى مۇھاجىرلاردىنمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇلار:

— ياق! — دېدى. ئۇ:

— ئەمىسە، سىلەر (مەدىنەنى) ماكان تۇتقان ۋە مۇھاجىرلاردىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان، ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى دوست تۇتقان ئەنسارلاردىنمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇلار:

— ياق! — دېدى. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:

— سىلەرگە كەلسەك، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ مۇھاجىرلاردىنمۇ ۋە ئەنسارلاردىنمۇ ئەمەسلىكىڭلارغا ئىقرار بولدۇڭلار. مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سىلەر ئاللاھ ئېيتقان مۇنۇ ئۈچىنچى پىرقەدىنمۇ ئەمەسسىلەر: ﴿وَٱلَّذِينَ جَآءُو مِنۢ بَعۡدِهِمۡ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا وَلِإِخۡوَٰنِنَا ٱلَّذِينَ سَبَقُونَا بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَا تَجۡعَلۡ فِي قُلُوبِنَا غِلّٗا لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ / ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ‹پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن› دەيدۇ﴾(59/«ھەشر»: 10). مېنىڭ يېنىمدىن نېرى بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا بەرىكەت بەرمىگەي!… سىلەر ئىسلامنى زاڭلىق قىلىۋاتىسىلەر، سىلەر ئىسلام ئەھلىدىنمۇ ئەمەس(1).

ئىمام زەيدنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

[381] زەيد ئەنە شۇ ئېسىل ئەدەب – ئەخلاق سايىسىدا تەربىيەلىنىپ ئۆستى. زەيد — ئاللاھ ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئاتا – بوۋىلىرىدىن رازى بولغاي! — ئەنە شۇ قايغۇلۇق مۇھىتتا ياشىدى. ئۇشبۇ ئىمام ئەنە شۇ تەقۋادار پاك نەسلدىن دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاتىسى مانا مۇشۇ ئەلىدۇر، بوۋىسى شەھىدلەر ئاتىسى ھۈسەيندۇر، يۇقىرى بوۋىسى ئىسلام چەۋەندازى، ئىلىم شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى، ساھابەلەرنىڭ ئەڭ ئۇستا قازىسى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئىختىيار قىلىپ تاللىغان قېرىندىشى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتۇر.

زەيدنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ھىجرەتنىڭ 80 – يىلى ئۆپچۆرىسىدە تۇغۇلغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى، رىۋايەتلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ھ. 122 – يىلى شەھىد ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. رىۋايەتلەر بىردەك ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى 42 ياشتىن ئاشمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

[382] ئۇنى تاۋلىغان ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرگەن ياخشى تەربىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييار ئىدى. چۈنكى، ئۇ نەسەبىدىن كېلىدىغان ئاشۇ ئۈستۈن شەرەپ بىلەن روھىي يۈكسەكلىكنى ھېس قىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىدى، دادا تەرەپ بوۋىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ قاتتىق كۈلپەتلىك مۇھىتتا ياشاپ، ئۇنىڭ روھى تاۋلاندى ۋە تەربىيەلەندى. ئۇ ئىلىم بۇلاقلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىچتى. ھەممىدىن ياخشى يېرى، ئۇ نۇر شەھىرىدە، نۇبۇۋۋەت شەھىرىدە ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر شەھەركى، ساھابەلەرنىڭ قېلىپ قالغانلىرى ۋە تابىئىننىڭ كۆپىنچىسى ئىراق ۋە ئۇندىن باشقا ئىسلام يۇرتلىرىدا فىتنەلەر ئاۋۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭغا سىغىناتتى. ئۇ شەھەر ھەقىقەتەن سۈننەتنىڭ بۆشۈكى، پەيغەمبەر ئىلمىنىڭ نۇرىستانى بولغانىدى. ھەتتا ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مەدىنەدە تۇرىدىغان تابىئىندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى سوراپ مەدىنەگە ئادەم ئەۋەتەتتى، باشقا شەھەرلەرگە بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتەتتى.

ئىمام زەيد ئىلىم دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلدى، ئەلەۋىي ئائىلىدە تەربىيەلىنىپ چىقتى. شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنى گۈزەل شەكىلدە ئۆستۈردى.

[383] ئۇ ئاتىسىدىن ئەھلى بەيتنىڭ ئىلمىنى رىۋايەت قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئىمام زەيدنىڭ رىۋايەتلىرىنىڭ ئومۇمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «ئەلمەجمۇﺋ (الْمَجْمُوعُ)» ناملىق كىتابتا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتىشىدىغان ياكى ئەلىدە توختايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. ئۇ ئاتىسىدىن ئەھلى بەيتنىڭ ئىلمىنى رىۋايەت قىلغاندەك، ئۇنىڭدىن يەنە ھۈسەين ۋە ئەلىدىن باشقا يول ئارقىلىق كۆپلىگەن رىۋايەتلەرنى رىۋايەت قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتىسى تابىئىننىڭ كۆپىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشنى تۆۋەن كۆرمىگەن ھەمدە «بۇنداق قىلسام كىشىلەر ئارىسىدىكى مەرتىۋەم كېمىيىپ كېتىدۇ» دەپمۇ قارىمىغان.

ئۇنىڭ ئاتىسى ھ. 94 – يىلى ئۇ 14 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئاندىن ئۇ ئۆزىدىن ياشتا چوڭ، دادا يوللۇق ئاكىسى مۇھەممەد باقىردىن رىۋايەت ئالغان. چۈنكى، مۇھەممەد باقىرنىڭ ئوغلى ئىمام جەئفەر سادىق ئىمام زەيد بىلەن بىر ياشتا ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!

ئىمام زەيدنىڭ 14 ياش چېغىدا ئەھلى بەيتنىڭ پۈتۈن ئىلمىنى توپلىيالىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. چوقۇم ئۇ ئۇنىڭ قالغان قىسىملىرىنى دادىسىنىڭ ئىلمىنى تولۇق ئۆگەنگەن ئاكىسىدىن تولۇقلىغان بولۇشى مۇمكىن. باقىر پەزىلەت ۋە ئىلىمدە ئىمام ئىدى، ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن ئالىملار ئىلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ مۇشۇلاردىن بىرىدۇر. باقىر ئىلمىي جەھەتتە ئىماملىق پەزىلىتىگە نائىل بولغان بولۇپ، ھەتتا ئۇ ئالىملاردىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا ھېساب ئالاتتى ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا باھا بېرەتتى.

[384] ئەلەۋىي جەمەتىدە ئىمام زەيدنىڭ دەۋرىدە ئۇلۇغ ۋە پازىل بىر ئالىم ئۆتكەن بولۇپ، ئىمام زەيد شۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان. باشقا ئالىملارمۇ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ زاتىنى ئۇلۇغ بىلگەن. ئاۋام – خەلق ۋە ئەمىرلەرمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. ئۇ بولسىمۇ زەينۇلئابىدىننىڭ دادا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك ۋە راستچىل ئىدى. ئۇنىڭغا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ شاگىرت بولغان. ئۇنىڭدىن بىر توپ مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان. شۇلارنىڭ ئىچىدە مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە سۇفيان سەۋرىيمۇ بار. ئۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ خەلىفەلىكى دەۋرىدە ئۆمەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنىڭغا ئىكرام قىلغان. ئابباسىيلارنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرىدە سەففاھنىڭ قېشىغا كەلگەندىمۇ، سەففاھ ئۇنىڭغا تەزىم قىلغان. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرمۇ خەلىفەلىكىنىڭ بېشىدا ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ بالىلىرى ئەبۇ جەئفەرگە قارشى چىققاندىن كېيىن، ئەبۇ جەئفەر ئۇنى سولاپ قويغان، ئاخىرىدا ئۇ 75 ياش چېغىدا زىنداندا ئۆلۈپ كەتكەن.

دېمەك، زەيد ئەھلى بەيتتىن ۋە ئۇندىن باشقا ئەلەۋىيلەرنىڭ ئەنە شۇ ئىلغار ئالىملىرىدىنمۇ ئىلىم ئالغان. ئۇ يەنە ئۇلاردىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدە ھەدىس رىۋايەت قىلىش، ئەھكام يەكۈنلەش ۋە پەتۋا بېرىش مەجلىسلىرىنى قۇرغان تابىئىندىنمۇ ئىلىم ئالغان. ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر جەمەتى ئىچىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەھىرىدىن ئىبارەت ئىلىم بۆشۈكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئاخىرىدا، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىلىم ئالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر شەھىرىدىن چىققان. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئاتىسى ۋە ئاكىسىنىڭ يولىغا قارشى يول تۇتقان. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى مەدىنەنىڭ سىرتىغا چىقمىغانىدى، پەقەتلا ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن مەككەگە بارغانىدى. ئۇنداق بولۇشى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەزىللەرچە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەھلى بەيت ھەجدىن باشقا ۋاقىتتا مەدىنەنىڭ ئىككى سېيىدىن ھالقىمىغان، كىشىلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، ئىلىم مۇخلىسلىرى بولۇشنى تاللىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلگەنلەرگە تەلىم بېرىپ، فىقھ ۋە ھەدىس تارقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىكىر، فىقھ ۋە دىن ئارقىلىق ھاشىم جەمەتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالغان.

[385] ئىمام زەيد ئىلىمنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرى بويىچە، نەدە تاپسا شۇ يەردە ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ بەسرەدە ۋاسىل ئىبنى ئەتاﺋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇئتەزىلە مەزھەبلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ قاراشلىرى مۇئتەزىلەلەر بىلەن يېقىنلاشقان. ئىنشائاللاھ بۇنى كېيىنچە بايان قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھاشىم جەمەتى ئىچىدە ئۆگەنگەنلىرى ئارتقان. ھاشىم جەمەتىدە فىقھ ۋە ھەدىس بارىسىدا ئالىملار بولغاندەك، ئەقىدە بارىسىدىمۇ ئالىملار بولغان. مۇشۇلاردىن بىرى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەدۇر. مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە زەيدنىڭ يۇقىرى بوۋىسى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىدۇر. ئۇ ھەقتە شەھرىستانىي مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە بىلىمى مول، پىكرى ئۆتكۈر، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان كىشى ئىدى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى (ھەزرىتى ئەلى) ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە ئۇنى تۈرلۈك مەلۇماتلاردىن خەبەردار قىلغان. ئۇ تەنھالىقنى ئىختىيار قىلغان ۋە شۆھرەتتىن شۆھرەتسىزلىكنى ئەلا بىلگەن»(2).

ئىمام زەيد ئۇ يەر، بۇ يەردە ئىلىم ئالغاندىن كېيىن، ئىراق ۋە ھىجاز رايونلىرىنى كېزىپ، ئالىملار بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى. ئاندىن ئۇ يىلنىڭ كۆپرەكىدە مەدىنەدە تۇردى ۋە ھەر ماكاندىن ئۇنىڭ قېشىغا ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر ئىلىم ئېلىشقا كەلدى. ئۇ مەدىنەدە تۇرغان چېغىدا «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا بېرىلگەن ئىدى. ئۇ كىشىلەر ئىچىدە «قۇرئان كەرىم» قىرائەتلىرىنى ئەڭ بىلىدىغانلاردىن ئىدى ۋە قىرائەت ئىلمىدە چوققىغا يەتكەنىدى، ھەتتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: «زەيد ئىبنى ئەلىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ زامانىدا ئۇنىڭدىنمۇ فەقىھرەك، ئۇنىڭدىنمۇ ھازىرجاۋابراق ۋە سۆزى روشەنرەك بىرىنى كۆرمىدىم، ئۇ ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى» دېگەن. ئۇ توغرۇلۇق ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن زەيدنىڭ ئوغلى ھۈسەينگە خىتاب قىلىپ: «ھەقىقەتەن سېنىڭ ئاتاڭ زەيد ئىبنى ئەلى، مەن ئارىمىزدا ۋە باشقىلار ئارىسىدا ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن.

زەيد ئەمەل مەيدانىدا

[386] ئەھلى بەيت سۆز ۋە ئەمەل جەھەتتە سىياسەتتىن يىراق تۇرغان، ھەتتا ئۇلار ئەزىيەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھۆكۈمدارلارغا «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!» دەپ نىدا قىلاتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت مۇشۇ سىياسەتتىن يىراق تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا مەدىنەدە قالالىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىراق ۋە شام ئەللىرىنى تۇنجى بولۇپ كۆپرەك ئايلانغان كىشى ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

گەرچە (ئىمام زەيدنىڭ جەمەتى بولغان) ھاشىم جەمەتى كىشىلەردىن يىراق تۇرسىمۇ، لېكىن شىئەلىك (يەنى ئەھلى بەيتكە تەرەپدار بولۇش) چاقىرىقلىرى ئەلنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە تارقىلىۋاتاتتى. ھاشىم جەمەتىنىڭ ئۆزلىرىگە شىئە بولغان (يەنى ئۆزلىرىگە تەرەپدار بولغان) كىشىلەردىن يىراق تۇرۇۋېلىشى بۇ شىئە بولغانلارنىڭ كۆپىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شىئەلىكىدە ساغلام ئىسلامىي يولدىن قايمۇقۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. نەتىجىدە قايمۇقۇش يۈز بەردى. شۇڭا، ئەھلى بەيت ھەرقاچان مەدىنەدە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇلارنى توساتتى ۋە ئەيىبلەيتتى. ئىمام زەيدمۇ سەپەرلىرىدە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارغا ھەقنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى قايمۇقۇشتىن توسۇشقا باشلىدى.

ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى — ھالبۇكى دۆلەت بېشىدا ھ. 105 – يىلدىن 125 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك بار ئىدى — ئەتراپقا «كۆز»لەرنى تارقىتىپ، زەيدنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن ئىدى. چۈنكى، شىئەلىك تونىغا ئورىنىۋالغان ئابباسىيلارنىڭ (ئىنقىلاب) چاقىرىقلىرى خۇراسان ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى جايلارغا سىڭىپ كىرگەنىدى. زەيدنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن گۇمانلار تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭغا تۆھمەتلەر ئارتىلىشقا باشلىدى، لېكىن دەلىل يوق ئىدى ھەم زەيد ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىققانلىقىنى ئىزھار قىلمىغان ۋە ئۇنىڭغىمۇ ھەرىكەت قىلمىغان ئىدى، بەلكى ئىلىم ۋە ئىرشاد مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەۋاتاتتى. قارىلاشلارنىڭ دەلىلى بولمىسىمۇ، ھىشامنىڭ شۈبھىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەلەۋىي جەمەتىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنى بىلەتتى. ئۇ بەيتۇلھەرەمدە زەيدنىڭ ئاتىسى ئەلى زەينۇلئابىدىنغا قىلىنغان ئېھتىراملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى.

ھىشام كۆزىتىپلا تۇرماستىن، بەلكى ئەھلى بەيتنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇ مەدىنە ۋالىيسىنى ئەھلى بەيتنى خەلقكە ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكەن ھالدا كۆرسىتىشكە بۇيرۇدى. چۈنكى، زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇنىڭ ھەسەن ئىبنى ئەلى پۇشتىدىن بولغان تاغىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ بىر ۋەقفىگە ئىككى تەرەپتىن كىمنىڭ ئىگە بولۇشى ھەققىدە خۇسۇمەت بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ۋالىيسى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا جاڭجاللىشىشىنى ۋە جاڭجالنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئىستىدى. ھالبۇكى ئۇ پۈتۈن مەدىنەلىكلەرنى جاڭجالدا بولىدىغان ئۆزئارا تىللىشىشلارنى ئاڭلىشى ئۈچۈن توپلىغانىدى. پۈتۈن مەدىنەنىڭ بۇ جاڭجالدا نېمە گەپ دېيىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن زەيد ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر نەزەرى بىلەن ۋالىينىڭ نېمىنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، دەۋاسىدىن ۋاز كەچتى.

(تارىخچى) ئىبنۇلئەسىرنى قويۇپ بېرەيلى، ئۇ بىزگە بۇ جاڭجالدا نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرسۇن! ئۇ ئېيتىدۇ: «مەدىنە قازاندەك قاينىغىلى تۇردى. بىرى: ‹زەيد مۇنداق دېدى› دېسە، يەنە بىرى: ‹ئابدۇللاھ مۇنداق دېدى› دەيتتى. ئەتىسى بولغاندا، خالىد — يەنى ۋالىي — مەسجىدتە ئولتۇردى. ئەھۋالغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ياكى ئىچى يامانلىق قىلىدىغان كىم بولسا، ھەممىسى يىغىلدى. خالىد ئۇ ئىككىسىنىڭ تىللىشىشلىرىنى ئارزۇ قىلغان ھالدا، ئۇلارنى چاقىردى. ئابدۇللاھ سۆزلەشكە باشلىۋىدى، زەيد: «ئالدىرىما! ئەي ئەبۇ مۇھەممەد! ئەگەر مەن خالىدنىڭ ئالدىدا سەن بىلەن جاڭجاللىشىپ قالسام، ئىلكىمدىكى بارلىق قۇللىرىم ئازاد بولۇپ كەتسۇن!» دېدى، ئاندىن ئۇ خالىدقا قاراپ، ئۇنىڭغا: «سەن رەسۇلۇللاھنىڭ پەرزەنتلىرىنى مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن توپلىدىڭمۇ؟ ئۇنداق بىر ئىشقا رەسۇلۇللاھنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەبۇبەكرىمۇ، ئۆمەرمۇ توپلىمىغان ئىدى» دېدى(3).

شۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپنىڭ يىلتىزى كېسىلدى، لېكىن ۋالىي ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرىدىغان بەزى ئەقىلسىزلەرنى زەيدنى تىللاشقا قۇتراتتى. (بەزى ئەقىلسىزلەر زەيدنى تىللىۋىدى) زەيد ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «بىزنىڭ سەندەكلەرگە قايتۇرىدىغان جاۋابىمىز يوق» دېدى.

ئىمام زەيد ھەرقاچان مەدىنەدىن چىقسا، ئۇنى يارغا قىستايدىغان ئەھۋاللار كۈچەيدى. بىر قېتىم ئۇ ئىراققا بارغانىدى، شۇ ۋاقىتتىكى ئىراق ۋالىيسى خالىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقەسرىي ئۇنىڭغا كاتتا ئىكرام كۆرسەتتى. كېيىنچە، بۇ ۋالىي مەنسەپتىن ئېلىنىپ، ئورنىغا بىرى كەلگەندىن كېيىن، بۇ يېڭى ۋالىي ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىدى ھەم «خالىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئۇلارغا پۇل – ماللارنى بەردى» دەپ ئەھلى بەيتكىمۇ تۆھمەت چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەھلى بەيت بۇ دەۋادا سوراققا تارتىلىش ئۈچۈن، مەدىنەگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ئىراققا چاقىرتىلدى.

[387] مەدىنە ۋالىيسىدىن ۋە باشقا كىشىلەردىن مۇشۇنداق ئارقىمۇئارقا بېسىملار، ئاھانەت ۋە ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىمام زەيد ۋالىي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن ھىشامنىڭ ئالدىغا بېرىشقا قىستالدى. لېكىن، ئۇ ھىشامنىڭ قېشىغا بارغىنىدا، بۇمۇ ئۇنى خارلاشقا ئۇرۇندى. ئۇ ھۇزۇرىغا چىقىش ئۈچۈن ئىزىن سورىغانىدى، ئىزىن بېرىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىشامغا ئىزىن سوراپ بىر خەت يوللىۋېدى، ھىشام خەتنىڭ ئاستىغا: «مەدىنەدىكى ئۆيۈڭگە قايت» دەپ يېزىپ چىقارتتى. ئۇ تەكرار ئىزىن سورىغاندىن كېيىن، ئاخىر ئۇنىڭغا ئىزىن بەردى. زەيد كىرگەندە، ئۇنىڭغا مەجلىستىن ئورۇن بوشىتىپ بېرىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەجلىسنىڭ ئاخىرىدىراق ئولتۇردى ۋە:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ھېچكىم چوڭ كېلىپ قالمايدۇ ۋە ھېچكىم كىچىكمۇ كېلىپ قالمايدۇ، — دېگەنىدى، ھىشام:

— شۈك تۇر! ئەي ئانىسىنىڭ تايىنى يوق! سەن بىر دېدەكنىڭ بالىسى تۇرۇپ، ئۆزۈڭچە خىلافەت ھەققىدە دەتالاش قىلىۋاتامسەن؟ — دېدى. زەيد ئۇنىڭغا قاتتىق ۋەزنىلىك رەددىيە بەردى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

— شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاللاھ ئۆزى ئەۋەتكەن بىر پەيغەمبەردىنمۇ يېقىنراق ۋە ئاللاھنىڭ نەزەرىدە دەرىجىسى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق ھېچكىم يوق. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن بىر دېدەكنىڭ بالىسى ئىدى، ئۇنىڭ قېرىندىشى (ئىسھاق ئەلەيھىسسالام) بىر ھۆر ئايالنىڭ بالىسى ئىدى. لېكىن، ئاللاھ ئىسمائىلنى تاللاپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلاتۇ ۋەسسالام) نى ئۇنىڭ پۇشتىدىن چىقاردى. (مېنىڭدەك) بوۋىسى رەسۇلۇللاھ، ئاتىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب بولغان بىرىگە ئەيىب ئارتالمايسەن. نەتىجىدە ھىشام:

— يېنىمدىن چىق، — دېگەنىدى، زەيد ئېيتتى:

— چىقىمەن، بۇندىن كېيىن پەقەت سەن يامان كۆرىدىغان يەردە بولىمەن.

ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارشى چىقىش

[388] زەيد مەدىنەدە ۋە ئىراقتا ئەزىيەت يېدى. ھىشامغا دەرد ئېيتماقچى بولىۋېدى، يەنە ئەزىيەت يەپ، ھىشامنىڭ يېنىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ھالبۇكى ئۇ ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ نەۋرىسى ئىدى. مەلۇمكى، مەرد كىشى دېگەن زۇلۇمغا باش ئەگمەيدۇ ۋە جاسارەت بىلەن زۇلۇمغا «ياق!» دەيدۇ. شۇڭا، بۇ ھاشىمىي ياش جاسارەت بىلەن زۇلۇمغا «ياق!» دەپ، خار بولغاننىڭ ئورنىغا ئۆلۈمگە رازى بولۇشىدىن باشقا چارە يوق ئىدى. ئۇ قارشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققاندا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

كەلدى ئەلەم قورقۇتۇشنى خىيال قىلىپ

دېدى ئۆلۈم ساڭا بالدۇر بارىمەن

دېدىم ئۆلۈم ماڭا شېرىن شارابدۇر

كەلسە ئەگەر ئىككىلەنمەي ئىچىمەن

شۇنىڭ بىلەن ياش يىگىت ھەممە قورقۇنچنى تاشلاپ، ھەق ياكى ئۆلۈم دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا ئېرىشسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ھالىتىدىن ياخشى ئىدى. ئۇ جەڭگە تەييارلىق قىلىشقا باشلاپ، يوشۇرۇنچە كۇفەگە باردى، لېكىن ئۇ كۆزىتىلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئىشى مەجھۇل ئەمەس ئىدى. ئىراق شىئەلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىشكە باشلىدى. ئۇمۇ ئۇلاردىن بەيئەت ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بەيئىتى ۋە چاقىرىقى ئىبنۇلئەسىرنىڭ «ئەلكامىل»دا كەلگەندەك مۇنداق تەرىقىدە بولدى:

«ئۇ:

— بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە، زالىملارغا قارشى جىھاد قىلىپ، ئاجىزلارنى قوغداشقا، مەھرۇملارغا ياردەم بېرىشكە، قولغا چۈشكەن غەنىيمەتنى ئۆز ئەھلى ئارىسىدا باراۋەر بۆلۈشكە، ناھەقچىلىكلەرنى توسۇپ، ھەق ئەھلىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز. سىلەر مۇشۇلار ئۈچۈن ماڭا بەيئەت قىلامسىلەر؟ — دېۋىدى، ئۇلار:

— ھەئە! — دېدى. ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە (ھەربىر بەيئەت قىلغۇچىغا):

— ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بەرگەن ئەھدەڭنى چىڭ تۇت. ماڭا بەرگەن بەيئەتكە ۋاپا قىلغايسەن، دۈشمىنىم بىلەن ئۇرۇشقايسەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ماڭا سەمىمىي بولغايسەن، — دېدى. بەيئەت قىلغۇچى:

— ھەئە! شۇنداق قىلىمەن، — دېسە، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى سىلايتتى ۋە:

—     ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىن، — دەيتتى»(4).

شۇنداق قىلىپ، كۇفەلىكلەردىن 15 مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. ئۇلارنىڭ قاتارىغا يەنە ۋاسىت ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ شىئەلىرىمۇ قېتىلدى(5). نەتىجىدە ئۇلار 40 مىڭغا يەتتى(6).

ئەھلى بەيت ئىماملىرىدىن زەيدنى كۇفەلىكلەرگە ئىشىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئارقىمۇئارقا ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەۋرىسى بولغان زەيد بېلىنى باغلاپ يا ئىززەت، يا ئۆلۈم دېدى. ئۇنىڭ كەينىگە داجىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ جەڭگە ئاتلىنىپ، جامائەتلەرنى توپلىدى ۋە رەھبەرلەر بىلەن قوزغىلاڭنىڭ ھ. 122 – يىلى سەفەر ئېيىنىڭ بېشىدا بولۇشىغا كېلىشتى.

ئىمام زەيد ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغانلارنىڭ خەبەرلىرى ئىراققا يېتىپ كەلدى ۋە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىككىمۇ يېتىپ كەلدى. ھىشام ۋالىيسىغا مۇنداق دەپ خەت ئەۋەتتى: «سەن بىخۇد يۈرۈپسەن، زەيد ئىبنى ئەلى كۇفەگە ئۇۋا ساپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بەيئەتمۇ قىلىنىپتۇ. ئۇنى قاتتىق ئىزدە، (تەسلىم بولسا) ئامانلىق بەر، ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش».

جەڭ ۋە شەھىدلىك

[389] ۋەزىيەت قاتتىق چىڭىدى. ئىراق ۋالىيسى ئىمام زەيدنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئىمام ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئاشكارىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە بەيئەت بەرگەن ئىراقلىقلارنى چاقىردى، لېكىن ئۇلار جىددىي ۋەزىيەتنى كۆرۈپلا، ئۆزئارا جېدەللىشىشكە ۋە ئۇنىڭ بىلەن تالىشىشقا باشلىدى ۋە غەلىتە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھالبۇكى ئۇلار ئەھلى بەيتنىڭ ئۇ خىل پىكىرلەرنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىز سىزگە بۇ دەتالاشنى تارىخ كىتابلىرى رىۋايەت قىلغان بويىچە يۆتكەپ بېرىمىز. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېيتتى:

— ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر ھەققىدە قانداق قارايسەن؟

زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتى:

— ئۇلارغا ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن! مەن ئەھلى بەيتىمدىن ھېچكىمنىڭ ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. مەنمۇ ئۇلار ھەققىدە پەقەت ياخشى گەپ دەيمەن.

ئۇلار ئېيتتى:

— ئەمىسە، نېمىشقا ئەھلى بەيتنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىسەن؟

ئۇ ئېيتتى:

— سىلەر تىلغا ئالغان كىشىلەر ھەققىدە ئەڭ قاتتىق دېيەلەيدىغىنىم، بۇ ئىشقا (يەنى خىلافەتكە) بىز ئەڭ ھەقلىق ئىدۇق، لېكىن قەۋم ئۇنى قولىغا كىرگۈزۈۋالدى ۋە بىزنى ئۇنىڭدىن توستى. ئەمما، كۇفۇرلۇققا يەتكەن ئىش يوق. ئۇلار ھەقىقەتەن ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئادىل بولدى، كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلدى.

ئۇلار ئېيتتى:

— ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشىسەن؟

ئۇ ئېيتتى:

— شۈبھىسىزكى، بۇلار ئۇلار ئەمەس، بۇلار — يەنى ئۇمەييە ئوغۇللىرى — كىشىلەرگە زۇلۇم قىلدى، ئۆزلىرىگىمۇ زۇلۇم قىلدى. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە، سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرۈشكە ۋە بىدئەتلەرنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىرىمەن. ئەگەر ئاۋاز قوشساڭلار، سىلەرگىمۇ ۋە ماڭىمۇ ياخشى، ئەگەر ئۇنىمىساڭلار، مەن سىلەرگە ۋەكىل ئەمەسمەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلىپ قايتىشتى ۋە بەيئىتىنى بۇزدى، شۇنداقلا ئىمامنىڭ جەئفەر سادىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشتى(7).

بۇ ئىختىلاپ بولۇۋاتقان چاغدا، ئۇمەييە ئوغۇللىرى قوشۇنى ئۇرۇشقا تەييار بولغان ئىدى. قوشۇن زەيدكە ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئۆزى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پارولى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىنى چاقىردى. ئۇنىڭ ئۇرۇش پارولى «يا مەنسۇر! يا مەنسۇر!» ئىدى. ئۇنىڭغا 400 چە ئادەمدىن باشقىسى ئاۋاز قوشمىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭغا ئىلگىرى كۇفەنىڭ ئۆزىدىنلا 15 مىڭ ئادەم بەيئەت بەرگەن ئىدى. قالغانلىرى بوشاپ، ئەھدىنى بۇزدى. زەيد ئۇلارغا: «خارلىقتىن ئەزىزلىككە چىقىڭلار، دىن ۋە دۇنياغا چىقىڭلار، سىلەر ھازىر ھېچبىر دىندىمۇ ۋە دۇنيادىمۇ ئەمەس» دەپ نىدا قىلاتتى. گەرچە مەغلۇبىيەتنىڭ سىمالىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەۋرىسى زەيد بوشىمىدى، ئەكسىچە دېدىكى: «مەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ھۈسەينگە قىلغىنىنى ماڭىمۇ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن چوقۇم ئۆلگۈچە ئۇرۇش قىلىمەن».

[390] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى بەدر ئەھلىنىڭ سانىدەك بىر ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ قارشىسىدا ھەر ۋاقىت ياردەم كېلىپ تۇرىدىغان كۈچلۈك ۋە زىچ بىر قوشۇن بار ئىدى. ئۇ ھېسابتا ئاز، لېكىن مىزاندا چوڭ مۇشۇ ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئۇرۇشۇپ، ئۇمەۋىيلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ بىر قانىتىنى مەغلۇب قىلدى ۋە ئۇلاردىن يەتمىشتىن كۆپرەك كىشىنى ئۆلتۈردى. دۈشمەن كۆپ تۇرۇپ، ئاشۇ سەۋرچان مۇئمىنلەرگە قارشى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ئاجىز كېلىپ ئوق ئىشلەتتى. ئۇلار ھەق قوشۇنىغا ئوقلارنى ئېتىشقا باشلىدى ۋە بىر ئوق كېلىپ زەيدنىڭ پېشانىسىگە تەگدى. ئوقنىڭ ئۇنىڭ پېشانىسىدىن تارتىپ چىقىرىلىشى ئۇنىڭ ئۆلۈمى بولۇپ قالدى. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ بوۋىسى ھۈسەينگە قايسى ئۇسۇلدا قەست قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇ ئۇسۇل بىلەن قەست قىلىشقا قادىر بولدى. چۈنكى، ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى قانداق بىر ئادەم بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا، ئۇنى يىقىتىپ تاشلايتتى.

جەڭدىن كېيىن

[391] ياش ئىمامنىڭ شەھىد قىلىنىشىدىن كېيىن ھىشام ۋە ئۇنىڭ قوماندانىنىڭ قىلغانلىرى خۇددى ھەزرىتى ھۈسەين ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يەزىد بىلەن ئىبنى زىياد (ھ. 32 – 67/م. 653 – 687) نىڭ قىلغانلىرىغا ئوخشاش بولدى. ئۇلار زەيدنىڭ قەبرسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ پاك جەسىتىنى چىقارغاندىن كېيىن، جەسىتىنى كېسىپ ناكار قىلدى ۋە ئۇنى ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ ئوچۇق بۇيرۇقى بىلەن كۇفەنىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئېسىپ قويدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆچىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ بىر شائىرى ئۇ ھەقتە مۇنداق بىر ناچار گەپنى دېگەن:

ئېسىپ قويدۇق زەيدنى خورما شاخىگە

كۆرمىگەنمەن ئېسىلغان بىرەر مەھدىينى

پاك جەسەت بىر مۇددەت ئېسىقلىق ھالدا قالغاندىن كېيىن، ھىشام ئۇنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى شامالغا سورۇۋېتىشكە بۇيرۇدى.

ئىمام زەيدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئابباسىيلارنىڭ ئىنقىلاب چاقىرىقىنىڭ يېيىلىشىغا ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىشىغا يول ئاچتى. ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سۇفيانىي ئۇمەۋىي دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سۇفيان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا مەرۋان ئوغۇللىرى كەلگەن بولسا، زەيدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈن ئۇمەۋىي دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئەنە شۇ ئالىيجاناب تەقۋادار زات شەھىد قىلىنىپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقتە ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى يوقالدى. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى بائىس، ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ قەبرلىرىمۇ ئېچىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قالدۇق جەسەتلىرى چىقىرىلىپ، خۇددى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جەسىتىگە قىلىنغاندەك ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىمۇ كۆيدۈرۈلدى. ئۇ ھەقتە تارىخچى مەسئۇدىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەيسەم ئىبنى ئەدىي ئەتتائىي ئۆمەر ئىبنى ھانىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ھېكايە قىلغان: ‹(خەلىفە) ئەبۇلئابباس سەففاھنىڭ كۈنلىرىدە مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلى بىلەن بىرلىكتە ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ قەبرلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن چىقتىم. (ئېچىپ) ھىشامنىڭ قەبرسىگە كەلدۇق، ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ساق چىقاردۇق، ئۇنىڭ پەقەت بۇرنىنىڭ بەزى يېرى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلى ئۇنى سەكسەن قامچا ئۇردى، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈردى. دابىق دېگەن يەردىن سۇلايماننىمۇ چىقاردۇق، ئۇنىڭ پەقەت دۈمبىسى، قوۋۇرغىسى ۋە بېشىنىلا تاپالىدۇق، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈردۇق. ئۇ ئىككىسىدىن باشقىلارغىمۇ شۇنداق قىلدۇق›»(8).

رىۋايەت بۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى ۋە ئۇنىڭ چىقىرىلىپ كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇن توختىلىدۇ. مەسئۇدىي ئىبرەت يۈزىسىدىن مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ خەبەرنى بۇ ئورۇندا تىلغا ئالدۇق. چۈنكى ھىشام زەيد ئىبنى ئەلىنى ئۆلتۈرگەن ۋە زەيدنىڭ جەسىتىنى پارچىلاپ كۆيدۈرگەن ئىدى. ھىشام زەيد ئىبنى ئەلىگە نېمە قىلغان بولسا، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىندى»(9).

بىز دەيمىزكى، بىز بۇ گەپنى ئابباسىيلارنىڭ ئۇمەۋىيلەرنىڭ قەبرلىرى ۋە جەسەتلىرىگە قىلغانلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن كەلتۈرمىدۇق. چۈنكى، شەرىئەتتە بۇ ناتوغرا ئىشتۇر. ئەمما، بىز بۇ ئىشتىكى ئىبرەتنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەلتۈردۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا زالىمغا زالىمنى مۇبتەلا قىلىپ قويىدۇ. ئۇمەۋىيلەردىن ئىبارەت ئاشۇ زالىملار زۇلۇم قىلدى، گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادىغا نۇرغۇن زىيانكەشلىك قىلدى. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىدى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ كەلىمەسى ھەق بولدى: ﴿وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعۡضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ / شۇنىڭغا ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىز زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىپ قويىمىز﴾(6/«ئەنئام»: 129). ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت مۇشۇنداق بولىدۇ.

ئىمام زەيدنىڭ سۈپەتلىرى

[392] بىز زەيدنىڭ قىسسەسىنى باشتىن – ئاخىر سۆزلىگىنىمىزدىن كېيىن، ئەمدى ئۇنى شۇ دەۋر كىشىلىرى ئارىسىدا مەشھۇر بولغان سۈپەتلىرى بىلەن تەسۋىرلەپ تاماملايمىز. ئۇ ھەقىقەتەن شۇ دەۋر كىشىلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئەھلى بەيتى سۈپەتلەنگەن ئالىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئىدى.

زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەڭ ئالاھىدە سۈپىتى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەشتىكى ئىخلاسىدۇر. ئىنسان ھەق ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەشتە ئىخلاسلىق بولسا، ئۇنىڭ قەلبىدە ھېكمەت نۇرى پارلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەقىل سەزگۈلىرى رۇسلىشىدۇ. ئىخلاستەك ئەقىلنى پارلىتىدىغان ھېچنەرسە يوق، ھاۋايى – ھەۋەستەك پىكىر نۇرىنى ئۆچۈرىدىغان ھېچنەرسە يوق.

ئىمام زەيد ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئىخلاسمەن بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگەندى، مەدىنەدە فۇرۇئات ئىلمى(10)نى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ ئىلمىنى ئۆگەندى ھەم ئۇسۇلۇددىن ئىلمى[(11)نى ئۆگەندى. ئاندىن ئىسلامىي پىرقەلەرنىڭ جايى بەسرەگە يۆتكەلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆز دەۋر ئەھلىنىڭ ئىلىملىرىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئوزۇقلاندى ۋە شۇ ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ھۆججەت ۋە ئىمام بولدى.

ئىخلاس سەمەرىلىرىنىڭ بىرىنچىسى تەقۋالىقتۇر. تەقۋالىق نۇرى ئۇنىڭ يۈزىدە، تىلىدا ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە جىلۋىلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ بەزى چاغداشلىرى: «زەيد ئىبنى ئەلىنى كۆرسەم، ئۇنىڭ يۈزىدىن نۇر ئالامەتلىرىنى كۆرەتتىم» دېگەن.

ئۇ ھەمىشە «قۇرئان كەرىم» ئوقۇيتتى ياكى ئىلىمنى مۇزاكىرە قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىزدىگەن بەزى كىشىلەر دەيدۇكى: «مەدىنەگە كېلىپ، قانداقلىكى بىر كىشىدىن زەيد ئىبنى ئەلىنى سورىسام، ‹ئۇ قۇرئان بىلەن مەشغۇل› دېدى».

ئۇ ئۆزىنى: «شۈبھىسىزكى، زەيد ئىبنى ئەلى ئوڭ بىلەن سولنى بىلگەندىن تارتىپ ئاللاھنىڭ ھاراملىرىنى دەپسەندە قىلمىدى» دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ تەقۋادار ئىمام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقلى بىلەن شۇنى بىلەتتىكى، كىمكى ئاللاھقا تەقۋادار بولسا، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ».

ئۇنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۈممىتىگە بولغان ئىخلاسى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىدى. شۇڭا، ئۇ مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانىدى.

بىر قېتىم ئۆزىنىڭ يارەنلىرىنىڭ بىرىگە:

— قارا بۇ ھۈكەر يۇلتۇزغا، بىركىمنىڭ ئۇنىڭغا يېتەلىگەنلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ياق! — دېدى. ئۇ ئېيتتى:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۈممىتىنى بىرلەشتۈرۈشى بەدىلىگە، ئۆزۈمنىڭ شۇ يۇلتۇزغا ئېسىلىپ قېلىپ، زېمىنغا چۈشۈپ پارە – پارە بولۇپ كېتىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن(12).

ئۇ ھەقىقەتەن بۆلۈنۈشتىن پەيدا بولغان چاكنى ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمەل قىلدى ۋە ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىتاب – سۈننەتتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى ۋە شۇ يولغا جېنىنى پىدا قىلدى.

ئۇنىڭ ئىخلاسىنىڭ ئىزنالىرىدىن بىرى ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئەپۇچانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ئەپۇچانلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئۈستىدىكى بارلىق ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە ئېلىپ بارغانىدى.

ئۇنىڭ ئەخلاقىنى گۈلىستانغا ئايلاندۇرغان بۇ كەڭ قورساقلىق ھەمدە ئۇنى ھېكمەت بىلەن سۆزلەيدىغان قىلغان شۇ ئىخلاس بىلەن بىرگە، ئۇ ناھايىتى جاسارەتلىك ئىدى. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا پىكرىي جاسارەت، ھەربىي جاسارەت، ئالىي ھىممەت ۋە شىجائەتتىن زور نېسىۋە ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ پىكرىي جاسارىتى ئۇنى ئەڭ قىيىن پەيتلەردىمۇ ۋە ماداراغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ھالەتتىمۇ ھېچكىمنىڭ مالامىتىدىن قورقماي ھەقنى دېيىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ مەيدانغا چىقىۋىدى، ھەقىقەتەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەردىن ئىبارەت ئىككى شەيخكە تىل تەگكۈزۈشىنى ئىستىدى. ئۇلارنىڭ ئىستىگىنىنى قىلمىسا، ئۇلار ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىگىنىگە ئۇنىمىدى. چۈنكى، ھەقنى ئىزدەيدىغان كىشىنىڭ باتىلنى ۋاسىتە قىلىشى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىي جاسارىتى ئۇنى تەقىييە (ساقلىنىش) پرىنسىپىنى تاشلىشىغا ئېلىپ باردى. تەقىييە دېگەنلىك: «كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى، ئەزىيەتتىن قورقۇپ ئۇنى يوشۇرۇن تۇتۇشى»دۇر. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشى ئەزىيەتكە دۇچار بولۇشىغا ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويۇشىغا سەۋەب بولدى ھەمدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

[393] ئىككىنچى تۈرلۈك جاسارەتكە كەلسەك، ئۇ ئۇرۇش جاسارىتىدۇر. ئۇنىڭ بۇ جاسارىتى ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىپ، 15 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمدىن تەشكىللەنگەن زىچ قوشۇن بىلەن ئۇرۇشۇشىغا تۈرتكە بولدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت ئەھلى بەدردەك ئاز ساندىكى ئادەملەر بار ئىدى. شۇنىسى ئاشكارىكى، بىرىنچى باسقۇچتا ئۇ يەڭگەن، لېكىن ئاخىرىدا دۈشمەن ئوقياچىلاردىن پايدىلىنىپ يېڭىۋالغان.

جاسارەت بىلەن غۇرۇر بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. ئىمام زەيد قاتتىق غۇرۇرلۇق ئىدى. غۇرۇرى ئۇنى زالىملارنىڭ زۇلمىغا قارىتا قاتتىق سەزگۈر قىلىۋەتكەن. ئەھلى بەيتنى ئوراپ تۇرغان ئىززەت – ئىكراملار ئۇلارغا كېلىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پەقەت ئەھلى بەيتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىلا ھېس قىلمايتتى، بەلكى باشقىلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىمۇ ھېس قىلاتتى. ھالبۇكى باشقىلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى قاتمۇقات بولۇپ، يېنىكلەتكۈدەك خۇشلۇق يوق ئىدى. زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ ئەلەملىرىنى گويا ئۇلارنىڭ بېشىغا ئەمەس ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.

زۇلۇمغا قارشى ھېسسىياتى ئۇنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇرۇپ داۋاملىشىپ، ئاخىرىدا زۇلۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بەزى مۇرىتلىرى ئېيتقانكى: «ھەجگە بارماقچى بولۇپ، مەدىنەدىن ئۆتۈپ قېلىپ، ‹زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ قېشىغا كىرەيچۇ!› دەپ كىردىم ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدىم. ئۇنىڭ شائىرنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:

شەرەپنى ئىزدىسەڭ قىلىچتا ئىزدە

ئاخىرى ئىززەتلىك بولىسەن چوقۇم

ئېلىپتەك ياشايسەن ئۇشبۇ ئالەمدە

ياكى ئول شەرەپتە تاپىسەن ئۆلۈم

بولسا گەر قىلىچ ھەم چوغدەك بىر يۈرەك

ھېچقاچان ناھەقكە چىقمايدۇ يولۇم

باستۇرۇپ كەلسىمۇ ماڭا دۈشمىنىم

مەنمۇ ھەم قايتۇرما قىلىمەن ھۇجۇم

ئەي ئالى ھەمەدان ئېيتىڭلار قېنى

خاتامۇ ھەق بىلەن ئېيتىلغان سۆزۈم؟

ئاشۇنداق ئىززەتتە ياشىسام ئەگەر

ئاشۇمۇ ھېسابمۇ سانىلىپ زۇلۇم؟

 

شۈبھىسىزكى، بۇ خەبەر ئۇنىڭ كۆڭلىدە قايناۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھېسسىياتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەت ئۇنى دادىللىققا ئۈندەيدىغان شېئىرغىلا رازى بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن دادىل بولدى، ساۋابنى ئاللاھتىن كۈتتى، رەببىنى رازى قىلدى، زالىملارنىڭ زۇلمىنى ئېچىپ تاشلىدى.

جاسارەت ۋە دادىللىق بىلەن بىرگە، زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەۋرچان ئىدى، تىت – تىت بولماستىن سەۋر قىلاتتى. سەۋر مۇجاھىدلارنىڭ مەنىۋى قورالى بولۇپ، سەۋر جاسارەتتىن ئايرىلمايدۇ. چۈنكى، سەۋرسىز ھالەتتىكى جاسارەت يېنىكلىكتۇر. يېنىكلىك بىلەن ھەقىقىي جاسارەت بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىشتۇر ۋە بىر – بىرىگە زىت ئىككى ماھىيەتتۇر.

شۈبھىسىزكى، سەۋر ئۆزىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، كۆڭۈل خاھىشىغا ئەگەشمەسلىكنى، ئۆزى رازى بولمايدىغان ئىشلارغا ئىنتىلمەسلىكنى ھەم قاتتىقچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زىننەتلەنگەن ئەڭ خاس سۈپەتلەردىن بولغانىدى. ئۇ ئاچچىقلانمايتتى. شۇڭا، ئۇ ئىشلارنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەگەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا توغرا كەلسە، قورقماستىن، تەشۋىشلەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن سەۋرنى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۈزۈكىگە «سەۋر قىل، ئەجىر تاپىسەن»، «پەخەس بول، قۇتۇلىسەن» دېگەن سۆزنى ئويۇۋالغانىدى.

بىز ئۇنىڭ قىسسەسىنى سۆزلىگىنىمىزدە ئۇنىڭ دەتالاشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ئۇنى ھەققىنى تەرك ئېتىشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى تىللىغان كىشىگە قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەڭ ئېغىر دېگەندىمۇ «مەندەك بىر كىشى سەندەك بىر كىشىگە جاۋاب قايتۇرمايدۇ» دېگەنلىكىنى زىكىر قىلغانىدۇق.

ئۇ ئېسىل سۈپەتلەر ۋە پەزىلەتلىك خۇلقلار بىلەن سۈپەتلىنىشتىن سىرت، ھەقىقەتەن ئوخشىشى ئاز كۆرۈلىدىغان پىكرىي ئاڭغا ئىگە بولغان. ئۇ سىندلىق ئانىسىدىن ھىندىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان زېرەكلىك، تېرەن تەپەككۇر، كۈچلۈك مۇلاھىزە قاتارلىقلارنى مىراس ئالغان. ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىن زېرەكلىك، مۇتەپەككۇر ئۆتكۈر ئەقىل، پىكىرنى ئەمەلگە ئۈندەيدىغان جۇشقۇن روھ، ئىنچىكە تەپەككۇر قاتارلىقلارنى مىراس ئالغان. شۇ جەھەتتىن، ئىستېداتلىق بۇ ئىمامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۈپىتى كامىل پىكرىي ئاڭدۇر. ئۇ ئۆتكۈر زەكىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ زەكىيلىكىنى زايە قىلىپ تاشلاپ قويماي، ئۇنى ئىلىم تەلەپ قىلىشقا يۈزلەندۈردى. ئۇ ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى ساقلىۋالىدىغان كۈچلۈك ئەسكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى جەمەتى ھەزرىتى ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى يادلىغان ئىدى. ئۇ ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز مەنبەلىرىدىن ئالدى. ئۇ مۇشۇ ئىلمىي كامىللىق بىلەن بىرگە، ھازىرجاۋاب ئىدى، ئېھتىياج چۈشكەن چاغدا، مەنىلەر ئۇنىڭ زېھنىگە دەرھال كېلەتتى، گەپ قىلسا، ئاغزىدىن مەنىلەر تۆكۈلۈپ كېتەتتى، سوئال سورالسا، ئەڭ تېز سۈرئەتتە جاۋاب قايتۇراتتى.

[394] ئۇنىڭ پىكرىي ئېڭى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىش ۋە سەۋەب بىلەن نەتىجىنى باغلاش جەھەتتە ئەڭ روشەن گەۋدىلىنەتتى. ئەنە شۇ ئىلمىي ئەقىلنىڭ ئەڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر.

ھاشىم جەمەتى ئالىملىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭغىمۇ پاساھەت ۋە بالاغەت تالانتى ئاتا قىلىنغان. ئۇ ھەقىقەتەن بايان مۇھىتىدا ئۆسكەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىدانىدا، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ ئەۋلادلىرى قاتارىدا ئۆسكەن. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىمۇ ھەقىقەتەن لەفزى ئاز، مەنىسى كۆپ گەپلەرنى دېيىش ۋە روشەن سۆزلەش تالانتى ئاتا قىلىنغان. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قالسىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك ناتىقى ئىدى. ئەھلى بەيت (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) نىڭ ئالىملىرىدا ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ خۇتبە – نۇتۇقلىرى يىغىلغان مەجمۇئە بار ئىدى. ئۇلار مۇشۇ مەجمۇئەگە ۋارىسلىق قىلاتتى ۋە ئۇنى يادلايتتى. شۇ خۇتبە – نۇتۇقلارنىڭ جەۋھىرى بولسا شەرىف رەزىي توپلاپ «نەھجۇل بەلاغە (نهج البلاغة)» دەپ ئاتىغان خۇتبە – نۇتۇقلار دىۋانىدا بار بولسا كېرەك.

بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، پاساھەت ۋە گۈزەل بايان ئاشۇ پاك ئائىلىدە بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مەدىنەدە تۇراتتى، مەدىنەگە ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە ئەجەم تىلى تېخى سىڭىپ كىرمىگەن.

دېمەك، زەيد راۋان سۆزلەيدىغان بايان ئەمىرلىرىدىن ئىدى. شۈك تۇرغاندىن گۈزەل سۆز قىلىشنى ئارتۇق كۆرەتتى. ئۇنىڭغا: «شۈك تۇرۇش ياخشىمۇ ياكى بايانمۇ؟» دېيىلگەندە، ئۇ: «شۈكلۈككە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن، شۈكلۈك نېمىدېگەن ئىنساننىڭ بايان ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرۈپ، تىل تۇتۇقلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان – ھە!» دېگەن.

شۈبھىسىزكى، بۇ گەپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىلىم بىلەن تەربىيەلىگەنلىكىگە، تىلىنى بايان بىلەن چېنىقتۇرغانلىقىغا، ئۇنىڭ بايان ئىقتىدارىنىڭ ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن كۆپ شۈك تۇرۇشتىن ساقلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئۇ ئۆز دەۋرىدە پاساھەت بىلەن تونۇلغان. ھۇسەرىينىڭ «زەھرۇل ئاداب (زَهْرُ الْآدَابِ)»تا مۇنداق كەلگەن:

«ھەسەن ئىبنى ئەلىنىڭ ئوغلى جەئفەر بىلەن زەيدنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ۋەسىيەت توغرۇلۇق بىر دەتالاش بار ئىدى. ئىككىسى دەتالاش قىلىۋاتقاندا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ دېئالوگىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قېشىغا توپلاندى. كىشىلەردىن بىرى جەئفەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇۋالسا، يەنە بىرى زەيدنىڭ سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇۋالاتتى. جەئفەر بىلەن زەيد ئايرىلىپ، كىشىلەر تارقىغاندا، ئۇلارنىڭ بىرى يېنىدىكى ھەمراھىغا: ‹جەئفەر پالانى يەردە مۇنداق دېدى› دېسە، يەنە بىرى: ‹زەيد پوكۇنى يەردە مۇنداق دېدى› دەيتتى ۋە خۇددى پەرز – ۋاجىبنى، نادىر شېئىرنى، كەڭ تارقالغان ماقال – تەمسىلنى ئۆگەنگەندەك ئۆگىنەتتى. ئۇ ئىككىسى ئۆز زامانىنىڭ مۆجىزىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەپسانىسى ئىدى»(13).

بۇ قىسسەنىڭ سىياقىدىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ئىككى ئىمام ئۇشبۇ خۇسۇمەتنى بايان بەيگىسى قىلغان ئىدى.

[395] ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭ بايان كۈچى ۋە بايان تەسىرىدىن قورقاتتى. شۇڭا، ئۇ زەيدنىڭ ئىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئىراق ۋالىيسىغا مۇنداق دەپ خەت يازغان: «كۇفەلىكلەرنى زەيدنىڭ مەجلىسىگە كېلىشتىن مەنئى قىل. چۈنكى، ئۇنىڭ قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ كەسكىن، نەيزە ئۇچىدىنمۇ ئۆتكۈر، سېھىر – جادۇلاردىنمۇ تەسىرلىك بىر تىلى بار»(14).

شۈبھىسىزكى، پىكرىي ياكى سىياسىي، ياكى ئىجتىمائىي رەھبەرلىك ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ چوقۇم ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغان كۈچلۈك پاراسىتى بولۇشى لازىمدۇر. گاھىدا تەقدىر ئۇلارنىڭ قادىر بولغىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىدراك قۇۋۋىتىگە، سەزگۈسىنىڭ ئويغاقلىقىغا نۇقسان يەتكۈزەلمەيدۇ. زەيد ھەققىدىكى خەبەرلەر ئۇنىڭ كۈچلۈك پاراسەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەكسىزكى، پاراسەت كۈچى ئەقىل كۈچى بىلەن سەزگۈ كۈچىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ ھەقىقەتەن ئىمام زەيدتە جەملەشكەن. چۈنكى، ئۇ چوڭقۇر پىكىرلىك، قاتتىق سەزگۈر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ پاراسىتى جەڭ مەيدانىدىكى ھالەتتىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئەمەس. ئۇ ھەقىقەتەن كۇفەلىكلەرنىڭ ئۆزىنى ياردەمسىز تاشلاپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ھۈسەين ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ ھىشامنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان كۈنىمۇ پاراسىتى ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئەمەس، ئۇ ھىشامنىڭ يا ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، يا خار ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلگەن.

بىركىم دېيىشى مۇمكىن: «ئۇ قانداقمۇ پاراسىتى كۈچلۈك بولسۇن، ھالبۇكى ئەھلى بەيتنىڭ بەزى كىشىلىرى ئۇنى ئىراقلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى نومۇسلۇق تارىخى مەلۇم بولسىمۇ، ئىراقلىقلارغا ئىشەندى؟»

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: «ئۇنىڭ پاراسەتسىزلىك قىلغان يېرى يوق. پاراسەتسىزلىك قىلمىغاچقا، ئۇ ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۇلاردىن مەسجىدتە بەيئەت ئالدى. ھالبۇكى ئۇ بەيئەتنىڭ ئۇلارنى گېزى كەلگەندە ئۆزىنى ياردەمسىز تاشلاپ قويۇشتىن توسالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئۇ شۇنىمۇ بىلەتتىكى، خار ياشاش ئۇنىڭ كۆڭلىگە جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈشتىن بەكرەك ئېغىر كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭنىڭ ئۇنىڭ پايدىسىغا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى، شاملىقلار سانلىرى كۆپ تۇرۇقلۇق غەلىبە قىلىش ئىرادىسى تۆۋەن ئىدى. بۇ ھال ئىككى تەرەپ تۇتۇشقان چاغدا ئوچۇق كۆرۈلدى. ئۇلارنى پەقەت قورال قىلىپ ئىشلەتكەن ئوقلار قۇتقۇزۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر».

[396] زەيد ئۆزىنىڭ ئوبرازىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا زىيادە ئىلىم، كۈچلۈك ئەقىل، يۈكسەك ھېكمەت ۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدەك ھايا ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا يەنە قاۋۇل بەدەن ئاتا قىلغان. ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن قاچقانلىقى ئۇنىڭ ھەيۋىتىگە ئەڭ روشەن دالالەتتۇر. ھىشام ئۇنى خورلىماقچى بولغىنىدا، ئەقىلسىزلەرچە ئۇنىڭ ئانىسىغا تىل تەگكۈزدى. شۇئان ئۇ ھىشامغا رەددىيە بېرىپ، ئاغزىنى تۇۋاقلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىشام زالىم سۇلتانلار دەيدىغان ئىبارىلەردىن باشقا نەرسە تاپالمىدى، لېكىن ئۇ ئىبارىلەر بەھەيۋەت ۋە زەبەردەس بىر زاتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ھەيۋىتى زور بىر قوشۇننىڭ ئورنىدا تۇراتتى. ئۇ مەيدانغا چۈشكىنىدە، بوۋىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇغا ئوخشاپ قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا تېگەلمەيتتى، پەقەتلا ئۇنىڭ ھەيۋىتى ۋە قەھرىدىن يىراق، نېرىدىن ئاتقان (نامەردلەرچە) ئوقلىرى بىلەن ئاندىن تېگەلەيتتى.

ئومۇمەن، ئەنە شۇ تالانتلىق ئىمام ھەممىنىڭ كۆزىدە قالتىس، ھەممىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ئىدى ۋە ئەڭ ئېسىل خىسلەتلەر بىلەن ھەممىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇنىڭ قاراشلىرى

[397] ئىمام زەيد ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر پىكىرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا چاقىرغان ۋە چاقىرىقىدا ئۆز ئالدىغا يول تۇتقان تۇنجى ئەھلى بەيت ئىمامى بولغانىدى. ئۇنىڭ دادىسى دىن ئالىمى بولسىمۇ، كىشىلەر بىلەن قىلغان ئالاقىسى كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە شەپقەت يەتكۈزۈش ئالاقىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى ئىمام مۇھەممەد باقىر ئۆيىدە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرى بىلەن بولغان. زەيد بولسا مەدىنەدىن پىكىر ۋە ئىلىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىسلامىي رايونلارغا بارغان. چۈنكى، ئۇنىڭ سىياسەت ھەققىدە ئۆزى بايان قىلغان قاراشلىرى بار، ئۇسۇلۇددىن ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ مۇداپىئە قىلغان قاراشلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭ يەنە كاتتا بىر فىقھىسى ۋە فىقھىي رىۋايەتلىرى بار بولۇپ، ئەھلى بەيتنىڭ رىۋايەتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەزكۇر رىۋايەتلەرنى بىر كىتابقا توپلىغان ئىدى.

سىياسەت ھەققىدىكى قاراشلىرى

[398] ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتا پىكرىي بېسىم قىلىندى. ئىمام ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بولسا بۇ بېسىم ۋە بۇ ئەقلىي بوغۇشلار تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنىڭ سەۋەبىدىن، قاراڭغۇ ئۇۋىلاردا بىر قىسىم قاراشلار تۇخۇملاندى ھەم بۇ قاراشلار مۇھاكىمە ۋە ئىلغاشلار ئۈچۈن يورۇق يەرگىمۇ چىقمىدى. نەتىجىدە خىلافەت ھەققىدە بىر قىسىم قاراشلار شەكىللىنىپ قالدى. ئۇ قاراشلارنىڭ نېگىزى: خىلافەت مىراسخورلۇق بىلەن بولىدۇ، سايلام بىلەن ئەمەس؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خىلافەتنى ئەلىگە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئەمەس، ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ۋەسىيەت قىلغان؛ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر خىلافەتنى ئۇنىڭدىن بۇلىۋالغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ سەۋەبلىك ئۇ ئىككىسى تىل – ئاھانەت ۋە لەنەتكە لايىق بولىدۇ؛ ئەلى ۋە ئۇنىڭ فاتىمىي ئەۋلادلىرىدىن كەلگەن ئىماملار خاتالىقتىن مەسۇمدۇر، ئاخىرى زاماندا ھەقنى بەرپا قىلىپ، باتىلنى پەس قىلىدىغان بىر مەھدىي مۇنتەزەر بار، ياخشىلىق ئىماملىرى بىلەن يامانلىق رەھبەرلىرى (ئۆلگەندىن كېيىن) بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئىمام زەيد مەدىنەدىكى ئەھلى بەيتنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان يېرىدىن چىقىپ، بۇ پىكىرلەرنى توغرىلاشقا ۋە پاك ئەھلى بەيتنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان ھەق قاراشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى.

ئۇ ئىككى شەيخ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما توغرىسىدىكى خاتا پىكىرنى توغرىلىدى. ئۇ خىلافەتنى نوقۇل مىراسخورلۇق دەپ قارىمىدى، يەنى خەلىفە پەقەتلا ئەلەۋىي بولىدۇ دەپ قارىمىدى. بەلكى ئەلەۋىي خەلىفەنى ئەۋزەل خەلىفە دەپ قارىدى ۋە «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەلىفەلىك ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئەمەس، بەلكى سۈپىتى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغان. چۈنكى، ئۇ ساھابەلەرنىڭ ئەۋزىلى ئىدى، ئەلەۋىي خەلىفەنىڭ ئەۋزەل خەلىفە بولۇشى باشقىلار ھەقنى بەرپا قىلىدىغان ئادىل بولۇپ مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ خەلىفەلىككە ئىگە بولۇشىنى توسالمايدۇ» دەپ قارىدى. شۇڭا، ئۇ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خەلىفەلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ھەق ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەلى ئۇ ئىككىسىدىن ئەۋزەل بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇ ئىككىسىنىڭ خەلىفە بولۇشىنى زۆرۈر قىلغانىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى شەھرىستانىينىڭ «ئەلمىلەل ۋەننىھەل»دە كەلگىنىدەك نەقىل قىلايلى:

«ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ساھابەلەرنىڭ ئەۋزىلى ئىدى، لېكىن فىتنە – غەلىياننى تىنجىتىش ۋە ئاممىنىڭ كۆڭۈللىرىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلار توغرا كۆرگەن بىر مەنپەئەت تۈپەيلى ۋە ئۇلار رىئايە قىلغان بىر دىنىي قائىدە تۈپەيلى، خەلىفەلىك ئەبۇبەكرىگە تاپشۇرۇلغان. چۈنكى، پەيغەمبەرلىك كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ دەۋرى يېقىن ئىدى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ قانلىرىغا مىلەنگەن قىلىچى تېخى قۇرۇمىغان ئىدى، ئىنتىقام ئېلىشتىن ئىبارەت قەۋمنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلەر ئۆز پېتى ئىدى. شۇڭا، قەلبلەر ئۇنىڭغا تولۇق مايىل بولمايتتى ۋە بويۇنلار ئۇنىڭغا تولۇق ئېگىلمەيتتى. بۇ ۋەزىپىنىڭ يۇمشاقلىق ۋە دوستانىلىك بىلەن، ياشتا چوڭلۇق ۋە ئىسلامغا ئىلگىرى كىرىش بىلەن ھەمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېقىنى بولۇش بىلەن تونۇلغان كىشىگە تەۋە بولۇشى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئىدى. قارىمامسەن، ئەبۇبەكرى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىكى كېسەللىكىدە ئىشنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا تاپشۇرماقچى بولىۋېدى، كىشىلەر چۇقان سېلىشىپ: ‹بىزگە توڭ، قوپال ئادەمنى تەيىنلەپ قويدۇڭ› دېدى. ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەرنىڭ قاتتىقلىقى، قوپاللىقى ۋە دىندىكى چىڭلىقى، دۈشمەنلەرگە قاتتىق قوللۇقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ خەلىفە بولۇشىغا رازى بولمىغان ئىدى، ئاخىرىدا، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى تىنچلاندۇرغانىدى»(15).

شۈبھىسىزكى، بۇ گەپ ئۇنىڭ «خىلافەت پەقەتلا مىراسخورلۇق ۋە ئەۋزەللىك بىلەن بولىدۇ» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئەۋزەللىك بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ ئادالىتىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇنى «تۆۋەن كىشىنىڭ خەلىفە بولۇشى» دەپ ئاتايدۇ. دېمەك، تۆۋەن كىشىدە لاياقەت ۋە ئادالەت بولسا ھەمدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۇنىڭدا ئەمەلگە ئاشسا، تۆۋەن كىشى تەيىنلەنسە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق زەيد پەرەزىي مەنپەئەتكە ئەمەس، ھەقىقىي مەنپەئەتكە قارايدۇ. خەلىفەلىكنى ئەلى جەمەتىگە خاس قىلىۋېلىپ، ئۇندىن باشقىسىنى باتىل دەپ قارىغانلار مۇتلەق مەنپەئەتنى پەرەز قىلىۋالىدۇ. ئەمما، ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ئادالەت ۋە تەقۋادارلىق بىرلە رېئال ھەقىقىي مەنپەئەتكە قارايدۇ، پەرەزىي مەنپەئەتكە ئەمەس.

ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «ئىماملار خاتالىقتىن مەسۇم» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان، بەلكى ئۇنىڭدىن مەلۇم بولغىنى يۇقىرىقىدىن باشقىدۇر. چۈنكى، مەسۇملۇقنى پەرەز قىلىش دېمەكلىك «ئۇلارنىڭ ئىماملىققا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن ئۇ زاتقا كەلگەن ۋەھيى بىلەن ئىگە قىلىنىشى» دېمەكلىكتۇر، شۇنداقلا «ئۇلارنىڭ ھۆكمى بىر ۋەھيى بىلەن ياكى ئۇلارغا تاشلانغان بىر ئىلھام بىلەن بولغان» دېمەكلىكتۇر. زەيدنىڭ قارىشىچە، (ئىماملىق ھەققىدە) ئەلىگە قىلىنغان ۋەسىيەت ئىسىم بىلەن بولغان ئەمەس، بەلكى سۈپەت بىلەن بولغان… ئۇنىڭ ئۈستىگە (ئىماملار تۈگۈل) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ خاتالىقتىن مەسۇم بولمىغان،(16) چۈنكى ئۇ زاتنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە ئىجتىھادى بىلەن دېگەنلىرىمۇ بار بولۇپ، (مەسىلەن) ئاللاھ بەدر ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە ئۇنى خاتاغا چىقارغان.

[399] شەكسىزكى، زەيدنىڭ قارىشى ئىماملارنىڭ خاتالىقتىن مەسۇم ئەمەسلىكىدۇر. لېكىن، ئىمام زەيدتىن كېيىن زەيدىيلەر كېلىپ، ئەھلى بەيتتىن بولغان تۆت كىشىنىڭ مەسۇملۇقىنى بېكىتتى. ئۇ تۆت كىشى: ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەسەن ۋە ھۈسەين قاتارلىقلار. ئۇنداق بولۇشى، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ ٱللَّهِ كَمَثَلِ ءَادَمَۖ خَلَقَهُۥ مِن تُرَابٖ ثُمَّ قَالَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ ٥٩ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ ٦٠ فَمَنۡ حَآجَّكَ فِيهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ فَقُلۡ تَعَالَوۡاْ نَدۡعُ أَبۡنَآءَنَا وَأَبۡنَآءَكُمۡ وَنِسَآءَنَا وَنِسَآءَكُمۡ وَأَنفُسَنَا وَأَنفُسَكُمۡ ثُمَّ نَبۡتَهِلۡ فَنَجۡعَل لَّعۡنَتَ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰذِبِينَ ٦١ / شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا – ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس). (ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن. سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 59 – 61) دېگەن سۆزى نازىل بولغان چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ تۆت كىشىنى يىغىپ، ناسارالار بىلەن لەنەت ئېيتىشقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى يىغىپ ناسارالار بىلەن لەنەت ئېيتىشقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باشقا ئەھلى بەيتىدىن ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەسۇم بولۇشى لازىمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويدى.

ئىككى شەيخ (يەنى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر) نىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلغان زەيدىي شىئەلەر «كۈتۈلۈۋاتقان بىر مەھدىي بار» دەپ قارىغان ۋە بۇ قارىشىنى ئەھلى بەيتنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار ئىكەنلىكىگە، خەلىفەلىكنىڭ مىراسخورلۇق بىلەن بولىدىغانلىقىغا، ئىمامنىڭ گاھىدا يوشۇرۇن، مەخپىي بولىدىغانلىقىغا تاياندۇرغان. ئۇلار بۇنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن چۈشەنگەن: «چوقۇملا ئاللاھ (نىڭ دىنىنىڭ راستلىقى) غا ھۆججەت كەلتۈرىدىغان بىر كىشى بار بولىدۇ، ئۇ يا ئاشكارا مەشھۇردۇر ياكى يوشۇرۇن مەخپىيدۇر». يوشۇرۇن، مەخپىي كىشى ئاللاھ خاھلىغان مۇددەتچە ياشايدۇ، ئاخىرىدا زاھىر بولۇپ، ھەقنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ كىشى بولسىمۇ مەھدىيدۇر.

ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىمامنىڭ يوشۇرۇن بولۇشىنى جائىز سانىمىغان، بەلكى ئۇ «ئىمام چىقىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە چاقىرىشى كېرەك» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ نەزەرىدە يوشۇرۇن بىر ئىمام بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نەزەرىدە كۈتۈلۈۋاتقان بىر ئىمامنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ نەزەرىدە قىيامەت كۈنىدىن باشقىدا قايتىش (يەنى تىرىلىش) يوق. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قىيامەت ۋە ھېساب، ئازاب ۋە ساۋاب بولىدىغان چاغدا، قەبرلەردىكى جىمى ئىنسانلارنى قوپۇرىدۇ.

بۇ ئىمام زەيدنىڭ قارىشىدۇر. لېكىن، جارۇدىيلار (زەيدىيلەرنىڭ بىر پىرقەسى) ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئۆلتۈرۈۋەتكەن «نەفسۇززەكىييە» دەپ ئاتالغان ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ھەققىدە — بۇ كىشى زەيدىيلەرنىڭ نەزەرىدە زەيدنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بىرىدۇر — ئېيتقانكى: «ئۇ ھادىي ۋە مەھدىي ھالىتىدە (دۇنياغا) قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ زېمىن جەۋر – زۇلۇمغا قانداق تولۇپ كەتكەن بولسا، زېمىننى شۇنداق ئادالەتكە تولدۇرىدۇ».

جارۇدىيلار پەقەتلا مەھدىيلىك ۋە دۇنياغا قايتىش پىكرىدىلا ئىمام زەيدكە قارشى يول تۇتماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خەلىفەلىكىنى قوللىشىدىمۇ ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتقان ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ خەلىفەلىكىنى رەت قىلغان. مۇشۇنداق ئىختىلاپ تۇرۇپ، ئۇلار زەيدىيلەر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە زەيدىي پىرقەلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

يۇقىرىقى گەپنىڭ مەزمۇنىدىن شۇ ئايدىڭلىشىدۇكى، ئىمام زەيد ئىمامنىڭ ئىماملىقىنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا چىقىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە چاقىرىشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى پىكىرگە ئاساسلانغان:

بىرىنچىسى: گەرچە ئىمامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ فاتىمە زەھرادىن بولغان بالىلىرىدىن بولۇشى ئەۋزەل بولسىمۇ، ئىمامنى چوقۇم گېپى ئۆتىدىغان نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ سايلىشى ۋە ئۇنى سايلاشتا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇشى لازىم. خەلىفەلىكنى تەلەپ قىلغۇچى ئۆزىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ لايىقلىقىنى بايان قىلمىغۇچە، بۇ سايلاش تامام بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى: يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، زەيد خەلىفەلىكنى نوقۇل مىراسخورلۇق بىلەن بولىدۇ دەپ قارىمايدۇ. بەلكى خەلىفە بولىدىغان ئادەم بىز تىلغا ئالغان شەرتتىكى ئەھلى بەيتتىن بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا چاقىرىشى كېرەك. ئۇ شەرت بولسىمۇ «ئۇنىڭ ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان بالىلىرىدىن بولۇشى»دۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ناۋادا خەلىفەلىك مىراسخورلۇق ياكى ۋەسىيەت بىلەن بولىدىغان بولسا ئىدى، خۇددى پادىشاھلىق مىراسخورلۇق ياكى ۋەسىيەت بىلەن يېتىپ قالغاندەك، خەلىفەلىكمۇ خەلىفە بولىدىغان ئادەمگە تەلەپ قىلماستىنلا يېتىپ قالغان بولاتتى. دېمەك، ئىمام زەيد ئىسلام خەلىفەلىكىدە مىراسخورلۇق نەزەرىيەسىنى رەت قىلىش بىلەن، فاتىمە ئەۋلادلىرىدىن بولغان پازىل كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشىنى ۋاجىب قىلغان. بۇنداق ئاشكارا قىلىشنىڭ سەۋەبى، كىشىلەر ئۇنىڭ خەلىفەلىككە تەيىنلىنىشىدە قانچىلىك مەنپەئەت بارلىقىغا قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن باشقا بىر كىشىنىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرىدۇ.

ئىمام زەيدنىڭ نەزەرىدە خەلىفەلىكتىكى ئەۋزەللىك فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغانلارغا مەنسۇپتۇر، مەيلى ئۇلار ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولسۇن ياكى ھەزرىتى ھەسەننىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولسۇن پەرق يوق. بۇ ئارقىلىق زەيدىيلەر ئىمامىيلاردىن پەرقلەنگەن. چۈنكى، ئىمامىيلار ھۈسەين پەرزەنتلىرىدىن بولۇشنى شەرت قىلىدۇ.

ئۇسۇلۇددىن ھەققىدە

[400] ئىمام زەيد ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى زاماندىشى ۋاسىل ئىبنى ئەتاﺋ بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشى بەسرە ۋە باشقا يەرلەردە بولغانىدى. ۋاسىل شۇ ۋاقىتتا مۇئتەزىلەلەرنىڭ بېشى ئىدى. شەھرىستانىي زەيدنىڭ ۋاسىلغا شاگىرت بولغانلىقىنى دەۋا قىلغان. بىز قارايمىزكى، ئىككىسى ئېتىقاد مەسىلىلىرىنى، مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق ھەققىدە ۋە چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ھەققىدە شۇ چاغدا ئوتتۇرىغا چىققان پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىمام زەيدتىن ئۇسۇلۇددىن ھەققىدە مۇئتەزىلەلەرنىڭ قاراشلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ قالىدىغان ياكى كۆپ قىسىمىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ قالىدىغان بەزى قاراشلار رىۋايەت قىلىنغان.

شۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى مەسىلە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ مەسىلىسى: ئۇ كافىرمۇ، ياكى پاسىقمۇ ياكى مۇناپىقمۇ، ياكى ئىمانى كامىل مۇئمىنمۇ؟ خاۋارىجلارنىڭ ئىمامۇلھۇدا ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھەكەم تەيىنلەشكە تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇ مەسىلىنى پەيدا قىلغان. ئۇلار ھەكەم تەيىنلىگەنلەرنى كافىرغا چىقارغان ۋە: «لاَ حُكْمَ إِلاَّ لِلَّهِ / ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن، شۇنداقلا «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى كافىردۇر» دەپ جار سېلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىملار بۇ گەپكە قاراپ چىققان. ھەسەن بەسرىي: «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى ئىچى بىلەن تېشى ئوخشىمايدىغان مۇناپىقتۇر» دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇ پاسىق، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا ھاۋالە» دېگەن. مۇرجىئەلەر: «كۇفۇر بار ھالەتتە تائەت پايدا قىلمىغاندەك، ئىمان بار ھالەتتە مەئسىيەت زەرەر قىلمايدۇ» دېگەن. مۇئتەزىلەلەر: ««ئۇ ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدىدۇر، ئۇ تەۋبە قىلمىسا، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەن. ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىككى دەرىجە ئارىسىدىكى بىر دەرىجىدە بولىدىغانلىقى»دا مۇئتەزىلەلەرنىڭ پىكرىگە قوشۇلغان، لېكىن: «چوڭ گۇناھ قىلغۇچى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆتكۈزگەن گۇناھى مىقدارى جازالايدۇ» دېگەن.

[401] بىز دەيمىزكى، ئىمام زەيدنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەزھەبى خاۋارىجلار — ھەسەن بەسرىي (بۇ مەسىلىدە) ئۇلارغا يېقىن كېلىپ قالىدۇ — نىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشى بىلەن مۇرجىئەلەرنىڭ چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىشى ئارىسىدىكى ئوتتۇراھال مەزھەبتۇر. ئۇنىڭ مەزھەبىنىڭ ئاساسى شۇكى، ئىمان ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇركى، بۇ ھەقىقەت مەۋجۇد بولسا، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى چوقۇملا ئەمەلنى لازىم تۇتىدۇ. دېمەك، ئىمانغا ئەمەل ھەمراھ بولمىسا، بۇ ئىماننىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. لېكىن، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى (مۇئمىن بولمىسىمۇ) مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن، مەڭگۈلۈك ئازاب ئاللاھ تائالا كافىرلىقىغا ھۆكۈم قىلغان كافىرغىلا بولىدۇ.

«ئىماننىڭ ئەمەلنى لازىم تۇتىدىغانلىقى»دىن ئىبارەت بۇ قاراش بەزى شەرق پەيلاسوپلىرىنىڭ قارىشى بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ھەقىقەت ئىزدەشتىكى ئىخلاس (كىشىنى) توغرا مەرىپەتكە ئىتتىرىدۇ، توغرا مەرىپەت بىلەن راست ئىمان بار بولىدۇ، راست ئىمان چوقۇم ياخشى ئەمەل ۋە توغرا يۈرۈش – تۇرۇشنى لازىم تۇتىدۇ. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تۈز سىزىقتىكى چېكىتلەرگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئىخلاس بىلەن باشلىنىپ، ياخشى ئەمەل بىلەن ئاياغلىشىدۇ».

[402] ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە قەدەر ھەققىدە، ئاندىن مەجبۇرلۇق ۋە ئىختىيارلىق ھەققىدە كالاملار بولدى. بۇ ئىككى مەسىلىنى ئۆزئارا تالىشىدىغان پىرقەلەر شەكىللەندى. (شۇ پىرقەلەردىن) جەھمىيلەر مۇنداق قارايتتى: «ئىنساننىڭ ئىختىيارىي ھۆر ئىرادىسى يوق، بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ پېئىللىرىدا شامال ھەرىكەتلەندۈرگەن پەيگە ئوخشايدۇ، پېئىللارنىڭ ئىنسانغا نىسبەت بېرىلىشى ھەقىقەت بويىچە ئەمەس، بەلكى پېئىللارنىڭ ئىنساندا پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، خۇددى ‹زەيد ئۆلدى، زىرائەت ئۆستى، سۇ ئاقتى، دەرەخ لىڭشىدى، مېۋە پىشتى› دېگەنگە ئوخشاشتۇر. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىلگەن ئىشلاردا ئىختىيارلىقى يوق. مۇشۇنداق دېگەندە، قەدەرگە بولغان تەسلىم مۇتلەق تەسلىم بولىدۇ».

بۇلار بىلەن بىرگە، قەدەرنى ئىنكار قىلىدىغان قەدەرىيلەر پەيدا بولدى. ئۇلار دەيدۇكى: «ئىنسان ھۆر ۋە ئىختىيارىيدۇر، خاھلىغىنىنى قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىدە ئۇ خاھلىمايدىغان ئىشمۇ بولىدۇ، ئاللاھ ئەزەلدە ھېچ ئىشنى تەقدىر قىلغان ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئىشنى يۈز بەرگەن ۋاقتىدا تەقدىر قىلىدۇ».

زەيد بۇ قاراشلارغا قاراپ چىقىپ، بىرىنچىسىنىڭ تەكلىپنى ساقىت قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. چۈنكى، تەكلىپ دېگەن پەقەت ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ. ئىككىنچىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەزەلىي ئىلمىنى ۋە ئەزەلىي تەقدىرىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كەسكىن نەسلىرىگە خىلاپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. مەسىلەن، ئۇ نەسلەر: ﴿وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ / ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 35)، ﴿ٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَحۡمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلۡأَرۡحَامُ وَمَا تَزۡدَادُۚ وَكُلُّ شَيۡءٍ عِندَهُۥ بِمِقۡدَارٍ ٨ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡكَبِيرُ ٱلۡمُتَعَالِ / ھەربىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بىرمۇ، كۆپمۇ، چوڭمۇ، كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ، سەتمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ، قىسقىمۇ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر. ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر﴾(13/«رەئد»: 8، 9).

ئۇ بۇلارنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، تەكلىپنىمۇ ئۆرۈپ تاشلىمايدىغان، يۈكسەك زاتنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدىغان ئوتتۇراھال بىر قاراشقا يۈزلەندى. ئۇ قازا ۋە قەدەرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە «ئىنسان ئۆزىنىڭ تائىتى ۋە مەئسىيىتىدە ھۆر ئىخىتىيارىي، مەئسىيەت ئاللاھ تەرەپتىىن مەجبۇرلىنىپ يۈز بەرمەيدۇ، گەرچە ئاللاھ مەئسىيەتنى ياقتۇرمىسىمۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمىسىمۇ، مەئسىيەتنى ئىرادە قىلىدۇ (يەنى بەندىدىن سادىر بولۇشىنى خاھلايدۇ)» دەپ قارىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئىرادە، مۇھەببەت ۋە رىزا ئوتتۇرىسىنى ئايرىدى. مەئسىيەت بەندىلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى دائىرىسىدە يۈز بېرىدۇ، لېكىن ئاللاھ بەندىسىنىڭ مەئسىيىتىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۇفۇرغا رازى بولمايدۇ.

ئىنساننىڭ قىلغان ھەربىر پېئىلى ئاللاھ تائالا بەندىگە ئورۇنلاشتۇرغان كۈچ ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، لېكىن ئاللاھ بەندىسىنىڭ شۇ كۈچ بىلەن مەئسىيەت قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇ كۈچ ئارقىلىق بەندە ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ئەمەل قىلىدۇ، ئاندىن ئىتائەت قىلغۇچى بولىدۇ ياكى ئاسىي – گۇناھكار بولىدۇ.

بۇ قاراش ئەھلى بەيت ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بۇ قاراش نېگىزلىك بىر نۇقتىدا مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ نۇقتا بولسىمۇ، مۇئتەزىلەلەر «ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرى بىر – بىرىنى لازىم تۇتىدۇ» دەپ قارايدۇ. يەنى، ئاللاھ بىر ئىشقا ئەمر قىلسا، بەندە ئۇ ئەمرگە خىلاپ ئىش قىلسا، ئىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا يۈز بەرگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئاسىي – گۇناھكارلارنىڭ پېئىللىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىسىز يۈز بەرگەن بولىدۇ.

[403] ئەمما، ئىمام زەيد ۋە ئەھلى بەيتنىڭ ئىماملىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى گاھىدا ئەمرىدىن ئايرىلىدۇ (يەنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان بەزى ئىشتا ئاللاھنىڭ ئەمرى بولمايدۇ)، بەندىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەندۇر. لېكىن، مۇھەببەت بىلەن رىزا بۇ ئىككىسى ئەمردىن ئايرىلمايدۇ. ئاسىيلار ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشقا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. دېمەك، ئەمر — رىزا ۋە مۇھەببەتنىڭ دەلىلىدۇر، ئىرادىنىڭ دەلىلى ئەمەس.

ئىمام زەيد ياشىغان دەۋردە «بەداﺋ» ھەققىدە گەپلەر بولغان. بۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى شۇكى، مۇختار سەقەفىي كاھىنلاردەك ئەپسۇن ئوقۇيتتى ۋە كېلەچەكتىن خەبەر بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئىش ئۇنىڭ خەبەر بەرگىنىنىڭ تەتۈرىچە يۈز بېرىپ قالسا: «رەببىڭلار بەداﺋ قىلدى» دەيتتى. بەداﺋ — ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ئۆزگىرىشى دېمەكتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئەزەلىي ئىلمىنى يوققا چىقارغانلار بىلەن يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى، بۇلار ئاللاھقا ئىلىمنى ئىسپاتلايدىغان بولسىمۇ، «ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن. ھالبۇكى بۇ گەپ ئاللاھنىڭ ئىلمىنى ئىنكار قىلىشقا يېقىن كېلىدۇ.

ئىمام زەيد بۇنىڭ ھەممىسىگە قارشى يول تۇتۇپ مۇنداق قارىغان: «ئاللاھ تائالانىڭ قەدىم ۋە ئەزەلىي ئىلمى بار، ھەر نەرسە ئۇ زاتنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ئۆزگىرىشچان بولۇشى ۋە ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۆزگەرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئىلمىگە كەمتۈكلۈك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەندىلەردىن يۈز بېرىدىغان ۋە ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزىغا يېزىۋەتكەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلىي ئىلمى ۋە ئەزەلىي باقىي ئىرادىسى بەندىنىڭ ئىختىيارلىقىغا زىت كەلمەيدۇ.

دۇئا تەقدىرگە يېزىلغاننى ئۆزگەرتمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ئاشكارا قىلىدۇ ۋە ئېچىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەزەلىي ئىلمىدە دۇئانىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىجابىتىنىمۇ تەقدىر قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يَمۡحُواْ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ وَيُثۡبِتُۖ / ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خاھلىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خاھلىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ﴾(13/«رەئد»: 39) دېگەن سۆزى ھەممە نەرسىنى بويسۇندۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ھېچنەرسە بولمىغان ئىختىيارىي ھۆر ئىرادىگە دالالەت قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن ئۈستۈن ئىرادە يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشىغاندۇر».

بۇ قاراش ئىمامىيلارنىڭ كۆپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى شۇ قاراشتىدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئۇنىڭ فىقھىسى

[404] ئىمام زەيد فەقىھ ۋە مۇھەددىس، شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» قىرائەتلىرىگە ئالىم ئىدى. ئالىملار ۋە قارىيلار ئارىسىدا ئورنى بار ئىدى. ھەتتا تارىخچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھىشامنىڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭنى «مۇھەددىس، قارىي ۋە فۇقەھائنىڭ جېڭى» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئۇنىڭ فىقھىسى ۋە ھەدىسىنى ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان شاگىرتلىرى نەقىل قىلغان. ئۇ فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەر ئىچىدە شاگىرتى ئەڭ كۆپ كىشى ئىدى. چۈنكى، خۇددى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى فىقھ ۋە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ پاناھگاھى بولغاندەك، ئۇمۇ مەدىنەدە فىقھ ۋە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ پاناھگاھى بولغانىدى. ئۇ ئىراق شەھەرلىرىدە، بەسرە، كۇفە ۋە ۋاسىت شەھەرلىرىدە يۆتكىلىپ يۈرگەن. ئۇ نەگە بارسا، شاگىرتلار، ئالىملار ۋە قارىيلار بىلەن مۇزاكىرىلىشەتتى.

«ئەلمەجمۇﺋ (الْمَجْمُوعُ)» ناملىق كىتابى

ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان نەرسىلەرنى ئىككى كىتابقا توپلىغان. بىرى: «مەجمۇئۇل ھەدىس (مَجْمُوْعُ الْحَدِيْثِ)»، يەنە بىرى: «مەجمۇئۇلفىقھ (مَجْمُوْعُ الْفِقْهِ)». ئىككىلىسى «ئەلمەجمۇئۇل كەبىر (الْمَجْمُوْعُ الْكَبِيْرُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى توپلامنى رىۋايەت قىلغان شاگىرت بولسا ئەبۇ خالىد ئىبنى ئەمر ئىبنى خالىد ئەلۋاسىتىي ئەلھاشىمىي بىلۋەلا دېگەن كىشىدۇر. بۇ كىشى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ۋاپات بولغان. بۇ ئەبۇ خالىد ئىمام زەيدنى ئۇ مەدىنەدىكى چاغدا لازىم تۇتقاندەك، ئىمام زەيدنىڭ سەپەرلىرىدىمۇ ئۇنى لازىم تۇتقان ئىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئىمام زەيدتىن تەلىم ئالغان باشقا شاگىرتلىرىدىن ئارتۇق ھەمراھلىققا ئىگە بولغان.

زەيدىيلەرنىڭ كۆپىنچە ئالىملىرى بۇ توپلامنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا كۆپلەر ئۇ توپلامنى تەنقىدلىگەن. كىتابقا بولغان تەنقىد تۆۋەندىكىدەك ئاساسلارغا تايىنىدۇ:

1. ئەبۇ خالىد ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بەزى چوڭلىرى تەرىپىدىن «ھەدىس توقۇيدۇ» دەپ قارىلانغان. مەسىلەن، نەسائىي: «ئىشەنچلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ھەدىسىنى يېزىۋېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «ئەھلى بەيتنى زىيادە ماختىۋېتىدىغانلار قاتارىدىن، ئۇ رىۋايەت قىلغان بەزى نەرسىلەرنىڭ زەئىفلىكى ئىسپاتلانغان» دەپ قارىلانغان.

2. ئۇ توپلامنى ئۆزى يالغۇز رىۋايەت قىلغان. ئەگەر توپلام ئىمام زەيدكە ئائىت بولسا ئىدى، چوقۇم مەشھۇر بولۇپ كەتكەن ۋە ئىمام مالىكنىڭ مۇۋەتتاسىدەك راۋىيلىرى كۆپ بولغان بولاتتى.

3. ئىمام زەھەبىي «توپلامدا ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر قىسىم ھەدىسلەر بار، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئەلىگە بولغان نىسبىتى سەھىھ ئەمەس، بۇ ھال قارىلىغۇچىلارنىڭ راۋىي ھەققىدىكى قارىلىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە پۈتۈن نىسبەتنى شەك ئوبيېكتى قىلىپ قويىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان.

مانا بۇ تەنقىدلەش سەۋەبلىرىنىڭ ناھايىتى قىسقا بىر خۇلاسىسى. لېكىن، بۇ خۇلاسە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىدلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر.

كىتابنى ئىشەنچلىك دەپ قارىغانلار مۇنداق رەددىيە بەرگەن: «ئەبۇ خالىدنى زەيدىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان ۋە ئۇنىڭدىن بەزى ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەنقىد مۇتلەق تەنقىدتۇر، مۇئەييەن بىر سەۋەبكە تايانمايدىغان مۇتلەق تەنقىدنىڭ رىۋايەت ۋە دىرايەت ئالىملىرىنىڭ نەزەرىدە ھېچبىر قىممىتى يوقتۇر، كىمكى بىر ئادەمنى قارىلاش سەۋەبىنى دېمەستىن، پاسىق دەپ قارىلىسا، ئۇنىڭ گېپى رەت قىلىنىپ، ئۇ قارىلىغان ئادەم بولماستىن، ئۇنىڭ ئۆزى پاسىق بولىدۇ. سەۋەبى بايان قىلىنغان تەنقىدكە سەۋەبنى يوققا چىقىرىدىغان تەستىق زىت كەلسە، تەنقىد رەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كىمكى بىر ئادەمنى ناماز ئوقۇمايدۇ دەپ قارىلىسا، ناماز ئوقۇيدۇ دەپ ئاقلىغان كىشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئەبۇ خالىد ھەققىدىكى تەنقىد غەيرى مەقبۇل بولىدۇ.

ئۇنى ئەھلى بەيتنى زىيادە ماختايدۇ دەپ قارىلاش غەيرى مەقبۇلدۇر. چۈنكى، ئۇ مەزھەبچىلىكنى ئاساس قىلغان قارىلاشتۇر. مەزھەبچىلىك سەۋەبى بىلەن بولغان قارىلاش راۋىيغا دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ. ھالبۇكى زەيدىيلەر بۇنداق قارىلاشنى پەخىر ھېسابلايدۇ، ئەيىب ئەمەس. ناۋادا بۇ گەپنى ئەبۇ خالىد ئاڭلىسا ئىدى، چوقۇم: «بۇ مەن ئىنكار قىلمايدىغان تۆھمەت ۋە مەن دەۋا قىلمايدىغان شەرەپ» دېگەن بولاتتى.

[406] ئىمام شافىئىي قەدەرىيلەر مەزھەبى بويىچە قەدەر ھەققىدە گەپ قىلغان بەزى كىشىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانىدى، ھالبۇكى ئۇ قەدەر ھەققىدە گەپ قىلىشنى بىدئەت دەپ قارايتتى. ئۇنىڭغا: «ئۇ قەدەرىي تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىسەن؟» دېيىلگەندە، ئىدراكلىق فەقىھ ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «چۈنكى ئىبراھىم (يەنى ھېلىقى قەدەرىي كىشىنى دېمەكچى) غا نىسبەتەن، يالغان سۆزلەشتىن ئېگىزدىن يىقىلىپ ئۆلۈش بەكرەك سۆيۈملۈك ئىدى»(17).

ئەبۇ خالىدنى توپلامنى يالغۇز رىۋايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەش ناماقۇلدۇر. چۈنكى، توپلامنى يالغۇز توپلاپ يېزىش توپلام ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ناتونۇش بولغانلىقىنى تەقەززا قىلمايدۇ. يەنە بىرگە، زەيدنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يۇرت – يۇرتلارغا چېچىلىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ (كىتابنى) يالغۇز توپلاپ يېزىشى يوچۇن ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيدنىڭ شاگىرتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن كىتابتىكىلەرنى ئېتىراپ قىلغان. دېمەك، يالغۇز توپلىغانلىق دەۋاسى ئورۇنسىزدۇر. يەنە كېلىپ مەزھەبلەردىكى فىقھنى توپلىغانلارمۇ يالغۇز توپلىغان. مەسىلەن، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي «زاھىرى رىۋايەت» دەپ ئاتالغان ئالتە كىتابىغا ئىراق فىقھىسىنى توپلىغان. ئۇ ئالتە كىتاب: «ئەلئەسل (الْأَصْلُ)» ياكى «ئەلمەبسۇت (الْمَبْسُوطُ)»، «ئەززىيادات (الزِّيَادَاتُ)»، «ئەلجامىئۇسسەغىر (الجَامِعُ الصَّغِيرُ)»، «ئەلجامىئۇلكەبىر (الْجَامِعُ الْكَبِيرُ)»، «ئەسسىيەرۇسسەغىر (السِّيَرُ الصَّغِيرُ)» ۋە «ئەسسىيەرۇلكەبىر (السِّيَرُ الْكَبِيرُ)» قاتارلىقلار. ھالبۇكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئاران تۆت يىللا ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئىمام مۇھەممەد پىشىپ يېتىلىش يېشىدىكى چاغدا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ھەمراھ بولغان شاگىرتلار بار ئىدى.

«ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا (الْمُدَوَّنَةُ الْكُبْرَى)»نىمۇ ئىمام مالىكتىن سۇھنۇن يالغۇز رىۋايەت قىلغان، ھالبۇكى سۇھنۇن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشمىغان بولۇپ، ئۇنى مالىكنىڭ شاگىرتى ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىمدىن رىۋايەت قىلغان.

[407] ئىمام شافىئىينىڭ باغدادتا يازغان كىتابلىرىنىمۇ زەئفەرانىي يالغۇز رىۋايەت قىلغان. زەئفەرانىي شافىئىيدىن ئۇنىڭ كونا كىتابىنى رىۋايەت قىلغان. شافىئىينىڭ فۇستاتتىكى كىتابلىرىنى رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان مۇرادىي يالغۇز رىۋايەت قىلغان. ئۇ شافىئىيدىن يېڭى كىتابىنى رىۋايەت قىلغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەلمەجمۇﺋ»نى ھەر ئەۋلاد ئالىملار ئالقىشلاپ قوبۇل قىلغان. بۇ ھال پۈتۈن شەكنى كۆتۈرۈۋەتكۈچىدۇر. چۈنكى، ئالىملار ئالقىشلاپ قوبۇل قىلغان نەرسىدىن كەسكىن بىر دەلىل بولماستىن شەكلىنىش قەدىمكى ئىلىملەرنى يېڭى ئىلىملەرگە باغلايدىغان ئىلمىي زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقتۇر.

«ئەلمەجمۇﺋ»نىڭ ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇغا نىسبەت بېرىلگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە ئۇ ھەدىسلەردىكى نىسبەتلەرنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەش ساغلام بىر ئاساسقا تايانمىغان ئەيىبلەشتۇر. چۈنكى، ئاشۇنداق دەۋا قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ سۈننەت كىتابلىرىدا ئەلىدىن ياكى ئۇنىڭ غەيرىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ دەۋانى ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، بىرەر توپلام ھەدىسلەر ئىچىدە سەھىھ ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان ئازراق بەزى ھەدىسلەر چىقىپ قالىدۇ، بۇ پۈتۈن توپلامغا دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ. مەسىلەن، ئىسناد جەھەتتە سۈننەت كىتابلىرىنىڭ ئەڭ سەھىھى بولغان «سەھىھۇلبۇخارىي»دىمۇ سەھىھلىكى ئىسپاتلانمىغان ھەدىسلەر بار. بۇ ھال بىر پۈتۈن «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ ساغلاملىقىغا دەخلى يەتكۈزەلمىگەن.

«ئەلمەجمۇﺋ» قانداق توپلانغان؟

شۈبھىسىزكى، «ئەلمەجمۇﺋ»نىڭ قانداق توپلانغانلىقى ھەققىدە بىزنىڭ ئۈچ خىل ئەقلىي پەرەزىمىز بار. بىرىنچىسى، «ئەلمەجمۇﺋ»نى ئىمام زەيد ئۆز قەلىمى بىلەن توپلاپ يازغان. ئۇنى ئىمام زەيدتىن ئەبۇ خالىد نەقىل قىلغان. ئىككىنچىسى، ئىمام زەيد ئۇنى ئەبۇ خالىدقا ئىملا قىلغان (يەنى ئاغزى بىلەن دەپ بەرگەن، ئەبۇ خالىد يېزىۋالغان). ئۈچىنچىسى، ئەبۇ خالىد ئىمام زەيدتىن ھەدىس توپلىمىنى ۋە فىقھ توپلىمىنى رىۋايەت قىلغان. ئاندىن ئۇنى توپلاپ رەتلىگەن.

[408] بىز بىرىنچى پەرەزنى يىراق سانايمىز. چۈنكى، ئۇ دەۋر كامىل توپلاش دەۋرى ئەمەس ئىدى، ئەبۇ خالىدمۇ ئۇنداق دەۋا قىلمىغان، «ئەلمەجمۇﺋ»مۇ ئۇنىڭغا دالالەت قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك ئىككىنچى پەرەزنىمۇ يىراق سانايمىز. چۈنكى، «ئەلمەجمۇﺋ»نىڭ تېكىستلىرى ئۇنىڭغا خىلاپ كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تېكىستلىرى ئەبۇ خالىدنىڭ ئۇنى ئىملا يولى بىلەن ئەمەس، رىۋايەت يولى بىلەن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئۈچىنچى پەرەز «ئەلمەجمۇﺋ»دىكى مەزمۇن بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. چۈنكى، ئىبارىلەر شۇنىڭغا ئىما قىلىدۇ. ھەدىس بارىسىدا: «زەيد ئىبنى ئەلى ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەردى» دەپ كەلگەن، فىقھ بارىسىدا: «زەيد ئىبنى ئەلىدىن مۇنداق سورىدىم» دەپ كەلگەن.

زەيدىيلەرنىڭ ئىماملىرىنىڭ ئىبارىلىرىمۇ ھەقىقەتەن توپلاپ يېزىشنىڭ ئەبۇ خالىدقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىمام ئەبۇ تالىب ئەنناتىق بىلھەق بۇ كىتاب ھەققىدە: «ئەبۇ خالىد توپلىغان ۋە زەيد ئىبنى ئەلىدىن رىۋايەت قىلغان ›ئەلمەجمۇﺋ‹ مەئرۇپ ۋە مەشھۇردۇر» دېگەن. دېمەك، ئەبۇ خالىدنىڭ ئەمەلىنى «توپلىغان» دەپ ئىپادىلەش ئۇ كىتابنىڭ ئىمام زەيدنىڭ ئىملاسى ئەمەسلىكىنى ھەم ئۇنىڭ توپلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مىسىردا بېسىلغان «ئەلمەجمۇﺋ» ھەدىس ۋە فىقھتىن ئىبارەت ئىككى توپلامدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، فىقھ كىتابلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە رەتلەنگەن. تاھارەت بىلەن باشلىنىپ، ئاندىن ئىبادەت، ئاندىن ئېلىم – سېتىم، تا فىقھىي بابلارنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر بابىدا شۇ بابتا كەلگەن ھەدىسلەر ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان فىقھكە ئارىلاشتۇرۇلغان.

بۇ يەردە ئوقۇرمەن سورايدۇ: «بۇ تەرتىپ ئەبۇ خالىدنىڭ ئەمەلىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئەمەلىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ كىتابلىرىنىڭ بەزى راۋىيلىرى قىلغاندەك، كىتابنىڭ باب تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسلىي مەتىننى ئۆزگەرتمەي ساقلىغانمۇ؟» بۇنىڭغا جاۋابەن دەيمىزكى، ئەبۇ خالىدنىڭ شاگىرتى نەسىر ئىبنى مۇزاھىم كىتابنى بابلاشتۇرۇلغان ھالىتىدە تاپشۇرۇپ ئالغان. ئالىملار: «بابلاشتۇرۇش ئەبۇ خالىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلى» دەيدۇ. مادامىكى بۇنى ئۆرۈيدىغان بىرەر قەتئىي دەلىل بولمىغان ئىكەن، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىش ھەددىمىز ئەمەس. بىزمۇ ئالىملار قوبۇل قىلغاننى قوبۇل قىلىمىز.

لېكىن، تارىخچىلارنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئىككى توپلام بولغان: بىرى ھەدىس بارىسىدا، يەنە بىرى فىقھ بارىسىدا. تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھەر ئىككى توپلام بىر – بىرىدىن مۇستەقىلدۇر. ھازىرقى بېسىلغىنىدا، ئىككىسى ھەربىر بابتا بىر – بىرىگە يۇغۇرۇۋېتىلگەن. بۇ، بابلاشتۇرۇشنىڭ ئەبۇ خالىدنىڭ دەۋرىدە بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەبۇ خالىد ئىككى توپلامنى ئايرىم يازغاندىن كېيىن بىر – بىرىگە قوشۇۋەتكەن دېسەك ياكى ھەر ئىككىسىنى مەۋجۇد تەرتىپ بويىچە ئايرىم يازغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەر ئىككىسىنى جەملىگەن ۋە ھەربىر بابنى ئوخشىشى بىلەن بىر يەرگە قويغان دېسەك، يۇقىرىقى شەك يوق بولۇشى مۇمكىن. بىز بىرىنچىسىنى تەرجىھ قىلىمىز. چۈنكى، ھەدىس فىقھقا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ھەربىر بابتا ھەدىس باشتا، فىقھ كەينىدە سۆزلەنگەن ئەمەس، بەلكى بىر تېمىدا فىقھ ھەدىسكە ئارىلىشىپ كەتكەن.

زەيدنىڭ فىقھىسى ۋە ھەدىسى ھەققىدە ئومۇمىي خۇلاسە

[409] «ئەلمەجمۇﺋ» كىتابىدا ئىمام زەيدتىن سابىت بولغان رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھلى بەيتنىڭ يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇئەللىف ھەدىسنى مۇنداق باشلايدۇ: «زەيد ئىبنى ئەلى دادىسىدىن، دادىسى ئۇنىڭ بوۋىسىدىن، بوۋىسى ئەلىدىن رىۋايەت قىلغانكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ياكى ئەلى مۇنداق دېگەن». بۇ ئەھۋال كىتابتىكى ھەممە ھەدىسنىڭ ئەھلى بەيت يولىدىن كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دېگەنلىك «زەيد (ھەدىس ئىلمىنى) پەقەتلا ئەھلى بەيتتىن ئالغان» دېگەن بولمايدۇ. بەلكى شۇ ئېنىقكى، ئۇ ۋە ئۇندىن ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تابىئىندىن ئىلىم ئېلىشقا ھېرىس ئىدى، ئىككىسى ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇلارغا تەلىم بەرگەن ئىدى. شەكسىزكى، ئۇ ئەھلى بەيتنىڭ يولىدىن باشقا يوللاردىن رىۋايەت قىلىنغان رىۋايەتلەرنىمۇ بىلەتتى. بىرەيلەن سورىشى مۇمكىن: «نېمە ئۈچۈن زەيد ئەھلى بەيتتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىلا تىلغا ئېلىش بىلەن چەكلەنگەن؟» بۇنىڭ جاۋابى شۇ بولسا كېرەك: «ئۇ ئەھلى بەيتنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ۋە كىشىلەرگە مەجھۇل قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇ خىل ھەدىسلەرنى تارقىتىشقا ھېرىس بولغان».

«ئەلمەجمۇﺋ»دا ئىمام زەيد يولىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر بىلەن سۈننەت ساھەسىدە ئىسپاتلانغان ھەدىسلەرنى ئىنچىكە سېلىشتۇرغاندا، بىز «ئەلمەجمۇﺋ»دىن سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدا ئىسپاتلانغان ھەدىسلەرگە قارشى كېلىدىغان بىرەر ھەدىسنى تاپالمايمىز. «ئەلمۇجمۇﺋ»نىڭ شارىھى «ئەررەۋزۇننەزىير (اَلرَّوْضُ النَّضِيْرُ عَلَى الْمَجْمُوْعِ الْكَبِيْرِ)» ناملىق شەرھىدە مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن. شۇڭا، ئوقۇرمەن «ئەلمەجمۇﺋ»دىن كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق بولغان سۈننەت كىتابلىرىدا شاھىدى يوق بىرەر ھەدىسنىمۇ تاپالمىغىلى تاس قالىدۇ (يەنى «ئەلمەجمۇﺋ»دىكى ھەربىر ھەدىسنىڭ سۈننەت كىتابلىرىدا بىرقانچە شاھىدى بار).

شۇڭا، زەيدىيلەر سۈننەت كىتابلىرىنىڭ سەھىھ بولغان ھەدىسلىرىنى سەھىھ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭدىكىنى ھۆججەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى ئارىسىغا توسۇقلارنى قويۇۋالغان ئەمەس. ئۇلار ئادىل بولسىلا ئۆزلىرىگە مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى مۇخالىپ كىشىلەر زەيدىيلەرنىڭ ئادىللىرىنى قوبۇل قىلغاندەك. زەيدىيلەر ئىمامىيلار قىلغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ راۋىيلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ راۋىيلىرى ئوتتۇرىسىغا ھاڭ قويۇۋالمىغان. چۈنكى، ئىمامىيلار ئۆزلىرىگە مۇخالىپ كىشىلەرنىڭ ئادىللىرىنىڭمۇ رىۋايەتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، لېكىن گاھىدا ئۆزلىرىنىڭ پاسىقلىرىنىڭ رىۋايەتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

شۇ جەھەتتىن، ئىمام زەيدنىڭ فىقھىسى تۆت ئىمامنىڭ فىقھىسىغا ناھايىتى يېقىندۇر. بىز ھەقىقەتەن «ئەلمەجمۇﺋ» كىتابىدىن نەمۇنىلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۆت مەزھەبنىڭ فىقھىسىنى سېلىشتۇردۇق. نەتىجىدە زەيدىي مەزھەبىنىڭ تۆت مەزھەبكە يېقىنلىقىنى، زەيدىي مەزھەبى ئۆزى يېتىپ بارغان نەتىجىلەردىلا ئەمەس، بەلكى نەتىجىلەر ئاساسلانغان مۇقەددىمىلەردىمۇ تۆت مەزھەبكە يېقىنلىقىنى يەكۈنلىدۇق. بۇ ھەقىقەتەن شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قاراشلار ئېتىلىپ چىققان بۇلاق بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدۇر. بۇ يەنە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىمام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغانلار تابىئىننىڭ دەۋرىدىكى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچە ئالىملىرىنىڭ يولىدىن يىراقلاشمىغان.

[410] خۇلاسە شۇكى، ئىمام زەيدنىڭ خاتىرىلەنگەن قاراشلىرى ئومۇمەن ھەر شەھەر فۇقەھائلىرىنىڭ قاراشلىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قاراشلىرى بىرەر ئىمامنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ كەلسىمۇ، يەنە بىر ئىمامنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ ۋە ئاساسىي جەھەتتىن ئىماملارنىڭ ئومۇمىي قاراشلىرى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

ئىمام زەيدنىڭ ئەھكام ئىستىنبات قىلىشتىكى مېتودى يەنە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ئوسمان بەتتىي، ئىبنى شۇبرەمە، زۇھرىي ۋە باشقا مەدىنەدە ياشىغان ياكى ئىراقتا ياشىغان فىقھ ۋە ھەدىس ئىماملىرىنىڭ مېتودىدىن يىراقلاشمايدۇ.

دېمەك، ئۇ كىتاب ۋە سۈننەتنى تۇتىدۇ، ئەگەر كىتاب ۋە سۈننەتتىن بىر نەس تاپالمىسا، ئۆز رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلىدۇ. ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ راي بىلەن بولمىغان سۆزلىرىنى سۈننەت قاتارىدىن ھېسابلايدۇ، گاھىدا ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغانغا مۇخالىپ يول تۇتىدۇ. بىز ئۇنىڭ يېتىملەرنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئېلىش مەسىلىسىدە ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانغا مۇخالىپ يول تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇدىن ئۇنىڭ «يېتىملەرنىڭ ماللىرىدىن زاكات ئېلىنىدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام زەيد بولسا يېتىملەردىن زاكات ئالمىغان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇنداق پەتۋا بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.

زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى بارغان فىقھىي قاراشلارنى ئىستىنبات قىلىشىدا مۇئەييەن بىر مېتودنى تۇتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇ مېتود ھەققىدە ھېچبىر گەپ رىۋايەت قىلىنمىغان. بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى، (ئۇ چاغدا) فىقھ رېئال مەسىلىلەر ھەققىدە پەتۋا بېرىشكە ياكى ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ نەزەرىدە يۈز بېرىشى كۈتۈلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پەتۋا بېرىشكە چەكلەنگەن ئىدى ۋە ھېچبىر ئىمام ئۆزىنىڭ مېتودىنى ئۇنىڭ نەزەرىدىكى «ئىستىنبات ئۇسۇللىرى» دەپ ھېسابلانسا بولغۇدەك تولۇق بىر بايان قىلغان ئەمەس. مەسىلەن، ئەبۇ ھەنىفە، مالىك، ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن، ئەۋزائىي ۋە باشقا ئىماملار ئۆزلىرى قوللانغان ئىستىنبات مېتودلىرىنى بايان قىلمىغان. لېكىن، ئۇلاردىن خاتىرىلىنىپ قالغان فۇرۇئاتلاردىن ئۇلارنىڭ مېتودلىرى يەكۈنلىنىپ چىقىلغان.

ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۇنىڭ مەزھەبىدە مۇجتەھىدلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان فۇرۇئاتلاردىن ئۇسۇللارنى يەكۈنلىگەن ۋە ئۇ ئۇسۇللارنى «زەيدىي ئىماملىرىنىڭ ئۇسۇللىرى ياكى زەيدىي فىقھىسىنىڭ ئۇسۇللىرى» دەپ ئاتىغان.

شۈبھىسىزكى، زەيدىيلەر كۆپىنچە فۇقەھائ‍ تايانغان ئۇسۇللارغا تايىنىدۇ. ئۇلار بىرىنچى قەدەمدە كىتابنى، ئاندىن ئىككىنچى قەدەمدە سۈننەتنى تۇتىدۇ. كىتابنىڭ نەسلىرى بىرقانچە دەرىجە، سۈننەتمۇ بىرقانچە دەرىجە، سۈننەتنىڭ نەسلىرىمۇ بىرقانچە دەرىجىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېئىللىرى ۋە تەقرىرلىرىنى ئارقىغا تىزىدۇ. چۈنكى، لەفزلەرنىڭ شەرئىي ھۆكۈملەرگە بولغان دالالىتى (پېئىل ۋە تەقرىردىن) روشەنرەك ۋە ئوچۇقراقتۇر.

[411] ئەگەر كىتاب ۋە سۈننەتتىن نەس بولمىسا، قىياسنى تۇتىدۇ ۋە ئىستىھساننى، مەسالىھ مۇرسەلەنى قىياسنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. ئاندىن شۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت ئەقىلگە كېلىدۇ. ئەقىل نېمىنى گۈزەل دەپ مۇقىملاشتۇرسا، شۇ تەلەپ قىلىنغۇچى بولىدۇ. ئەقىل نېمىنى قەبىھ دەپ مۇقىملاشتۇرسا، شۇ نەھيى قىلىنغۇچى بولىدۇ. ئەقىلدىن باشقا ھېچبىر دەلىللەش يولى تېپىلمىغاندا، مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.

ئەقىلنىڭ ئەمەلى

[412] بىز بۇ يەردە زەيدىي مەزھەبىدىكى ئەقىلنىڭ ئەمەلى ھەققىدە توختىلىمىز. بىز بۇ ھەقتە شۇنداق دەيمىزكى، زەيدىي مەزھەبى ئەقىدە جەھەتتە ئەقىدىۋى مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە ئەقىلگە چوڭراق ھوقۇق بەرگەن مۇئتەزىلەلەرنىڭ مەزھەبىگە يېقىندۇر. مۇئتەزىلەلەر يەنە شەرىئەتنى چۈشىنىش ۋە شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەتبىقلاشتىمۇ ئەقىلگە ھوقۇق بەرگەن. چۈنكى، ئۇلار ئەقىلنىڭ شەيئىلەرگە «گۈزەل ۋە قەبىھ» دەپ ھۆكۈم قىلىشىغا ھوقۇق بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەقىلنىڭ «گۈزەل» دەپ ھۆكۈم قىلغىنى تەلەپ قىلىنغۇچى بولىدۇ، ئۇنى تەرك ئېتىش ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئەقىلنىڭ «قەبىھ» دەپ ھۆكۈم قىلغىنى مەنئى قىلىنغۇچى بولىدۇ، ئۇنى قىلىش ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككىلى ھالەتتىكى ئازاب ئاخىرەتلىك ئازابتۇر. مۇئتەزىلەلەر: «كىتاب ياكى سۈننەتتىن نەس يوق يەردە ئەقىل ھۆكۈم قىلىدۇ» دېگەن ۋە شۇ ئارقىلىق نەس يوق ۋەقەلەرنى بىر – بىرىگە باغلايدىغان قىياس، ئىستىھسان قاتارلىق ئەھكام ئىستنبات قىلىش تۈرلىرىنى بىكار قىلغان.

زەيدىيلەر بۇ مەزھەبنى تۇتقان. ئۇ مەزھەب بولسىمۇ شەيئىلەرنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەبىھلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان ۋاجىب بولۇش ۋە نەھيى قىلىنىش، ساۋاب ۋە ئازاب قاتارلىق ئىشلاردا ئەقىلنىڭ ھوقۇقى بولۇشىدۇر. لېكىن، ئۇلار نەسلەرنىڭ ئارقىسىغىلا ئەقىلنىڭ ھۆكمىنى تىزمىغان، بەلكى ئەقىلنىڭ ھۆكمىنى ھەر تۈرلۈك قىياسنىڭ ۋە ئىجمائنىڭ ئارقىسىغا قويغان. بۇ ھەقتە «ئەلكاشىف (الكاشف)»نىڭ مۇئەللىفى مۇنداق دېگەن: «كىتاب، سۈننەت، ئىجماﺋ ۋە ھەر تۈرلۈك قىياسلاردىن شەرئىي دەلىل تېپىلماي قالسا، ئەقىلنىڭ دەلىلى بار. ئەگەر بۇ دەلىللەر بولمىسا، ئەقىلنىڭ دەلىلىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، يەنى ئەقىل تەقەززا قىلغان گۈزەللىك ۋە قەبىھلىككە ئەمەل قىلىنىدۇ. ئەقىلنىڭ دەلىلىگە ئەمەل قىلىشنىڭ شەرتى شەرئىي دەلىل تېپىلماسلىقتۇر»(18).

يۇقىرىدا ئىشارەت قىلغىنىمىزدەك، زەيدىيلەرنىڭ نەزەرىدە مەسلەھەلەر قىياسنىڭ تۈرلىرىدىندۇر. شەرئىي دەلىل مەسلەھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نوقۇل ئەقلىي دەلىلگە ھېچبىر ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى، قانداقلا بىر ھادىسە بولسۇن، ئۇنى نەسلەرنى ۋە شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ شەرئىي دەلىلنىڭ ھۆكمىگە بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى ئومۇمىي مەسلەھەلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، زەرەرلەرنى توسۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام زەيدتىن كېيىن زەيدىي فىقھىسى

[413] بىرقانچە سەۋەب بىرلىشىپ، زەيدىي مەزھەبىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىشىنى كاپالەتلەندۈردى. بىز ئۇ سەۋەبلەرنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز:

بىرىنچى سەۋەب: زەيدىيلەرنىڭ كۆپىنچە ئىماملىرىنىڭ ئەھلى بەيتتىن بولۇشى. بۇ ئىماملار مەزھەب دائىرىسىدە ئىجتىھاد قىلغان ۋە ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل – چارىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىمام زەيدكە مۇۋاپىق بولسىمۇ، يەنە كۆپلىرىدە ئۇنىڭغا مۇخالىپ بولغان. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى مەزھەبكە تەۋە قىلىنىپ، مەزھەب كېڭەيگەن.

ئىككىچى سەۋەب: مەزھەبنىڭ ئەتراپلىرى يىراق، مۇھىتلىرى پەرقلىق بىرقانچە ماكاندا مەۋجۇد بولۇشى. مەزھەب ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سۇ ئۆزى كەچكەن يەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى توشۇپ ماڭغاندەك، مەزھەبمۇ نەس يوق ئەھۋالدا ھەر شەھەر ئەھلىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى توشۇپ ماڭىدۇ.

ئۈچىنچى سەۋەب: زەيدىي مەزھەبىدە ئىجتىھاد ئىشىكىنىڭ ئوچۇق بولۇشى. باشقا مەزھەبلەردىكى، يەنى بارلىق شەھەر – يېزىلاردا داڭقى چىققان تۆت مەزھەبتىكى ياخشى سانالغان ھەل – چارىلەرنى تاللاش زەيدىي مەزھەبىدە ئىجتىھادنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. مەزھەب مۇشۇ تاللاش بىلەن بۈك – باراقسان بىر باغچىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ باغچىدا ئىسلام فىقھىسىنىڭ خىلمۇخىل سۈرەتلىرى، پەرقلىق كۆچەتلىرى، ھەرخىل رەڭلىك ۋە تەملىك مېۋىلىرى جەم بولاتتى. مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەربىرىگە بىردىن كەلىمە بىلەن ئىشارەت قىلىشىمىز لازىمدۇر.

شۈبھىسىزكى، ئىمام زەيد شەھىد قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۇنىڭغا ئىزباسار بولۇپ، ئۇنىڭ مول فىقھىي مىراسلىرىنى ئاسرىدى. مۇشۇ پاك ئەۋلادلاردىن بىرى ئەھمەد ئىبنى ئىيسا ئىبنى زەيدتۇر. ئۇ ئىراقتا تۇرغان ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ھەم ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئىراقلىقلاردىن «پەرەزىي فىقھ»نى ئۆگەنگەن. ئۇ دېگىنىمىز يۈز بەرمىگەن مەسىلىلەرنى پەرەز قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتۇر. بۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزى قوللانغان مېتود بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە: «ئۇ دېگەنلىك سىناق كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تەييارلىنىش دېمەكتۇر» دېگەن. ئەھمەد ئىبنى ئىيسا فىقھىي بابلىرىدىن بىرىگە قاتتىق يۈزلىنىپ، ئۇ ھەقتە «ئەلئەمالىي (الأَمَالِي)» دەپ ئاتىغان بىر كىتابىنى يازغان. ئۇ باب بولسىمۇ جۇزئىي ھۆكۈملەرنى كىتاب، سۈننەت ۋە قىياستىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ دەلىللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش.

زەيدىي مەزھەبىدە ئىجتىھاد ھۈسەين ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىماملار بىلەن چەكلەنمىگەن، بەلكى ھەسەن ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىماملارغىمۇ ھالقىغان. چۈنكى، زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفەلىكنى ھۈسەين ئەۋلادلىرى بىلەنلا چەكلىمەي، خەلىفەلىكنى ئەۋزەللىك جەھەتتە پۈتۈن زەھرا پەرزەنتلىرىگە ئومۇمىي قىلغان.

مۇشۇلاردىن يەنە بىرى قاسىم ئىبنى ئىبراھىم رەسسىي ھەسەنىي. ئۇ چوڭ ئىمام بولۇپ، «قاسىمىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تائىپىسى بار. ئۇ قىممەتلىك قاراشلارغا ئىگە بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبىدىن خەبەرداردۇر ۋە ھەنەفىي فىقھىسىدىن كۆپلىگەن ئىختىيارلىرى (يەنى تاللىغان قاراشلىرى) باردۇر. بۇ قاسىم ھ. 170 – يىلى تۇغۇلغان ۋە 242 – يىلى مەدىنەگە يېقىن رەس تۇپراقلىرىدا ۋاپات بولغان. قاسىمنىڭ مەزھەبى ھەمدە ئۇنىڭ تەخرىجلىرى ۋە ئىختىيارلىرى ئىئىخلىرى زەيدىي مەزھەبىدىكى فۇرۇئات كىتابلىرىغا توپلانغان. ئۇ كىتابلار يەمەندە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى ھادىي ئىلەلھەق يەھيا ئىبنى ھۈسەين ئىبنى قاسىم مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ھ. 245 – يىلى مەدىنەدە تۇغۇلغان. يەمەندە كىشىلەر ئۇنى ئىمام قىلىپ تىكلىگەن. چۈنكى، يەمەن ئەھلى ئىچىدىكى ھۇشيار كىشىلەر ئۇنىڭ يەمەنلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىدە كەڭ تارىلىپ كەتكەن بىدئەتلەرگە قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى سەزگەن. شۇ بىدئەتلەرنىڭ ئىچىدە قەرمەتىيلەر مەزھەبىمۇ بار ئىدى.

ھادىينىڭ جىھادى ۋە ئىجتىھادى بار ئىدى. ئۇنىڭ جىھادى مۇنداق ئىككى ئىشتا بولغان:

بىرىنچىسى: ئۇنىڭ يەمەننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى جىھادى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇرادى ئاساسەن ئىشقا ئاشقان.

ئىككىنچىسى: ئاللاھ ئۇنىڭغا سىناق بېرىپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە قەرمەتىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بىدئەتلىرى ۋە قالايمىقانچىلىقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قالتىس پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئېغىر يارىلىنىپ، يارىنىڭ تەسىرىدە ھ. 289 – يىلى ئاللاھتىن رازى بولغان ۋە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالدا ۋاپات تاپقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ باشلىغان يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەرمەتىيلەر ئۈستىدىن شانلىق زەپەر قازانغان.

[414] ئۇنىڭ ئىجتىھادىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئىجتىھادى مۇنداق ئۈچ ئىشتا بولغان: ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن ھەدلەرنى ئىجرا قىلىش، پۇقرالىرى ئارىسىدا ئادالەتنى يېيىش. ھەتتا بۇ سۆز ئۇنىڭ شوئارى بولغان: «ئاتا – ئېھساندا سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىمەن، دۈشمىنىم ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىمەن». ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئىجتىھادى فىقھ بارىسىدا بولغان. ئۇنىڭ قىممەتلىك قاراشلىرى ۋە زەيدىي مەزھەبىگە نىسبەت بېرىلگەن ئۇسۇللىرى باردۇر. ئۇ ھەنەفىي مەزھەبتىن كۆپ مەسىلىلەرنى تاللاپ ئالغان، ھەتتا ھادىينىڭ فىقھىسىنى جەملىگەن ئىمام ناتىق بىلھەق (ۋاپاتى ھ. 424) ئەگەر بىر مەسىلىدە «ھادىينىڭ بىرەر گېپى تېپىلماي قالسا، مۇشۇنداق مەسىلىلەردە ئاندىن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھەبىنى تۇتىمىز» دەپ قارايتتى.

شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىمام ھادىينىڭ قاراشلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇنى توپلاپ يازغان ناتىق بىلھەق تەبەرىستاندا ئىدى. ئۇ يەردە ھەنەفىي مەزھەبى ئۇنىڭغا يانداش ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئاشۇنداق قىلاتتى. چۈنكى، بۇ چارە يۇرت ئەھلىگە مۇناسىپ ئىدى، ھەنەفىي مەزھەبى ئۇ يەرگە كەڭ تارقالغان ئىدى.

ھادىينىڭ «ھادىۋىيلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرمۇ مەۋجۇد بىر پىرقەسى بار.

ھادىي يەمەن ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردا، ھىجاز ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يەرلەردە ئىمام زەيدنىڭ مەزھەبىدىن شاخلىنىپ چىققان مەزھەبىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى پۇختىلاۋاتقان چاغدا، دەيلەم ۋە جىيلان دىيارلىرىدا ھۈسەينىي (ھۈسەين پۇشتىدىن بولغان) بىر ئىمام بار بولغانىدى. ئۇ بولسىمۇ ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ئىبنى ئەلىدۇر. ئۇ «ناسىر كەبىر» دەپ لەقەملەنگەن، قۇلاق كېسەللىكى تۈپەيلى «ئەلئۇترۇش (پاڭ)» دەپ ئاتالغان.

ئۇ بۇ ئەللەرگە ھىجرەت قىلغاندا، ئۇ يەرلەرنىڭ ئەھلى شىرك ئۈستىدە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىردى ۋە ئىسلامغا كىرگەنلەرگە زەيدىي مەزھەبىنىڭ روھى بويىچە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، زەيدىي فىقھىسىنى تارقاتتى. ئۇ زەيدىي مەزھەبىدە مۇجتەھىد ئىدى. مۇشۇ ناسىر ئارقىمۇئارقا داۋاملاشقان زۇلۇم – سىتەملەر ۋە ئەھلى بەيتتىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن چۆكۈشكە باشلىغان زەيدىي مەزھەبىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ناسىر ھ. 230 – يىلى تۇغۇلغان ۋە 304 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھادىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئىلگىرىرەك ئىدى ھەم ھادىيدىن كېيىنمۇ ياشىغان. چۈنكى، ناسىر 74 ياش ئۆپچۆرىسىدە ۋاپات بولغان، ھادىي بولسا 53 ياش ئۆپچۆرىسىدە ۋاپات بولغان.

ئىككىلىسى ئالىي ھىممەتلىك، سىياسەتتە تالانتلىق، چوڭ ئىش تەۋرىتەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى ھەمدە فەقىھ ئالىملار ئىدى. ئۇ ئىككىسى بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بىر شەيخ مۇنداق دېگەن: «مەن ھادىينى خۇددى ئىككى ياقىسى كەڭرى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان كاتتا بىر ۋادىدەك كۆردۈم، ناسىر لىلھەقنى ناھايىتى چوڭقۇر تولۇپ تاشقان بىر دېڭىزدەك كۆردۈم».

ئاشكارا بولۇشىچە، ناسىر ئىلمىي قۇۋۋەتتە كۈچلۈكرەك ئىدى، ھادىي فىقھتا كۈچلۈكرەك ئىدى. شۇڭا، ئەلى ئىبنى ئابباس ئۇلار ھەققىدە: «ھادىي مۇھەممەد جەمەتىنىڭ فەقىھى ئىدى، ناسىر مۇھەممەد جەمەتىنىڭ ئالىمى ئىدى» دېگەن.

مۇشۇ تارىخىي سىياقتىن شۇ ئايان بولىدۇكى، زەيدىي مەزھەبى ھەر تەرەپكە تارىلىپ، ھىجاز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا، ئىراق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا، يەمەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بار بولغان. زەيدىي مەزھەبى ھەر شەھەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇ يەرلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە كۆرە راۋاجلانغان. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زەيدىي مەزھەبى جايلاشقان رايونلار ئۆزئارا يىراق بولسىمۇ، مەزھەبنىڭ ئىماملىرى ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. ناسىر بىلەن ھادىي ئوتتۇرىسىدىمۇ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئالاقە ئۈزۈلمىگەن. خەت يېزىشىشلار ۋە پىكرىي ئالاقىلەر ئىزچىل داۋاملاشقان ئىدى.

[415] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇشبۇ فىقھنى توپلاپ يازغانلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇنى ئايرىپ توپلىماستىن، بىر – بىرىگە قوشۇپ توپلىغان.

بۇ بىر گەپ. يەنە بىرسى، زەيدىي مەزھەبىدە ئىجتىھاد ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇقتۇر. ئىجتىھادنىڭ ئۇسۇلدا ئەمەس، فۇرۇئدا ئىكەنلىكى ئايدىڭدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇ مۇتلەق ئىجتىھاد ئەمەس، بەلكى مەزھەبكە مۇنتەسىب بولغان ئىجتىھادتۇر (يەنى ئۇسۇلدا مەزھەب ئىمامىغا باغلىنىپ، فۇرۇئدا باغلانماي ئىجتىھاد قىلىشتۇر). ھازىر ئىجتىھاد تارىيىپ، مەزھەب دائىرىسىدىكى ئىجتىھادقا ئايلىنىپ قالدى، كېيىنكىلەر ئىلگىرىكى ئىماملارنىڭ سۆزلىرىگە مۇخالىپ بىرنەرسە كەلتۈرمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە بىنائەن مەسىلە شاخلىتىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە تايىنىپ شاخچە مەسىلىلەرنى چىقىرىدۇ). گاھىدا باشقا مەزھەبلەردىن تاللايدۇ.

ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەھلى بەيت رىۋايەت قىلغان سۈننەتلەردىنمۇ ۋە ئەھلىسۈننەت رىۋايەت قىلغان سۈننەتلەردىنمۇ قوبۇل قىلىش ئىشىكى ئوچۇقتۇر. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ نەزەرىدە باشقا مەزھەبلەردىن قوبۇل قىلىش ئىشىكىمۇ ئوچۇقتۇر. دېمەك، زەيدىيلەرنىڭ مەزھەبى كۆپ تەرەپلىك مەزھەبتۇر، ئىمام زەيدنىڭ ئىجتىھادى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس.

شۇ كۆزگە چېلىقىدۇكى، مۇئامىلىلەردە زەيد مەزھەبى ئەبۇ ھەنىفە مەزھەبى بىلەن كۆپ جەھەتتە ئۇچرىشىپ قالىدۇ. سەۋەبى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزى ئىمام زەيد بىلەن ئۇچراشقان، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن. ئىككى مەزھەب يەنە ماۋەرائۇننەھر يۇرتلىرىدا ئۇچراشقان ۋە بىر – بىرىدىن تەسىر ئالغان. زەيدىي فىقھىسىنىڭ بەزى ناقىللىرى زەيدىي مەزھەبىدە مەزھەب ئىمامىنىڭ سۆزى يوق يەردە، ھەنەفىي مەزھەبىدىن قوبۇل قىلاتتى.

ۋەللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەئلەم.

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


1. ئىبنى بەززازىي كەردەرىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 79 – بەت.
2. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/148.
4. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 5/5.
4. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 4/259.
5. ئەبۇلفەرەج ئەلئەسبەھانىي: «مەقاتىلۇتتالىبىييىن (مقاتل الطالبيين)»، 132 – بەت، دارۇلمەئرىفە، بېيرۇت.
6. سەييىد مۇھسىن ئەلئەمىن: «ئەئيانۇششىيئە (أعيان الشيعة)»، 7/118، دارۇتتەئارۇف، بېيرۇت، ھ. 1403 م. 1983.
7. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 9/361.
8. مەسئۇدىي: «مۇرۇجۇززەھەب»، 3/207.
9. مەسئۇدىي: يۇقىرىقى مەنبە، 3/208.
10. فۇرۇئات ئىلمى (عِلْمُ الفُرُوْعُ): فۇرۇئات كەلىمەسى ئەرەبچىدە «ئەسلى (يىلتىزى) دىن ئۆرلەپ چىققان شاخلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئەمەلگە ئالاقىدار شەرئىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي دەلىللىرىدىن بىلىش كۆزلىنىدىغان، دىننىڭ ئەسلى (ئۇسۇلۇددىن) بولمىش تەۋھىد ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان ‹فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ)› دەپ تونۇلغان ئىلىم»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/98؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: «أبجد العلوم (ئەبجەدۇل ئۇلۇم)»، 2/329، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.

11. ئۇسۇلۇددىن ئىلمى (عِلْمُ أُصُولِ الدِّينِ): تەۋھىد ئىلمى، ئىلمى كەلام ۋە ئەقىدە ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 158 – بەت

12. ئەبۇلفەرەج ئەلئەسبەھانىي: «مەقاتىلۇتتالىبىييىن»، 126، 127 – بەت.
13. ئەبۇ ئىسھاق ھۇسرىي: «زەھرۇل ئاداب (زهر الآداب وثمر الألباب)»، 1/119، دارۇل جىيل، بېيرۇت.
14. ئەبۇ ئىسھاق ھۇسرىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/118.
15. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/154.
16. يەنى ئىجتىھادى بىلەن دېگەن ياكى قىلغانلىرىنىڭ بەزىسىدە ئىشنىڭ دەسلىپىدە خاتالاشقان. لېكىن، ئىشنىڭ ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالا ۋەھيى نازىل قىلىش ئارقىلىق خاتالىقىنى ئەسكەرتكەن. نەتىجىدە، ئاللاھ ئۇنى خاتالىق ئۈستىدە تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغان. مۇشۇ نۇقتىدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىجتىھادى بىلەن دېگەنلىرى ۋە قىلغانلىرىدىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن خاتالىقتىن مەسۇمدۇر.
17. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/533.
18. ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد لوقمان: «ئەلكاشىفۇ لىزەۋىل ئۇقۇلى (الكاشف لذوي العقول)»، 253 – بەت، مەكتەبەتۇ ئەھلىل بەيت، سائدە (يەمەن).

Please follow and like us: