ئايال كىشى ئېرىگە ۋە ئاتىسىغا قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگەتسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئېرىگە قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگەتسە بولامدۇ؟ دادام ئۆگىنەي دېگەنتى، يۇرتتىكى ئىمامدىن ئۆگەنسۇن دېسەك ھازىرقى ۋەزىيەتتە سەل تەس توختايدىكەن. ئۆيدە ئانام بىلەن سىڭلىم ئۆگىتەلەيدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە قۇرئان ياكى باشقا دىننى بىلىملەرنى ئۆگىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۇيغۇرلاردا «ئېرىگە ياكى ئاتىسىغا ئۇستاز بولسا بولمايدۇ» دەيدىغان بەزىبىر گەپ – سۆزلەر بەلكىم دەرس ئىنتىزامى ۋە تاپشۇرۇق سۈيلەش قاتارلىق ئوقۇشنىڭ مۇنتىزىم يۈرۈشىشىگە ئېيتلىغان بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا ئاللاھنىڭ دىنىدا بۇنداق چەكلىمە يوق.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاشلار بولغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.] دېگەن.([1])

بۇ ئايەتنى: مۇجاھىد: «ئۆزۈڭلارغا ۋە ئائىلەڭلارغا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەڭلار» دەپ تەپسىر قىلغان.([2])

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۆزۈڭلەرگە ۋە ئائىلەڭلەرگە ياخشىلىق ۋە ئەدەب ئۆگىتىڭلار» دەپ تەپسىر قىلغان. ھەسەن بەسرى: «ئۇلارغا ئۆگىتىسەن، بۇيرۇيسەن ۋە توسىسەن» دەپ تەپسىر قىلغان.

ئىمام ئەبۇ بەكر ئەلجەسساس تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «دېمەك، بۇ ئايەت بىزنىڭ بالىچاقا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىمزغا دىن ۋە ياخشىلىقنى، شۇنداقلا كېرەكلىك ئەدەب – ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ﭽئائىلە تاۋابىئاتىڭنى نامازغا بۇيرۇغىن. ئۆزەڭمۇ ئۇنىڭغا چىدامچان بولغىنﭼ([3]) دېگەن ئايەتكە ئوخشايدۇ. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﭽئەڭ يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىنﭼ([4]) دېگەن بۇيرۇقىمۇ ئىسلام تەلىم – تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇشتا يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».([5])

ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا بىنائەن، ئېرى ۋە دادىسى قاتارلىق مەھرەم تۇغقانلىرى ياخشى تەربىيىلەش ۋاجىپ بولغان ئائىلە ئەزالىرى قاتارىدىندۇر.

يۇقىرىقى ئايەت تەقەززاسى بويىچە ئېيتقاندا، كىشى ئۆزىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قېلىشقا بۇيرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئائىلە تاۋابىئاتى، قەۋمى جەمەتىنىمۇ ساقلاپ قېلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىلە تاۋابىئاتى دېگىنىمىز، ئېرى، ئايالى، ئاتا – ئانا، بالىچاقىلار ۋە بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدۇر.

ئۇلارنى دوزاخ ئوتىدىن قانداق ساقلاپ قالىدۇ؟

ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى قىرائەت قىلىپ ئوقۇشنى ئۆگىتىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى بايان قىلغان ئىسلام ئەقىدىسى، ئەخلاقى ۋە ھالال – ھارام، مۇئامىلە ئەھكاملىرىنى يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىتىش، تونۇتۇش لازىم. ئۇلارنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قالىدىغان ئىشلار ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ھەقكە يۈزلەندۈرۈش، يول كۆرسىتىش، توغرىغا بۇيرۇش، ناتوغرىدىن توسۇش، نەسىھەت قىلىش ۋە ھەق يولدا مېڭىشقا ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. يەنە ئۇلارغا ئىسلامدىكى ئولتۇرۇپ – قوپۇش، كىيىنىش، يەپ – ئىچىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلاردىكى سۈننەت ۋە قائىدىلەرنى ئەمەلىي ئۆگىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر بىرىڭلار چوپاندۇرسىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر. ھاكىممۇ چوپاندۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئەركىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە چوپاندۇر، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەسئۇلدۇر، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە چوپاندۇر، ئۇ ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر، قۇل خوجايىنىنىڭ مال – مۈلكىدە چوپاندۇر، ئۇ شۇنىڭغا مەسئۇلدۇر، دېمەك، ھەممىڭلار چوپان، ھەربىرىڭلار مەسئۇلسىلەر».([6])

دېمەك، ئايال كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر.

ئالىملىرىمىز ئائىلە تاۋابىئاتىغا دىننى ئۆگىتىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ دىنىي مەسىلىلەردىكى ئېھتىياجىنى داۋاملىق كۈزىتىپ تۇرۇش لازىم. سىرتتىكى ياتلارغا دىن ئۆگىتىش ۋە يول كۆرسىتىش زۆرۈر بولسا، كۆز ئالدىدىكى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىش تېخىمۇ زۆرۈر. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا دىنىي تەربىيە – تەلىم خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇلارغا دىندا ئەڭ ئالدىن ئورۇندا تەكىتلەنگەن، ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆگىتىشكە تۇتۇش قىلىپ، ئۇلارغا ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ، ئۇنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېھسان بىلەن([7]) ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىتىپ، تاھارەت ئېلىش، غۇسلى قىلىش، تەيەممۇم قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەرز، سۈننەت ۋە پەزىلەتلىك ئىشلارنى، شۇنداقلا دىنىدا بىلىشى لازىم بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆگىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىتىدۇ».([8])

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتايىن ئاجىز چاغلىرى ئىدى، ئىسلام دەۋىتى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرىغان مەككە شارائىتىدىمۇ ئېرى، ئاتىسى، ئاكا – ئۇكىلىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئاياللار قۇرئان ۋە دىن ئەھكاملىرىنى تۇغقانلىرىغا ئۆگەتكەن ۋە ئىسلام دىنى شۇ تەرىقىدە پۈتۈن مەككىدە تارقالغان.

سەلەفلىرىمىز دىننى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەردىكى ئۇرۇق – تۇغقان، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئۆگەنگەن. پەرزەنتلىرى ھەتتا مالاي – دېدەكلىرى ئىچىدىن كاتتا ئالىملار يېتىشىپ چىققان. تابىئىنلاردىن سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ كۈيئوغلى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. كۈيئوغلى توي كۈنى ئەتىسى ئەتىگىنى تونىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلگەندە ئايالى ئۇنىڭدىن سورايدۇ؟

– نەگە بارىسىز؟

– ئۇستازىم سەئىيدنىڭ دەرسىگە، ئىلىم ئېلىشقا، – دېيىشىگە، ئايالى ئۇنىڭغا:

– ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە ئاتام سەئىيدنىڭ ئىلمىنى ئۆگىتەي، – دەيدۇ. ([9])

يۇقىرىقىلاردىن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھۆكمى جائىز ياكى مۇستەھەپ بولماستىن، بەلكى ۋاجىپلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ سىرتىدا دىن ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يوقالغان دىيارىمىزدەك جايلاردا تېخىمۇ شۇنداق. بەلكى نۆۋەتتىكى شارائىتىمىزدا بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئومۇمەن، پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ دىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم پەرزلەردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى كۈندە قۇرئاننى ۋە ئىمان – ئىسلامنى بىلگەن ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىلگەنلىرىنى ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا پىلانلىق ۋە ئەستايىدىل ئۆگىتىشى، كىتابلارنى ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇشى، ئۇلارنى نامازغا ئويغىتىشى، جامائەت بولۇشى، ئالاھىدە تەربىيە خىزمىتى ئىشلىشى ۋە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشى، ئومۇمەن، قولىدىن تۇتۇپ ئاللاھقا يۈزلەندۈرۈشى باش تارتسا بولمايدىغان پەرز ئەين بولۇپ قالدى. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2017 – 2 – 9

2-توم، 4-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————————-

([1]) «تەھرىيم» سۈرىسى 6 – ئايەت.
([2]) «بۇخارى» . بَاب قوله ﭽإن تَتُوبَا إلى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَاﭼ.
([3]) «تاھا» سۈرىسى 132 – ئايەت.
([4]) «شۇئەرا» سۈرىسى 214 – ئايەت.
([5]) «أحكام القرآن» للجصاص 5/364 – 365.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5188 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1829 – ھەدىس.
([7]) «ئېھسان»: ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي ۋە تىرىشچان بولۇش، مۇكەممەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
([8]) «المدخل» 1/209.
([9]) «المدخل» 1/215.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.