ئاياللارنىڭ موتو، ۋېلىسىپىت مىنىشى ۋە ماشىنا ھەيدىشى

ئاياللارنىڭ موتو، ۋېلىسىپىت مىنىشى ۋە ماشىنا ھەيدىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! شەرىئىتىمىز مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ موتو مىنىشىگە نېمە دەيدۇ؟ يەنى ئىككى چاقلىق توكسىكلىت ۋە موتسىكلىت دېگەندەكلەرگە. ھازىر دىيارىمىزدا لېچەكلىك ۋە چۈمبەللىك ھەمشىرىلىرىمىز مۇشۇنداق تىپتىكى موتولارنى مىنىۋاتىدۇ. ئەمما، مەن ئۇستازىمدىن سورىغىنىمدا «قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن ۋە «ئېگەرگە مىنگۈچى ئاياللارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى ھەمدە «فىتنەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ خالىي يەرلەردە نامەھرەم ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ماشىنا ھەيدىشىنىمۇ چەكلەش توغرىسىدا پەتۋالار ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەندەك چۈشەنچىلەرنى بەرگەن ئىدى. ئەمما، بەزى ئۇستازلار «بولىدۇ» دەيدۇ. بۇ مەسىلىگە زادى قانداق ھۆكۈملەر بار؟ دەلىلىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ئايال كىشى ئېھتىياج بولمىسا، ئېگەرلىك نەرسىگە مىنسە بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «مۇسۇلمان ئايال ئېگەرگە مىنمەيدۇ» دېگەن. بۇ سۆزنى شارىھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئېگەرلەرگە مىنگەن ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەندۇر. ئەمدى بۇ يەردە تاماشا قىلىپ مىنسە، ياكى ياسىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مىنسە شۇنداق دېمەكچى. ئەمما، ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن مىنسە، مەسىلەن جىھادقا قاتنىشىدىغان ئايال بولسا، ياكى ئېرى بىلەن بىللە ھەجگە چىققان ئايال بولسا، باشقىلاردىن پەردىلىنىپ تۇرۇپ مىنسە ھېچ گەپ بولمايدۇ».(1)

«دۇررۇل مۇھتار»دا مۇنداق كەلگەن: «ھەدىس بولغاچقا، مۇسۇلمان ئايال ئېگەرگە مىنسە بولمايدۇ، بۇ تاماشا ئۈچۈن بولسا شۇنداق، ئەمما غازات ياكى ھەج ياكى دىنىي ياكى قىلمىسا بولمايدىغان بىرەر دۇنياۋى ئىش ئۈچۈن بولسا مەيلى». بۇنى شەرھلىگەن ئىبنى ئابىدىن مۇنداق دېگەن: «بىراق بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوقلۇقى نەقىل قىلىنغان. بولمىسا، مەنىسى سەھىھ ھالەتتە كەلگەندۇر، مەسىلەن «سەھىھۇلبۇخارىي» ۋە باشقا كىتابلاردا كەلگەن ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار لەنەت قىلغان. ۋە باشقا ھەدىسلەر».(2)

بۇلار تايانغان دەلىلنىڭ بىرى، «ئاللاھ تائالا ئېگەرگە مىنگەن ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېگەن ھەدىس بولۇپ، ئەمما تەكشۈرسەك ئىمام ئىبنى ئابىدىن يۇقىرىدا نەقىل قىلغاندەك مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق.(3)

دېمەك، يۇقىرىقى ئالىملار مەزكۇر ئەسلى يوق ھەدىس بىلەن ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىش جەھەتتىن بىھۇدە تاماشىغا مىنىشنى چەكلىگەن. يۆگەنگەن ھالدا ئېھتىياج ئۈچۈن مىنىشنى چەكلىمىگەن.

بىرىنچى دەلىلنىڭ ئەسلى يوق، ئىككىنچى دەلىل بولغان ئوخشىۋېلىشقا كەلسەك، ھازىر ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئېھتىياجى ئۈچۈن مىنسە بۇ چەكلەنمەسلىك كېرەك.

دېمەك، بۇ ھەقتە ئېگەرگە مىنىشنىڭ ئۆزىنى چەكلىگەن سەھىھ بىر ھەدىس يوق. ئەكسىچە، مىنىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بار. مەسىلەن،

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆگە مىنىدىغان ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ سالىھلىرىدۇر، ئۇلار كىچىك بالىسىغا ئەڭ كۆيۈمچان، ئەرنىڭ مال – مۈلكىنى بەك ئاسرايدىغانلاردۇر».(4)

لېكىن، بەزى ئالىملار «بۇرۇن ئاياللار كاجۋىغا مىنەتتى، ئەرلەرگە ئوخشاش ئېگەرگە مىنمەيتتى» دەپ قارىغان بولسىمۇ تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا رەددىيە بېرىدۇ.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: زۇبەير ماڭا ئۆيلەنگەندە، بىر سۇ توشۇيدىغان تۆگە بىلەن بىر ئېتىدىن باشقا ئۇنىڭ يا مال – ئۇلاغلىرى، يا بىرەر قۇلى، يا ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئېتىغا يەم بېرىپ، سۇ توشۇيتتىم، سۇ چېلىكىنى ياماپ، خېمىر يۇغۇراتتىم، لېكىن نان يېقىشنى قاملاشتۇرالمايتتىم. شۇڭا، نانلىرىمنى ئەنسار قوشنىلىرىم يېقىپ بېرەتتى. ئۇلار سەمىمىي راستچىل ئاياللار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇبەيرگە بۆلۈپ بەرگەن يەردىن خورما ئۇرۇقلىرىنى بېشىمدا كۆتۈرۈپ توشۇيتتۇم، بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ئۈچتىن ئىككى فەرسەخ كېلەتتى. بىر كۈنى خورما ئۇرۇقلىرىنى بېشىمدا كۆتۈرۈپ كېلىۋېتىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇچراپ قالدىم. رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرنەچچە ئەنسارلار بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ مېنى چاقىرىپ، مېنى كەينىگە مىندۈرۈۋالماقچى بولۇپ، تۆگىسىنى «ئىخ! ئىخ!» دەپ چۆكتۈرىۋىدى. مەن ئەر كىشىلەر بىلەن بىللە مېڭىشتىن ھايا قىلدىم ھەم زۇبەيرنىڭ كۈنلەمچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىدىم. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۈنلەمچىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ ھايا قىلىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ، يۈرۈپ كەتتى. كېيىن مەن زۇبەيرنىڭ يېنىغا كېلىپ: «بېشىمدا خورما ئۇرۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتسام، رەسۇلۇللاھ بىرنەچچە ساھابەلىرى بىلەن ئۇچراپ قېلىپ، مېنى مىنىۋالسۇن دەپ تۆگىسىنى چۆكتۈرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھتىن ھايا قىلدىم ھەم سىلىنىڭ كۈنلەشلىرىنى بىلگەچكە مىنمىدىم» دېسەم، ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىزنىڭ ئۇرۇقنى كۆتۈرۈشىڭىز مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەلبەتتە، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مىنگىنىڭىزدىن ئېغىرراق كېلىدۇ» دېدى. ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدى: «تاكى ئاتام ئەبۇبەكرى ماڭا ئېتىمنى بېقىپ بېرىدىغان بىر خىزمەتكار ئەۋەتىپ بېرىپ، مېنى ئازاد قىلىۋەتكەندەكلا قىلىپ قويغانغا قەدەر كۈنلەر شۇنداق ئۆتتى».(5)

بۇ ھەدىستە ئېگەرلىك ياكى ئېگەرسىز تۆگىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېيىن ئاچىسى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى مىندۈرۈۋالماقچى بولغان. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىدە كاجۋا يوق ئىدى، ئەتراپىدا ئەنسارلار بار ئىدى.

بۇ يەردە چەكلىنىدىغان ئىش پەقەتلا ئەۋرەتنى ئېچىش ۋە بەدەننى ئىزھار قىلىشتۇر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھ ھەدىستە: «شۇنداق ئاياللار باركى، كىيىم كىيگەن بىلەن يەنىلا يالىڭاچ، ئەرلەرگە مايىل، زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىدۇ، باشلىرى خۇددى تۆگىنىڭ لوككىسىغا ئوخشايدۇ، بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ، پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، ھالبۇكى، جەننەتنىڭ پۇرىقى ناھايىتى ئۇزاق يەرلەرگىچە بارىدۇ» دېگەن.(6)

ئەسلىدە ئېگەرگە مىنىشتە ئەر بىلەن ئايال ئوخشاش، لېكىن ئاياللار ئەرلەرنى دوراپ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىش ئۈچۈن ئېگەرگە مىنگەن بولسا، بۇ ھارام بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار لەنەت قىلغان.(7)

مۇسۇلمان ئايال تاماشا قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋېلىسىپىت ياكى موتسىكلىت مىنسە بولمايدۇ، چۈنكى ئېگەرگە مىنگەندە ئاياللارنىڭ بەدىنى كۆزگە چېلىقىدىغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ قالىدۇ، كالتا كىيىم ياكى يېرىم يالىڭاچ تار كىيىملەر بىلەن مىنسە ھارام بولىدۇ، ھازىر ۋېلىسىپىت، موتو مىنگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن شۇنداق ھالەتتە مىنىدۇ.

ئەمدى موتو ياكى ۋېلىسىپىت مىنگەن چاغدا كەڭ كىيىملەرنى كىيگەن ئەھۋالدىمۇ يا شامال ئۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندا بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ئېچىلىپ قېلىش، ياكى بەدەننىڭ ئېگىز – پەس جايلىرى مەلۇم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك، يات ئەرلەر ئالدىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا، رۇخسەت قىلىنماسلىقى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى مىندۈرۈۋېلىشقا تەكلىپ قىلىشىمۇ ئېھتىياج ئۈچۈن بولغان. دەسلەپكى دەۋر ئاياللىرىمۇ زۆرۈر بولغان ئەھۋاللاردا ئۇلاغلارغا مىنگەن.

ئىسھاق ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇبائغا بارسا مىلھاننىڭ قىزى ئوممو ھەرامنىڭ (رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى) يېنىغا كىرىپ تۇراتتى. ئۇممۇ ھەرام ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ قولىدا ئىدى، رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىۋېدى، ئۇ ئادىتى بويىچە رەسۇلۇللاھغا تاماق ئېتىپ بەردى. تاماقتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇخلاپ قالدى. ئاندىن كۈلۈپ ئويغاندى. ئۇممۇ ھەرام دەيدۇ: مەن: «نېمىگە كۈلىلا يارەسۇلەللاھ!» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ: «دېڭىزنىڭ قاق ئوتتۇرىلىرىدا ئاللاھ يولىدا غازات قىلىۋاتقان بىر مۇنچە ئۈممەتلىرىم ماڭا كۆرسىتىلدى. ئۇلار خۇددى تەختلەردىكى شاھلاردەك ئولتۇرۇپتۇ» دېدى. مەن: «يارەسۇلەللاھ! ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، ئاللاھ مېنىمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىپ قويسۇن» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالدى. ئاندىن كۈلۈپ ئويغاندى. مەن: «يەنە نېمىگە كۈلىلا يا رەسۇلەللاھ!» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر مۇنچە كىشىلەر غازات قىلىۋاتقان ھالەتتە چۈشۈمگە كىردى» دەپ بۇرۇنقىدەك بايان قىلىۋىدى. مەن: «يارەسۇلەللاھ! ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، ئاللاھ مېنى ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ قويسۇن» دېۋىدىم رەسۇلۇللاھ: «سىز ئاۋۋالقىلارنىڭ جۈملىسىدىن» دېدى. كېيىن ئۇممۇ ھەرام مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا دېڭىزغا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، دېڭىزدىن ساھىلغا چىققاندا ئېتىدىن يىقىلىپ كېتىپ ۋاپات بولدى.(8)

دېمەك، زۆرۈر ئىشىغا ياكى ئوقۇشقا ياكى تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىپ سىلە – رەھىم قىلىشقا، ئومۇمەن، زۆرۈر بولغان ئىشلارغا تولۇق كىيىنىپ بەدىنىنى كەڭرى كىيىملەر بىلەن يۆگەپ ۋېلىسىپىت، موتو مىنسە بولىدۇ، بۇنىڭدا دىنىمىزدا بىر چەكلىمە يوق.

ئەمدى بۇ يەردە مۇنداق دېيىشمۇ مۇمكىن: ئەگەر ۋېلىسىپىت ياكى موتو مىنمىگەن ئەھۋالدا ئايال كىشى بارماقچى بولغان يېرىگە قانداق قاتناش قورالى بىلەن بارىدۇ؟ يات ئەر ھەيدىگەن تاكسى بىلەنمۇ ياكى قىستاڭ بولۇپ كېتىدىغان ئاپتوبۇس بىلەنمۇ؟ قايسى يەڭگىلرەك؟

بۇنى ھەربىر شەخسنىڭ شارائىتى بەلگىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە ئەڭ يېقىن بولغىنىنى قىلىش لازىم.

ماشىنا ھەيدەش مەسىلىسىدە موتو ياكى ۋېلىسىپىت مىنگەندەك بەدەن ئەھۋالى كۆزگە چېلىقمايدۇ. ماشىنا ھەيدەشمۇ ئەسلىدە مۇباھ ئىش.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلىگەن. بۇلارنىڭ چەكلىشى تۆۋەندىكى ئىككى قائىدىگە تايانغان:

1. ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ھارام. ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ.

2. بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدا – مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈشتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

دېمەك، بۇلار ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنىڭ ئۆزىنى ھارام دېمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھارام دەيدۇ.

لېكىن، بۇ پەتۋا سەئۇدى ئەرەبىستان شارائىتىغا قاراپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا مۇناسىپ بولۇشى مۇمكىن. باشقا يۇرتلارغا مۇناسىپ ئەمەس. بۇنداق بولۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار باشقا دىيارلاردىكىدەك يالغۇز كوچىلارغا، بازارلارغا خاتىرجەم چىقالمايدۇ، ئەگەر يالغۇز سىرتقا چىقىپ قالسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئېھتىماللىقى چوڭ. يالغۇز تاكسىغا ئولتۇرالمايدۇ. ئەگەر ئولتۇرۇپ قالسا ئېلىپ قاچىدۇ. بۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇرۇپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، باشقا خاتىرجەم دىيارلاردىكى ئالىملار ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلىمىگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ بېرىلگەن پەتۋا باشقا دىيارلار شارائىتىغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدى ئەرەبىستان قانۇنى ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى چەكلەيدۇ. دېمەك، ئۇ يەردە چەكلەش ماشىنا ھەيدەشنىڭ ئۆزىنىڭ شەرىئەتتە چەكلىنىدىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ جەمئىيەتتىكى بىنورمال ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان. بۇ بىنورمال ئەھۋالغا قارىتا بېرىلگەن بىنورمال پەتۋا سەۋەبىدىن ئۇ يەردىكى بەزى ئەرلەر قىز – ئاياللىرىنى يات نامەھرەم ئىشلەمچى شوپۇر بىلەن بىللە ماشىنىغا سېلىپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم: ئاياللارغا قارىتا ئىشەنچ بولۇشى زۆرۈر، ئىشەنچ يوقالغان تەقدىردە، ئۇنى ماشىنا ھەيدەشتىن توسۇۋالسىمۇ، ئاللاھ كۆڭلىگە ئىنساپ ۋە شەرمى – ھايا ئاتا قىلمىسا، ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن ئۇلارنى يامان ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسە: ئاياللار تولۇق كىيىنگەن ئەھۋالدا، زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مىنسە، ھەيدىسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – شەئبان / م. 2011، 25 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 195– نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. سەرەخسىي: « شەرھۇسسىيەرىل كەبىر»، 1/136.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار» بىلەن ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 6/423.
3. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،3/228؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 2/71؛ موللا ئەلى قارىي: «ئەلئەسرارۇلمەرفۇئە»، 1/136.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5082)؛ «مۇسلىم»، (2527).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5224)؛ «مۇسلىم»، (2182). بىر فەرسەخ: ئۈچ مىلغا ياكى 1200 گەزگە يەنى 5565 مېتىرغا باراۋەر كېلىدىغان قەدىمكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدۇر.
6. «مۇسلىم»، (2128).
7. «بۇخارىي»، (5885).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6282، 6283)؛ «مۇسلىم»، (1912). ئىزاھات: مىلھاننىڭ قىزى ئوممو ھەرام رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بوۋىلىرى تەرەپتىن ياكى ئېمىلداشلىق تەرەپتىن ھاممىسى ئىدى. شۇڭا، بارلىق ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا مەھرەم ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 13/57.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ