ياللانما ئىشچى ئىش ئۈستىدە يارىلانسا داۋالىنىش چىقىمىنى ياللىغۇچى كۆتۈرەمدۇ؟

ياللانما ئىشچى ئىش ئۈستىدە يارىلانسا داۋالىنىش چىقىمىنى ياللىغۇچى كۆتۈرەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! تۆۋەندىكى سوئاللارغا دەلىل بىلەن جاۋاب بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

بىرىنچى سوئال: ياللانما ئىشچى ئىش ئۈستىدە يارىلانسا ياكى زەخىملەنسە، شەرىئەتتە ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشچى ساق ۋاقتىدا ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىقتىسادىي چىقىملىرىنى، يەنى بالىچاقىلىرىنىڭ نەپىقەسى، ئوقۇتۇش چىقىمى… دېگەندەكلەرنى ياللىغۇچى تۆلەپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ تۆلەتكۈزسە ئۇ، ئالغۇچىغا ھالال بولامدۇ؟ (ئىككى تەرەپ ئىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيىشمىگەن.)

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «ئادەم ياللاپ ئىشلەتكۈچى ئىشلىگۈچىنى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك» دەيدىغان قانۇنى بولغاچقا، شۇ قانۇننى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ياللاپ ئىشلەتكۈچى ياللانما ئىشچىنى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغان بولسا، ئىش ئۈستىدە يارىلانغۇچىنىڭ ھەممە چىقىملىرىنى ياللىغۇچىغا تۆلەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇ ۋەجدىن يۇرتىمىزدىكى ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەر «ئىش ئۈستىدە يارىلانسام ياكى زەخىملەنسەم، خوجايىن تۆلەيدۇ» دېگەن تونۇشقا كېلىپ قالغان. (سوغۇرتىغا قاتناشقان بولسا زىياننى سوغۇرتا ئىدارىسى تۆلەيدۇ. لېكىن، بىر كۈنلۈك ياكى ئىككى كۈنلۈك دېگەندەك پارچە – پۇرات ئادەم ياللاشتا سوغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش قولايسىز)

بۇنىڭغا دائىر ئەھۋاللار بەك كۆپىيىۋاتىدۇ، مەسىلەن، ئابدۇقادىر ھاجىم ھويلىسىدىكى بىر باراڭ تالنى ئېچىش ئۈچۈن بىر مەدىكارنى قىرىق سومغا ياللىغان. تالنى باراڭغا ئارتىش جەريانىدا مەدىكار باراڭدىن چۈشۈپ كېتىپ بېلى سۇنۇپ كەتكەن. ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 127 مىڭ سوم پۇل كەتكەن. بۇ پۇلنى ياللاپ ئىشلەتكۈچى، يەنى ئابدۇقادىر ھاجىم دوختۇرخانىغا تۆلىگەن. شۇنداق داۋالاتقان بولسىمۇ بۇ مەدىكار ساقايماي ئاخىرى بەلنىڭ ئاستى قىسمى پالەچ بولۇپ قالغان. بۇ مەدىكار ئۆزىنى ۋە بالىچاقىلىرىنى ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر مەسىلىدە شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا ئابدۇقادىر ھاجىم مەدىكارنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ ياكى بۇ زىيان – زەخمەتلەر ۋە چىقىملار مەدىكارنىڭ ئۆزىگە بولامدۇ؟

ئىككىنچى سوئال: ياللانما ئىشچى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە، ياللاپ ئىشلەتكۈچى ئۇنىڭغا دىيەت تۆلەمدۇ؟ جۇڭگو قانۇنىدا ئىشلەمچىنى سوغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئىشلەتكۈچىنى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشلەمچىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ خىلدىكى تۆلەم شەرىئەتتە توغرىمۇ؟ شۇنداق تۆلەمنى ھۆكۈمەتكە تايىنىپ تۆلەتكۈزسە، ئۇ، ئالغۇچىغا ھالال بولامدۇ؟

مەزكۇر سوئاللار رايونىمىزدىكى ئۇستاز – ئۆلىمالاردىن كۆپ قېتىم سورالغان بولسىمۇ، جاۋابسىز قالدى. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەپسىلىيرەك جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ياللانما ئىشچى ئىش ئۈستىدە يارىلانسا ياكى زەخىملەنسە ياكى ئۆلسە، ئەھۋالغا قارايمىز.

ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ زەخىملىنىشىگە ياكى ئۆلۈشىگە سەۋەب بولمىغان ئەھۋالدا، مەسىلەن، ئادەتتىكى نورمال پەشتاقتىن چۈشۈۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈش، باراڭدىن يىقىلىپ چۈشۈش دېگەندەك، ياللانغۇچىنىڭ ئۆز سەھۋەنلىكى ياكى دىققەتسىزلىكىدىن زەخىملەنگەن بولسا، شەرىئەتتە ياللانغۇچىنىڭ زەخىملىنىشىگە قارىتا ياللىغۇچىنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. ئۆلگەن ئەھۋالدىمۇ تۆلەم كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ياللىغۇچى ئۇنىڭ زەخىملىنىشىگە سەۋەب بولمىغان. ياللىغۇچى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمىگەن، ياكى خەتەرلىك جايغا چىقىشقا زورلىمىغان. باراڭ ئېچىش، تال ئارتىش دېگەن ئادەتتە باراڭغا چىقىپ دىققەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەش بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقا يولى بولمايدۇ.

بۇنىڭغا باشقا دەلىل كېرەك ئەمەس، چۈنكى بۇ زىيانغا ياللىغۇچى سەۋەب بولمىغان.

بۇ ئەھۋالدا ياللىغۇچى پەقەتلا خەير – ئېھسان قىلىش جەھەتتىن داۋالىتىپ قويسا، ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىدۇ. ياللىنىپ زەخىملەنگۈچى بۇنى قوبۇل قىلىپ ئالسا ھالال بولىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا قانۇنغا تايىنىپ تۆلەم تۆلەتكۈزسە، ئۇ، ئالغۇچىغا ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ باشقىلاردىن ھەقسىز تۆلەم تۆلىتىشتۇر.

ئىككى تەرەپ ئىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە كېلىشكەن بولسۇن ياكى كېلىشمىگەن بولسۇن ئوخشاش. چۈنكى، كېلىشمىگەن ئەھۋالدا تۆلىتىش يەنىلا ئورۇنسىز. كېلىشكەن ئەھۋالدا بۇ كېلىشىم ئىناۋەتسىز. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئىشلەمچى ئىشلەتكۈچى بىلەن ئۆزىگە كېلىدىغان بارلىق زەخىملىنىشكە قارىتا ئىشلەتكۈچى سەۋەب بولغان ياكى بولمىغان بارلىق زەخىملىنىشلەرنىڭ چىقىمىنى ئىشلەتكۈچى كۆتۈرىدۇ، دەپ كېلىشىپ، توختامدا شەرتلەشكەن بولسا، بۇ توختام ئىش ھەققىنىڭ نامەلۇم بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى، زەخىملىنىشنىڭ تۆلىمى ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت، زەخىملىنىش ياكى ئۇنىڭ ئېغىر – يەڭگىللىكى بولسا نامەلۇم، ئىنسان قانچىلىك زەخىملىنىشنى بىلمەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ تۆلىمىمۇ نامەلۇم دېگەن گەپ. نەتىجىدە، ئىش ھەققى نامەلۇم بولغان بولىدۇ.

ئەمما، ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ زەخىملىنىشىگە سەۋەب بولغان ئەھۋالدا، مەسىلەن، توك بار سىمنى «توك يوق تۇتۇۋەر» دېگەندەك، ياكى توك سىمىنى ئوڭشاۋاتقاندا توكنى ئېچىۋېتىش دېگەندەك، ئىشقىلىپ، ياللانغۇچى ئىشلەۋاتقاندا بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىشنى قىلغان ئەھۋالدا زەخىملىنىشكە سەۋەب بولغانلىق جەھەتتىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا لايىق تۆلەم تۆلەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 17 – زۇلھەججە / م. 2011، 13 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 142 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ