ئالتۇن سېتىۋېلىپ ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالسا بولامدۇ؟

ئالتۇن سېتىۋېلىپ ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالتۇن زىبۇزىننەت، نۆكچە ئالتۇن سېتىۋېلىپ باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

باھاسى ئۆرلىگەندە پايدىسىغا سېتىش ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇزىننەتنى ياكى نۆكچە ئالتۇننى سېتىۋېلىپ پايدىسىغا سېتىپ تىجارەت قىلسا بولىدۇ. بۇ تىجارەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرتلەر تېپىلىشى لازىم.

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275)؛ ﴿پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا﴾(2/«بەقەرە»: 282)؛ ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان ئاتىسى ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭ – باراۋەر بولمىسا ساتماڭلار! كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭ – باراۋەر بولمىسا ساتماڭلار! ئالتۇننى كۈمۈشكە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خاھلىغىنىڭلارچە سېتىڭلار» دېگەن.(1)

مالىك ئىبنى ئەۋس ئېيتىدۇ: «مەن يۈز تىللانى تەڭگىگە ئالماشتۇرماقچى بولغان ئىدىم. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز سۆزلەشتۇق. ئاخىرى ئۇ ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ ئالتۇننى ئېلىپ، قولىدا ئۇياق – بۇياققا ئۆرۈپ: «غوجىدارىم غابەدىن كەلسۇن» دېگەنىدى، ئۇنى ئاڭلاپ تۇرغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ئۇنىڭدىن تەڭگىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ئايرىلمايسەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشكەندە نەق بولمىسا جازانە بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا تېگىشكەندە نەق بولمىسا جازانە بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا تېگىشكەندە نەق بولمىسا جازانە بولىدۇ، خورمىنى خورمىغا تېگىشكەندە نەق بولمىسا جازانە بولىدۇ» دېگەن».(2)

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. ئۇنىڭ نېسىسىنى نەقكە ساتماڭلار» دېگەن.(3)

ئىمام نەۋەۋىي مەزكۇر ھەدىسنى شەرھىلەپ دەيدۇكى: «ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: بۇ ياخشى بىلەن ناچار، ساق بىلەن سۇنۇق، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى بىلەن كېپەك ۋە ئۇندىن باشقا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ساپ بىلەن ئارىلاش بولغىنى ئوخشاشتۇر. بۇ ھەممىسى بىردەك ئىجماﺋ قىلىنغاندۇر».(4)

بۇ ھەدىسنىڭ ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن «مۇسلىم» رىۋايەتىدە: «بۇ تۈرلەر ئوخشىمىسا قولدىن قولغا نەق بولسا، خاھلىغىنىڭلارچە ئېلىپ – سېتىڭلار» دېگەن.(5)

ئەبۇ مىنھال رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەرراپچىلىق(6) تىجارىتى توغرۇلۇق سورىسام، ئىككىسى جاۋابىنى مەندىن ياخشى بىلىدۇ دەپ بىر – بىرىگە ئىتتىرىشىپ ئاخىرى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇننى كۆمۈشكە نېسى سېتىشتىن توسقان، دەپ جاۋاب بېرىشتى».(7)

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ بولمىسا سېتىشتىن توسقان، يەنە بىزنى ئالتۇننى كۈمۈشكە خاھلىغانچە سېتۋېلىشقا، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خاھلىغانچە سېتۋېلىشقا بۇيرۇغان.(8)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، مەيلى نۆكچە بولسۇن، مەيلى زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى بولسۇن، ئالتۇننى ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتقان ئەھۋالدا بىرى – بىرىدىن ئاز ياكى كۆپ بولماي مىقدارى ئوخشاش بولۇشى، شۇ سورۇندا پۈتىدىغان نەق سودا بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى شەرت تېپىلمىسا سودا توغرا بولمايدۇ. يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ئېنىق بايان قىلغان. پىرسەنتى، سۈپىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ بۇ ئىككى شەرت تېپىلىشى لازىم.

ئالتۇن زىبۇزىننەتنى زىبۇزىننەتكە ياكى نۆكچە ئالتۇننى ئالتۇن زىبۇزىننەتكە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن ئەھۋالدا قولىدىكى ئالتۇننى سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خاھلىغان ئالتۇننى سېتىۋېلىش كېرەك ياكى ساتقان پۇلنى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ پۇلىغا سېتىۋالماقچى بولغان ئالتۇننى ھېسابلاپ پەرقىنى بېرىش ياكى ئېلىش كېرەك. يەنى ئىككى سودىنى ئايرىم – ئايرىم قىلىش لازىم.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىيلەن ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلاردىن بەنى ئەدىي جەمەتىدىن بىر كىشىنى ئەمەلدار قىلىپ خەيبەرگە ئەۋەتىپ ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا ياخشى خورمىلارنى ئېلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن:

— خەيبەرنىڭ خورمىسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— ياق ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بۇ خورمىدىن بىر سانى ئارىلاش خورمىدىن ئىككى ساغا ئالىمىز، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداق قىلماڭلار، لېكىن تەڭگە تەڭ تېگىشسەڭلار بولىدۇ، ياكى ماۋۇ ناچارلىرىنى تەڭگىلەرگە سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا مۇنداق ياخشىلىرىنى سېتىۋېلىڭلار، تارازا بىلەن سېتىلىدىغان نەرسىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، — دېدى.(9)

ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى بىرىنى بىرىگە ياكى پۇلغا ساتقان ئەھۋالدا تۈرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت نەق بولۇشىلا شەرت قىلىنىدۇ. نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. لېكىن، بىرى بىرىدىن ئارتۇق ياكى كەم بولسا بولىدۇ. بۇنىمۇ يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېنىق بايان قىلغان. شۇڭا، ئالتۇننى پۇلغا ساتقان ئەھۋالدا پۇل بىلەن ئالتۇن شۇ سورۇندا تاپشۇرۇلۇشى، كېچىكتۈرۈلمەسلىكى شەرت. پۇلنى پۇلغا سېتىپ پۇل تېگىشكەن ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا نەق بولۇشى، شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا ھەر ئىككى تەرەپ پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا پۇلنىڭ ياكى ئالتۇننىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى نېسى بولۇپ كېچىكتۈرۈلسە توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئالتۇننى ياكى بىر قىسمىنى ياكى پۇلىنى ياكى پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى بىرقانچە قەرەلگە بۆلۈپ نېسى ساتسىمۇ توغرا بولمايدۇ. يەنى پۇلنىڭ ھەممىسى، ئالتۇننىڭ ھەممىسى نەق بولۇشى لازىم.

ئالتۇننىڭ پۈتۈن پۇلىغا ئىگە بولمىغان كىشى يا قولىدىكى پۇلىغا لايىق ئالتۇن سېتىۋالىدۇ ياكى سېتىۋالماقچى بولغان ئالتۇننىڭ تولۇق پۇلىنى تەييارلىغۇچە سېتىۋالماي كۈتۈپ تۇرىدۇ.

چەك بىلەن ساتقان ئەھۋالدا چەك قارشىلىقىدا بانكىدا نەق پۇل بولۇپ، چەك ئارقىلىق بانكىدىن دەرھال پۇل ئالالايدىغان بولسا، بۇ نەق سودا ھېسابىدا بولىدۇ. بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئالالايدىغان بولسا نېسى بولۇپ چەكلىنىدۇ.

ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئالتۇن – كۈمۈشكە ياكى پۇلغا ساتماي باشقا ئاشلىق، كىيىم – كېچەك ياكى ماشىنا قاتارلىق تاۋار ماللارغا ساتقان ئەھۋالدا ئالتۇن ياكى تاۋار نېسى بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئالتۇن بىلەن تاۋارنىڭ تۈرى ئوخشىمىغان بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 26 – سەفەر/ م. 2012، 20 – يانۋار

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 137 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (2175).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2174)؛ «مۇسلىم»، (1586).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2177)؛ «مۇسلىم»، (1584).
4. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 11/10.
5. «مۇسلىم»، (1584).
6. سەرراپچىلىق: تەڭگە بىلەن تىللانى بىرىنى بىرىگە ئالماشتۇرىدىغان تىجارەت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2180ـ 2181)؛ «مۇسلىم»، (1589).
8. «بۇخارىي»، (2182).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7350، 7351). «مۇسلىم»، (1593).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ