سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىر ئايال ئېرىگە: «ئەگەر تالاق قىلىش ھوقۇقۇم بولسا سېنى تالاق قىلاتتىم» دېگەن. ئاندىن ئەر: «ئۇنداق بولسا تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ساڭا بەردىم» دېگەن. ئاندىن ئايال: «سەن تالاق» دېگەن. بۇ تالاق كۈچكە ئېگىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىش ھوقۇقى بار، ئەر كىشى بۇ ھوقۇقنى ئۆزى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، باشقىلارنى ۋەكىل قىلسىمۇ بولىدۇ. باشقىلارغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالىغا: «تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ساڭا بەردىم» دېگەن بولسا، ئەر تالاق قىلىش مەسىلىسىدە ئايالىنى ۋەكىل قىلغان بولىدۇ. ياكى ھوقۇقنى ئايالىغا تاپشۇرغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايالى ئېرىگە: «سەن تالاق» دېسە، مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئايال بىر تالاق بولغان بولىدۇ. يەنى ئايال ئۆزىنى بىر تالاق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە تالاق قىلىنىدىغىنى ئەر ئەمەس ئايال. شۇڭا، ئىبارىنىڭ توغرىسى، ئۇ ئايال: «ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمنى تالاق قىلدىم» دېسە توغرا ئىبارە قوللانغان بولىدۇ. لېكىن، ھوقۇق ماڭا ئۆتتى دەپ قارىغاچقا، ئورۇن ئالمىشىپ قالدۇق دەپ شۇنداق دېگەن گەپ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئەر كىشىنىڭ يا ئۆزى تالاق قىلىش، يا تالاق ئىشىدا بىرىنى ۋەكىل قىلىش ياكى ئۇنى ئايالىغا تاپشۇرۇپ، ئاشۇ ئايالنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بېرىش ئىختىيارلىقى بار. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىغا ئىختىيارلىقنى بەرگەندە ئاياللىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە قېلىشنى تاللىغان» دېگەن.(1)
ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «بىر ئايالنى تالاق قىلىش ئىشىدا باشقا بىر ئايالنى ۋەكىل قىلىش جانلىقراق قاراشتا توغرا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئايالغا ئۆزىنى تالاق قىلىش ئىشىنى تاپشۇرسىمۇ توغرا بولىدۇ» دېگەن.(2) يەنى ئەر يات بىر ئايالغا ئۆزىنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىش ئىشىنى تاپشۇرسا، ئۇ ئايال ئۇ ئەرنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىۋەتسە توغرا بولىدىغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئۆزىنى تالاق قىلىش ئىشىنى تاپشۇرسا ئەلبەتتە توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئايال يات ئايالدىن تۆۋەن ئەمەس.
ئىمام تىرمىزىي بۇ مەسىلىدىكى قاراشلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەھلى ئىلىملەر: ئەرنىڭ: ‹تالاق قىلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا› دېگەن سۆزى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ۋە كېيىنكى بەزى ئەھلى ئىلىملەر: ‹بىر تالاق چۈشكەن بولىدۇ› دېگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ بار. بۇ قاراش تابىئىنلار ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەردىن خېلى كۆپ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قارىشىدۇر. ئوسمان ئىبنى ئەففان بىلەن زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار: ‹ئايالنىڭ قىلغان ھۆكمى ھېساب› (يەنى ئايال قانچە تالاق دېسە شۇنچە تالاق چۈشىدۇ) دېگەن».(3)
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ مەسىلىدە ھۆكۈم قىلغان ۋەقەلىكىنى مەنسۇر رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ئىبراھىم ماڭا ئەلقەمەدىن ياكى ئەسۋەدتىن سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئادەم ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹مەن بىلەن ئايالىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان جېدەل – ماجىرا بولغان ئىدى، ئايالىم:
— ناۋادا سېنىڭ قولۇڭدىكى (مېنى تالاق قىلالايدىغان) ھوقۇق مەندە بولىدىغان بولسا، قانداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولاتتىڭ، — دېۋىدى.
— مېنىڭ قولۇمدىكى ھوقۇق سەندە، — دېسەم،
— ئۇنداق بولسا سەن ئۈچ تالاق، — دېدى› دېگەندە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:
— بىر تالاق بولۇپتۇ دەپ قارايمەن، سەن قايتۇرۇۋېلىشقا ھەقلىق، مەن يېقىندا مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر بىلەن ئۇچرىشىمەن، ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي، — دېگەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ۋەقەلىكنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەندە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئاللاھ ئەرلەرنىڭ جاجىسىنى بەرگەي! ئاللاھ ئەرلەرنىڭ جاجىسىنى بەرگەي! ئۇلار قوللىرىدىكى ھوقۇقنى ئاغزىنىڭ تۇتامى يوق ئاياللارغا تۇتقۇزۇپ قويغىنى نېمىسى؟ سەن نېمە دېدىڭ؟ — دەپ سورىغاندا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— بىر تالاق بولۇپتۇ دەپ قارايمەن، سەن قايتۇرۇۋېلىشقا ھەقلىق، دېدىم، — دېگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئاڭلاپ:
— مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىچە قارىغان بولساڭ توغرا قاراشنى تاپالمىغان بولاتتىڭ، — دېدى». بۇ ۋەقەلىكنى رىۋايەت قىلغان مەنسۇر دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئىبراھىمغا:
— ئەمىسە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ ئۇ ئايالنى بەرىكەتتىن مەھرۇم قىلسۇن! ئۇ ئايال: ئۆزۈمنى تالاق قىلدىم دېگەن بولسا كاشكى» — دەيدىغۇ، دېسەم، ئىبراھىم:
— ئۇ ئىككى ئىبارە ئوخشاش، — دېدى.(4)
يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبراھىم: «ئايالى ئېرىگە: سەن تالاق دېسە، بىر تالاق بولىدۇ، ئايال: مەن تالاق دېسۇن ياكى سەن تالاق دېسۇن ئىككى ئىبارە ئوخشاش» دېگەن.(5)
ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئايالىنى تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان، ئاندىن ئايالى ئۆزىنى ئۈچ تالاق قىلغان بىر ئەر ھەققىدە: «ئۇ بىر تالاق بولىدۇ» دېگەن.(6)
خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن بولغان، ئايالىنى تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان بىر كىشى ھەققىدە: «ئەگەر ئايال ھوقۇقنى ئالماي ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرسە ھېچ گەپ يوق. ئەگەر ئۆزىنى تالاق قىلسا، بىر تالاق بولىدۇ، ئېرى ئۇنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدۇ» دەپ مەكتۇب يازغان.(7)
دېمەك، ئايالىنىڭ قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە. لېكىن، بۇ بىر تالاق قانداق تالاق؟ ئۈزۈل – كېسىل ئاجراپ كېتىدىغان «بائىن» تالاقمۇ ياكى قايتىۋالالايدىغان «رەجئى» تالاقمۇ؟(8)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن شاگىرتلىرى: «تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ساڭا بەردىم، ياكى تالاق ئىختىيارلىقى سەندە دېگەن ئەھۋالدا ئايال ئاجرىشىشنى تاللىسا ياكى تالاق قىلسا، بىر بائىن تالاق چۈشىدۇ»، دەپ قارىغان. يەنى ئەر ئايالىنى خاھلىغىنىچە قايتۇرۇۋالالمايدۇ، پەقەتلا يېڭىباشتىن نىكاھ ۋە تويلۇق بىلەن ئاندىن ئۆي تۇتالايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: «قايتۇرۇۋالالايدىغان بىر رەجئى تالاق چۈشىدۇ»، دەپ قارىغان.(9)
يۇقىرىدا ھەزرىتى ئۆمەر، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن يەنە خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن قايتۇرۇۋالالايدىغان رەجئى تالاق بولىدۇ، دېگەن قاراش كەلگەن بولغاچقا، مۇشۇ قاراشنى ئالساق بولىدۇ.
بۇ ھوقۇق ئايالنىڭ قولىدا داۋاملىق بولامدۇ ياكى شۇ سورۇن ئاخىرلاشقىچە بولامدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بۇ ھوقۇق ئايالنىڭ قولىدا شۇ سورۇن ئاياغلاشقانغا قەدەر بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن بولمايدۇ. ئاز بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا، تا ئەبەتكىچە بۇ ھوقۇق ئايالنىڭ قولىدا بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە: «قاچانكى ئەر تالاق ئىشىنى ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدىكەن، بۇ ھوقۇق تا ئەبەتكىچە ئايالنىڭ قولىدا بولىدۇ. بۇ ئىختىيارلىق شۇ سورۇنغا باغلىق بولمايدۇ. بۇ قاراش ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان» دەيدۇ.(10)
ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئايالى بۇ ھوقۇقنى ئىشلىتىپ بىر تالاق قىلغان تەقدىردە، ئۆزى بىر تالاق بولغان بولىدۇ. يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان: «تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ساڭا بەردىم» «تالاق قىلىش ئۆزۈڭنىڭ قولىدا» «ئۆزۈڭنى تالاق قىلىۋال» ۋە«تالاق قىلىشتا سېنى ۋەكىل قىلدىم» دېگەندەك ئىبارىلەرمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
يۇقىرىقىدەك ئىبارىلەر بىلەن ئايالىغا تالاق ئىشىنى تاپشۇرغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئەر خاھلىغان چاغدا ئايالىنى تالاق قىلالايدۇ. چۈنكى، ئايالىغا بۇنى تاپشۇرغانلىق ئۆزىنىڭ تالاق قىلىش ھوقۇقىنى يوقىتىۋەتمەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بۇرۇن ئەرنىڭلا قولىدىكى ھوقۇق ھازىر ئەر بىلەن ئايال ئىككىيلەننىڭ قولىغا ئۆتكەن بولدى.
يەنە ئەر خاھلىغان ۋاقتىدا بۇ سۆزىدىن يانالايدۇ. ئايالىغا ھوقۇقنى بېرىپ ياكى ۋەكىل قىلىپ ياكى تالاق قىلىشنى تاپشۇرۇپ كېيىن پۇشايمان قىلغان بولسا، ئايال تالاق قىلىپ بولغۇچە يېنىۋالسا بولىدۇ.
خۇلاسە: ئاللاھ تائالا ئەر كىشىگە تالاق قىلىش ھوقۇقىنى بەرسە، ئۇ ھوقۇقنى ئۆزى ئىشلەتمەي كۆپىنچە ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىدىغان ئايالىغا تۇتقۇزۇپ قويسا، بۇ ھوقۇقنى ئايال ئىشلەتسە، بىر رەجئى تالاق چۈشىدۇ. شۇڭا، بۇنداق قىلماسلىق لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 5 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 8 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 106 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/288.
2. ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 4/299.
3. «تىرمىزىي»، 3/482.
4. «ئابدۇرراززاق»، (11914)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9649)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14815).
5. «ئابدۇرراززاق»، (11921).
6. «ئابدۇرراززاق»، (11917)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (18076)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (14817).
7. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (18087).
8. رەجئى تالاق دېگىنىمىز: بىر ياستۇقتا باش قويغان ئايالىنى بىر ياكى ئىككى قېتىم قىلغان تالاق بولۇپ، ئەر خاھلىسا ئىددىتى توشقىچە ئۇنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدۇ.
9. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 5/227.
10. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/288.