سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نامازنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن نامازخان نامىزىنى قانداق تولۇقلايدۇ؟ شام نامىزىنىڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشىغا ئۈلگۈرگەن كىشىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى: «ﺑﯩﺰ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ، ئۇ زات ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻗﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:
— ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻼﺭ؟ (ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯘ؟) — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ:
— ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﺎپتۇﻕ، — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ،
— ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﻟﯩﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ! — ﺩﯦﺪﻯ».(1)
بۇ ھەدىس ئىككى خىل ئىبارە بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىرى، «ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆزۈڭلار تولۇقلىۋېلىڭلار» يەنە بىرى، «ئۆتۈپ كەتكىنىنى قازا قىلىۋېلىڭلار».(2)
يەنى ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن تۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئادا قىلىۋېلىڭلار.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامازغا تەكبىر چۈشۈرۈلۈپ قالسا ھېچبىرىڭلار پالاقشىپ يۈگۈرمىسۇن، سالماقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ماڭسۇن، ئۈلگۈرەلىگىنىڭنى ئوقۇغىن، ئوقۇلۇپ بولغىنىنى قازا قىلغىن» دېگەن.(3)
بۇ توغرىدا كەلگەن يۇقىرىقىدەك ھەدىسلەرنىڭ ئىبارىسىگە قاراپ ئالىملار نامازنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى نامازنى قانداق تولۇقلايدىغانلىقى توغرىسىدا تۆت خىل قاراشقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى مەشھۇر:
1 – قاراش: ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ئىمام بىلەن ئوقۇغان رەكئەت ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ دەسلەپكى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ ئىمام شافىئىي ۋە باشقا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان.
بۇ قاراشقا ئاساسەن كىشى تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام بىلەن ئوقۇغان بىرىنچى رەكئىتىدە «فاتىھە» بىلەن سۈرە ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ. ئاندىن ئىمام سالام بېرىپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇغان رەكئىتى نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتىمۇ «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئوتتۇرىدىكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. ئاندىن قوپۇپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. كېيىنكى ئىككى رەكئەت ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرى بولغاچقا، «فاتىھە»گە سۈرە قاتماي ئوقۇيدۇ.
تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكئەتنى سۈرە قاتمايلا ئوقۇيدۇ.
ئەگەر شامنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام بىلەن ئوقۇغان بىرىنچى رەكئىتىدە «فاتىھە» بىلەن سۈرە ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ. ئاندىن ئىمام سالام بېرىپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇغان رەكئىتى نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتىمۇ «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئوتتۇرىدىكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ بىر رەكئەت ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتى بولغاچقا، «فاتىھە»گە سۈرە قاتماي ئوقۇيدۇ.
2 – قاراش: ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ئىمام بىلەن ئوقۇغان رەكئەت ئىمامنىڭ قانچىنچى رەكئىتى بولسا، كېچىككەن كىشىنىڭمۇ شۇنچىنچى رەكئىتى بولىدۇ. ئاندىن ئۆز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن رەكئەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە باشقا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشقا ئاساسەن كىشى تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام بىلەن ئوقۇغان بىرىنچى رەكئىتى نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتى بولۇپ، بۇنى ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ. (ئەبۇ ھەنىفە كېچىككەن كىشى بۇ رەكئەتتە ھېچ ئايەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. باشقىلار «فاتىھە»نىلا ئوقۇيدۇ دەپ قارايدۇ.) ئاندىن ئىمام سالام بېرىپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇغان رەكئىتى نامىزىنىڭ دەسلەپكى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. بۇ رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئوتتۇرىدىكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمايلا يەنە بىر رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. ئاندىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۈرە قاتماي «فاتىھە»نىلا ئوقۇپ بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتى بولىدۇ.
تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئۈلگۈرگەن بۇ ئىككى رەكئەت ئىمامنىڭكىگە ئوخشاشلا نامىزىنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرى بولىدۇ. ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكئەتنى «فاتىھە»گە سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان ئاخىرقى ئىككى رەكئەت نامىزىنىڭ دەسلەپكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتلىرى بولىدۇ.
ئەگەر شامنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام بىلەن ئوقۇغان بىر رەكئەت ئىمامنىڭكىگە ئوخشاش ئۇنىڭ نامىزىنىڭمۇ ئۈچىنچى رەكئىتى بولىدۇ. ئاندىن ئىمام سالام بېرىپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇغان رەكئىتى نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئوتتۇرىدىكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمايدۇ. ئارقىدىن يەنە بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ بىر رەكئەت ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بولغاچقا، «فاتىھە»گە سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ.
تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئۈچ رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن ئەھۋالدىمۇ كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئوقۇيدىغان بىر رەكئەت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ. شامنىڭ ئىككى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن ئەھۋالدىمۇ كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئوقۇيدىغان بىرىنچى رەكئەت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ. ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن ئەھۋالدىمۇ كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئوقۇيدىغان بىر رەكئەت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتى بولىدۇ.
بۇ ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى ئاساسەن يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى ئىبارىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىر ئىبارىسى «تاماملاڭلار» دەپ كەلگەن بولسا يەنە بىر ئىبارىسى «قازاسىنى قىلىڭلار» دەپ كەلگەن. ھەر ئىككى رىۋايەت سەھىھتۇر. بىرىنچى قاراشتىكىلەر «تاماملاڭلار» دېگەن ئىبارىگە ئېسىلىدۇ. ئىككىنچى قاراشتىكىلەر «قازاسىنى قىلىڭلار» دېگەنگە تايىنىدۇ.(4)
مېنىڭ قارىشىمچە ئىككىنچى قاراش كۈچلۈك. نېمە ئۈچۈن دېگەندە «قازاسىنى قىلىڭلار» دېگەن رىۋايەتمۇ «تاماملاڭلار» دېگەن رىۋايەتكە ئوخشاش سەھىھ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «مۇسلىم» دىكى 602 – ھەدىسمۇ سەھىھ. بۇ جەھەتتىن ئىككى دەلىل ئوخشاش.
لېكىن، ھەدىستىكى باشقا بىر ئىبارىگە قارايلى. ئۇ بولسىمۇ: «ئۈلگۈرەلىگىنىڭلارنى ئوقۇڭلار، ئۆتۈپ كەتكىنىنى تولۇقلىۋېلىڭلار» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۈلگۈرەلىگىنىڭنى ئوقۇغىن، سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇلۇپ بولغىنىنى قازا قىلغىن» دېگەن ئىبارىلەر بولۇپ، كېچىككەن كىشىنىڭ قولىدىن كەتكىنى، ئۈلگۈرەلمىگىنى، ئۆتۈپ كەتكىنى دەل ئوقۇلۇپ بولغان رەكئەتلەردۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نامازنىڭ باش تەرىپىدىكى رەكئەتلەر قولدىن كەتكەن بولىدۇ. ئىمام بىلەن ئوقۇغىنى ئاخىرقى رەكئەتلەر بولىدۇ.
«تاماملاڭلار» دېگەن ئىبارىمۇ ئېھتىماللىق. چۈنكى، تاماملاش بىرنەرسىنىڭ باش تەرىپىنى قىلسىمۇ ئاخىرقى تەرىپىنى قىلسىمۇ ئىش قىلىپ كەم قالغىنىنى قىلسا تاماملاش بولىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەدىستىكى تاماملاشنى: ئۆتۈپ كەتكەن دەسلەپكى رەكئەتلەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق تاماملاڭلار دېگەن بولىدۇ، دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
بۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بامدات ئوقۇۋاتقان بىر جامائەتكە ئۈلگۈردۇق، ئۇلارغا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئىمام بولۇۋاتقان ئىكەن. ئۇلار بىر رەكئەت ئوقۇپ بولۇپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ ماڭسام رەسۇلۇللاھ مېنى توسىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ بىلەن بىر رەكئەت ئوقۇپ، بىزدىن بۇرۇن ئوقۇپ بولغان بىر رەكئەتنى ئادا قىلدۇق.(5)
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاراش ساھابەلەردىن ئىبنى مەسئۇد بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان.(6)
نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىغا ئۈلگۈرگەن كىشى ئەگەر باشقا جامائەت بولسا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلماي باشقا جامائەت بىلەن بىللە باشتىن ئوقۇيدۇ. ئەگەر باشقا جامائەت بولمىغان ئەھۋالدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ نامازنى ئۆزى ئوقۇيدۇ. بۇ ئارقىلىق جامائەت پەزىلىتىگە ئېرىشىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 27 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 1 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 64 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (635)؛ «مۇسلىم»، (603).
2. «ئەھمەد»، (7249)؛ «نەسائىي»، (861). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
3. «مۇسلىم»، (602).
4. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/136 – 137؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 2/194؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/248؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/134، 135؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/192؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/165.
5. «ئەھمەد»، (18189)؛ «ئىبنى خۇزەيمە»، (1064). ئالبانىي: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئىمام ئىبنى كەسىر: «تەبۇك غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى رەكئەتكە ئۈلگۈردى» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 5/22.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (7120 – 7124). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتىنىڭ ئىسنادى سەھىھ. قاراڭ: ئىبنى تۈركمانىي: «ئەلجەۋھەرۇننەقىي»، 2/299؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/151.