ئوپېراتسىيەگە كىرگەن ۋاقىتلاردا نامازنى جەملەپ ئوقۇش

ئوپېراتسىيەگە كىرگەن ۋاقىتلاردا نامازنى جەملەپ ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر دوختۇر، ئوپېراتسىيەگە كىرگەن ۋاقىتلاردا نامازنى جەملەپ ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەسلىدە ناماز دېگەن ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز ئىبادەتتۇر، ئۆزرە بولمىغان ئەھۋالدا نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.

ئوپېراتىسىيىگە كىرىش ئالدىدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش لازىم:

1. مۇمكىن بولسا ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى نامازغا تاقاشمايدىغان چاغلارغا توغرىلاش.

2. ناماز ئۆتۈۋالغۇچە باشقا دوختۇرلار ئورنىدا تۇرۇپ تۇرالايدىغان بولسا، ئورنىدا قويۇپ ناماز ئوقۇۋېلىش.

3. يۇقىرىقى ئەھۋالدا ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، بىمار خەتەرلىك ئەھۋالدا قالسا نامىزىنى بۇزۇپ بىمارغا قارايدۇ، كېيىن ئاندىن نامىزىنى قايتا ئوقۇۋالىدۇ.

بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇمكىن بولماي، ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، شارائىتىغا قاراپ ئەگەر ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن پېشىن ۋاقتى كىرگەن بولسا، ئەسىر ۋاقتى چىقىپ بولغۇچە ئوپېراتسىيەدىن بىكار بولالمايدىغان بولسا، ئەسىرنى پېشىن ۋاقتىغا تارتىپ پېشىن بىلەن جەملەپ ئوقۇۋالىدۇ. ياكى ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن پېشىن ۋاقتى تېخى كىرمىگەن بولسا، پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر ۋاقتىدا ئەسىر بىلەن بىللە جەملەپ ئوقۇيدۇ.

شام بىلەن خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. يا شامنى خۇپتەن ۋاقتىغا سۈرىدۇ، يا خۇپتەننى شام ۋاقتىغا تارتىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورقۇنچ ياكى سەپەر بولمىغان ئەھۋالدا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇغان».(1)

يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قورقۇنچ ياكى سەپەر بولمىغان ئەھۋالدا پېشىن بىلەن ئەسىرنى مەدىنەدە جەملەپ ئوقۇغان». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: «نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟» دەپ سورالغاندا ئۇ: «ئۈممىتىدىن ھېچبىر كىشى ھەرەجدە قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغان» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «قورقۇنچ ياكى يامغۇر بولمىغان ئەھۋالدا» دەپ كەلگەن.(2)

ئەمما، بامدات نامىزىنى باشقا ناماز بىلەن جەملەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ. كېچىكتۈرۈشكە ئوپېراتسىيەگە كىرىش ئۆزرىسى بولۇپ قالسا ئۆزرىسى تۈگىگەندىن كېيىن قازا قىلىپ ئوقۇيدۇ. يەنە ئەسىرنى شام بىلەن جەملەپ ئوقۇشقىمۇ بولمايدۇ.

سۈننەتلەرنى تاشلىماي ئوقۇشقا تېرىشىش، زىكىر – دۇئالارنى كۆپ ئوقۇپ تۇرۇش، ئىستىغپار ئېيتىش، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشنى قولدىن بەرمەسلىكنىڭ بەزىبىر قۇسۇرلىرىمىزنى تولۇقلىۋېتىشكە پايدىسى بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 17 – رەجەب / م. 2011، 19 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 52 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (705).
2. «مۇسلىم»، (705).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ