جۈمە كۈنىدە ئېھتىياتىي پېشىن ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

جۈمە كۈنىدە ئېھتىياتىي پېشىن ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، دىيارىمىزدا جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن باشقا، جۈمە نامىزىنىڭ شەرتى توشمايدۇ دېگەن قاراش بىلەن «ئېھتىياتىي پېشىن» دېگەن نام بىلەن جامائەتلەر يەككە – يەككە ھالدا پېشىن نامىزىنى ئوقۇيدۇ. (بەلكىم بۇ سىزگىمۇ مەلۇم بولسا كېرەك) جۈمە نامىزىنى ئوقۇشنىڭ قانداق شەرتى بار؟ ئېھتىياتىي پېشىن نامىزىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى ئىمان ئيتقانلار! جۈمە كۈنى نامازغا ئەزان ئېيتىلغان ھامان، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە مېڭىڭلار، ئېلىم – سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر﴾(62/«جۇمۇئە»: 9) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، جۈمە نامىزى پەرز بولغان بولۇپ، بۇ ناماز پېشىن نامىزىنىڭ بەدىلىدۇر. ئەگەر جۈمە نامىزى جايىدا ئادا قىلىنسا، پېشىن ئوقۇلمايدۇ. ئادا قىلىنمىسا ياكى توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىنمىسا پېشىن نامىزى ئوقۇش ۋاجىب بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە نامىزىنى مەلۇم ئەھۋالدا، مەلۇم سۈپەتتە ئوقۇغان. مەسىلەن، ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغاندا ئوقۇغان، جامائەت بىلەن ئوقۇغان، ۋاقىت كىرگەندىن كېيىن ئوقۇغان، ئالدىدا خۇتبە قىلىپ ئوقۇغان،… بۇنىڭدىن ئالىملار جۈمە نامىزىنىڭ شەرتلىرىنى يەكۈنلەپ چىققان.

بۇ شەرتلەرنىڭ بەزىسى مەسىلەن، ۋاقىت، خۇتبە ئوقۇش دېگەندەك شەرتلەر جۈمەنىڭ توغرا بولۇش شەرتلىرىدۇر.

بۇ شەرتلەرنىڭ بەزىسىدە ئالىملار ئىتتىپاق، بەزىسىدە كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.

جۈمەنىڭ توغرا بولۇش شەرتلىرىدىن ئالىملار ئىتتىپاق كەلمىگەن شەرتلەر ئىچىدە «سۇلتان بار بولۇشى» دېگەن بىر شەرت بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا خەلىفە ياكى ۋالىي ياكى ھاكىم ياكى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى بولمىغان ئەھۋالدا جۈمە توغرا بولمايدۇ. بۇ جۈمەنىڭ توغرا بولۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئالتە شەرتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئالتە شەرت: «شەھەر ياكى ئادەم ئولتۇراقلاشقان يېزا – كەنت بولۇش، جامائەت بولۇش، خۇتبە سۆزلەش، سۇلتان، ۋاقىت ۋە ئاممىنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنىدىغان ئورۇن».(1)

ئىمام كاسانىي: «ئەمدى سۇلتانغا كەلسەك، بۇ بىزنىڭ قارىشىمىزدا جۈمەنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتى بولۇپ، سۇلتان ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ئىزباسارى كەلمىگەن ئەھۋالدا جۈمە ئوقۇش جائىز بولمايدۇ» دېگەن.(2)

ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر بۇ شەرت ئۈستىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جۈمەنى ئوقۇيدىغان كىشى سۇلتان ياكى ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە ئوقۇيدىغان ئىزباسارلىرى ئىكەنلىكى سۈننەت بولۇپ كەتكەن ئىشتۇر. ئالىملار جۈمە ۋاقتى بولۇپ قېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە بىرەر ۋالىي بولمىغان ئەھۋالدا قانداق بولىدىغانلىقىدا ئىختىلاپلاشقان. بىر تۈركۈمى: «ئۇنداق ئەھۋالدا تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇيدۇ» دېگەن. بۇ ئەۋزائىينىڭ قارىشى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتىكىلەرمۇ مۇشۇنداق دېگەن. سۇلايمان ئىبنى يەسار: «جۈمەنى پەقەتلا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىدىغان ھاكىم ئوقۇيدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «تۆت ئىش سۇلتان قىلىدىغان ئىشتۇر: شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىش، جۈمە ئوقۇپ بېرىش، زاكات يىغىش». راۋىي تۆتىنچىسىنى ئۇنتۇپ قالغان. ھەبىب ئىبنى ئەبى سابىت: «جۈمە دېگەن ئەمىر بىلەن، خۇتبە بىلەن بولىدۇ» دېگەن. يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار: «جامائەتتىن بىرى ئىمام بولۇپ ئوقۇۋەرسە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جۈمەسى توغرا ئادا بولۇۋېرىدۇ»، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام مالىك، شافىئىي، ئەھمەد، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سەۋر قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدۇر».(3)

يۇقىرىقىدىن مەلۇم بولىدۇكى، جۈمە نامىزى خەلىفە ياكى مۇسۇلمان ۋالىي باشچىلىقىدا ئوقۇلىدۇ، سۈننەت ئىش مۇشۇ. بۇنىڭدا ھەممە ئىتتىپاق، لېكىن بۇ جۈمەنىڭ شەرتىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار شەرت دەپ قاراپ، قالغانلار شەرت ئەمەس، دەپ قارىغان.

دىيارىمىزدا ئېھتىياتىي پېشىن ئوقۇش دەل ئاشۇ بىر شەرتنى تېپىلمايدۇ دەپ جۈمەنىڭ توغرا بولغانلىقىدا كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىغاچقا، ئېھتىيات جەھەتتىن جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش ئەھۋالى مەۋجۇد.

ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدىكى ئالىملارنىڭ يەكۈنلەپ چىققىنىغا قارىغاندا بۇنداق ئەھۋالدا، ئېھتىياتىي پېشىن ئوقۇش مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس.

يەنە ھەنەفىي ئالىملار دەيدۇكى، خەلىفە ياكى مۇسۇلمان ۋالىي ياكى ئۇلار ئىجازەت بەرگەنلەر يوق بولۇپ قېلىپ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزىدىن بىرىنى تاللاپ جۈمە ئوقۇسا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولىدۇ.(4)

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىقى شەرتنى قىلىشتىكى دەلىلى شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ تۆت راشىد خەلىفەسى دەۋرىدە جۈمە نامىزى شۇنداق ئوقۇلاتتى. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى جۈمە نامىزىنى مەككەدە ئوقۇماي، مەدىنەدە ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغان. لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەككەدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار جۈمە ئوقۇمىغان چاغدا مەدىنەدىكى ئەركىن مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجازىتى بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇغان.

يەنە ھەنەفىي مەزھەبتىكى ئالىملار ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ھەزرىتى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ھەسەن بەسرىيدىن كەلگەن رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلغان. لېكىن، بۇ ھەدىسلەر زەئىفدۇر.

ئەمما، يۇقىرىدىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككە – مەدىنەدىكى جۈمە ئوقۇش ئەھۋالى دەلىل جەھەتتىن خېلى ئورۇنلۇق كۆرۈنىدۇ.

قاراپ باقايلى. مۇسۇلمانلار تارىخىدا دەسلەپ ئوقۇغان جۈمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدىكى چاغدا ئەنسارلار مەدىنەدە ئوقۇغان جۈمە نامىزىدۇر.

مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق رىۋايەت قىلىشىچە، ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىرىق كىشى بىلەن مەدىنەنىڭ «نەقىيئۇل خازامات» دېگەن يېرىدە دەسلەپكى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان.(5)

بەزى مەنبەلەردە دەسلەپكى جۈمەنى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەدىنەدە ئون ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان جامائەت بىلەن ئەنسارلارنىڭ بىرىنىڭ ھويلىسىدا ئوقۇغان دەپمۇ كەلگەن.(6)

مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق رىۋايەت قىلىشىچە، كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندا قۇبائغا كېلىپ دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تۇرۇپ مەسجىد بىنا قىلىپ مەدىنەگە قاراپ يول ئالغان. بەنى سالىم ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا كەلگەندە جۈمە ۋاقتى كېلىپ قېلىپ جۈمە نامىزىنى «رانۇناﺋ» ئاتلىق ۋادىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كېلىپ تۇنجى ئوقۇغان جۈمە بولغان.(7)

ئۇندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدە مەسجىدىنى بىنا قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەسجىدىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان. بۇ مەسجىدتىن كېيىن جۈمە ئوقۇلغان مەسجىد بەھرەيننىڭ «جۇۋاسا» دىكى ئابدۇلقەيس مەسجىدى بولغان.

ئەبۇ جەمرە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ئوقۇلغان تۇنجى ﺟﯜﻣﻪ ﺑﻪﮪﺮﻩين ﺟﯘﯞﺍﺳﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﻪﻳﺲ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ» دېگەن.(8)

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، جۈمە نامىزى دەسلەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدىكى چاغدا پەرز قىلىنغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى مەككەدە جۈمە ئوقۇمىغان، مەدىنەدىكىلەرنى جۈمە ئوقۇشقا بۇيرۇغان. بۇ قاراش، يەنى جۈمە نامىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدىكى چاغدىلا پەرز قىلىنغان دېگەن قاراش بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، مەدىنەدە پەرز قىلىنغان دەيدىغان ئالىملارمۇ بار.

ھافىز ئىبنى رەجەب ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئوقۇماي مەدىنەدىكىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۈمە نامىزىنى ‹دارۇل ھەرب›تە ئەمەس، ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان جايدا ئوقۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنى، مەككە ئەينى چاغدا ‹دارۇل ھەرب› بولۇپ، ئۇ چاغلاردا مۇسۇلمانلار مەككەدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئىزھار قىلالمايدىغان، قورقۇنچ ئىچىدە ئىدى. شۇڭا، ئۇ يەردىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان. جۈمە جېنى ياكى مېلىغا خەۋپ يېتىشتىن ئەنسىرىگەندەك نۇرغۇن ئۆزرىلەر بىلەن بەندىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ».(9)

ئۇ يەنە ئېيتىدۇ: «بەزى شافىئىي ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۈمە نامىزىنى مەككەدە ئوقۇمىغانلىقىغا مۇنداق بىر سەۋەب كۆرسەتكەن، ئۇ بولسىمۇ جۈمە نامىزىنى ئوقۇشتىن مەقسەت ئىسلام شوئارىنى ئىزھار قىلىش بولۇپ، بۇ پەقەتلا ‹دارۇل ئىسلام›دا مۇمكىن بولىدىغان ئىش، بۇ سەۋەبتىن، تۈرمىدە قىرىق كىشىلىك جامائەت يىغىلغان بولسىمۇ جۈمە ئوقۇلمايدۇ، بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ باشقىچە قارىشى مەلۇم ئەمەس».(10)

دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىچە جۈمە نامىزىنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن خەلىفە ياكى ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى بولۇشى شەرت، يەنە ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرت تېپىلمىغاندا جامائەت ئۆزى توپلىشىپ بىر كىشىنى تاللاپ ئىمام قىلىپ جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولىدىغانلىقى كەلگەن.

ئۇنداقتا يۇرتىمىزدا ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچىمۇ جۈمە نامىزى زۆرۈرىيەت جەھەتتىن توغرا بولۇۋېرىدۇ. مۇسۇلمان خەلىفەنىڭ رۇخسىتى بولۇشى كېرەك دېگەن تەقدىردىمۇ ئىلگىرىكى خەلىفەلەرنىڭ رۇخسىتى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە، ئۇ رۇخسەتنى ھېچكىم ئەمەلدىن قالدۇرغىنى يوق.

ئەمما، جۈمەنىڭ شەرتى كەم بولۇپ قالدى دەپ قاراپ پېشىن نامىزىنى ئېھتىياتەن ئوقۇش بولسا، ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە ئىش تۇتۇپ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغانلارنىڭ ئىختىيارى ئىشىدۇر، خاھلىسا ئوقۇيدۇ، خاھلىمىسا ئوقۇمايدۇ. باشقا قاراشتىكىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىپ ئولتۇرۇشى ئورۇنسىز.

مەن شەخسەن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېھتىياتىي پېشىن ئوقۇش كېرەك ئەمەس، بۇ ئىجتىھادىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئوقۇمايدىغانلار ئوقۇغانلارغا ئېتىراز قىلىپ تالىشىپ ئولتۇرۇشمۇ توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن.

بىلىشىمچە، بۇ مەسىلە دىيارىمىزدا تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقىلى 30 يىل بولۇپ قالدى. ئالىملىرىمىزمۇ جاۋاب بېرىپ ھېرىپ قالدى، لېكىن تالاش – تارتىش قىلىدىغان، سوراپ تۇرىدىغان ئاۋاملار ھېرىپ قالغىنى يوق.

مېنىڭ تەۋسىيەم بۇنداق ئايىغى چىقماس، قېرىنداشلىققا، بىرلىككە زىيانلىق تالاش – تارتىشلارنى قويۇپ، كۈچنى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلايلى، ئىتتىپاقلاشقان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ مىللىتىمىزنىڭ كىملىكىنى، مۇسۇلماندارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا، ئەۋلادلىرىمىزنى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن تەربىيەلەشكە تىرىشايلى، بۇنداق مەسىلىلەرگە ۋاقتىمىزنى زايە قىلمايلى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – رەجەب / م. 2011، 26 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 51 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/50.
2. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/261.
3. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسات فىسسۈنەنى والإجمائى ۋەلئىىختىلاف»، 4/113. 82 – باب، «بىر كەنت ئاھالىسىغا ئەمىر ھازىر بولماي ياكى يوق بولۇپ قېلىپ ناماز ۋاقتى كىرىپ قالسا، ئۇلار جۈمە نامىزىنى ئەمىرسىز ئوقۇۋەرسە قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا».
4. تاھتاۋىي: «ھاشىيەتۇتتاھتاۋىي»، 1/328.
5. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرە»، 2/282؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1069).
6. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2/282؛ ھافىز ئىبنى رەجەب: «فەتھۇلبارىي»، 5/330.
7. ئىبنى ھىشام: «ئەسسىيرە»، 2/282.
8. «بۇخارىي»، (892).
9. ھافىز ئىبنى رەجەب: «فەتھۇلبارىي»، 5/331.
10. ھافىز ئىبنى رەجەب: يۇقىرىقى مەنبە، 5/332.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ