سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! نامازغا تۇرغان ۋاقىتلاردا كۆپىنچە مۈشۈك ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ قالىدۇ، بەزى چاغلاردا ئۆتۈشىنى چەكلىيەلىسەك، بەزىدە ئامال يوق، ھەم بىزلەردىمۇ بۇنىڭغا سەل قاراش بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي بىر توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئالدىدىن بىرەر نەرسە ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىغا دالدا بولغۇدەك سۈترە(1) مەسىلەن، تام، تۈۋرۈك ياكى بىرەر ئورۇندۇق، سومكا ياكى بىر تال تاياققا ئوخشاش بىرنەرسە قويۇپ قويۇشى سۈننەتتۇر.
ناﻓﯩﺌ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻧﻪﻳﺰﻩ سانجىپ ﺑﯧﺮىلەتتى، (ئۇ زات) ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ».(2)
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا سۈترە بار بولسا، دالدىنىڭ ئارقىدىن نېمە ئۆتسە نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ.
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ بىز بىلەن ﺑﻪﺗﮭﺎﺋ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻧﻪﻳﺰە ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ناماز ﭘﯧﺸﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﻧﻪﻳﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ تۇراتتى» دېگەن(3).
يەنە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا سەپ ئارىلىقىدىن ئادەم ياكى باشقا بىرنەرسە ئۆتسىمۇ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺍ ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﻨﺎﺩﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯜﺗﺮﻩ ﻳﻮﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻪپلەرنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، مادا ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﻼﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ»(4).
ئىمامنىڭ ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئالدىدا سۈترە بولمىغان ئەھۋالدا ئالدىدىن مۈشۈك، قوي، توشقان ۋە توخۇ قاتارلىقلار ئۆتسە نامازنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئۆتسە ناماز بۇزۇلىدۇ، دەيدىغانغا دەلىل يوق.
لېكىن، بۇ تۈرلۈك ھايۋانلار ناماز ئالدىدىن ئۆتسە، نامازنى بۇزمىغىنى بىلەن ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تامنى دالدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا بىر ئوغلاق كېلىپ ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغىنىدا ئۇنى ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىپ، ھەتتا بەدىنى تامغا چاپلىشىپ قالاي دېگەن. ئوغلاق بولسا ئارقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.([%5])
شۇنداقلا ئەر كىشىنىڭ ئۆتۈشىمۇ نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ، لېكىن ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەركىشىنىڭ ئۆتىشىنىمۇ توسۇش لازىم.
ناماز ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشمۇ دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى چەكلىگەن.
ئۆمەر ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ نەزر بۇسر ئىبنى سەئىدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ مېنى ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘۋاتقان كىشىنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚتكۈچى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ نېمە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯞﻩتكەنىدى، ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: ‹ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: ”ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘۋاتقان كىشىنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﯩﺮﯨﻖ تۇرغىنى ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ“› دېگەن» ﺋﻪﺑﯘننەزر: «ئۇ (ﺑﯘﺳﺮ) ‹ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯜﻥ› (دېدىمۇ) ﻳﺎكى ‹(ﻗﯩﺮﯨﻖ) ﺋﺎي› (دېدىمۇ) ۋەﻳﺎﻛﻰ ‹(ﻗﯩﺮﯨﻖ) يىل› دېدىمۇ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ» دېگەن(6).
ئەمما، ئايال كىشى ئۆتسە نامازنى بۇزىدىغان ياكى بۇزمايدىغانلىقىدا ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر بۇزىدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر بۇزمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ﻣﻪﺳﺮﯗقتىن، ئۇ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎدىن سۆزلەپ بەردىكى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﯘﺯۇۋﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ: «ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯩﺖ، ﺋﯩﺸﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘﺯۇۋﯦﺘﯩﺪﯗ» ﺩېيىلگەنىدﻯ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ: «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯩﯖﻼﺭﻏﯘ! مەن نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى ئۇ زاتنىڭ ئالدىدا قىبلە تەرەپتە كارىۋاتتا يېتىپ كۆرگەنمەن، ﺋﯩﺸﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ قېلىشتىن تارتىنىپ، ﺋﺎﺳﺘﺎ سۇغۇرۇلۇپ چىقاتتىم» ﺩﯦﺪﻯ.(7)
بەزى ئالىملار ئالدىدا يېتىش بىلەن مېڭىپ ئۆتۈشنى ئايرىپ، ئالدىدا ياتسا بۇزمايدۇ، ئۆتسە بۇزىدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلەر يات ئايال بىلەن ئۆز ئايالىنى ئايرىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دالدا بولمىغان ئەھۋالدا ھايۋانلاردىن پەقەتلا قارا ئىت بىلەن ئېشەك نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتسە نامازنى بۇزۇپ قويىدۇ.
بىر ھەدىستە «قارا ئىت شەيتان» دەپ كەلگەن.(8)
ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن سۈترەنىڭ ئارىلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ نامازگاھى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﻗﯩﺒﻠﻪ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩېگەن(9).
سۈترە بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتكەن ئورۇن بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يېقىن بولسا ئاندىن تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئالىملار ئۈچ گەزدىن تۆۋەن ئارىلىق بولسا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۈچ گەز بىر يېرىم مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ.
ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﻛﻪئبەگە ﻛﯩﺮﺳﻪ، ئىشىكنى قىلىپ ئۇدۇل مېڭىپ، ھەتتا ﺗﺎمغا ﺋﯜﭺ ﮔﻪﺯﭼﻪ يېقىنلىشىپ بېرىپ، ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ‹پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ› ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗندا ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ئۇ (يەنە): ‹ﻛﻪئبەنىڭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﺎھلىغاﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ناماز ﺋﻮﻗﯘﺳﺎق بولىۋېرىدۇ› دېگەن»(10).
ئالىملار بۇ ھەدىستىن توساق بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەزدىن يىراق بولسا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا دەلىل چىقارغان.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 15 – شەۋۋال / م. 2011، 13 – سېنتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 47 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. سۈترە (السُّتْرَةُ): سۆزلۈكتە «پەردە، توسۇق، يوپۇق ۋە دالدا» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا كىشىلەرنىڭ ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن، نامازخان ئالدىغا تىكلەپ قويىدىغان نەيزە ياكى هاسىغا ئوخشىغان نەرسىدۇر. يەككە نامازخان ياكى ئىمامنىڭ ئالدىغا سۈترە قويۇشنىڭ ھۆكمى سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر. ئەمما، ئىقتىدا قىلغۇچىغا ئىمامىنىڭ سۈترەسى ھېساب بولغاچقا، ئۇنىڭ سۈترە قويۇشى مۇستەھەب ئەمەس. سۈترە دالدا بولىدىغان تۈۋرۈك، تام ياكى ئورۇندۇق ۋە سومكا قاتارلىق يەردىن بىر گەز ياكى بىلەكچىلىك (ئوتتۇز – قىرىق سانتىمېتر ئەتراپىدا) ئېگىزلىكتە بولغان نەرسىلەرنى ئالدىغا قويۇش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قويىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمىغانلار سىزىق سىزىپ قويسىمۇ بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نامازخان بىلەن ئۇنىڭ سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتۈشى ھارام بولۇپ، ئۆتۈپ قالسا نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. نامازخان سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتكەن كىشىنى ئەڭ يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن توسۇۋالسا ياكى قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتسە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/177 – 188.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (498)؛ «مۇسلىم»، (501).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (495)؛ «مۇسلىم»، (503).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (861)؛ «مۇسلىم»، (504).
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (708). ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (510)؛ «مۇسلىم»، (507).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (511)؛ «مۇسلىم»، (512).
8. «مۇسلىم»، (510).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (496)؛ «مۇسلىم»، (508).
10. «بۇخارىي»، (506).