يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنى ئىچىدە ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟

يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنى ئىچىدە ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەرلەر يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا، ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرز نامازلارنى سۈننەت نامازغا ئوخشاش ئىچىدە ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەتاﺋ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەممە نامازلاردا قۇرئان ئوقۇش پەرزدۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگەن نامازدا بىزمۇ سىلەرگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردۇق. ئىچىدە ئوقۇپ بەرگەنلىرىنى بىزمۇ سىلەرگە ئىچىمىزدە ئوقۇپ بەردۇق. ئەگەر نامىزىڭدا قۇرئاننىڭ ئانىسىنىلا (2/«فاتىھە»نى دېمەكچى) ئوقۇساڭمۇ نامىزىڭ دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زىيادە قىلساڭ تېخىمۇ ئەۋزەل».(1)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك، ئىچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئىچىدە ئوقۇش سۈننەت.

ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرز نامازلار: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتى، جۈمە نامىزى قاتارلىقلاردۇر.

ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە نامازنى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇش، بولمىغاندا ئۆيدە باشقا ھەمراھلار بىلەن بىرلىكتە جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئەۋزەل.

يالغۇز ناماز ئوقۇغان ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان پەرز نامازلارنى ئىچىدە ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ سۈننەتنى تەرك قىلغانلىق بولۇپ، نامازنىڭ يا پەرزى يا ۋاجىبلىرىنى تەرك قىلغانلىق ئەمەس.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «سۈننەت – بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتى، جۈمە نامىزى قاتارلىقلاردا ئۈنلۈك ئوقۇش، پېشىن، ئەسىر، شامنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتى، خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىدە ئىچىدە ئوقۇشتۇر. بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن يەنە بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن مۇئەييەنلەشكەندۇر. بۇ ئىمام بولغان كىشىنىڭ ھۆكمىدۇر. ئەمما، يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىگە كەلسەك، بىزنىڭ (شافىئىيلارنىڭ) ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، ئۇنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت بولىدۇ».(2)

ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇغىنى بىلەن ئىچىدە ئوقۇغىنى باراۋەر. ئىمام كاسانىي مۇنداق ئېيتىدۇ: «ئەگەر يالغۇز ھالەتتە ئوقۇغان بولسا، ئىچىدە ئوقۇيدىغان ناماز بولسا، ئىچىدە ئوقۇيدۇ… سەھۋەنلىكتىن ئۈنلۈك ئوقۇپ قالسا سەجدە سەھۋى كەلمەيدۇ، قەستەن ئۈنلۈك ئوقۇپ قالسا ياخشى قىلمىغان بولىدۇ… ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان ناماز بولسا، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى: خاھلىسا ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، خاھلىسا ئىچىدە ئوقۇيدۇ. ئىمام كەرخىي: خاھلىسا ئۆزى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئوقۇيدۇ، دەپ رىۋايەت قىلغان. باشقا بارلىق رىۋايەتلەردە تەپسىلىي مۇنداق بايان قىلىنغان: ئۇ ئۈچ ئىختىيارلىق ئوتتۇرىسىدا بىرىنى تاللىسا بولىدۇ: خاھلىسا باشقىلار ئاڭلىغۇدەك ئوقۇيدۇ، خاھلىسا ئۆزى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، خاھلىسا مەخپىي ئوقۇيدۇ».(3)

لېكىن، ھەنەفىي مەزھەبتە قايسى ئەۋزەل؟ دېيىلسە «يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىش ئەۋزەل بولغاندەك جامائەتكە ئوخشاپ ناماز ئوقۇش جەھەتتىن ئۈنلۈك ئوقۇش ئەۋزەل».(4)

ھەنبەلىي مەزھەبىدىكى ھېساب بولىدىغان قاراشمۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشىغا ئوخشاش. ئىمام ئىبنى قۇدامە بايان قىلىدۇكى: «ئىمامنىڭ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتىدە ئۈنلۈك ئوقۇشى، ئۇندىن باشقىسىدا ئىچىدە مەخپىي ئوقۇشى سۈننەتتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلاتتى. ئىمامدىن باشقىنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ئەگەر يالغۇز ئوقۇغان كىشى ئۈنلۈك ئوقۇپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوقۇشتا باشقىلار بىلەن تارتىشىپ قالمايدۇ. جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي قالغان كىشى ئۈلگۈرەلمىگەن رەكئەتلەرنى تولۇقلاپ ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق»(5).

دېمەك، يالغۇز ئوقۇغان كىشى شافىئىي مەزھەب بىلەن مالىكىي مەزھەبتە ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت. ھەنەفىي مەزھەب بىلەن ھەنبەلىي مەزھەبتىكى ھېساب بولىدىغان قاراشتا ئىچىدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن يالغۇز ئوقۇغان كىشى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنى قەستەن ئىچىدە ئوقۇسا نامىزى توغرا بولىدۇ. بىرىنچى قاراشتا مەكرۇھلۇق بىلەن، ئىككىنچى قاراشتا مەكرۇھ بولماستىن جائىز بولىدۇ.

شۇڭا، ئۈنلۈك ئوقۇشقا تاقىشىپ قالىدىغان ئەھۋال بولمىسا، ئۈنلۈك ئوقۇش ئەلبەتتە ئەۋزەل. ئېھتىيات قىلىدىغان بىرەر سەۋەب بولسا ياكى بەزى كىشىلەر ئىچىدە ئوقۇسا تېخىمۇ خۇشۇ ھاسىل بولىدىغان بولسا ئىچىدە ئوقۇسا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىچىدە ئوقۇيدىغان نامازلاردا بەزىدە بىرەر ئايەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپ قوياتتى. دېمەك، ئىچىدە ياكى ئۈنلۈك ئوقۇش بىلەن نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ.

ئايال كىشى مەھرەم تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئاياللار بار يەردە ناماز ئوقۇغاندا ئۈنلۈك قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت. بۇ ئەھۋالدا ئۆزى ۋە قېشىدىكىلەر ئاڭلايدىغان ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ئوقۇيدۇ.

ئەگەر يات ئەر كىشى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولسا، ئىچىدە ياكى ئەرلەر ئاڭلىمايدىغان دەرىجىدە پەس ئاۋازدا ئوقۇيدۇ. ئۈنلۈك ئوقۇسا بولمايدۇ.

بەزى ئالىملار ئاياللار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 28 – زۇلقەئدە / م. 2011، 26 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 46 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (772)؛ «مۇسلىم»، (396).
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/344.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/161 – بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/161.
5. ئىبنى قۇدامە: «ئەلكافىي»، 1/134.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ