سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجەتخانىدا مۇستەھەپ قىلسا([1]) بولامدۇ؟ مەن تۇرىدىغان ئورۇندا تۈزۈك بىر مۇستەھەپ قىلغۇدەك ئورۇن يوق ئىدى. شۇڭا، دائىم ھاجەتخانىدا قىلاتتىم. يېقىندا بىرەيلەن ماڭا ھاجەتخانىدا مۇستەھەپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ھەدىسى بارلىقىنى دەيدۇ. لېكىن، مەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى كۆرۈپ بۇ توغرىسىدا ھەدىس بارلىقىنى ھېچ كۆرمىدىم. شۇڭا، ئۇستازلار بۇ ھەقتە ئېنىق بىر يول كۆرسەتكەن بولسا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ئىسلام دىنى پاكىزلىققا، ئىنساننى ئىززەتلەيدىغان ھەرقانداق گۈزەل كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نامازنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن بەدەن، كىيىم ۋە ئورۇننىڭ پاكىز بولۇشىنى شەرت قىلغان.
بىلىشىمچە، دىنىمىزدا ھاجەت قىلغان ئورۇندا مۇستەھەپ قىلسا بولمايدۇ دەيدىغان ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە يوق. لېكىن، نىجاسەت يوق، نىجاسەت چاچرىمايدىغان جايدا مۇستەھەپ قىلىش، تاھارەت ئېلىش پاكىزلىق جەھەتتىن ئەۋزەل، بۇرۇنقى ئادىتىمىزدە تاھارەت سۇندۇرۇش ئايرىم يەردە، مۇستەھەپ قىلىش ئايرىم يەردە بولاتتى، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بولۇپمۇ، شەھەر ئۆيلىرىدە تاھارەت سۇندۇرۇش، سۇ بىلەن مۇستەھەپ قىلىش ھەر ئىككىسى كۆپىنچە بىر جايدا، ھەتتا بىر ئولتۇرۇشتا قىلىنىدۇ. كىيىمگە نىجاسەت چاچراپ كېتىشتىن ساقلانسىلا چەكلىمە يوق. مەيلى بولۇۋېرىدۇ.
تاھارەت ئېلىشتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇمكىن بولسا نىجاسەت يوق ئايرىم جايدا تاھارەت ئېلىش، بولمىسا نىجاسەتنى ئېقىتىۋېتىپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىش كېرەك، شۇنداقتىمۇ، نىجاسەت بولغان جايدا تاھارەت ئالغان تەقدىردە، تاھارەت توغرا بولۇۋېرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 4. 12
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 40 – نومۇرلۇق پەتۋا.
—————————-
([1]) مۇستەھەپ قىلىش ـ تەرەت قىلىپ قەغەز ياكى چالمىدا سۈرتۈپ تازىلىغاندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. يۇيۇۋېتىشنىڭ ھۆكمى ئىسمىغا ئوخشاش مۇستەھەپتۇر. كونا خالىجايلاردا تەرەت قىلغان ئورۇندا سۇ ئىشلىتىش مۇناسىپ ئەمەستى، بەزىدە سۇ ئىشلەتسە نىجاسەت ئۈستىگە چۈشۈپ چاچرايدىغان ئىدى، شۇڭا، سۇ ئىشلىتىشكە ئايرىم مۇستەھەبخانىلار ياسالغان.
Please follow and like us: