سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پايپاققا مەسىھ قىلىشقا بولامدۇ؟ بولسا قانداق پايپاقلارغا بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ئىمام مالىك پايپاققا مەسىھ قىلىشنى جائىز ئەمەس دەپ قارىغان، ئەمما خۇرۇم بىلەن چەملەنگەن پايپاق بىر تەرەپتىن ئۆتۈككە ئوخشاپ قالغانلىقتىن بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن ئىككى خىل قاراش رىۋايەت قىلىنغان، بىر رىۋايەتتە: «جائىز بولىدۇ» دېگەن.([1])
ھەنەفىي مەزھەپتە: بەدەن كۆرۈنمەيدىغان، قېلىن پايپاق بولسا جائىز بولىدۇ دېگەن قاراش بويىچە پەتىۋا بېرىلىدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ۋە مۇھەممەدنىڭ قارىشى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: چەملىك ياكى خۇرۇم پايپاق بولسا جائىز بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھاياتىدا كېسەل بولۇپ قالغاندا چەمسىز پايپىقىغا مەسىھ قىلغان ۋە يوقلاپ كەلگەنلەرگە: «بۇرۇن مەن كىشىلەرنى توسقان ئىشنى قىلدىم» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىككى شاگىرتىنىڭ قارىشىغا قايتقان، دەپ قارىغان.([2])
ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار پايپاققا مەسىھ قىلىش جائىز بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا يول يۈرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە قېلىن بولۇشىنى شەرت قىلغان.([3])
ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام ئىبنى ھەزم، ھازىرقىلاردىن سەلەفىي ئېقىمدىكى ئالىملار قانداق پايپاق بولسا ئىسمى پايپاقلا بولىدىكەن پۇت كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىماقتا.([4])
بۇ ئىختىلاپ ئاساسەن بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ بولغانلىقى، پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلار دەۋرىدىكى پايپاقنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى قايسى تۈرلۈك پايپاققا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەشتىن ۋە پايپاقنى ئۆتۈككە قىياس قىلىشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەن تالاش – تارتىشتىن كېلىپ چىققان.([5])
ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى پايپىقىغا مەسىھ قىلدى» دەپ كەلگەن.([6])
بۇ ھەدىسنى بۇرۇنقىلاردىن ئىمام تىرمىزى، كېيىنكىلەردىن شەيخ ئالبانى قاتارلىق بەزى ھەدىس ئالىملىرى «سەھىھ»، دەپ قارىغان.([7])
ئەمما، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، سۇفيان ئەسسەۋرى، ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى، ئەلى ئىبنى ئەلمەدىينى، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئىمام مۇسلىم، يەنە ئىمام بەيھەقى، ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەۋەۋى قاتارلىق كاتتا ھەدىسشۇناشلار بۇ ھەدىسنى «ئاجىز» دەپ باھالىغان.
ئىمام نەۋەۋى دېدى: «يۇقىرىقى كاتتا ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىرى يالغۇز ھالەتتە ئاجىز دەپ باھالىغان بولسا، ئۇنىڭ باھاسى ئىمام تىرمىزىنىڭ (ھەسەن ھەدىس) دېگەن باھاسىدىن ئالدىن ئورۇندا تۇراتتى، بۇنىڭغا ھەدىس ساھاسىدىكىلەر ئىتتىپاق. سەھىھ دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىكى پايپاق سۆزىدىن چەملىك ياكى يول يۈرگىلى بولىدىغان قېلىن پايپاق كۆزدە تۇتىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، ئىمام مالىكتىنمۇ مۇشۇنداق مەنە بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان».
يەنە ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، بەرا ئىبنى ئازىب، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ئۇمامە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھابىلارنىڭ پايپاقلىرىغا مەسىھ قىلغانلىقى مەلۇم.([8])
ھازىرقى پايپاقلىرىمىزغا كەلسەك، ئەلۋەتتە، ساھابىلار زامانىدىكى يۇڭ ياكى خۇرۇم پايپاقلار ھازىرقى زامانىمىزدىكى قېلىنراق پايپاقلارغا توغرا كېلىدۇ. پۇت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يازلىق نىلون ياكى يىپەك نېپىز پايپاقلارغا توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا، ئۇنداق پايپاقلارغا باشقا ئۆزرە بولمىسا، مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ. پايپاق قېلىنراق بولسا قىش كۈنلىرىدە ياكى سەپەر ئۈستىدە ھاۋانىڭ ياكى سۇنىڭ سوغۇقلىقىدىن ھەقىقىي قىينىلىپ قالىدىغان بولسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلسا بولىدۇ. بولمىسا، نورمال شارائىتتا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى تاھارەت ئايىتىدە: [پۇتۇڭلارنى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار!] دەپ بۇيرۇغان.([9])
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تاھارەت ئېلىشنى ئۆگەتكەن ھەدىسلەردە پۇتىنى ئوشۇققىچە يۇيۇپ كۆرسەتكەن، ئۆزى تاھارەت ئالغاندىمۇ پۇتىنى يۇغان. ساھابە كىراملارمۇ نورمال شارائىتتا پۇتىنى يۇغان. ھەتتا سەپەر ئۈستىدە پۇتىنى چالا يۇيغان ياكى يۇماي پۇتىغا مەسىھ قىلغانلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئۈچ قېتىم: «ئارقىسى يۇيۇلمىغان پۇتلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي!» دەپ تەكرارلاپ ئاگاھلاندۇرغان.([10]) يەنە پۇتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن: «كىمكى بۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم قىلسا يامان قىلغان ھەم زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن.([11])
ئۇنداق بولغان ئىكەن، يۇيۇشنىڭ ۋاجىپلىقى ئەسلى ھۆكۈم، مەسىھ قىلىش بولسا قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بېرىلگەن رۇخسەتتۇر. رۇخسەت دېگەن قىينىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا بېرىلگەن كەڭچىلىك، شۇڭا، نورمال ئەھۋالدا بولۇپمۇ، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، سۇ كەڭرى يەرلەردە رۇخسەتكە ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھاۋا ئىسسىق چاغلاردا باشقا ئۆزرىسى بولمىسا، پۇتىنى يۇماي پايپاققا مەسىھ قىلسا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدىكى ھۆكۈم يۇيۇش، ئۇنىڭدىن پەقەتلا سوغۇق ھاۋا، كېسەللىك ياكى سەپەر دېگەندەك قىينىغۇچى سەۋەبلەر تېپىلغاندىلا ئۇنىڭ بەدىلى بولغان مەسىھكە يۆتكىلىمىز، بەلكى، تېخى ئىسسىق كۈنلەردە پۇتنى يۇماي سېسىق پۇرۇتۇش باشقىلارغا ئازار بېرىش جەھەتتىن مەكروھ بولۇشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 4. 11
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 39 – نومۇرلۇق پەتۋا.
———————
([1]) «بداية المجتهد»، 1/14.
([2]) «تبيين الحقائق»، 1/52 ۋە «شرح المنية»، ھەلەبى.
([3]) «المجموع»، 1/564 «المغني»، 1/181.
([4]) «المحلى»، 2/80 «مجموع الفتاوى والرسائل» شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن 11 – توم، «ئۆتۈككە مەسھى قىلىش بابى».
([5]) «بداية المجتهد»، 1/14.
([6]) «ئەبۇ داۋۇد»، 159 – ھەدىس، «تىرمىزىي» 99 – ھەدىس، «ئىبنى ماجە» 559 – ھەدىس.
([7]) «صحيح سنن الترمذي»، 86 – نومۇر.
([8]) «المجموع»، 1/566 «نصب الراية»، 1/184 «الدراية»، 1/82، «نيل الأوطار»، 1/226.
([9]) «مائىدە» سۈرىسى، 6 – ئايەت.
([10]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 60 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 240 – ھەدىس.
([11]) «ئەبۇ داۋۇد»، 135 – ھەدىس، نەۋەۋىي: «سەھىھ» دېگەن. «شرح صحيح مسلم»، 3/129. ئالبانىي «ھەسەن»، دېگەن.
Please follow and like us: