«سەبەﺋ» سۈرىسى 13 - ئايەتنىڭ تەفسىرى ھەققىدە

«سەبەﺋ» سۈرىسى 13 – ئايەتنىڭ تەفسىرى ھەققىدە

سوئال: ﴿ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خاھلىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، ئورنىدىن مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى. ئى داۋۇد ئائىلىسى بۇ نېئمەت ئۈچۈن شۈكۈر قىلىڭلار. لېكىن، قۇللىرىمدىن شۈكۈر قىلىدىغانلار ئازدۇر﴾(34/«سەبەﺋ»: 13).

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يۇقىرىقى «سەبەﺋ» سۈرىسى 13 – ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا. ئادەتتە دىنىمىز ئىسلامدا ھەيكەل ياساش چەكلىنىدىغان تۇرسا، جىنلارنىڭ سۇلايمان پەيغەمبەرگە ھەيكەللەرنى ياساپ بېرىشىنى قانداق چۈشىنىمىز ياكى شۇ ۋاقىتنىڭ شەرىئىتىدە ھەيكەل ياساش چەكلەنمەمتى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەزكۇر ئايەتتىكى «ھەيكەللەر» دېگەن سۆزنىڭ تەفسىرىدە ئالىملارنىڭ تەفسىرلىرى مۇنداق: ھەسەن بەسرىي: «ئۇ چاغلاردا ھەيكەللەر ھارام قىلىنمىغان ئىدى» دېگەن.

ئاندىن بۇ ھەيكەللەرنىڭ نېمىنىڭ ھەيكەللىرى ئىكەنلىكىدە ئىككى خىل تەفسىر بار: بىرى، توز، بۈركۈت قاتارلىق ئۇچار – قۇشلارنىڭ ھەيكەللىرى تەختىنىڭ ۋە ئەرشىنىڭ پەلەمپەيلىرىدە ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغانلار ئەيمىنەتتى. بۇنى زاھھاك دېگەن.

يەنە بىرى، ھەيكەللەر پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ ئۇلار ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلسۇن، ئۇلارغا ئوخشاش تىرىشسۇن دېگەن مەقسەتتە ياسالغان. بۇنى ئىبنى سائىب دېگەن.

ئاندىن بۇ ھەيكەللەرنىڭ قايسى ماددىدىن ياسالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىككى خىل تەفسىر بار: بىرى، مىستىن ياسالغان. مۇجاھىد شۇنداق دېگەن.

يەنە بىرى، مەرمەر تاش بىلەن مىستىن ياسالغان. قەتادە شۇنداق دېگەن.(1)

بەزىلەر مۇنداقمۇ تەفسىر قىلىپ باققان: «جانلىقلاردىن باشقا دەل – دەرەخ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى «تىمسال» دېگەن جانلىق ياكى جانسىز باشقا بىرنەرسىنىڭ سۈرىتىگە ئوخشىتىلغان ھەرقانداق نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. ياكى بېشى كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن».(2)

لېكىن، بۇ ھەيكەللەرنىڭ نېمىنىڭ ھەيكەللىرى ياكى نېمىدىن ياسالغان ھەيكەل ئىكەنلىكىدە سەھىھ بىر نەقىل يوق. پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى قىسمەن مەسىلىلەردە ئوخشاش بولماسلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ئىش. بۇنىڭ «قۇرئان»دىكى مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنمىغان ئىش ئىدى، بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا يول ئاچماسلىق ئۈچۈن ھەيكەل ياساش ھارام قىلىنغان دېگەن تەفسىر ئەڭ مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ.

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ ھەبىبە بىلەن ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندىكى ئىچىدە سۈرەتلەر قويۇلغان بىر چېركاۋنى ئېسىگە ئېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆزلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار ئۆز ئىچىدىكى بىرەر سالىھ ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرسىگە مەسجىد بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك ئۇنىڭغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامانلىرىدۇر» دېدى.(3)

ئىمام قۇرتۇبىي دەيدۇ: «ئالىملىرىمىز ئېيتتىكى: ئۇلارنىڭ دەسلەپكىلىرى ئاشۇ ھەيكەللەرنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەھۋاللىرىنى ئەسلەپ ئۇلار تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قەبرلىرىنىڭ قېشىدا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلغان. ئۇلاردىن كېيىن بىر مۇنچە زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن بەغەرەز ناچار بىر ئەۋلاد مەيدانغا كېلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشەنمىگەن. شەيتان ئۇلارغا: سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلار، ئابا – ئەجدادىڭلار مۇشۇ ھەيكەللەرگە ئىبادەت قىلىشاتتى، دەپ ۋەسۋەسە قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاشۇ ھەيكەللەرگە ئىبادەت قىلغان. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئېغىر جازا – ئوقۇبەتلەر بىلەن تەھدىت قىلغان ۋە شۇنداق ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك يوللارنى تاقىۋەتكەن. مەسىلەن مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلىرىنىڭ، سالىھلىرىنىڭ قەبرلىرىنى مەسجىد قىلىۋالغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ غەزىپى ئىنتايىن شىددەتلىك بولىدۇ» يەنە: «ئى ئاللاھ مېنىڭ قەبرەمنى ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇت قىلمىغايلا» دېگەن».(4)

ھەيكەل ياساش بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھارام قىلىنغان دېگەن بۇ قاراشنى كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەر تەرجىھ قىلغان توغرا قاراشتۇر.

قازى ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى ئەتىييە: «بۇ يەنى ھەيكەل ياساش مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتى بىلەن مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن» دېگەن.(5)

ئىمام بەيزاۋىي: «ھەيكەللەرنىڭ ھارام قىلىنىشى يېڭىلانغان شەرىئەتتۇر» دېگەن.(6)

ئىمام ئەلۇسىي: «جانلىق نەرسىنى تولۇق تەسۋىرلەپ ھەيكىلىنى ياساشنىڭ ھاراملىقى ئۆز ۋاقتىدىكى ئاشۇ شەرىئەتتە بولمىغان، ئۇ پەقەت بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدىلا بولغان» دېگەن.(7)

خۇلاسە: ھەيكەل ياساش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردە مۇباھ ئىش ئىدى. ئىلگىرىكىلەرنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ياسىغان پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ ھەيكەللىرىگە كېيىنكىلەر چوقۇنىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان بولۇۋالغاچقا بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھەيكەل ياساش ھارام قىلىنغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ لايدىن قۇشنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ئۇنىڭغا پۈۋلىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جان كىرىپ ھەقىقىي قۇش بولاتتى. بۇ 3/«ئال ئىمران»: 49 – ئايەتتە بايان قىلىنغان.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – شەئبان / م. 2011، 4 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 4 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. ئىبنۇلجەۋزىي: «زادۇلمەسىير»، 6/439.
2. زەمەخشەرىي: «تەفسىرۇ ئەلكەششاف»، 3/582.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3873)؛ «مۇسلىم»، (528).
4. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 2/58.
5. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 4/409.
6. بەيزاۋىي: ««تەفسىرۇ بەيزاۋىي»، 4/394.
7. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 22/119.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ