ئايەتلەر يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تامغا ئېسىشقا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يېقىندىن بۇيان كىشىلەر ئايەتلەر ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆيلىرىگە زىننەت ئۈچۈن ئېسىۋالىدىغان بولدى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھۆسنخەت شەكلىدە بولۇپ ھەتتا ئوقۇغىلىمۇ بولمايدۇ. مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى تاملارغا ئېسىۋالساق بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن.

يەنە بىر سوئال: ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە بىر تەرىپىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان يەنە بىر تەرىپىگە ئايەت يېزىلغان زىننەت بۇيۇمىنى ئاسسا بولامدۇ؟

يەنە بىر سوئال: بىر دوستۇم ئاشخانا ئاچماقچى ئىكەن. ۋىۋىسكىسىغا ئۇيغۇرچىسىغا «ھالال» خىتتايچىسىغا «چىن جىن» ئەرەبچىسىگە كەلىمە تەيبىنى يازدۇرۇپتۇ. كېيىنچە ئويلاپ، كەلىمە تەيبىنى يازسام گۇناھ بولارمۇ دېگەن ئەندىشىدە بولۇپ قاپتۇ. ئۇستازىمىزنىڭ بۇنىڭ ھۆكمىنى دەپ بېرىشىنى سورايمىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئوخشاشمىغان قاراشلاردا بولغان مەسىلە بولۇپ، بەزىلەر بۇ ئىشنى مەكروھ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بىدئەت دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر جائىز دەپ قارايدۇ. دېمەك، بۇ مەسىلە ئىختىلاپى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭچىلىك بار.

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئەرەبلەرنىڭ ئاددىي – ساددا جەمئىيىتىدە بۇ خىلدىكى رامكىلارنى ئېسىش ئادىتى بولمىغان. كېيىنچە، رەسىم ياكى بەزى ھۆسنخەتلەرنى تامغا ئېسىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.

ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە تاملارغا رەسىم ياكى ھۆسنخەتلەرنى ئېسىش ئومۇملاشقان بىر ئادەت. يېقىندىن بۇيان ماشىنىلارغىمۇ ئېسىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ.

مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا تامغا ئېسىلغان رەسىم ياكى ھۆسنخەت مەزمۇنى مەلۇم جەھەتتە بىر ئەلدە ياشاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى، قىممەت قارىشىنى، ئېتىقادىنى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بەلگىگە ئايلىنىپ قالدى ۋە شۇ ئاساستا ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، تارىخى ۋە ئەنئەنىسىگە ماس نەرسىلەرنى ئاسىدىغان بولدى.

ئەمدى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن شەرئى جەھەتتىكى قاراشلىرىغا قاراپ باقايلى:

1. ئېسىشنى مەكروھ دەپ قارىغان ئالىملار: تاملارغا ئېسىلىدىغان ئايەتلەر بەزىدە ئۆي كۆچۈش ياكى توشۇش جەريانىدا يۈك – تاقلار قاتارىدا بېسىلىپ ھاقارەتلىنىپ قالىدۇ ياكى ئايەت ئېسىلغان ئۆيلەردە گۇناھ – مەئسىيەتلەر قىلىنىپ ئايەت خارلىنىدۇ، دەپ مەكروھ دېگەن.

ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي كۆچكەندە ياكى بۇ نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە ئۆز لايىقىدا ئورۇندا قويۇپ يۆتكەش، گۇناھ – مەئسىيەتلەر بولىدىغان جايلارغا قويماسلىققا دىققەت قىلىش تەبىئىيلا مەسىلىنىڭ مەكروھلۇق ھۆكمىنى ئېلىپ تاشلاپ ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھۆكمىنى كۈچكە ئىگە قىلىۋېرىدۇ.

2. بىدئەت دەپ قارىغان ئالىملار: بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان، قۇرئان بولسا تاملارغا ئېسىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، قۇرئان ئايەتلىرىنى زىبۇ – زىننەت قاتارىدا ئۆي بېزەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئايەتلەر ئېسىلغان جايلاردا گۇناھ – مەئسىيەتلەر قىلىنسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ تۈرلۈك رامكىلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسا، بۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

لېكىن، پەيغەمبەر دەۋرىدە بولمىغانلىكى ھەر قانداق ئىشنىڭ كېيىنكى دەۋردە قىلىنىشىنىڭ ھەممىسى مۇتلەق ھالدا مەسىلىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەرمەيدۇ. مىسالغا ئالساق: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىتاب قىلىپ تۈپلىمىگەن قۇرئاننى ساھابىلار تۈپلىگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېزىپ قالدۇرمىغان ھەم يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرۇمىغان ھەدىسلەرنى ساھابىلار توپلىغان. جۈمە كۈنى بىرىنچى ئەزاننى ئارتۇق پەيدا قىلغان. بۇلار بىدئەت ھېسابلانمىغان، چۈنكى بۇ ئايرىم بىر ئىبادەت پەيدا قىلغانلىق بولماستىن، ئەسلى بار ئىبادەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلار دەپ قارالغان ھەمدە بۇ ئىشلار قۇرئاننىڭ زايە بولماسلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ جۈمەگە ئۈلگۈرەلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ۋەسىلە خاراكتېرلىك ئىشلار. ئەگەردە تاملارغا ئايەتلەرنى ئېسىشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان دەپلا چەكلەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىر كىتاب قىلىپ جەملەنگەن قۇرئاننى ئوقۇشىمىز، بېسىپ تارقىتىشىمىز، يېنىمىزدا كۆتۈرۈپ مېڭىشىمىزمۇ بىدئەت بولسا بولاتتى.

3. ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش جائىز دەپ قارىغان ئالىملار بۇ ھەقتە چەكلەنگەن بىر ئەھۋال بولمىغاچقا، جائىز دەپ قارايدۇ.

بۇلار مەسىلىنىڭ يۈزەكى تەرىپىگىلا قارىماستىن بەلكى مەسىلىنى ماھىيەتلىك كۆزىتىم ئاساسىدا تەھلىل قىلغان بولۇپ بۇلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:

پەيغەمبەر ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈنۈشىگە ھېرىسمەن ئىدى. تەقى – تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدە مۇسۇلمان شەخس مۇشرىك، بۇتپەرەس ياكى ئاتەشپەرەسلەردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن:

نافى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ساقاللارنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار» دېگەن. «مۇسلىم» دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: «بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار، مەجۇسىلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار!» دېگەن.(1)

يەنە: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! چۈنكى، ئۇلار كەشلىرىدە ۋە ئۆتۈكلىرىدە ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن. ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە: «ناسارالارغىمۇ» دەپ ئارتۇق كەلگەن.(2)

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە بىلەن سۇلايمان ئىبنى يەسار ئىككىيلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىي – ناسارالار (چاچ – ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن.(3)

بۇنىڭدىن باشقا: ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇشتا يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈن قېتىپ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

ئومۇمەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىدا مانا مۇشۇنىڭدەك غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىبادەتتە بولسۇن، تەقى – تۇرقى ۋە قىياپەتتە بولسۇن ئۆزگىچە ئىش تۇتقان ئەھۋاللار كۆپ.

بىزنىڭ تەھلىلىمىز بولسا تۆۋەندىكىچە:

ئۈچىنچى قاراشىتىكىلەرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئادەتتىكى ئىسلام ئەللىرىگە نىسبەتەن جائىز دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن بۇنى مۇستەھەپ ھەم پايدىلىق ئىش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشايمىز، بېزەكچىلىكتە، يۈرۈش – تۇرۇشىمىزدا، ھېيت – ئايەملىرىمىزدە شۇنداقلا ئايرىلىپ تۇرۇش مۇمكىن بولغان ھەر ساھەدە بىز ئايرىم، ئۆزگىچە، مۇسۇلمانلارغا خاس ئەنئەنە، پۇراق بىلەن كىملىكىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز لازىم.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىنى ۋە ئىسمىنى ئۇلۇغلاش شۇنداقلا ئەسلىتىش ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىسلام تەشۋىقاتى، ئىسلام شوئارى ھەم ئىسلام بەلگىسىدۇر، بولۇپمۇ، يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆز كىملىكىنىڭ نىشانىسىدۇر.

شۇنداقلا ئىسلام بۇيرۇغان بىرەر كۆرسەتمىگە زىت كەلمەيدۇ. ئايەتلەرنى قەغەز، تام ياكى باشقا نەرسىلەرگە يېزىش، ئوقۇش ۋە ئەسلىتىش بۇيرۇلغان ئىش، بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، ساھابىلارمۇ شۇنداق چۈشىنىپ ئىش قىلغان.

دېمەك، ئايەتلەرنى ئېسىش قاتارلىق بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولۇپ، تاملارغا ئايەت ئېسىش ئىشلىرى دىنى ماھىيەتتىن ئېشىپ ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنى بىدئەت دېيىشكە بولمايدۇ.

قۇرئاننى ئېسىشنى بىدئەت دەپ چەكلىسەك، بۇنىڭ ئورنىنى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر نەرسىلىرى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداقلا ئۆيلىرىمىز ياتلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئىشخانىلىرىمىز ياتلارنىڭ ئىشخانىلىرىدىن، دۇكانلىرىمىز ياتلارنىڭ دۇكانلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى يوقۇلۇپ كىملىكى مۈجمەل مىللەتكە ئايلىنىپ قالىمىز، پەرزەنتلىرىمىزمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولمايدۇ، تونۇمايدىغان بولىدۇ. چوڭ بولغاندا قۇرئان ئايىتىنى بىر يەردە كۆرسە ياكى قۇرئاننىڭ ئۆزىنى كۆرسە بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ ئادەتتىكى بىر كىتابى ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئايەتلەرنى بايراقلارغا ۋە بەزى شۇئار خاراكتېردىكى لەۋھە قاتارلىق نەرسىلەرگە يېزىش ئىسلام ئەنئەنىسى، مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە شوئارى، شۇڭا، يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەردە داۋاملىق قۇرئان ۋە ئىسلام ئالامەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ باشقىلاردىن ئايرىم تۇرۇشى لازىم. خەلىپىلەرمۇ دەسلەپ قىلىپ تىللا ۋە تەڭگە سوقتۇرغاندا تىللاغا سۈرە ئىخلاس ۋە كەلىمە شاھادەتنى يازدۇرغان. بەزى خەلىپىلەرنىڭ ئۈزۈكلىرىگە، مۆھۈر – تامغىلىرىغا ئايەتلەر يېزىلغان ئىدى، ھالبۇكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىش ئىدى، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوقتۇرغان پۇللىرى ئالدىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇلى ئايرىم ئىسلام پۇرىقى بىلەن ئالاھىدە تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلغان، بۇنى بىدئەت دەپ قارىمىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىك ۋە كافىرلاردىن يۈرۈش – تۇرۇش ۋە شەكىل – قىياپەتتە، ئولتۇرۇپ – قوپۇشتا، ئۆي تۇتۇش ۋە بېزەشتە، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزگىچە ۋە ئايرىم بولۇشى مۇسۇلمانلار كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.

ئەلۋەتتە، ئايەتلەرنى خارلايدىغان شەكىلدە ئېسىشقا، دەسسىلىدىغان گىلەم ۋە پالاسلارغا يېزىپ ئۆيلەرگە سېلىشقا، ياستۇق، يوتقان – كۆرپىلەرگە يېزىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىھۆرمەتلىككە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكسىز چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بولىدىغان ئادەت ئىشلار بىدئەت بولماي بەلكى مۇستەھەپ بولىدۇ. ھەر بىر ئىشقا بىدئەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرايدىغانلار مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ قارار چىقىرىشى، ئىبادەت بىلەن ئادەتنى ئايرىشى، نەزەرىيەگىلا قارىماي، ياشاۋاتقان مۇھىتقا، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا كۆرە ئىش كۆرۈشى، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى… قاتارلىقلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى لازىم، چۈنكى پەتىۋا بېرىشتە ياشاۋاتقان مۇھىتنى چىقىش قىلىش پەتىۋا چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 12. 3

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 3 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————-

1. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5892 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 259 – ھەدىس.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 652 – ھەدىس؛ «صحيح ابن حبان» 2186 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىمۇ «سەھىھ» دېگەن.
3. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5899 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2103 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز