«لەيل» سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايەتىنىڭ ئوقۇلىشى

«لەيل» سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايەتىنىڭ ئوقۇلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! «ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە – مارجانلار» دېگەن كىتابنىڭ 177 – بېتىدە بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس بار. ئۇنىڭدا سۈرە «لەيل»نىڭ ئۈچىنچى ئايەتىنى ﴿وَالذَّكَرِ وَالأُنثَى﴾ دەپ ئوقۇشنى توغرا دېگەن ئىكەن، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: شامغا كېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئاللاھتىن ماڭا ياخشى سۆھبەتداش مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەپ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇم. بىر ئاقساقال كىشى كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى. مەن: بۇ كىشى كىم؟ دېۋىدىم، ئۇلار: ئەبۇددەرداﺋ بولىدۇ، دېيىشتى. مەن: ئاللاھتىن ماڭا ياخشى سۆھبەتداش مۇيەسسەر قىلىشنى سوراپ دۇئا قىلغان ئىدىم، سىلىنى ماڭا مۇيەسسەر قىلدى، دېسەم. ئۇ: كىملەردىنسەن؟ دەپ سورىدى. مەن: كۇفە خەلقىدىن، دېسەم. ئۇ: ئاراڭلاردا ئۇممۇ ئەبدىنىڭ ئوغلى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەشىنى، ئىۋرىقىنى، ياستۇقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلغان كىشى بارتىغۇ؟ (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنى دېمەكچى) ئاراڭلاردا ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلاپ قالغان كىشى بارتىغۇ؟ (ئەممارنى دېمەكچى) ئاراڭلاردا ھېچكىم بىلمەيدىغان سىرنى بىلىدىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىردىشى بارتىغۇ؟ دەپ، ئاندىن: ﴿وَٱلَّيۡلِ (‏ۋەللەيلى)﴾ نى ئابدۇللاھ قانداق قىرائەت قىلىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، مەن: ﴿وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ * وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ * وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى﴾ دەپ ئوقۇپ بەرسەم ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن مۇشۇنداق ئۆگەتكەن، دېدى(1).

يەنە بىر رىۋايەتتە ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىرنەچچە ھەمراھلىرى بىلەن شامغا باردىم. ئەبۇددەرداﺋ بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، يېنىمىزغا كېلىپ:

— ئاراڭلاردا قۇرئان ئوقۇيالايدىغان كىشى بارمۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدى. بىز:

— ھەئە. بار، — دېۋىدۇق. ئۇ:

— ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايدىغىنىڭلار قايسىڭلار؟ — دېگەن ئىدى، ئۇلار مېنى ئىشارەت قىلىپ قويۇشتى. ئۇ:

— ئوقۇغىن، — دېگەن ئىدى، مەن:

— ﴿وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ * وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ * وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى﴾  — دەپ ئوقۇسام، ئۇ:

—سەن بۇ خىل ئوقۇشنى ئۇستازىڭنىڭ (ئابدۇللاھنىڭ) ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. مەن:

— ھەئە، — دېسەم. ئۇ:

— مەنمۇ بۇ خىل ئوقۇشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. شاملىقلار بۇنداق ئوقۇشتىن چەكلەۋاتىدۇ، — دېدى(2).

مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايەتىدە: «ئاۋۇلار مېنى ﴿وَمَا خَلَقَ﴾ دەپ ئوقۇشۇمنى خالاۋاتىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارغا ئەگەشمەيمەن» دەپ كەلگەن.

مۇفەسسىرلەردىن ئىبنى ئەتىييە مۇنداق دەيدۇ: «يۇقىرىقى ئايەتنى كۆپچىلىك ساھابە كىراملار ھازىر بىز «قۇرئان كەرىم»دە ئوقۇۋاتقان شەكىلدە ﴿وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ﴾ دەپ قىرائەت قىلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغىنى بويىچە ﴿وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى﴾ دەپ قىرائەت قىلغان. ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەلقەمە قاتارلىقلارمۇ شۇنداق قىرائەت قىلغان. ئۇلارنىڭ قىرائەتىدە ﴿وَمَا خَلَقَ﴾ دېگەن ئىبارە يوق. بۇ قىرائەت يەنە ئىبنى ئابباس ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان».(3)

ئىمام ئەلۇسىي: «بۇ قىرائەت بىرقانچە ساھابەدىن نەقىل قىلىنغان شاز قىرائەت(4) بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىرائەت قىلىش جائىز بولمايدۇ. لېكىن، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان كىشىگە نىسبەتەن مۇتەۋاتىر ھۆكمىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بويىچە قىرائەت قىلسا بولىدۇ» دەيدۇ (5).

يۇقىرىقى ھەدىستە ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇلارغا ئەگەشمەيمەن» دېگەن. «ئەمەلىيەتتە، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قىرائەتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن ئىشەنچلىك دەپ قاراپ شۇنداق دېگەن. بىراق، كۆپچىلىكمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولغاچقا، ھەم ئۇلار سان جەھەتتىن مۇتەۋاتىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىرائەتىمۇ كەسكىن ئىشەنچلىك»(6).

بۇ قىرائەت ئوخشاشماسلىقىنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: بۇ قىرائەتمۇ، كۆپچىلىكنىڭ قىرائەتىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەندۇر. لېكىن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىرائەتى كېيىنچە، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن. مەنسۇخ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بىخەبەر قالغانلار بۇرۇنقى ئاڭلىغان قىرائەتتە ئوقۇۋەرگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان»نى قايتا رەتلىگەندە مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن قىرائەتلەرنى ئېلىۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرقى قىرائەت شەكلى بويىچە «قۇرئان»نى بىر نۇسخا قىلىپ بېكىتىپ ئىقلىملارغا ئەۋەتكەندىن كېيىن ھەممەيلەن بىردەك ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇسخىسى بويىچە قىرائەت قىلىشقا باشلىغان. ھېچكىم ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغان(7).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 25 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2012، 17 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 1 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3742)؛ «مۇسلىم»، (824).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4943)؛ «مۇسلىم»، (824).
3. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 5/490.
4. شاز (اَلشَّاذُّ): ئەرەب تىلىدا: «باشقىلاردىن ئايرىلىۋالغۇچى، توپتىن چىققۇچى، يات، غەيرىي، قائىدە سىرتىغا چىققۇچى ۋە غەلىتە» دېگەن مەنىدە. مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «رىۋايەتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر راۋىينىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچلىكرەك ياكى ياخشىراق بىر ياكى بىرقانچە راۋىينىڭ رىۋايەتىدىن باشقىچە قىلغان رىۋايەتى» بولۇپ، ئىككى رىۋايەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغىنىدا، ئۇ رىۋايەت «شاز (يات)» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز بىر راۋىينىڭ ئۆزى يالغۇز قىلغان، تەكشۈرگۈچىگە خاتالىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان رىۋايەتىگىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا، ئۇسۇل (ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر) غا مۇخالىپ ھۆكۈم»دۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلارنىڭ قارىشىدا: «شاز مەشھۇرنىڭ ياكى راجىھنىڭ، ياكى سەھىھنىڭ قارىمۇقارشىىسى»دۇر. يەنى شاز قاراش دېمەكلىك «مەرجۇھ ياكى زەئىف، ياكى غەرىب قاراش» دېگەنلىك بولىدۇ. شافىئىيلارنىڭ بايانلىرىدا شاز قاراش «راجىھقا ياكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا مۇخالىپ»نى كۆرسىتىدۇ. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: قىرائەتلەر «مۇتەۋاتىر» ۋە «شاز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شاز قىرائەت سەھىھ قىرائەتنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىدىن بىرەرسى كەم بولغان قىرائەتتۇر: سەنەدى سەھىھ بولۇش، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئوسمانىي مۇسھەف («قۇرئان») غا ماس كېلىش. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/357؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 430 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
5. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 30/147.
6. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 19/296.
7. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/109؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 16/237.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ