قەلەمدە : دوكتور مۇھەممەد ئەھمەد ئەزب
تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخىي ھەرىكەتلەرگە چوڭقۇر نەزەر سالغان ۋاقتىدا، بەس – مۇنازىرە زۇلمەتلىرى توسۇپ قالالمايدىغان چوڭ بىر ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىشى قىيىنغا توختىمايدۇ.
بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت – بۇ بۈيۈك تۇغۇلۇشنىڭ شەيئىلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىجابىي رول ئوينىغان كائىنات خاراكتىرلىق ئومۇمىي بىر ئىنقىلابنىڭ سىگنالى بولغانلىقىدۇر.
بۇ بۈيۈك تۇغۇلۇش ئىنساننىڭ يەرشارىدىكى ئورنىنى، يەرشارىنىڭ كائىناتتىكى ئورنىنى، زاماننىڭ تارىختىكى ئورنىنى تولۇق ئازاد قىلغان دېسەكمۇ بولىدۇ.
[1]
شۇنداق، بۇ بۈيۈك تۇغۇلۇش ئالەمشۇمۇل بىر ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىدى. بۇ ئىنقىلاب ئىنسان، زامان، ماكاننى ئازاد قىلغان. ئىنسان، زامان، ماكاننىڭ ئىلگىرىلەش يولىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك قۇللۇق كىشەنلىرىنى ئېلىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ھۆرلۈكىنى قولىغا ئالغان. ئۆزىنىڭ زامان، ماكان كىملىكىنى ھەر شەيئىدىكى ياخشىلىق ئېلېمېنتلىرىنى قېزىپ چىقالايدىغان يېڭىچە شەكىلدە ياساپ چىققان. شۇ ئىنقىلابتىن كېيىنلا ئىنسان تارىختا ئۆزىنىڭ قەدىمىنى يۈكسەك، ئالىي چوققىلارغا توغرىلاشقا، ماكانمۇ ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ كۆركەم شەيئىلەرنى ئۈندۈرۈشكە، گۈزەل، كۆركەم شەيئىلەرنى قوينىغا ئېلىشقا، زامانمۇ تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ كەڭ شەيئىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە ۋە ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشكە باشلىغان.
لېكىن، قانداق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنساننى خىلمۇخىل قۇللۇق كىشەنلىرىدىن قانداق ئازاد قىلدى؟ زاماننى ئەرزىمەس تارىخىي ھەرىكەتلەر چاڭگىلىدىن قانداق قۇتۇلدۇردى؟ ماكاننى بۇت بولۇشتىن ياكى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىغان مەركەز بولۇشتىن قانداق قۇتۇلدۇردى؟
بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار قەلەم تەۋرەتتى. لېكىن ئۇلار مەسىلىگە سان – سىپىر نۇقتىسىدىنلا نەزەر سالدى. (ئەگەر شۇنداق دېيىش توغرا بولسا) يەنى، ئۇلار سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئەقىدە ساھەلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى تەھلىل قىلماستىن ئىستاتىسكا قىلدى.
بىز بۇ قۇرلاردا مانا شۇ ھەقىقەتنى يورۇتۇشقا تىرىشىمىز.
يەنە بىر قېتىم سورايمىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداق ئازاد قىلدى؟
[2]
تارىخ بۇ ھەقتە ئۆز – ئۆزىگە بولسىمۇ يالغان ئېيتىشقا پېتىنالمايدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىنقىلابى ئۇنىڭ بۈيۈك رىسالىتىنىڭ (ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ) پۈتۈن قىسمىنى تەشكىل قىلغىلى تاس قالىدۇ. چۈنكى قىممەت – قاراش، ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – پىرىنسىپ، قانۇن – تۈزۈم، ئەھكام، شەرىئەت، دەۋا – دەستۇر، قىسسە قاتارلىق ئىسلامىي رىسالەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان شەيئىلەر ئىنساندىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئوق مەركىزىنى يوقاتقان ۋاقتىدا ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئىنساننىڭ بۇ ئىسلامىي تەلىماتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقى بۇ تەلىماتلارنىڭ يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
بۇنىڭدىن چۈشىنىۋالالايمىزكى، قۇرئاننىڭ مۇددەتكە بۆلۈنۈپ چۈشۈرۈلىشى مۇھىم بىر مۇقەددىمە ئۈستىگە قۇرۇلغان تەبىئىي تەرتىپتۇر. بۇ مۇھىم مۇقەددىمە جاپاكەش ئىنسانىيەتنى ئازاب – ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇش. بۇ ئاسماندىن زېمىنغا ۋەھىي چۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.
شەرىئەت ۋە رىسالەتلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىك، ئەلچىلىكلەرنىڭ) مەۋجۇدىيىتى يەنە بىر مەۋجۇدىيەتنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ. بۇ مەۋجۇدىيەت ئىنسان مەۋجۇدىيىتىدۇر. ئىنسان مەۋجۇت بولمىسا، شەرىئەتلەرمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ تاش ئۆڭكۈرلەرگە، تاغ چوققىلىرىغا چۈشۈش تارىخىنى قېزىپ چىقمىسا، رىسالەتلەر ئۆزىنىڭ قەغەز ئۆڭكۈرلەرگە، قەلب چوققىلىرىغا چۈشۈش تارىخىنى قېزىپ چىقالمايدۇ!!!
ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننى ئازاد قىلىشى مەقسەتلىك، ھەممىدىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئازادلىق بولغان بولىدۇ. بۇ ئازاد قىلىشنىڭ سالمىقى كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېقىتقان ھەربىر تامچە قان – تەرىنى چىن قەلبىدىن خالاپ ئاققۇزغانلىقى قانائىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.
چۈنكى بۇ جاراھەت بۇ يەردە قان ئاققۇزسا، ئۇ يەردە ساناقسىز جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پىشانىسىدىن ئاققان ھەر بىر تامچە قان ياكى تەر ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخىدا ئىنسانلارنىڭ پىشانىسىدىن قان توپانلىرىنى، ياش شارقىراتمىلىرىنى سىلايدىغان مېھرىبان، شەپقەتلىك قوللارغا ئايلانغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدىن ئاققان قان – تەرلەر كائىنات، تارىخ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن. بۇ جاراھەتلەر ئىنساننىڭ كائىنات ۋە تارىختا ئىنسانلىق تىزگىنىنى ئېچىنىشلىق ئىرقىي ئۇرۇشلارغا ياكى ئىنسان گەۋدىسىنىڭ جانسىز جىسىملار ئالدىدا ئېگىلىشىگە ياكى ئىنساننىڭ بۈيۈكلۈكى، ئۇلۇغلۇقىغا بەلگە بولالايدىغان تارىخقا يېزىلغۇدەك ھېچ بىر يېڭىلىق ياراتماستىن، شەھۋەت يوللىرىدا زايە بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان داۋاسىز قالاقلىق توپانلىرىدا غەرق بولماستىن تۇتۇپ تۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.
ئىنسانىيەت مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇرۇن ئەقلىي قانائەت جەھەتتە نۇرغۇنلىغان پىرىنسىپلارغا تايىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنساندا ئەقىل، تەن، روھ ئىنقىلابى قوزغىدى. ئىنسانىيەت ئەقىل ئىنقىلابى ئارقىلىق خۇراپاتلىق قورغانلىرىنى، قاتماللىق سېپىللىرىنى، بېكىنمىچىلىك تاملىرىنى تەۋرەتتى. تەپەككۇرىنىڭ يۈگىنىنى زامان، تارىخ، كائىنات، مەدەنىيەت بوستانلىقلىرىدا سەيلە قىلىپ، تەرەققىيات قەدىمىگە ماس كېلىدۇ، دەپ قارىغان شەيئىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كائىنات ۋە ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەت ئېقىمى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئارزۇلىرىغا ماسلىشالمايدۇ، دەپ قارىغانلىرىنى يىقىتىپ، ئۇنىڭ خارابىسى ئورنىغا ماسلىشالايدىغانلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قويىۋەتتى.
ئىنسانىيەت تەن ئىنقىلابى ئارقىلىق جاپا – مۇشەققەت قەسىرلىرىنى، ئەنسىرەش ۋە قورقۇش كىشەنلىرىنى تەۋرىتىپ، ئۆزىنىڭ يوللۇق تەلپۈنۈشلىرى دائىرىسى ئىچىدە كەشپىياتنى باشلىۋەتتى. تارىخ قەدەملىرىنى ياخشىلىق ۋە ھەق يول ئۈستىدە خاتىرجەم مېڭىش شارائىتىغا ئېگە قىلدى. تېرورلۇق ۋە زوراۋانلىق ئۆلچەملىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان تەبىقىچىلىك كومېدىيەلىرىگە ئورتاقلىشىشنى رەت قىلىدىغان ئېسىل ئىنسانىي مەۋجۇدىيەتكە ماس كېلىدىغان قىممەت – قاراشلارنى بەرپا قىلدى.
ئىنسانىيەت ئاخىرى روھ ئىنقىلابى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ياۋايىلىق تارىخىنى تەۋرىتىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلىرىنى تەبىئىي ماكانىغا، قەھرىتان سوغۇقتىن ئۇلۇھىيەتنىڭ ئارامبەخش مەيىن شامىلىغا ئۇلاشتۇردى.
نىھايەتتە، يەر يۈزىدە ئەقىلسىز دۆت، ھېچقانداق رولى يوق ئاقماس، ئارزۇ -ئارمانى يوق كېرەكسىز مەخلۇق بولۇشنى رەت قىلىدىغان مۇسۇلمان بىر جانلىقنى قوراشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، تۇنجى ئۇچقۇنىنى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياققان بۇ ئەقىل، تەن، روھ ئىنقىلابىنىڭ سىمفونىيەلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى.
مانا بۇ تارىخنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك، ئەڭ قاپىقى تۈرۈلگەن، ئەڭ نۇرسىز مەزگىللىرىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەھبەرلىك قىلغان ئۆزگىرىشنىڭ ھەجىمىدۇر.
[3]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زاماننى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنساننى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.
بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدىلا ئىنسان بىلەن زاماننىڭ ئارىسىنى ئايرىش مۇتلەق ئاقلىغىلى بولمايدىغان، قارىغۇلارچە ئايرىش دەپ سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. لېكىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەھبەرلىك قىلغان قەھرىمانلىق ھەرىكىتىنىڭ قىممىتىنى باسقۇچلارغا بۆلۈش چېگرا ۋە پاسىللار بىر بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر بىر باسقۇچتا ئايرىم -ئايرىم توختىلىشىمىزنى، بىرىنى تاماملىماي تۇرۇپ يەنە بىرىگە ئۆتمەسلىكىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زاماننى ئازاد قىلىشى ئۆتكۈنچى نەزەرلەرگە زاھىر بولمايدىغان مۇھىم بىر ھەقىقەتتە نامايان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىختىن ئىبارەت زامان ھەرىكىتىنى قارىغۇلارچە ئېقىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاراكتىرى بەلگىلەنگەن، كىملىكى گەۋدىلەنگەن بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولالىغانلىقىدۇر. يەنى، زامان ئىچىدە ئىنسانىيەتكە يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، نىشان بەلگىلەپ بېرەلەيدىغان ۋە يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىرەر مۇۋەپپەقىيەت ئىجاد قىلىپ بېرەلەيدىغان بەلگىلىك ئەقىدە ھەرىكەتلىرى بولمىغان تاشلىۋېتىلگەن جازا ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېلىپ بۇ يىلنامىلەرنى چېگرالىرى زېمىنىدىن باشلىنىپ ئاسمانغا ئۇلىشىدىغان ھەرىكەت رامكىسىغا ئايلاندۇردى.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رەھبەرلىكىدىكى تارىخقا مەنە ۋە قىممەت بەرگەن بۇ ئەقىدە ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى يەر يۈزىدىكى يەككە ئىنساندىن باشلىنپ، نىھايەتتە كائىناتتىكى ھەر شەيئىدىكى ۋە ھەر شەيئىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىلاھىي قانۇنىيەت بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
مەسىلنىڭ يەنە بىر نازۇك، يارقىن تەرىپى شۇكى، مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تارىخنى ئىنسان بىلەن پىچاقلىشىش ساھىللىرىدىن قۇچاقلىشىش ساھىللىرىغا يۆتكىدى. دېمەكچىمىزكى، تارىخ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇرۇن ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئىدى. ھەربىرى قارشى تەرەپنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن، پۇرسەت كۈتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ماددىي ۋە مەنىۋىي كەشپىيات ساھەسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز ۋاقتىنى ئۇرۇپ – چېقىش، ئويۇن – تاماشا، سەۋەپسىز جەڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۆلتۈرۈشلىرىگە تولغانلىقىنى كۆرىمىز. بەلكى بۇ ئىنسان زاماننىڭ ئۆزىنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قول سېلىشقا ھەرىكەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ھەر ئىككىلىسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆلگەن، توپىغا ئايلانغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېلىپ، ئىنسان بىلەن زامان مۇناسىۋىتىنى پىچاقلىشىشتىن قۇچاقلىشىشقا ئۆزگەرتتى. ئىنساندا ۋاقىتنىڭ قىممەتلىك بايلىق، پارلاق كەلگۈسى بەرپا قىلىشنىڭ تەبىئىي تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان تارىخ سېزىمى پەيدا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ۋاقىتنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي رامكىسى ئىكەنلىكى، بۇ رامكىنى ۋەيران قىلغانلىق رامكا ئىچىدىكى تىنچ تۇرۇۋاتقان شەخسنى ۋەيران قىلغانلىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى بىلەن قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزئارا بۈيۈك بىرلىك ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئىنسان ۋاقىتنىڭ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بايلىق ئىكەنلىكى، ئۆمۈرنىڭ بىكار ئۆتسە بولمايدىغانلىقىنى، تارىخنىڭ ئىنساندىكى ئەڭ بۈيۈك ئېنېرگىيە، ئەڭ گۈزەل كەشپىياتلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىشى لازىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.
بىز نېمە ئۈچۈن ناماز، روزا، ھەج، زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ھېكمىتىدىن باشقا مۇئەييەن ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقتىكى ھېكمىتىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمايمىز؟
بۇ ئىبادەتلەرنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا بۇيرۇلۇشى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە ھەر شەيئىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك پەيغەمبەر رەھبەرلىك قىلغان ئىنسان ۋە زاماننى ئازاد قىلىش ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەجىمى ھەر ۋاقىت يورۇتۇش زۆرۈر بولغان تېمىدۇر. چۈنكى شۇ ئارقىلىقلا ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى چۈشلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەر بىزلەرگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك سوۋغات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
[4]
بىز ئۈچىنچى ھەرىكەتنىڭ ئىپادىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشقا يۆتكەلسەك، بۇ ھەرىكەتنىڭ كۈچىنىڭ ئىلگىرىكى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىدىن قېلىشمايدىغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئۈچىنچى ھەرىكەت بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ماكاننى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىدۇر.
بىز بۇ يەردىمۇ ئىنسان بىلەن زامان ۋە ماكاننىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتى ئەمەس، بەلكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەنچە تەبىئىتى بەلگىلىگەن ۋاقىتلىق ئايرىش ئىكەنلىكىدىن _ چۈنكى شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتى بۇنداق ئايرىشنى رەت قىلىدۇ ۋە قوبۇل قىلالمايدۇ _ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسان ۋە زامان ئازادلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ماكان ئازادلىقىغا تەقدىم قىلغان خىزمەتنىڭ قىممىتىنى مۇلاھىزە قىلىشقا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئىنسان – ماكان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى ئىنسان – ماكان مۇناسىۋىتىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ھايات پائالىيەتلىرى جارى بولغان سەھنە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىنكى سەھنىنىڭ ئۆزى شۇ، لېكىن جاھىلىيەت ئىنسانلىرى بىلەن ئىسلام ئىنسانلىرىنىڭ ئوخشاش بىر ماكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بىلەن ماكاندىن ئىبارەت ئىنساننىڭ تەبىئىي رامكىسى ئارىسىدىكى مۇنازىرە تەبىئىتى ئىسلام ئەينىكىدە ھەر نەرسىدە دوست، ئىلھام بەرگۈچى، مېھرابنى كۆرىدىغان يىڭى بىر شەكىلدە ئەكس ئەتكەن. زېمىن مەسجىد ۋە پاكلىغۇچىغا، ماكان قىبلە، كەئبە، ئىبادەتخانا، ئۆي، ئېتىزلىق، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەسلىمە مەيدانىغا ئايلانغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زېمىننىڭ پېشانىسىنى پەقەتلا بۇت ياكى بۇتلارنىڭ تۇرار جايى بولۇشتىن ئازاد قىلدى دېگەنلىك، زېمىننى ئىلھام بېرىشكە، تەقدىم قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ماكان ھالىتىدىن ئازاد قىلدى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى شەيئىلەرنى بۇتلاشتۇرۇش ئەقىلسىزلەشتۈرۈش دېمەكتۇر. بۇت تەپەككۇر قىلمايدىغان بۇتلارچە ئەقىلنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئەقىل ئازراقلا تەپەككۇر قىلسا، بۇتلارغا باش ئۇرۇشنى شۇ ھامان رەت قىلىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىز زېمىن ياكى ماكان دەپ ئاتايدىغان بۇ تەبىئىي تارىخنى بۇت ياكى بۇتلارنىڭ تۇرار جايى بولۇشتىن ئازاد قىلدى دېگەنلىك، بۇ تەبىئىي تارىخقا ئىلھام بېرىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، قوزغاش ئىقتىدارى ئاتا قىلدى دېگەنلىكتۇر. يەنى، زېمىن تەپەككۇر، ئەقلىي تەلپۈنۈش، تەتقىقات جاسارىتىنىڭ مەيدانىغا ئايلاندى دېمەكتۇر.
شۇنداق بولغان ئىكەن ئىمان سەپىرى تاشلارنى يېرىپ چىققان ئۆسۈملۈكلەردىن، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىققان سۈزۈك بۇلاقلاردىن، ئۇپۇقنىڭ تۆرىدە تېنەپ يۈرگەن شەپەقتىن، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى تار، ئەگرى – بۈگرى جىلغىلاردىن باشلىنىپ، يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلايدۇ.
بىز بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئارىسىدا ئالەمشۇمۇل دوستلۇق ئورناتقان تەكرار نىدالىرىنىڭ تېگىگە يىتىشىمىز لازىم. شۇندىلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا مەككىدىن ئايرىلىۋاتقان، يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوتلۇق مېھىر بىلەن ئېگىلىۋاتقان، «ھەجەرۇل ئەسۋد»نى سۆيۈۋاتقان، كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن ئېلىپ تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز.
شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىختىيارسىز ئۇرغۇپ چىققان ساددا، قارىغۇلارچە ھەرىكەت بولماستىن، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدا ھېسسىيات مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن قىلىنغان مەقسەتلىك ھەرىكەتتۇر. بەلكىم كائىنات ئىنساننىڭ كۆزىدە بەتلىرىنى ئوقۇغىلى بولىدىغان كىتابقا ئايلىنىپ، ئىنسان ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاڭ چوققىلىرىغا ئۆرلىشى ۋە ياكى ئىنسان كائىناتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا مەنە بېرىدىغان ئىجابىي، ھەرىكەتچان كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىن.
مانا بۇ ئوخشاش شەيئىلەرنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قىممىتى. شۇنداقلا بۇ بىر – بىرىگە زىت ۋە قارىمۇقارشى شەيئىلەرنىڭ ئۆزئارا چىقىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭمۇ قىممىتىدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان، زامان، ماكاننى ئازاد قىلىشى ئۇ يەر يۈزىدە ئاكتىپ، يېڭىلمەس كۈچ بولۇپ زاھىر بولغان مىنۇتلاردىن باشلانغان دەيمىزمۇ ياكى كائىناتتىكى ھەر شەيئىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيتىنى، كائىنات ھەرىكىتىنىڭ غايەت زورلۇقىنى، ئۇنىڭ كائىناتنىڭ بۈيۈكلىكىگە يارىشا سىر – ئەسرارلىرىنىڭ بارلىقىنى قاراڭغۇ كېچىدىن كېيىن چىققان نۇرلۇق قۇياشتەك ئېنىق بىلگەندىن كېيىن باشلانغان دەيمىزمۇ؟
بىلىمەن، كېيىنكى تاللاش توغرا. باشقىسى تارىخ چۈشەنچىمىز ئارقىلىق ئىنكار قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان خۇراپاتلىق!
مەنبە: »ئۈممەت» ژورنىلى ھىجرىيە 1402 – يىلى 4 – سان
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇرشىد