پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چاچ تارىغۇچىسى

ئۇ ئازراق جاپا تارتتى، لېكىن مەڭگۈلۈك راھەتكە ئېرىشتى…

بىر سالىھ ئايال بولۇپ، ئېرى بىلەن بىللە پىرئەۋىننىڭ پادىشاھلىقى سايىسىدا كۈن كەچۈرەتتى. ئېرى پىرئەۋننىڭ يېقىنلىرىدىن، ئۆزى بولسا پىرئەۋننىڭ قىزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى ۋە تەربىيىچىسى ئىدى. ئاللاھ ئۇ ئىككىسىنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلدى. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا پىرئەۋن ئەرنى ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن، ئايال پىرئەۋىننىڭ قىزلىرىنىڭ چاچ تارىغۇچىسى بولۇپ پىرئەۋننىڭ ئۆيىدە قېلىۋەردى. ئايال شۇ خىزمىتى ئارقىلىق بەش بالىسىنى باقاتتى. قۇش بالىلىرىغا دان يېگۈزگەندەك تاماق يېگۈزەتتى. بىر كۈنى ئۇ پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چېچىنى تاراۋېتىپ، قولىدىن تارغاق چۈشۈپ كېتىۋىدى، بىسمىللاھ! – دەپ سالدى. پىرئەۋننىڭ قىزى :

_ ئاللاھ؟ ئۇ داداممۇ؟ _ دېدى. ئۇ:

_ ياق ! ئاللاھ مېنىڭ، سېنىڭ ۋە داداڭنىڭ رەببى.

قىز دادىسىدىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. قىز دادىسىغا خەۋەر بەردى. دادا ئۆز قەسرىدە ئۆزىدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىنىڭ بارلىقىدىن ئەجەپلىنىپ، ئۇ ئايالنى چاقىرىپ سوراق قىلدى:

_ پەرۋەردىگارىڭ كىم؟

ئايال:

_ مېنىڭ ۋە سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھ.

پىرئەۋن ئۇنى دىنىدىن يېنىشقا بۇيرىدى… سولىدى… ئۇردى… ئايال دىنىدىن يانمىدى. پىرئەۋن مىس قازان ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. قازان كەلتۈرۈلۈپ، ياغ بىلەن توشقۇزۇلدى. ياغ قىزىتىلدى… قاينىدى.

پىرئەۋن ئايالنى قازان ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئايال بىر جاننىڭ پانىي دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا جەزم قىلدى. پىرئەۋن ئايال مىڭبىر جاپادا بېقىۋاتقان، تاماق يېگۈزۈۋاتقان بەش يېتىم بالىنىڭ ئايالنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق قىينىماقچى بولدى. پىرئەۋن بەش بالىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قورقۇنچتىن ئالاق – جالاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ قەيەرگە ھەيدەپ مېڭىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

بالىلار ئانىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئانا ئۇلارغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇلارنى سۆيۈشكە، پۇراشقا، يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كىچىكىنى باغرىغا بېسىپ، ئېغىزىغا ئەمچەك سالدى. پىرئەۋن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، چوڭ ئوغۇلنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئەسكەرلەر ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، قاينىغان ياغقا تاشلىدى.

ئوغۇل توۋلىماقتا: ئانا ! قۇتقۇزۇڭلار!

ئەسكەرلەردىن شەپقەت تىلىمەكتە. پىرئەۋنگە يالۋۇرماقتا. قېچىشقا، قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا. قېرىنداشلىرىنى چاقىرماقتا. نازۇك قوللىرى بىلەن ئەسكەرلەرنى ئۇرماقتا. ئەسكەرلەر ئۇنى كاچاتلىماقتا… ياغقا باسماقتا.

ئانا ئوغلىغا قاراپ تۇرماقتا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشماقتا. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر كىچىك بالا ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا ياغقا تاشلاندى.

ئانا يىغلىماقتا…

بالىلار يۇمران قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى ئېتىۋېلىشتى. ئۇنىڭ گۆشلىرى ئورۇق تېنىدىن ئاجراپ ئېرىپ تۈگىدى. ئاپئاق سۆڭەكلىرى ياغ ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى.

پىرئەۋن ئايالغا قارىدى ۋە ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا بۇيرىدى. ئايال رەت قىلدى. پىرئەۋننىڭ غەزىپى ئۆرلەپ ئىككىنچى ئوغۇلنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئەسكەرلەر ئۇنى ئانىسىنىڭ يېنىدىن سۆرەپ ئېلىپ كەلدى.

ئوغۇل يىغلىماقتا… ياردەم تىلىمەكتە…

ئۇ ئانىنىڭ ئالدىدا ياغقا تاشلاندى. ئاپئاق سۆڭەكلىرى لەيلەپ چىقىپ قېرىندىشىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. ئانا دىنىدا مۇستەھكەم، ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھالدا تۇراتتى. پىرئەۋن ئۈچىنچى ئوغۇلنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئوغۇل سۆرەلگىنىچە قايناۋاتقان قازاننىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىندى.

قازانغا تاشلاندى… قازان ئىچىدە غايىب بولدى…

ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش بولدى. ئانا يەنىلا دىنىدىن يانمىدى. پىرئەۋن تۆتىنچى ئوغۇلنى ياغقا تاشلاشقا بۇيرىدى. ئەسكەرلەر بالىنىڭ يېنىغا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. كىچىك بالا ئانىسىنىڭ كىيىمىگە مەھكەم ئېسىلىۋالغان ئىدى. ئەسكەرلەر بالىنى تارتىۋىدى، بالا ئېچىنىشلىق نالە قىلدى ۋە ئانىنىڭ ئىككى پۇتىغا ئۆزىنى ئاتتى. بالىنىڭ ياشلىرى ئانىنىڭ پۇتلىرىغا ئاقماقتا. ئانا ئۇنى قۇچىقىدىكى قېرىندىشى بىلەن بىللە كۆتۈرۈشكە، ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشقا، ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى سۆيۈۋېلىشقا، ئۇنى پۇرىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا…

ئەسكەرلەر ئانا-بالا ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى. بالىنىڭ بۇدرۇق قوللىرىدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.

بالا يىغلىماقتا… ياردەم تىلىمەكتە… چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن يالۋۇرماقتا…

ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا رەھمى كەلمىدى. بالا دەقىقە ئىچىدە قايناۋاتقان ياغ ئىچىگە غەرق بولدى. بالىنىڭ تېنى غايىب بولدى. ئاۋازى ئۆچتى. ئانا گۆشنىڭ ھىدىنى پۇرىدى. بالىنىڭ ئاپئاق، يۇمران سۆڭەكلىرى قايناۋاتقان ياغ ئۈستىگە ئۆرلىدى. ئانا ئوغلىنىڭ سۆڭەكلىرىگە قارىماقتا. بالا ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئانا يىغلىماقتا. يۈرىكى پىراقتىن پارە – پارە بولماقتا. ئانا ئۇنى ئۇزاق – ئۇزاق باغرىغا باسقان… ئۆز ئەمچىكى بىلەن ئېمىتكەن. قانچە كېچىلەرنى ئۇنى دەپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن… ئۇنىڭ يىغىسىغا يىغلىغان. بالا قانچە كېچىلەرنى ئۇنىڭ باغرىدا چاچلىرىنى ئويناپ ئۆتكۈزگەن. ئانا قانچە قېتىم ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئالدىغا ئەكىلىپ بەرگەن. كىيىملىرىنى كىيدۈرگەن ئىدى – ھە!

ئانا ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا، سەۋر قىلىشقا تىرىشتى. ئەسكەرلەر ئايالغا قارىدى ۋە يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەمچەكتىكى بوۋاقنى ئۇنىڭ قوللىرىدىن يۇلۇپ ئالدى. بوۋاق ئانىنىڭ ئەمچىكىنى شوراۋاتاتتى… بوۋاق ئەمچەكتىن تارتىلىۋىدى، قىرقىراپ يىغلاپ كەتتى … بىچارە ئانىمۇ بوۋاق بىلەن تەڭ يىغلىدى. ئاللاھ ئانىنىڭ بىچارىلىكىنى، دىلىنىڭ سۇنۇقلۇقىنى، قايغۇ – ھەسرىتىنى كۆرۈپ، بالىنى زۇۋانغا كىرگۈزدى. بالا: ئانا! سەۋر قىلىڭ، سىز ھەق ئۈستىدە.

بالىنىڭ ئاۋازى ئۆچتى. تېنى قېرىنداشلىرىنىڭ تېنى بىلەن بىللە قازاندا غايىب بولدى. ئۇنىڭ ئېغىزى سۈت يۇقى، قولىدا ئانىسىنىڭ بىر تال چېچى، كىيىملىرى ئانىنىڭ ياشلىرى بىلەن ھۆل ئىدى. بەش بالا كەتتى. مانا ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى قازاندا پارقىرىماقتا! گۆشلىرى ياغدا قاينىماقتا! بىچارە ئانا يۇمران سۆڭەكلەرگە قارىماقتا.

كىمنىڭ سۆڭەكلىرى؟ بالىلىرى… ئۇزۇن زامانلار ئۆيىنى كۈلكە ۋە خۇشاللىققا تولدۇرغان جان – جىگەرلىرى… يۈرەك پارىلىرى…

ئانا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يۈرىكى قەپىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. مانا بالىلىرى ئالدىغا يۈگرەپ كەلمەكتە… مانا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتماقتا…

ئانا ئۇلارنى باغرىغا باستى… ئۆز قولى بىلەن كېيىملىرىنى كىيدۈردى… ياشلىرىنى بارماقلىرى بىلەن سۈرتتى.

مانا يۈرەك پارىلىرى قولىدىن يۇلۇپ ئېلىنىپ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈلمەكتە…

ئۇلار بىچارە ئانىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئانا پات يېقىندا ئۇلار بىلەن جەم بولىدۇ. ئايال بالىلىرىنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى… پىرئەۋىنگە ئاڭلىتىدىغان كۇپرى كەلىمىسى بىلەن…

لېكىن ئايال بىلدى… ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر. ئايال يالغۇز قالدى. ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا ئاچ قالغان ئىتلاردەك ئېتىلدى ۋە قازانغا ئىتتىردى. ئەسكەرلەر ئۇنى قازانغا تاشلاش ئۈچۈن كۆتۈردى… ئايال بالىلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىگە قارىدى – دە، دەررۇ بالىلىرى بىلەن جەم بولىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، پىرئەۋنگە قارىدى ۋە: مېنىڭ ساڭا بىر ھاجىتىم بار! – دېدى. پىرئەۋن توۋلىدى:

_ نېمە ھاجىتىڭ بار؟

_ سۆڭىكىمنى بالىلىرىمنىڭ سۆڭىكى بىلەن بىللە بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ قويغىن!

ئايال كۆزىنى يۇمدى ۋە قازانغا تاشلاندى. بەدىنى كۆيدى… سۆڭەكلىرى ئۆرلەپ چىقتى.

نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئايال! ئۇنىڭ ئىمانى نېمە دېگەن مۇستەھكەم – ھە! ئەجرى نېمە دېگەن كاتتا!

رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى ئۇ ئايالغا بېرىلگەن بەزى نېمەتلەرنى كۆرۈپ، ساھابىلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ساھابىلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى بىر خۇش پۇراقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، سورىدىم: بۇ نېمە پۇراق؟ ماڭا: بۇ پىرئەىننىڭ قىزىنىڭ چاچ تارىغۇچىسى ۋە بالىلىرىنىڭ پۇرىقى، دېيىلدى».

ئاللاھۇ ئەكبەر!…

ئۇ بىرئاز جاپا تارتتى، لېكىن مەڭگۈلۈك راھەتكە ئېرىشتى. بۇ مۆمىنە ئايال ياراتقۇچىسىنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. رەببى بىلەن ئۇچراشتى. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناۋادا جەننەت ئەھلى بولغان بىر ئايال زېمىندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا قارىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسى يورۇپ كېتىدۇ ۋە خۇش پۇراققا تولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدىكى ياغلىقىمۇ ئەلۋەتتە دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر».

ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى جەننەتكە كىرسە، نازۇ – نېمەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئىچى پۇشۇپ قالمايدۇ. كىيىمى كونىرىمايدۇ، ياشلىقى كەتمەيدۇ. ئۇنىڭغا جەننەتتە كۆزى كۆرۈپ باقمىغان، قۇلىقى ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچ كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نازۇ – نېمەتلەر بېرىلىدۇ. جەننەتكە كىرگەن كىشى دۇنيادا تارتقان ئازابلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ».

لېكىن، ھېچبىر ئىنسان نەپسى ۋە شەھۋەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلماستىن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى، جەننەت جاپا – مۇشەققەتلەر بىلەن، دوزاخ ھاۋايى – ھەۋەسلەر بىلەن ئورالغان. كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، سودا – سېتىقلاردا ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە ئەگىشىش دوزاخقا ئېلىپ باردىغان يولدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سەھىيھەين»دە مۇنداق دېگەن: «جەننەت جاپا – مۇشەققەتلەر بىلەن، دوزاخ ھاۋايى – ھەۋەسلەر بىلەن ئورالغان».

ئەي ئىنسان! بۈگۈن جاپا تارت، سەۋر قىل، ئەتە راھىتىنى كۆرىسەن. قىيامەت كۈنى جەننەت ئەھلىگە: «سەۋر قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دېيىلىدۇ. ئەمما دوزاخ ئەھلىگە: «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دېيىلىدۇ.

 

ئاللاھ ھەقىقەتەن راست ئېيتىدۇ .

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئەرىيفىينىڭ: »إنهـا ملكـة« دېگەن كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇرشىد

2018/ 11/ 15 – كۈنى

——————-

مەزكۇر قىسسەنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە »ئىسلام سوئال – جاۋاب  تورى«نىڭ ئىزاھاتى:

پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چاچ تارىغۇچىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئىمام ئەھمەد «ئەل مۇسنەد»، 1 – توم، 309 – نومۇرلۇق ھەدىستە، تەبەرانىي 12280 -نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىبنى ھىببان 3903 – نومۇرلۇق ھەدىستە، ھاكىم 1 -توم، 309 – نومۇرلۇق ھەدىستە تۆۋەندىكىدەك رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى بىر خۇش پۇراقنى پۇراپ، سورىدىم: ئى جىبرىل! بۇ نېمە خۇش پۇراق؟ جىبرىل ئەلەيھىسسالام: بۇ پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چاچ تارىغۇچىسىنىڭ ۋە بالىلىرنىڭ پۇرىقى، دېدى. مەن: ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولغان؟ دەپ سورىدىم. جىبرىل ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۇ ئايال بىر كۈنى پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چېچىنى تاراۋاتاتتى، تۇيۇقسىز تارغاق قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىسمىللاھ (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن) دەپ سالدى. پىرئەۋننىڭ قىزى: دادامنى دېمەكچىمۇسەن؟ دېدى. ئۇ: ياق! ئۇ مېنىڭ ۋە داداڭنىڭ رەببى _ ئاللاھتۇر، دېدى. قىز: دادامغا دەپ قويىمەن، دېدى. ئايال: دەۋەر! دېدى. قىز پىرئەۋنگە خەۋەر بەردى. پىرئەۋن ئايالنى چاقىرتىپ: ھەي ئايال! سېنىڭ مەندىن باشقا رەببىڭ بارمۇ؟ دېدى. ئۇ: شۇنداق، مېنىڭ ۋە سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھ، دېدى. پىرئەۋن چوڭ مىس قازان ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. قازان قىزىتىلدى. پىرئەۋن ئايال ۋە بالىلىرىنى قازانغا تاشلاشقا بۇيرىدى. ئايال پىرئەۋىنگە: ساڭا بىر ھاجىتىم بار، دېدى. پىرئەۋن: نېمە ئۇ؟ دېدى. ئايال: مېنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ سۆڭىكىنى بىر كېپەندە بىللە دەپنە قىلىپ قويغىن، دېدى. پىرئەۋن: دېگىنىڭدەك قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن، دېدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پىرئەۋن بالىلارنى قازانغا تاشلاشقا ئەمىر قىلدى. بالىلار ئانىسىنىڭ ئالدىدا بىر – بىرلەپ قازانغا تاشلاندى. نۆۋەت ئەمچەكتىكى بالىغا كەلگەندە ئايال بەل قويۇۋېتىشكە تەمشىلگەندەك قىلىۋىدى، بوۋاق: ئانا! مېڭىۋېرىڭ، چېكىنمەڭ. دۇنيا ئازابى ئاخىرەت ئازابىدىن يەڭگىل، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئانا مېڭىۋەردى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاق تۇرۇپ گەپ قىلغان تۆت بالا بار. ئۇلار: مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام، جۇرەيجنىڭ ھەمراھى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇۋاھچىسى، پىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ چاچ تارىغۇچىسىنىڭ ئوغلى».

 

ئىمام زەھەبىي «العلو»نىڭ 84 – نومۇرىدا: بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن، دېگەن. ئىبنى كەسىر «تفسير ابن كثير»نىڭ 3 – توم، 15 – بېتىدە: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا مەسىلە يوق، دېگەن.

بۇ ھەدىسنى يەنە ئەللامە ئەھمەد شاكىر «المسند»نىڭ 4 – تومىدا 295 – نومۇرلۇق ھەدىسكە بەرگەن باھاسىدا، شۇئەيب ئەرنائۇت «المسند»نىڭ 5 – تومىنىڭ 30 -، 31 – ۋە 2821 – ھەدىسلەرگە بەرگەن باھاسىدا، «ئىسنادى ھەسەن، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ قارىشىدا ھەمماد ئىبنى سەلەمە بۇ ھەدىسنى ئەتادىن ئەتا ئېلىشىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئاڭلىغان» دېگەن.

بۇنىڭدىن بۇ قىسسىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشەنچلىك قىسسە ئىكەنلىكى، يەھۇدىي ۋە ناسارا مەنبەلىرىدىن ئېلىنمىغانلىقى ئايان بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.