مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئەقلىي دەلىلى

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئەقلىي دەلىلى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئەقلىي دەلىلى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بىزنى ئۆزىنى ۋە رەسۇلىنى تونۇپ ئىمان ئېيتىشقا نېسىپ قىلغان ياراتقۇچىمىزغا ئۆز لايىقىدا ھەمدۇسانا، ھەق پەيغەمبەر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تا ئەبەتكىچە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئەگەشكەن ۋە يولىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغانلارغىمۇ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن!

ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى، ئەقىدىلەرنى، غەيبكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئەمر – پەرمانلىرىنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ۋە ئىبادەتلەرنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بۇ ۋەزىپىگە تاللىغان ئەلچىسى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ھەقىقىي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن ئۆزىنى يالغاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ دەۋا قىلىۋالغان كاززابلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش يولىنى بىلىۋېلىشى لازىم.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەقلىي دەلىللىرى سان – ساناقسىز بولۇپ، بۇ دەلىللەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىمان ئەھلىنى ئېتىقادتا تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. شۈبھىلىنىپ قالغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، كاجلىق قىلىپ تۇرۇۋالغانلارنىڭ دىللىرىنى قاپلىۋالغان پەردىلەرنى ئېچىۋېتىدۇ.

ئەقلىي دەلىل دېگىنىمىزدە ئىچىدە بەزى نەقلى دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ نەتىجىدە، ئەقىل ئۇنىڭ توغرا دەلىل ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان دەلىللەر ئەقلىي دەلىل بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئەقلىي دەلىل بىلەن نەقلى دەلىلنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ سان – ساناقسىز ئەقلىي دەلىللىرىدىن بىرقانچىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز:

1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ راستچىللىقى، ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ كامىللىقى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەقلىي دەلىلىدۇر

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قېتىممۇ يالغان ئېيتىپ باقمىغان، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى مەككە مۇشرىكلىرى راستچىل، ئەمىن، دەپ ئاتاشقان.

سەئىد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ﴿يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 214) دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سافا تېغىغا چىقىپ قۇرەيش جەمەتلىرىنى: «ئى فىھر جەمەتى! ئى ئەدىي جەمەتى!» دەپ توۋلىغىلى تۇردى. ئۇلار چىقىپ توپلاشتى. چىقالمىغانلىرى، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئەبۇ لەھەب ۋە قۇرەيشلەرمۇ كەلدى. رەسۇلۇللاھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر مەن سىلەرگە بۇ ۋادىدا ئەسكەرلەر ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ خەبەر بەرسەم، سىلەر ماڭا ئىشىنەمتىڭلار؟» دېۋىدى، ئۇلار: ھەئە، بىز سېنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىڭنى كۆرۈپ باقمىدۇق، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا مەن سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى» دېگەندە، ئەبۇ لەھەب: كەچكىچە ساڭا ھالاكەت بولسۇن! بىزنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن توپلىغانمىدىڭ؟ دېدى. شۇ چاغدا: ﴿ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! قۇرۇپ بولدى. ئۇنىڭغا مال – مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى﴾(111/«مەسەد»: 1، 2) دېگەن ئايەتلەر نازىل بولدى.(1)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى كېلىپ قورقۇپ كەتكەندە ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇ زاتقا: «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ سىلىنى ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺶ – ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪ – ﺭﻩﮪﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻼ؛ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻼ؛ ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻼ؛ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜتۈۋﺍﻟﯩﻼ؛ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻼ» دېگەن.(2)

مانا مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەتلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي دەلىلدۇر. چۈنكى، ئەقىل راستچىل، ئىشەنچلىك كىشىنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدىكى راستچىللىقىنى ئەڭ يېقىندىن بىلىدىغان ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىلەنمەستىنلا ئىمان ئېيتقان. بۇ ساغلام ئەقىلدىن دېرەك بېرىدىغان ئىش.

ھېراكلىيۇسىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقىدىن، نەسەبىدىن، كۆرسەتمىلىرىدىن سوراپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئەبۇ سۇفياندىن سورىدى:

— ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ (مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالام) ﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ — دېدى.

— ئۇ ئىچىمىزدىكى ئېسىل نەسەبلىك كىشى، — دېدىم.

— ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ — دېدى.

— ﻳﺎﻕ، — دېدىم.

— ﺋﯘنىڭ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ھۆكۈمدار ﺑﻮﻟﻐﺎنلار ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

— ﻳﺎﻕ.

— ﺋﯘنىڭغا ئاقسۆڭەكلەر ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ئاددىي خەلقمۇ؟

— ئاددىي خەلق.

— (ئەگەشكۈچىلىرى) ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ياكى ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟

— ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

— ﺋﯘنىڭ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

— ﻳﻮﻕ.

— ﺋﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟

— ﻳﺎﻕ.

— ئۇ ﺋﻪﮪﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻣﺪﯗ؟

— ﻳﺎﻕ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘنىڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺯﺍﻣﺪﯗ – ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، — دېدىم.

ﺋﻪﺑﯘ سۇﻓﻴﺎﻥ: ‹ﺑﯘ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ قىستۇرۇشقا ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ› ﺩﻩﻳﺪﯗ.

— ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟

— ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.

— ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ؟

— بىز ﺋﯘنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم جەڭ قىلدۇق، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.

— ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ؟

— ‹ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﮪﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ شىرك ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﯕﻼﺭ› ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، ﺧﯩﺶ – ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪ – ﺭﻩﮪﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، — دېدىم.

ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﯧﺮﺍﻛﻠﯩﻴﯘﺱ تەرجىمانىغا دېدىكى:

— ئۇنىڭغا (ئەبۇ سۇفيانغا) ئېيت:

ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﻚ› ﺩﯦﺪﯨﯔ، دېمەك ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪبلىك ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ سەندىن ‹ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﺎﻕ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺋﻪﮔﻪﺭ (ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩر ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ دەﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗ ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﻢ؛ ‹ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﻮﻕ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ئەجدادىنىڭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﻢ؛ ‹ﺋﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻼﻣﺘﯩﯖﻼﺭ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﺎﻕ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ؛ ‹ﺋﯘ زاتقا ئېسىلزادىلەر ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ئاددىي خەلقمۇ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ئاددىي خەلق ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ھەقىقەتەن ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻛﺮﻩك ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ئەنە ﺷﯘﻻﺭﺩﯗﺭ؛ ‹ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮى كۆﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼنغۇچە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛۈﭼﯩﻴﯩﭗ كېتىدۇ؛ ‹ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﻮﻕ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ‹ﺋﻪﮪﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻣﺪﯗ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﺎﻕ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ھەقىقەتەن ﺋﻪﮪﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﻣﺎﻳﺪﯗ؛ ‹ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ نېمە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ‹ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﮪﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ، ﺭﺍستچىل ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ› ﺩﯦﺪﯨﯔ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ زات ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ، ئەمما ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ قىيىنچىلىققا ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ، — ﺩﯦﺪﻯ.(3)

دېمەك، ھېراكلىيۇسىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسى بىلەن ئادەتتە پەيغەمبەرلەردە تېپىلىدىغان سۈپەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ ئاشۇ سۈپەتلەرنى پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى دەپ قاراپ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەك – شۈبھىسىز ھەق پەيغەمبەرلىكىنى جەزم قىلغان.

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان»دا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېسىل ئەخلاق – سۈپەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4).

بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ كېلىشكىنى ۋە ئەڭ ئەخلاقلىقى ئىدى، بەك ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس ئىدى.(4)

2. «قۇرئان كەرىم»

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا نازىل قىلغان كالامى بولۇپ، بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى ۋە ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنس – جىنلاردىن «قۇرئان»نىڭ ئەڭ قىسقا بىر سۈرىسىچىلىك ياكى ئون ئايەتىچىلىك بىرەر سۆزنى ئىختىرا قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر مەخلۇقلار بۇنىڭغا قادىر بولالىغىنى يوق. شۇ «قۇرئان»نى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەكىلەلىگەنلىكى ۋە بۇنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىۋالماي ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرى بىلەن تولغان. مەسىلەن:

«قۇرئان»دا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى، كەچۈرمىشلىرى، تارىخىي ۋەقەلىكلىرى بايان قىلىنغان. بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئۈستىدە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولمىغان، بىرەر كىتابتىنمۇ ئۇ ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇپ باقمىغان. بىرەر مۇئەللىمنىڭ قولىدىمۇ ئۆگىنىپ باقمىغان.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿يەنە شۇ چاغنى ئەسلىگىنكى، پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلىپ تاللىدى. ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل». بۇ غەيب خەبەرلىرىدىن بولۇپ، بۇنى بىز ساڭا ۋەھيى قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار قايسىلىرى مەريەمگە ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ، دەپ قەلەملىرىنى تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، ئۇلار ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ﴾(3/«ئال ئىمران»: 42 – 44).

يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكلىرىمۇ شۇنداق.

﴿بۇ غەيب خەبەرلىرىدىن بولۇپ، بۇنى بىز ساڭا ۋەھيى قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار سۇيىقەست قىلىپ بەل باغلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، سەن ھەرقانچە ھېرىسمەنلىك قىلساڭمۇ ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ساڭا ئىشەنمەيدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 102، 103)

دېمەك، بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر مەخلۇق بىلمەيدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ راستچىللىقىغا ئىسپات سۈپىتىدە ۋەھيى قىلىپ بەرگەن.

بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي «قۇرئان كەرىم» كېيىنچە، كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنىمۇ ئالدىن خەبەر قىلغان.

مەسىلەن مەككەنىڭ فەتھ قىلىنىشى ھەققىدە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەقىقەتەن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە: ئاللاھ خاھلىسا، خاتىرجەم، باشلىرىڭلارنى تولۇق چۈشۈرگەن ھەم قىسقارتقان ھالدا مەسجىدى ھەرامغا چوقۇم كىرىسىلەر، قورقمايسىلەر، دەپ ھەق بولغان چۈشنى كۆرسىتىپ راست ئېيتقان بولۇپ. ئاللاھ سىلەر بىلمىگەننى بىلگەچكە، ئۇنىڭغىچە يېقىن بىر فەتھنى مۇيەسسەر قىلدى﴾(3/«فەتھ»:27 ).

يەنە 30/«رۇم»: 1 – 5 – ئايەتلەردە رىملارنىڭ ئىرانلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنىمۇ رەسۇلۇللاھ «قۇرئان»دا ئالدىن خەبەر بەرگەن.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ دېگەن سۆزلىرىنى 19/«مەريەم»: 30 – 34 – ئايەتلەردە، يەنە 5/«مائىدە» 72 – 77 – ئايەتلەردە بايان قىلىپ، خرىستىئانلارنىڭ ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى ياكى ئىلاھ دەۋالغان يالغانچىلىقلىرىنى پاش قىلغان.

ئەسلىدە خرىستىئان تائىپىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەۋېلىپ بۇ ئەقىدىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋاملىرىدىنمۇ يوشۇراتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەق دىننى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار بۇ دىننى يوقىتىشقا، رەسۇلۇللاھنى يالغانچى قىلىپ چىقىرىشقا ئۇرۇناتتى. ئەگەر بۇ قىسسەلەر يالغان بولسا ئىدى، ئۇلار: مۇھەممەد بىزگە مەنسۇپ قىلغان بۇ ئەقىدىلەر يالغان ياكى بوھتان، بىز بۇنداق ئېتىقاد قىلمايمىز دەپ جاكارلاپ رەسۇلۇللاھنى يالغانغا چىقىرىشى ئاسان ئىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيى ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قىلمىش – جىنايەتلىرىنى، يوشۇرغان ئىشلىرىنى پاش قىلىپ ئۇلارنى رەسۋا قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زەھەرخەندىلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەكەلگەن «قۇرئان» ئايەتلىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرالمىغان.

رەسۇلۇللاھ ئەۋەتىلگەن چاغدا ئەھلى كىتابلار بولسۇن، ئەرەب مۇشرىكلىرى بولسۇن يەككە – يېگانە ئاللاھقا باشقا بىر مەخلۇقنى شېرىك قىلىشىۋالاتتى. ئوقۇش بىلەن يېزىشنى بىلمەيدىغان بۇ زات كېلىپ پەقەت ياراتقان ۋە رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان يەككە – يېگانە ئاللاھ ئەقىدىسىنى ئېلان قىلىپ پۈتۈن تائىپىلەرنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى رەت قىلىنمايدىغان پاكىتلار بىلەن بىكار قىلىۋەتكەن.

بۇ تۈرلۈك خەبەرلەر ۋە ئەقلىي دەلىل – پاكىتلار «قۇرئان»دا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى «قۇرئان»نىڭ ئاللاھنىڭ كالامى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىگە ئۆز ئالدىغا دەلىل بولالايدۇ.

«قۇرئان» مۆجىزىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ بىردىنبىر دەلىلى ئەمەس، لېكىن ئەڭ چوڭ ھەم مەڭگۈلۈك دەلىلىدۇر.

يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرى قاتارىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ھىجرىتىدە، مۇنازىرىلىرىدە، جىھادلىرىدا قوللاپ نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقى، «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر» دەپ بەرگەن گۇۋاھلىقى، نۇرغۇنلىغان دۇئالىرىنى شۇ ھامان ئىجابەت قىلغانلىقى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە نۇرغۇنلىغان غەيبىي، كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى خەبەر قىلغانلىقى، بۇ ئىشلارنىڭ رەسۇلۇللاھ دېگەندەك ۋۇجۇدقا چىققانلىقى ۋە چىقىۋاتقانلىقى، ئايەتلەر بىلەن ھەدىسلەردە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتلەر بارلىقى، بۇلارنىڭ ئەينى چاغدا ئاشۇنداق جاھالەت قاپلىغان شارائىتتا ياشىغان، ئىلىم – پەن بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ساۋاتسىز بىر ئىنساننىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقى، بارلىق تالانتلىق ئىنسانلار يازالمىغان، تۈرلۈك ئىلىملەر بىلەن تولغان كىتابنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەقىل ئىگىلىرىگە يېتەرلىك ئەقلىي دەلىل بولالايدۇ. ساغلام ئەقىل، ساغلام تەبىئەت چوقۇم بۇنداق بىر ئىلىم – مەرىپەت بىر ئىنساندا پەقەتلا ئىلاھىي تەلىم – تەربىيە ئارقىلىقلا تېپىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا ئىلگىرىكى كىتابلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن بېشارەتلەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلۇغ شەرىئەت قانۇنلىرىنى بېكىتىش جەريانى، شۇنداقلا ھەربىر سۆزى ۋە ئىش – ئىزلىرى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

﴿ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار!»﴾(7/«ئەئراف»: 158)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – رەجەب / م. 2011، 5 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 23 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4770)؛ «مۇسلىم»، (208).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3)؛ «مۇسلىم»، (160).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7)؛ «مۇسلىم»، (4583).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3549)؛ «مۇسلىم»، (2337).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ