بولمىغۇر ئوي - خىياللار كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىش

بولمىغۇر ئوي – خىياللار كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، مەن بۇرۇن ئىسلام تەربىيەسى ئىلىپ باقمىغان. ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ياخشى ئادەملەرگە يولۇقۇپ ھەق يولغا ماڭغانىدىم. بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق، ۋاقتىدا ئادا قىلىمەن. يەنە نەپلە ناماز ۋە نەپلە روزا ھەم تۇتىمەن. ئويۇن – تاماشادىن، ھەتتا تېلېۋىزوردىن ھەم ئۆزۈمنى قاتتىق يىراق تۇتىمەن. ئەمما، مەندىكى مەسىلە، دېيىشكە تىل كۆيىدىغان، ئادەمنى نادامەتتە قويىدىغان بەزىبىر خىياللار كاللامغا كېلىۋالىدۇ. ئاشۇ قالايمىقان ئوي – تەسەۋۋۇرلار مېنى بەك ئازابلاۋاتىدۇ. بۇلار شەيتاندىنمۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا سىزنى ھەق يولغا، تائەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقى كاتتا بىر نېمەت بولسا، كاللىڭىزغا كېلىۋالغان بەزىبىر ئوي – خىياللاردىن بىئارام بولۇش ياكى ئەنسىرەشمۇ ئىمانىي سەگەكلىكنى بىلدۈرىدىغان ياخشى بىر ئالامەتتۇر.

شەيتان ئىنساننىڭ دۈشمىنى بولغاچقا، ياخشى يولغا ماڭغانلارنىڭ كاللىسىغا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە سېلىشى بىلەن بۇنداق كەلسە – كەلمەس خىياللار كېلىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال.

بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر كېلىپ رەسۇلۇللاھقا: :«كۆڭلىمىزگە ئاغزىمىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدىغان ئوي – خىياللار كېلىپ قالىدۇ» دېگەندە رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق ئوي – خىياللار كېلىپ قالدىمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «ھەئە» دېگەندە رەسۇلۇللاھ: «ئۇ (ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالماسلىق) ئىماننىڭ ساپ ھالىتى» دېگەن.(1)

يەنى، ئىماننىڭ ساپ ھالىتى سىلەرنى ئاشۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قوبۇل قىلىشتىن توسىدۇ، دېمەكچى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن نامازدا تۇرۇپ قوشۇنلىرىمنى تەييارلايمەن» دېگەن.

بۇنداق خىياللارنىڭ كېلىپ قېلىشى ئىنسان ئىختىيارلىقىدا ئەمەس. لېكىن، بۇنداق خىياللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەي، خىيال بويىچە ئىش قىلمىغاندىلا، شەيتاننى ھەسرەتتە قالدۇرغىلى، گۇناھتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەيتان بىرەرسىڭلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەپ، ئاخىرىدا: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ، خىيالدىن توختىسۇن».(2)

قايسى ۋاقىتتا يا ئەقىدىدە ياكى ئىسلام ئاساسلىرىدا ياكى ئەخلاقىي ئىشلاردا بولمىغۇر خىياللار كېلىپ قالسا، بۇ خىياللارغا ئەگىشىپ قەدەم باسمىغاندىن كېيىن، بۇنداق بولمىغۇر ئوي – خىياللار ئىمانغا ياكى مۇسۇلماندارچىلىققا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. گۇناھمۇ بولمايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئۈممىتىمنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە، قىلىپ سالمىغان ياكى سۆزلەپ يۈرمىگەن بولسىلا مەن ئۈچۈن كەچۈرۈۋەتتى».(3)

بۇنداق بولمىغۇر خىياللار كېلىپ قالغاندا خىيالنى دەرھال ئۈزۈپ، ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ، تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھنى مەدھىيەلەش، «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش، دۇئا قىلىش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىم.

ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى قىلىۋاتقان ئەمەل – ئىبادەتلەرنى چوڭ بىلىپ مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك، ئۆزىدىن تەقۋا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراش زۆرۈر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاي. ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 5. 27

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 24 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «مۇسلىم»، 132 – ھەدىس.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 3276 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 134 – ھەدىس.
3. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 2528 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 127 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز