سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پەرىشتە ئاللاھنى كۆرەلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
پەرىشتىلەرنىڭ جانابىي ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتائالانى كۆرەلىشى توغرىسىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بار.
لېكىن، «قۇرئان» ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە يا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى باشقا پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرگەنلىكى ھەققىدە بىرەر دەلىل يوق. ئېنىق دەلىل بولمىغان بۇنداق بىر مەسىلىدە كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
مېراج ھەققىدە كەلگەن ھەدىستە جىبرىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە قەلەملەرنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىچە ئۆرلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. كۆرگەنلىكى ھەققىدە بايان يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاندىن مەن ئۆرلىگەنچە بىر مەنزىلگە چىقتىمكى ئۇ يەردە قەلەملەرنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم» دېگەن.(1)
لېكىن، بۇ مەسىلىدە تالاش – تارتىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق دەلىل بولمىغانلىقىدىندۇر. ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانى كۆرەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «ئەلئىبانە» دېگەن كىتابىدا پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىمام بەيھەقىي ۋە ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق ئالىملار بۇ قاراشنى ياقلىغان. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قاراشلىرىغا بەزى زەئىفرەك ياكى دالالىتى ئېنىق بولمىغان ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.
كۆرەلمەيدۇ، دېگەنلەر: پەرىشتىلەر كۆرەلمىگەن ئەھۋالدا، جىنلار ئەلبەتتە كۆرەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر جىنلارنىڭ مۇئمىنلىرى كۆرەلەيدۇ، دېگەن.
«سەھىھۇ مۇسلىم»دە كەلگەن بىر ھەدىستە: «ئۇ (ئاللاھ) نىڭ ھىجابى نۇردىندۇر. ناۋادا ھىجابىنى ئېچىۋەتسە زاتىدىكى نۇرلارغا كۆزى چۈشكەن مەخلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى».(2)
بۇ ھەدىسنىڭ ئومۇم لەۋزى دۇنيادا پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا پەرىشتىلەر بىلەن مۇئمىن جىنلار كۆرەلەيدىغانلىقى ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان.
قانداقلا بولمىسۇن بۇ مەسىلە بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ يا ئەقىدىسىگە يا ئەمەل ئىبادىتىگە چېتىشلىق ئىش بولماستىن، بەلكى ئارتۇقچە ئىزدىنىپ باقىدىغان ساۋات خاراكتېرىدىكى ئىلىم دائىرىسىگە كىرىدىغان مەسىلە بولغاچقا، «قۇرئان» بىلەن سەھىھ «سۈننەت»تىمۇ ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قويۇپ، ئەقىدىمىزگە، كۈندىلىك ھاياتىمىزغا، ئەمەللىرىمىزگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ياخشى.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 19 – زۇلقەئدە / م. 2011، 17 – ئۆكتەبىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 17 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3342)؛ «مۇسلىم»، (163).
2. «مۇسلىم»، (179).