پەيغەمبەرلەرنى چۈشىدە كۆرۈش توغرىسىدا

پەيغەمبەرلەرنى چۈشىدە كۆرۈش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرگەن ئادەم چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ مەن ھازىرغىچە رەسۇلۇللاھنى ئىككى قېتىم، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى بىر قېتىم چۈشۈمدە كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولالمايۋاتىمەن. مەن قانداق ئۇسۇلدا تىرىشسام ئەڭ ياخشى؟ مەسلىھەت بېرىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈشكە، بىللە ھەمراھ بولۇشقا مۇشەررەپ بولغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەزلى، جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرى ھەققىدە ۋەھيى ئارقىلىق خۇش بېشارەت بېرىلگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھيى توختاپ كەتكەنلىكتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈش شاراپىتىگە نائىل بولالمىغان كېيىنكى تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا ياخشى چۈش خۇش بېشارەت بولغاندۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «پەيغەمبەرلىكتىن پەقەت خۇش بېشارەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارلا قالدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ساھابەلەر:

— يارەسۇلەللاھ! خۇش بېشارەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار نېمىلەر؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ياخشى چۈش، — دېدى.(1)

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈش ھەم نەقىل ھەم ئەقىل جەھەتتىن چەكلەنمەيدىغان مۇمكىن ئىشتۇر. بۇ ھەقتە ئېنىق دەلىللەر كەلگەن بولۇپ، ئالىملارمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

«سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەنكى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە، ھەقىقەتەن مېنى كۆرگەن بولىدۇ، چۈنكى شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىۋالالمايدۇ. مۇئمىننىڭ كۆرگەن ياخشى چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ قىرىق ئالتىدىن بىرىدۇر» دېگەن.(2)

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشى چۈش ئاللاھتىن. يامان چۈش شەيتاندىن. شۇڭا، كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم سۈفلىۋېتىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىسۇن، شۇنداق قىلسا ئۇ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرەلمەيدۇ».(3)

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە، راست كۆرگەن بولىدۇ» دېگەن.(4)

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە، راست كۆرگەن بولىدۇ، چۈنكى شەيتان مېنىڭ شەكلىمگە كىرەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(5)

لېكىن، بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى زاھىرىي مەنىسىدە چۈشىنىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرگەن ھەربىر كىشى مەيلى قايسى سۈرەتتە كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر ھەقىقىي كۆرگەن بولىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر ھەدىسنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «ماڭا ئايان بولغىنى شۇكى، ‹كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە› يەنى قايسىبىر سۈپەتتە كۆرگەن بولمىسۇن خۇش بېشارەت ئالسۇن، شۇنداقلا ئۆزىنى قالايمىقان چۈش بولغان باتىلنى ئەمەس، ئاللاھتىن بولغان ھەق چۈشنى كۆرگەن دەپ بىلسۇن، ‹چۈنكى، شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىۋالالمايدۇ›».(6)

يەنە بەزى ئالىملار چۈش كۆرگۈچى بىلەن چۈشتە كۆرۈلگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىپ مۇنداق دېگەن: چۈش كۆرگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىسمانىي ۋە ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى چۈشىدە ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن كۆرگەن بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى راستىنلا كۆرگەن بولىدۇ. ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈپەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىرىنى كۆرگەن بولسا، مەسىلەن ئاق ساقال، ياكى ساقىلى پاكىز چۈشۈرۈلگەن بىرىنى كۆرگەن بولسا، بۇ چۈشكە باشقىچە تەبىر بېرىش لازىم. بۇ قازى ئىيازنىڭ قارىشىدۇر.(7)

بۇ قاراش ئەسلىدە چۈش تەبىرى پېشۋاسى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سىرىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن قاراش بولۇپ، ئۇ: «ئەگەر ئۇ زاتنى ئۆز سۈرىتىدە كۆرسە» دەپ رىۋايەت قىلغان.(8)

ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار يۇقىرىقى قاراشنى توغرا تاپماي: شەيتان ئۇنىڭ سۈرىتىگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن كىمكى ئۇنى چىرايلىق سۈرەتتە كۆرسە، بۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ دىيانىتىنىڭ ياخشىلىقنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر بىرەر ئەزاسىدا نۇقسان ياكى ئەيىب بار ھالەتتە كۆرگەن بولسا، بۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ دىيانىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.(9)

يەنە بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرگە خاس، دەپ قارىغان. ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ شۇنداق قارىغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە ئۇزاققا قالماي مېنى ئوڭىدا كۆرىدۇ، شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىۋالالمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(10)

بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەينىي مۇنداق ئىزاھلىغان: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدىكىلەر رەسۇلۇللاھنى چۈشىدە كۆرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ھىجرەت قىلىپ، مۇلاقات بولۇشقا مۇشەررەپ قىلىدۇ».(11)

قانداقلا بولمىسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈش باشقا ۋاپات بولغان كىشىلەرنى چۈشىدە كۆرگەندەك ھەم نەقىل ھەم ئەقىل جەھەتتىن چەكلەنمەيدىغان مۇمكىن ئىشتۇر. بۇ مەسىلىدە بىرقانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىم:

1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەيلى ھەقىقىي سۈرىتىدە بولسۇن، باشقىچە سۈرەتتە بولسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپ ياخشى ھالەتتە كۆرگەن بولسا، بۇ ئومۇمەن، ياخشىلىقتىن، دىيانەتتىن بېشارەت بولىدۇ. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭدىن يۈزىنى باشقا تەرەپكە ئۆرۈۋالغان، ئۇنىڭدىن نارازى بولغان ياكى ئۇنىڭغا كايىغانلىقىدەك ئەھۋالدا كۆرگەن بولسا، بۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تۇتمىغانلىقىنى، دىيانىتىنىڭ سۇسلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا بىر خىل ئەسلىتىش ۋە كايىشنى بىلدۈرىدۇ.(12)

2. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدىكى سۈپەتلىرىدىن باشقىچە سۈپەتتە كۆرگەن ئەھۋالدا بۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىدە يۇقىرىقىدەك ئىختىلاپ مەۋجۇد بولۇپ، بۇ چۈش سەل ئېھتىماللىق بولىدۇ.

3. بەزى ئالىملار تېخى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن چېغىدىكى تەقى – تۇرقىدا كۆرسە ئاندىن ھەقىقىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، توغرىسى، ئومۇم مەنىدە ئېلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىنىڭ ياشلىق دەۋرى بولسۇن، قىران دەۋرى بولسۇن ئىشقىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قايسىبىر باسقۇچتىكى تەقى – تۇرقىدا كۆرسىلا ھەقىقىي كۆرگەن بولىدۇ دېيىشتۇر.(13)

4. بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرگىنىدە ئۇنى بىرنەرسىنى قىلىشقا ياكى بىرنەرسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇغان بولسا، توغرا قاراشتا، بۇ چۈش بىلەن شەرئى ھۆكۈم ئىسپاتلانمايدۇ. شەرئى ھۆكۈمنى بىكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. يەنى بۇ چۈش شەرىئەتتە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى، دىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىدىلا مۇكەممەل يەتكۈزۈلۈپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتى بىلەن ۋەھيى توختاپ بولغان. ئەگەر چۈشتىكى كۆرسەتمە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولسا، يەنىلا شەرىئەتتە كەلگىنى بويىچە ئىش قىلىمىز، ئۇيغۇن كەلمىسە يەنىلا شەرىئەتتىكىسى ھېساب بولىدۇ. دېمەك، چۈشتىن ھۆكۈم ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، چۈشتىن پەقەتلا پەيغەمبەرلەرلا ھۆكۈم ئالىدۇ. چۈشنىڭ پايدىسى پەقەتلا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى بېشارەت خالاس. ھۆكۈم ئېلىش يوق.(14)

5. بىرسى چۈشىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگىنىدە شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان بىرەر ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتقان بولسا، خاھلىسا ئۇنىڭغا ئىشەنسە مەيلى، بىراق بۇنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىشقا ياكى تېڭىشقا بولمايدۇ.

6. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ رېئال ئەمەلىيىتىمىزدە «قۇرئان»، «ھەدىس»كە ئەمەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك بولمايدۇ.

7. بىرى مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشۈمدە كۆردۈم دېسە، ئۇنى يالغانغا چىقىرىشقىمۇ، بەكلا ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. بەلكى راست كۆرگەندۇ، راست كۆرگەن بولسا بىزگە مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى، ھىدايەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈشكە باغلىق ئەمەس. بولمىسا، نۇرغۇن تاپاۋەتچىلەر چۈشلىرىنى بازارغا سالىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى بىرەر ئەۋلىيا سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.

8. باشقا پەيغەمبەرلەرنى چۈشىدە كۆرۈشمۇ مۇمكىن. لېكىن، بۇمۇ شەرئى ھۆكۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت ياخشىلىقتىن بېشارەتتۇر.

9. «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىدە كۆرگەن كىشى چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ» دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە بەزى «يالغان» ياكى بەكلا «زەئىف» ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان. مەسىلەن، ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە، ھەرگىزمۇ دوزاخقا كىرمەيدۇ» دېگەن ھەدىس راۋىيلىرى ئىشەنچلىك بولمىغاچقا «يالغان» ياكى بەكلا «زەئىف».(15)

ئۆزىمىزنى ئوڭشاش ئۈچۈن جانابىي ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلساق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئېلىش، ئەمەل قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش لازىمدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 11 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 14 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 16 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (6990).
2. «بۇخارىي»، (6994).
3. «بۇخارىي»، (6995).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6996)؛ «مۇسلىم»، (2267).
5. «بۇخارىي»، (6997).
6. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 12/389.
7. ھافىز ئىبنى ھەجەر: يۇقىرىقى مەنبە، 12/386.
8. «بۇخارىي»، (6993).
9. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 15/25؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 12/386.
10. «بۇخارىي»، (6993).
11. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 24/140.
12. ئىمام ئەينىي: يۇقىرىقى مەنبە، 24/140.
13. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 12/386.
14. ھافىز ئىبنى ھەجەر: يۇقىرىقى مەنبە، 12/387؛ شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1/260.
15. ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 3/287؛ زەھەبىي: «مىزانۇل ئىئتىدال»، 3/233.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ